يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 305|ئىنكاس: 1

سەپەرۇپ بەندۇك: «مەدەنىي قىزلار»

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەپەرۇپ بەندۇك
                                      ‹‹ مەدەنىي قىزلار›،
                         ( بىر قىسىم ‹‹مەدىنىيلىشۋاتقان قىزلار››غا بېشلايمەن)
                                          
ئنسانلار جەمئىيىتىنىڭ  مەدىنىيلىشىشقا ئەگىشىپ دەۋرنىڭ گۈلتاجىسى بولغان قىزلارمۇ شۇنچىلىك  مەدىنىيلىشىشكە باشلىدى.
مەدىنىي قىزلارنىڭ زامان- ماكاندىن ھالقىغان مەدىنىيىتىگە ھازىر ھېچنېمە دال بولالماس
بولۇپ قالدى.
ئۇلار ئۆزىنىڭ مەدىنىيلىشۋاتقانلىقىنى بىلىدىيۇ، قانداق مەدىنىيلىشۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ.
ئۇلار مىللەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ، لېكىن ئۆزىلەرنىڭ قايسى مىللەتكە تەۋە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار مىللەتنى سۆيۈشنى بىلىدىيۇ، مىللىتىنى ئۆزىنىڭ ئەقلىي بىلەن سۆيۈشنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار ئۆزىنىڭ بىر ئەقىللىق ئىنسان ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ، ئەقىلىينى جايىدا ئىشلىتىشنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار كىيىم كىيىشنى بىلىدىيۇ، قانداق كىيىم كىيىشنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار ئەدەب- ئەخلاقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ، ھەقىقىي ئەدەب- ئەخلاقنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار سۆيگۈنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق سۆيگۈدە ياشىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار ئابرۇي - ئىززەتنىڭ قانداق ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئابرۇي- ئىززەتىنى قانداق
قوغدىشىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار ئىپپەت - نومۇسنىڭ قىزلارغا نىسبەتەن نەقەدەر مۇھىم ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ،لېكىن  ھەقىقىي
ئىپپەت- نومۇسنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار قىزلارنىڭمۇ كەلگۈسىدە بىر ئۇلۇغ ئانا بولىدىغانلىقىنى ئوبدان بىلىدىيۇ، لېكىن ئۆزلىرىنىڭ قانداق ئانا بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار پەسكەشلىكنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلىدىيۇ، ئۆزلىرىنىڭ قانداق پەسكەش ئىشلارنى قىلۋاتقانلارنى زىنھار بىلمەيدۇ؛
ئۇلار ۋىجداننىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلىدىيۇ،ئۆزلىرىنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە ۋىجدانسىزلاردىن
ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار گۈزەللىكنى بىلىدىيۇ، ھەقىقىي گۈزەللىكنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ؛
ئۇلار نۇرغۇن  ئىشلارنى بىلىدىيۇ، ئۆزلىرنىڭ نېمە ئىشلەرنى قىلۋاتقانلىرنى بىلمەيدۇ؛
ھەي ‹‹ مەدەنىيلىشۋاتقان قىزلار›› سىلەر قاچانمۇ خەلق پەخىرلەنگۈدەك ھەقىقىي تۈردە مەدىنىيلىشسىلار!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-10 00:21  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 11:33:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ ژانىرنى ‹‹ فېليەتون ›› دەپ بىلىشىڭلارنى سەمىمىيلىك بىلەن سۆرايمەن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش