شېئىر ۋە مەن
مىرادىل راخمان (ئىزچى)
شېئىر دىگىنى مەندۇرمەن،
ۋە ياكى مەن شېئىردۇرمەن.
يازماقتىمەن ئۇنى،
يازماقتا ئۇ مىنى.
مەن رىئاللىقتا،ئۇ ئەينەكتە،
ئۇ رىئاللىقتا ، مەن ئەينەكتە.
قايسى راس ھىچ ئايرىيالمايمەن.
گۇمانلىنىمەن ،
نەپرەتلىنىمەن،
سۆيىنىمەن.
ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلىمەن،
ئۈزىنى ئۆلتۈرۈشنىڭ گۈناھلىقىنى بىلىمەن.
سەن
بىزنى ئايرىماقچى بۇلىسەن،
بىر چاغلارنى ئەسلەپ قالىسەن.
خىيالەن مىنى سېغىنغىنىڭدا،
ياكى غېرىپسىنغىنىڭدا،
ھامان خاتىرەڭگە قارايسەن.
كۆزلىرىمگە قارايسەن،
بىر نەرسىنى ھېس قىلىسەن ،
گۈزەل ھېسلارغا تۇلىسەن،
لىكىن چۈشىنەلمەيسەن.
ئۆزۈمنى چۈشەندۈرمەكچى بۇلىمەن ،
بىز تۇنۇش تۇرساق ،
يەنە خاتالىشىمەن.
چۈنكى
…مەن شېئىر ئىدىم ئۇ مەن
|