يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 341|ئىنكاس: 8

بوۋاقى: ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  


  
      مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى
ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن

            تاغلىرىم

  قامىتى يۈكسەك قەدىردان تاغلىرىم،
ساپ ھاۋاسى راھىتى جان تاغلىرىم.

سۇندۇرار قىممەتتە گۆھەرنى تېشىڭ،
قوينى ئالتۇنغا توشاق كان تاغلىرىم.

چوققىسىدا ئاق بۇلۇتتەك مۇز ۋە قار،
باغرى يايلاق، گۈل- گۈلىستان تاغلىرىم.

كۆز يېشىڭدەك سىرغىغان سانسىز تارام،
قان تومۇرلارغا قاتار قان تاغلىرىم.

بەستى ئەجدادىمغا ئوخشار قامىتىڭ،
ئەل تىلىدا نامى داستان تاغلىرىم.

نۇزۇگۇم، سادىرنى تارتىپ باغرىغا،
ئەيلىگەن غارىنى ئاشيان تاغلىرىم.

سەندە سانسىز تاشكېمىر، قەلئە- شەھەر،
سۈرگۈچى شەۋكەتتە دەۋران تاغلىرىم.

كۆلتېگىن ئىشقى ئوتۇڭ پەرۋانىسى،
ئۆرنىكىڭ كۆڭلۈمدە ئارمان، تاغلىرىم.

     خانئۆي

سېغىز تۇپراق تۈزلەڭ تەكتىدە،
ياتار ئۇخلاپ بىر قەدىم شەھەر.
يەر ئۈستىدە چۇل- چۇل ساپاللار،
ئاستى تىلسىم غەزنىسى گۆھەر.

ھەق سېھىر بەند ئەتكەن بۇ جايغا،
ئىزتىرابتا باقىمەن ھەيران.
قورشاپ تۇرغان سېپىل- قەلئەنى،
بوران، يامغۇر ئەيلىگەن ۋەيران.

ئەتراپى پەس، تۆپىلىكتە ئىز،
ئىككى ياندا قۇم باسقان ئېقىن.
بۇتخانا ھەم بۇددا مۇنارى،
ئورۇنلاشقان شەھەرگە يېقىن.

ئەقلىمنى لال ئەيلەر كۆرگىنىم،
ۋەجى مەۋھۇم تارىخنىڭ سىرى.
دىلدا غەليان ئېتەر سوئاللار
چىگىشلەنگەي بىرىدىن بىرى.

سەلتەنەتلىك، ئەي قەدىم شەھەر
ئېيت، قاچاندا يۇلتۇزۇڭ ئۆچكەن؟
نە سەۋەپتىن سادىق ئەل- ئاۋام
باغرىڭنى تەرك ئەيلىشىپ كۆچكەن؟

بىر چاغلاردا قۇدرەتكە تولۇپ،
«خانئۆي» نامىڭ تاپقان نايابلىق.
بولدۇڭ غايىپ نەزەردىن ئەجەپ،
كۆز تەككەندەك يېتىپ خارابلىق...

تۇرغىن ئۇخلاپ ھازىرچە مەيلى،
تىلسىمىڭغا يەتمىكىم ئارمان.
ياخشى كۈنلەر ئالدىڭدا تېخى،
سەلتەنەتتە سۈرەرسەن دەۋران.

          مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى
          (شاھىدىغا مۇشائىرە)

سەمەندەردەك كۆيۈپ ياشارمەن،
ۋىسال ئىزدەپ داۋان ئاشارمەن،
تاغ سۈيىدەك قايناپ- تاشارمەن،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

بار قولۇمدا قەلەم- بازغىنىم،
كاللەك ئالتۇن كاندىن قازغىنىم،
كەچمىشىمدۇر قاندا يازغىنىم،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

دىلدا ئالەم سىرلىرى تۈنەر،
ئىلھام مەۋجى مەيلىمگە كۆنەر،
ئىزلىرىمدىن قىزىلگۈل ئۈنەر،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

پەرىزاتلار مېنى باغاشلار،
قولداپ باغى ئېرەمگە باشلار،
كۆزدىن سىرغىپ ئاقىدۇ ياشلار،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

جاندا ئەجداد ئۇدۇمى ياشار،
قاندا ئىشقىم قىنىدىن تاشار،
غالجىرلىقىم چېكىدىن ئاشار،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

تەقەززالىق تاپمايدۇ ئارام،
ئىجادسىز كۈن مەن ئۈچۈن ھارام،
قانسىرايدۇ يۈرەكتە يارام،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

بولسا ئالەم ئارا تۈن چۆكەر،
ئاسمىنىمدا چاقنايدۇ ھۈكەر،
تاڭ سەھەردە كاككۇك مۇڭ تۆكەر،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.

