م.توختى سەببەت يوللىغان ۋاقتى 2016-1-12 14:54
ھۈسەيىن بايقارا نەۋائىي ھەزرەتلىرى بىلەن دائىم مۇشائ ...
م. توختى سەببەت ئىنىمگە :
ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقىۋاتقان چاغلىرىمىزدا، دىيارىمىزدىن چىقىدىغان كىتابلار يوق دىيەرلىك ، بولسىمۇ تايىنى يوق بولغاچقا،ئەينى چاغدا، ئورۇستىن كىرىدىغان ‹‹ شەرق ھەقىقىتى ›› ،
‹‹ يېڭى ھايات ›› نەشرىياتلىرىنىڭ كىتابلىرىنى تالىشىپ تۇرۇپ ئوقۇيتتۇق. ئۆزىمىزگە مۇھىم بولغان
يەرلىرىنى خاتىرىمىزگە كۆچۈرۈپمۇ ئالاتتۇق. تاكى، 66-يىلغىچە 15خاتىرە توشقان ئىدى. پات-پات ئوقۇتقۇچى، ساۋاقداشلار بىرلىكتە كىتاب ئوقۇش تەسىراتى ھەم خاتىرە قالدۇرۇش ئۇسۇلى بويىچەيىغىلىشىپ بەس-بەس،كۆز - كۆز قىلىشاتتۇق.ئۇ چاغلاردا، تۇرمۇشىمىز غورىگۈل بولسىمۇ، روھىمىز توق ئىدى. [ ئاپەتلىك يىللاردا، ئۆيىمىزدىكى 100 پارچىدىن ئوشۇق كىتاب ھەم خاتىرىلىرىم ياۋۇزلار تەرىپىدىن ،كۆيدۈرىلىپ كەتتى ]. ئەپسۇسلۇق ئىچىدە، ئۆزىمىزمۇ يۈز كىلومېتىرلىق يىراق جايلارغا ‹‹ قايتا تەربىيە ئېلىش ›› قا يولغا سېلىندۇق. قىران چاغلىرىمىز ئۆز تەپەككۈرى بىلەن ئاشۇنداق سەرسانلىققا مەھكۇم بولدى. ... شۇ چاغدىن بېرى ھېكايەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىشتى سىزگە دىگۈم كەلدى، مۆرىتى كېلىپ قالغاچقا .
ھۆسەيىن بايقارا بىلەن ناۋائىي ئۆسمۈرلۈك چاغلىرىدىن بىللە ئۆسكەن، بىللە ئىلىم تەھسىل قىلغان، بىرى ئەلەمدار ،بىرى قەلەمدار ‹‹ قوشماقلار ›› دىن ئىدى [ بۇلارنى ئايبېك دەپ بولغان، ئەلۋەتتە ] بىر كۈنلەردە، پادىشاھ شىكارغا چىقىدۇ. شۇ چاغلاردا ئوردىدىكى خانىش تۇيۇقسىز ئالەمدىن ئۆتىدۇ. بۇ خەۋەرنى ھۆسەيىن بايقاراغا قانداق يەتكۈزۈش ۋەزىر-ۋۇزرالارنىڭ بېشىنى قاتىرىدۇ. دەل مۇشۇ پەيتتە، ناۋائىي ھەزرەتلىرى پەي قەلەمنى ئېلىپ بىر پۈتۈك ھازىرلايدۇ ھەم چاپارمەننى يولغا سالىدۇ. پۈتۈن ئوردا ئەھلى ساراسىم ئىچىدە تۇرىۋاتقاندا، چاپارمەن پادىشاھدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىدۇ.
- سەرۋىنىڭ باغرىدا ئۆسكەن گۈل سۇلدى، نېتمەك كېرەك ؟
- سەرۋىنىڭ باغرىغا گۈلدىن كېپەن ئېتمەك كېرەك !
مانا بۇ مۇشائىرەلىك ئۇچۇر - جاۋابتىن كۆڭلى ئەمىن تاپقان ئوردا ئەھلى ئىككى زاتقا ئاپىرىن
ئېيتقانىكەن.