ئەتىمىزگە كېرەيلى
نۇرتېكىن
يېڭى يىلدا قار ياغدى،
ئارمانلىرىم چالا قالدى.
دوست بولايلى ئاداش دەپ،
يېڭى ياشمۇ كەپ قالدى.
بۈگۈن راسا ئوينايلى،
بالىلىققا قانايلى.
ئاپئاق قاردىن چۆچەكچى،
قار بوۋاينى راسلايلى.
قاردىن يۇمىلاق شار قىلدۇق،
دوستۇم قارلىق تاشلىدۇق.
قوغلاپ مېنى تۇتمامسەن،
يېڭى كۈننى باشلىدۇق.
يېڭى يىلدا يېڭى ئوي،
يەنە ھەمراھ بالىلىق خۇي.
يەتتە ياشقا كىردىم مەن ،
دوستلار ئەتە سۈننەت توي.
كېلىڭ دوستۇم ئوينايلى،
بالىلىق تىلەك راسلايلى.
قوش خوشاللىق جۆر بولسۇن،
توشقان بولۇپ تاقلايلى.
ئاپئاق لىباس، ئاق تېلەك،
تۆكۈلمەكتە ئاق چېچەك.
قاردەك سۈزۈك ھەم ئاپئاق،
يېڭى يىلدا بۇ يۈرەك.
بالىلىقنى قىممەت دەپ،
ئاپئاق بەتنى زىننەتلەپ.
ئەتىمىزىگە كېرەيلى،
يېڭى يىلنى يىتىلەپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-8 23:13
|