جۇنۇنلۇقتىن بولۇپ مەست- ئەلەس،
ئالغىنىمدا ئاتەشتىن نەپەس،
جان قۇشىغا كۆكسۈم تار قەپەس،
مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى.
      

                 ھەۋەس

قىلما، ئى جان، ئەجرىسىز بايلىق- پاراغەتكە ھەۋەس،
ئەيشى- ئىشرەت سورۇنى بەرگەن ھالاۋەتكە ھەۋەس.

كۆرسىتىپ گۆش ئىلغىسىدا، كۆز بوياپ ئۆپكە سېتىپ،
ساختىپەزلىكتە ئېرىشكەن نەپ- تاپاۋەتكە ھەۋەس.

كۆڭلىدە شۇملۇق- رىيا، تىلدا دىيانەت، شەرم- ھايا،
ياخشىچاقلىققا تىلەپ تاپقان ئىناۋەتكە ھەۋەس.

قوينىدا تۇرسا ھالال جۈپتى مۇلايىم- خۇشچىراي،
جىن- پەرىگە كۆڭلى ئاغقان دۆت- ھاماقەتكە ھەۋەس.

چاقنىتىپ ئۆمرۈڭنى، گۈللە خاسلىقىڭ- كارىڭ بىلەن،
قىلمىغىن كۆز باغلىغان ساختا ھاقارەتكە ھەۋەس.

ئىجتىھاد ئەيلەپ ئەجىر- مېھنەت بىلەن بەختىڭنى تاپ،
قىلمىغىن بەختىڭگە پال ئاچقان كارامەتكە ھەۋەس.

كۆلتېگىن، ئوخشا ئۆزۈڭگە، ئوخشىماقنى ئىزدىمەي،
قىلما رەڭدە سىن تۈزەر ساختا قىياپەتكە ھەۋەس.

              ئايلانسام

نە بولغاي كۆلدە توختام سۇ بولۇشتىن پارغا ئايلانسام،
بولۇپ ئابىھايات، يامغۇر ۋە ياكى قارغا ئايلانسام.

كارامەتلىك ئىشىق دۇنياسىدا جانان بىلەن جاننى
چېتىشتۇرغان قىلىپ بىر جانۇ تەن دىلتارغا ئايلانسام.

جۇنۇنلۇقتۇر پىشانەمگە پۈتۈلگەن قىسمىتىم باشتا،
ساداقەتمەن ئىشىق ئەھلى بىلەن دوست- يارغا ئايلانسام.

تاسادىپتىن پۈتۈلسە جۈپ قانات جىسمىمغا قۇشلاردەك،
ئۇچۇپ كۆكنىڭ پايانىدا قىران شۇڭقارغا ئايلانسام.

ياراشماس كۈيگىچە زاغدەك قاقىلداپ جاننى خوش ئەتمەك،
غېرىپ كاككۇك تىلىدىن ئۇرغىغان مۇڭزارغا ئايلانسام.

غېمىم ئەھلى جاناننىڭ غەملىرىنى سالسىمۇ غەمگە،
يۈدۈپ يەلكەمگە ئەلنىڭ غېمىنى غەمغارغا ئايلانسام.

ئۈمىدتە كۆلتېگىن ئېيتار ھاياتنىڭ قەدرى چاقناشتا،
كۆمۈلگەن كۈل قېتىغا بىر قوقاستىن نارغا ئايلانسام.

             جاھان سەۋداسى

زەن سېلىپ باقتىم جاھانغا شۇنچە ھەيرانلىق ئارا،
بولدى زاھىر مىڭ تۈمەن سەۋدا جېمى جانلىق ئارا.

توققۇزى تەل بىرلىرىنىڭ نەگە قول سوزسا يېتەر،
تۇرمىشى شاھانە ئۆتكەي توق- پاراۋانلىق ئارا.

بىرلىرى كۆرمەس ھاياتنىڭ خۇۋلىقىنى ئۆمرىدە،
ئاچ- يالاڭغاچ ئۆتكۈزەر كۈن خانىۋەيرانلىق ئارا.

بىرلىرىنىڭ دەردى يوق ئويناپ- كۈلۈپ غەمسىز ياشار،
ھەر كۈنى بەزمە- باراۋەتتە خىرامانلىق ئارا.

سىغدۇرالماي يۇرتىغا جان بىرلىرى قوغلاندىدۇر،
پىرقىراپ قامغاق كەبى ھەر يەردە سەرسانلىق ئارا.

بىرلىرى پاتقاي گۇناھقا زىتلىشىپ- ئازارلىشىپ،
بىرلىرى ئىزدەپ كۆڭۈل – ئۆتكەي قەدىردانلىق ئارا.

بىرلىرى قاخشال دەرەختەك قورۇلۇپ سولغۇن ئۆتەر،
بىرلىرى ياشنار چىمەندەك ئۇز گۈلىستانلىق ئارا.

ئالمىشار ئورنى ھاياتلىقنىڭ يېڭى جان ئاچسا كۆز،
بىرلىرى باقى ماكان تۇتقاي گۆرىستانلىق ئارا.

نە ئەجەپ قىسمەت تۈپەيلى خانىماننى تەرك ئېتىپ،
كۆلتېگىن مەجنۇن كەبى يۈرسە چۆلىستانلىق ئارا.
     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ھەبىبۇللا مىجىت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 11:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-8 12:58:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىممەتلىك ياخشى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىرىگەرەھمەت.

مەن 1958-يىلى 6ياش ۋاختىمدا بەشكىرەمنىڭ كۇكاڭ كەنتىدىن خانۆي كەنتىگە كۆچۆپ بارغان ئىدىم.راس شۇ چاغلاردا ساپاللارنى ئۇچراتقان ئىدىم.بۇ ھەقتە بەزىبىر تارىخى ماتىرياللارنى كۆرۈپ قويسام بولغىدەك دىگەن تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-9 20:20  


ۋاقتى: 2016-1-8 13:01:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


        راست، ئاجايىپ ئېسىل شېئىرلار ئىكەن. تاغ ھەققىدە مەنمۇ يازغان، ھەقدادىغا يەتكۈزەلمىگەندەك قىلىمەن. بوۋاقىغا رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-1-8 14:50:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستاز ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن بىلەن بىر قېتىم دىدارلاشقان ئىدىم، خۇدا يەنە دىدارلىشىشقا نىسىپ ئەتسىكەن، دەپ تىلەيمەن. قەدىردانغا ئۇزۇن ئۆمۈر ، ساقلىق يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-8 15:54:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن
شىكەرىستان
ئانار
چېھرىگە قونغان شەپەق جانانغا ئوخشايدۇ ئانار،
باغى ئۇزلۇق تەختىدە خاقانغا ئوخشايدۇ ئانار.
لالىرەڭ شەربەت تامار باغرى يېرىلسا پارچىلاپ،
تامچىغان زەخمى يۈرەكتىن قانغا ئوخشايدۇ ئانار.
جان ياشارغاي لەززىتىدىن تارقىلىپ تەنگە ھوزۇر،
ئەڭ شىپالىق شەربىتى دەرمانغا ئوخشايدۇ ئانار.
شاخىدا شەبنەم ئىمىپ پىشقانسىرى بۇرنى يېرىق،
باغرى چۆلدەك چاكۇچاك بىر جانغا ئوخشايدۇ ئانار.
ئارزۇلاپ يانچۇققا سالسام قايسى چاغ شاختىن ئۈزۈپ،
ئۈنچە-مارجانغا توشاق ھەميانغا ئوخشايدۇ ئانار
دانچىلارنى بىر قەۋەت پوستى بىلەن تۇرغاچ ئوراپ،
تۇرقىدىن قەلبىم سىرى پىنھانغا ئوخشايدۇ ئانار.
جان چىقار ھالەتتىمۇ كەچكى شەپەقتەك چاقنىغان،
كۆلتېگىن كۆڭلىدىكى ئارمانغا ئوخشايدۇ ئانار.
ياڭاق
تۇرمۇشىدا ئەھلى يۇرتنىڭ رىزقى ھىممەتتۇر ياڭاق،
ھەر نەزەردە ئەتىۋارلىق نەرقى قىممەتتۇر ياڭاق.
تۇرسا كىمنىڭ ھويلىسىدا سايە تاشلاپ بىر تۈپى،
شۇ جەمەتنىڭ ئىپتىخارى-تەختى شەۋكەتتۇر ياڭاق.
زەر مېغىزنى ساقلىغاچ يۈرگەچ شاكال پىنھانىغا،
كەمتەرىنلىك خىسلىتىدە ئەلگە ئىبرەتتۇر ياڭاق.
نەچچە تۈپ بولسا ئۇنىڭدىن يەپ،سېتىپ كۈن ئۆتكۈزەر،
بولسا جىق باغۋەنگە پايدا پۇلغا بەرىكەتتۇر ياڭاق.
ئەيلىگەن ئەجرى ئەزىم ئەجداد ياڭاق ئۆستۇرگىلى،
تۇرسا چايناپ ماغدۇرى كەتكەنگە قۇدرەتتۇر ياڭاق.
بولغىنى راست ئەلمىساقتىن ئەمچىلەرگە دورىلىق،
جان شىپاسىدا زۆرۈرى بىناھايەتتۇر ياڭاق.
شۇ سەۋەپتىن بىباھا-ئۈستۈن بىلەرمەن قەدرىنى،
ناشتىلىققا كۆلتېگىنگە رىزقى نېئىمەتتۇر ياڭاق.
ئەنجۈر
دەيدۇ ئەل«شاخ مانتىسى»ئەنجۇرنى دىلدىن ئارزۇلاپ،
شەربىتى جاننى ياشارتار قان بولۇپ تەنگە تاراپ.
ئەلمىساقتىن ئەھلى يۇرت قەدرىنى بىلگەچ ئەتىۋار،
ئەنجۈر ئالماققا كېلەر نە-نەلىدىن ئىزدەپ-سوراپ.
باقسا ھەر كىم زەن سېلىپ ئاچقاي كۆڭۈلنىڭ بەھرىنى،
نۇر-شەپەق سۆيگەن يۈزى ئالتۇنغا ئوخشاش يالتىراپ.
خىسلىتىنى تەرپ ئەتمەككە سۈپەت ئاجىز كېلەر،
قايسى جان قەدرىگە يەتمەس كۆڭلىگە تۇرسا ياراپ.
باققا كىرسەم ھەممىدىن ئەنجۈر ئاۋال تارتقاي نەزەر،
كۆزلىرىمگە سىڭدۈرەرمەن ھۆسنىگە تويماي قاراپ.
خاسلىقىدۇر باغ ھاۋاسىنى مۇئەتتەر ئەتكىنى،
خۇشبۇي يارغاي دىماقنى ھىدلىسام گۈلدەك پۇراپ.
كۆلتېگىننىڭ قەلبىدە ئەنجۈرگە سۆيگۈ قوزغىلار،
قىز كەبى مەشئۈم يوپۇرماق ئاستىدىن تۇرسا ماراپ.

ۋاقتى: 2016-1-8 17:32:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل شېئىرلار ئىكەن،ئۇستازغا سالامەتلىك،قەلىمىگە بەرىكەت تىلەيمەن!
بوۋاقىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!

ۋاقتى: 2016-1-14 01:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھاجى ئەھمەت كولتېگىنىىڭ شېئىرلىرىنى ئوقۇپ يانا بىر قىتىم  ھوزۇرلاندىم ، ھاجىكامغا  سالامەتلىك تىلەيمەن .دوستۇم بوۋاقىغا رەھمەت .

ۋاقتى: 2016-1-14 16:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلاردىن زوق ئالدىم.بولۇپمۇ «مەن شېئىرنى سېغىنغان كۈنى» نى قايتا-قايتا ئوقۇدۇم.
           ئۇستازغا ئۇزۇن ئۆمۈر، ساقلىق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-14 16:54:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مېغىزلىق شېئىرلاردىن بەھىرلەندۇق،ئەجرىڭىزگە ئاپىرىن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش