كۆرۈش: 741|ئىنكاس: 18

شەۋكەت ئىبراھىم : مەن سەندە ئويغۇناي

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن سەندە ئويغىناي

چارچىدىڭ ئۆزۇڭنى ئىزدەپ
ئۇخلىغىن كېچە .
يەردىن - ئاسمانغىچە
مېڭىپ كەلدىڭ تۈنۈگۈندىن
بۈگۈنگىچە .

سېنى سەگىتىپ قويالارمۇ ؟
شېئىرىمنىڭ
ئۇزاپ كەتكەن تەسەۋۇرى .
بەلكىم ،
ئۇخلىتىپ قويىدۇ
ياكى ئۇيقىدىن يىراق قىلىدۇ ،
بىر دەستە نۇرى .

سۇدەك ئېقىشقا يېتەكلىسە ،
چاڭقاشلارغا
سۇنى باشلاپ كېلەرسەنمۇ ؟
كېچىنىڭ غېمى تولا
بىر ئۇيقۇ بېرىپ
ئاھ ، قەدرىگە يېتەرسەنمۇ ؟!...

چارچىغان كېچە ،
ئۇخلىغىن
بۇ شېئىرىمنى باغاشلىغانچە .
مەن سەندە ئويغۇناي ،
روھىم -
نۇرغا تولۇق قانغىچە .
2015 – يىلى 29 – دېكابىر



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-8 10:30:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋزۇنىڭ ئۆزىلا شېئىر ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 10:41:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇيغۇدىكى قونالغۇ
          1
لەززەتلىنىش سېنىڭدىكى كۆز ،
يالغۇزسىراش چاڭقاۋاتقان دىل .
بىر يەر بار ،  
يالقۇنلاپ تۇرغان قىپ - قىزىل ...
مەن ئىزدەپ ئۇنى
تۇيغۇڭدىن ئۆرلىگىنىمدە ،
تېپىۋالدىم ئۇ يەرنى
شۇ قەدەر دادىل .
بۇ مېنىڭ
ھاياتىمنىڭ باشلىنىشى ،
شۇ بولسا كېرەك .
خىيالىمدا ماڭىسەن توختىماي
ئوت قويۇپ ۋۇجۇدۇمغا ،
ئېچىلدۇرۇپ ئاپپاق چېچەك ...
             2
ئازابلىنىش سېنىڭدىكى ئوت ،
سېغىنىشنى قويما توڭدۇرۇپ .
تۇيغۇدىكى قونالغۇ ،
سېنى كۇتكەنچە كېلىدۇ -
بىر بوشلۇقنى تولدۇرۇپ .
2015 – يىلى 26 – مارت  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 12:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئۇزۇتىشنىڭ چەكسىزلىكى

دەقىقە ئۇزۇنلۇقنى بىلدى ئارمان ،
تۈنلەرنىڭ ئىشىكىنى چەكسە ھىجران .
يىغلىدى دەرەخلەرمۇ ياپرىقىدا ،
جۇدالىق يامرىغاچقا مىسلى قىيان .
لەيلىدى بىر ئاسماننىڭ پىغانلىرى ،
كۆيۈكنىڭ دەردى ئىلە ، ئۆرتەندى جان .
شۇ شېرىن ئۆرتىنىشنىڭ پايانىدا ،
بىر ۋىسال زەپمۇ تاتلىق باقار ھامان .
زارىقىش شۇ تۇپەيلى تۈنگە چىراق ،
كۈندۈزنىڭ قاراڭغۇسى كىمگە ئايان ؟!
دەردىمنى چىقىۋاتسا دەردىڭ كۆكلەپ   
بىر ئېقىن ئازابلاردا ياسار گۈلخان .
شۇ گۈلخان قوللىرىدا كېچەڭ جۇل – جۇل ،
ئۇچقۇنداپ ئاچتى ئىشىك خىيال سايان .
كۆردۇڭمۇ ؟... تامچىلاشنىڭ چوغلىرىنى ،
سەمەندەر شۇ يەردىكى ئويقاق چۇقان .
تىڭشىغىن ،  شۇ چۇقاننى سۇدەك كۆيۇپ  
قەلبىڭگە ئاققىنى نەق ، ئوت ھاياجان .
2014– يىلى 14 – ئۆكتەبىر  

ۋاقتى: 2016-1-8 15:07:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلەش كۈيى

شەۋكەت ئىبراھىم

يىراقتىكى سۆيۈملۈك مەھەللەم،
ۋاراقلايدۇ خىيال بوپ مېنى...
نويابىرنىڭ يارقىن بىر كۈنى،
ئەسلەپ قالدىم بىر تاتلىق سېنى.

كۈنگەي دوقمۇش يادىمدا تېخى،
قىزىق-قىزىق پاراڭ قىزىغان.
ئاپتاپ سۇنۇپ تۇرامسەن تەمكىن،
غەم-قايغۇنى نېرى قىپ ھەريان...

چولاق تامدا ئولتۇرغان قاغا،
كونا خامان ئېسىڭدە باردۇ.
چاشقان بىلەن دانلار تالىشىپ،
قاقىلداشلار بىر ساڭا ياردۇر.

داستىخاندا ئاپئاق چوڭ نانلار،
قۇياش كەبى يالتىراپ تۇرار.
تونۇر بىلەن مېھىرداش ئانا،
يۈرىكىمگە ئاتەش -ئوت سۇنار.

خۇرۇچلىرى ئاددى لەڭمەنلەر ،
تەمى شەربەت ئاقار تىلىمدا.
توپا تاملىق مەرى ئىسسىق ئۆي،
پارلاپ تۇرار يەنە دىلىمدا.

تۈنلىرىڭنىڭ تۇيغۇسىن تۈرتۈپ،
دېھقان يىگىت ناخشاڭنى توۋلار.
«خانلەيلۇن»غا قوندۇرۇپ ئاينى،
قوشنا قىزنىڭ كۆڭلىنى ئوۋلار.

بۇ كۈيلەرنى ئاڭلىدىڭ كەنتىم،
ئاڭلىغاندەك مېھىرلىك ناخشا.
مانا بۈگۈن ئۇزۇن قىش كەلدى،
مەشرەپ ئويناپ كۆڭۈللۈك ياشا...

توپلامىڭىزدىكى ياقتۇرۇپ ئوقۇغان مۇنۇ شېئىرىڭىزنى- بۇئۇزۇن قىشتا ، ئۇزۇن شېئىرىڭىزنى ئۇقۇۋېتىپ ئەسلەپ قالدىم...
كۈيلىرىڭىز داۋام قىلغاي شەۋكەت ئاكا.

ۋاقتى: 2016-1-8 15:09:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2000- يىللاردىكى قاپقارا، گۈزەل چاچلىرىڭىزمۇ شېئىرنىڭ ئىشقىدا ئاقىرىپ كېتىپتۇ مانا. كۆڭلىڭىزدىكى ئاقلىق بېشىڭىزغا كۆچتىمۇ يا؟!

باھا سۆز

تاشلاپ قايتىباشتىن «تۆرىبەگ»سەلتەنىتىگە قايتىپ كەلدىم داڭگالبەگ!  ۋاقتى: 2016-1-9 11:58 AM
سېلىۋەتمەس ئىدىم،«جەڭگاھ»لارداتولائوق تېگىپ جۇلىقى چىقىپ كەتتى،قاسراق  ۋاقتى: 2016-1-9 11:53 AM
ئەملىيەتتە بۇ سىزنىڭ ساۋۇت-دوبۇلغىللىرىڭىزنى سىلىۋەتكىنىڭىزدەك بىر ئىش  ۋاقتى: 2016-1-9 11:46 AM
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 16:35:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزىنىڭ شېئىرلىرىمغا ۋە ماڭا كۆڭۈل بۆلگىنى رەھمەت ... سىڭلىم سىزگىمۇ خوشاللىق ، ئىجادىيتىڭىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن ... ئامان بولۇڭ . يىللار چېچىمنى ئىپ كەتتىكىنى بىلەن  ، لېكىن شېئىرغا بولغان مۇھابىتىمنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرىۋاىتىدۇ  ، ئىلاھىم ، ھەممىمىزگە ساغلاملىق ، بەردەس روھ بەرگەي ... داۋاملىق پىكىرلىشىپ تۇرايلى ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 16:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەر نەپەس  

ماڭغىنىم ، ماڭغاندۇر كۆزۇڭگە قاراپ ،
دۇتارىڭ تارىغا ئىشقىمنى ئۇلاپ .
چالغىنىم ، چالغاندۇر تۈننى مەست قىلىپ ،
كېلىمەن پىراقنى قەلبىڭگە قالاپ .
ئوت بولۇپ كېتىدۇ ۋەسلىڭ ئۇپۇقى ،
كەتكەندەك تۇيۇلار شەپەقنى بۇلاپ .
‹‹قاراقچى ›› ئاتالسام ئاشۇ دەقىقە ،
كۆزۇڭنىڭ كېچىسى تىترەر لاغىلداپ .
بۇ تىترەش لەززىتى ساڭىلا ئايان ،
چېچىڭدە كەلدىڭغۇ ‹‹ئالەم››نى باغلاپ ...
ھەممىسى ئايلىنار سېنىڭ مەيلىڭدە ،
ئىزىڭنى كېلىدۇ شامالمۇ قوغلاپ .
زەررەڭنىڭ زىكرىدە ئېچىلار روھىم ،
گۈل زوقى تارتىدۇ مىڭ تاغنى ئاتلاپ .
ۋەسلىڭە كۆرۇشكە ئىنتىلسەم تاڭدا  
ھەر نەپەس كۆيدۇرەر ، ھىجرىڭدە داغلاپ .
2014 – يىلى 7 – فېۋرال

ۋاقتى: 2016-1-8 17:37:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېنىمسىز قاسراق تاشلاۋاتقان  شائىر دوستۇم شاۋكەت ئىبراھىمغا سالامەتلىك، سۈزۈك تۇيغۇلارنى تىلەيمەن!

ۋاقتى: 2016-1-8 20:58:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ھاردۇقى چىققىدەك ئېسىل شېئىرلار ئىكەن .

ۋاقتى: 2016-1-8 21:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم شاۋكەتكا، ئەزىز تېنىڭىز سالامەتمۇ؟ ئەسىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم. تىلى بەك يېنىك، ھەم تاتلىق چىقىپتۇ. كۆپرەك ئېلان قىلىپ تۇرۇڭ شېئىرلىرىڭىزنى. ئامان بولۇڭ!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-9 01:13:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىللىش لىرىكىسى

چاڭقىغاننى باشلاپ مىسراغا ،
بىر چۆل ماڭدى دەرياغا قاراپ .
كۆيۇك تەپتى يامغۇردەك چەكسىز ،
ئوت ئىچىگە كەتتى ئۇ تاراپ .

ئوتنىڭ ئىچى قاراڭغۇ بولسا ،
يورىغاننىڭ ئىمكانى نەدە ؟
بىر ھىجرانغا كېرەي سەن بىلەن ،
بىللە مېڭىپ بۇندا پىيادە .

كۆرۇپ ئۆتسەك ، مۇشكۇلات دەردى
قىينىغاندا ، باقساق كۆزلەردە .
يوللار بىزنى مېڭىپ بولالماس ،
چېچەكلىسەك شېرىن سۆزلەردە .

چەكسىز ئالەم بىزنىڭ بولاتتى ،
تەنھا ھۆجرا نۇردا ئىللىسا .
شادلىقىنى كۆرەتتى دۇنيا ،
بۇدرۇق قولى دىلنى سىلىسا .
2015 – يىلى 23 – ئاۋغۇست


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-9 01:19:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈننىڭ يالغۇزلىغىدا

دېرىزە كېچىنىڭ چەكسىز خىيالى ،
يالغۇزلۇق ئۆزىنى قۇچاقلىغاندا .
يۆلۇنۇپ قەلبىگە چالغان تەمبۇرنىڭ
كۈيىدە تىك تۇردى يوللار ئارماندا .

مىڭ ئۆلۇپ ، مىڭ نۆۋەت تىرىلدى بۇ جان ،
ئەۋجىدە سازلىنىپ نۇرلانغاندا دىل .
بىر ئېرىپ مىڭ دەريا دولقۇنلىغاندەك ،
چوغ بولدى بۇ ۋۇجۇد يىلىنجاپ ۋىل – ۋىل .

ھارارەت بەھرىگە يەتتى نۇرلۇنۇپ ،
سۆيۈنۈش بىرلە جان ، لەرزىگە چۆمدى .
يۈرەكمۇ شادلىقنىڭ تاپتى ۋەسلىنى ،
سۈزۈلمەس پىغاننى ئاھاڭغا كۆمدى .

ئۇ چوڭقۇر كۆمۇلۇپ ، ئاستا توزىدى ،
كۆز بولدى تەلپۇنۇش يورۇق مېھرىڭدە ،
دېمەك مەن ، بۇ تۇننىڭ يالغۇزلىغىدا  
ئەڭ ياڭراق كۈي بىلەن قالدىم ھىجرىڭدە .
2015 – يىلى 27 – ئاۋغۇست

ۋاقتى: 2016-1-9 12:44:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم،دوستۇم شاۋكەت.سالامەت تۇرۇۋاتامسەن؟ ئۆزەڭنىڭ قەلبى بىلەن بولۇپ كېتىپ،ئەلنىڭ قەلبىنى  «مايىل»قىلىشنىئۇنتۇپ قالمىغايسەن(چاقچاق). دوستۇم،تۈن «تۈن»بىلەن باغلانغان تۇيغۇ چاچمىلىرىڭنى ئوقۇپ تولىمۇ ئىستىتىك زوق ئالدىم.يەنىمۇ ئېسىل دۇردانىلەرنى سۇنىشىڭغا ئىشىنىمەن.تېنىڭ سالامەت،خىزمىتىڭ ئەلگە ياققان،تۇرمۇشىڭ خاتىرجەم بولغاي.پىكىرلىشىپ تۇرايلى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 18:27:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەگتۈرۈك ، پولات سىلەرگە رەھمەت ! مەن ياخشى شېئىر يېزىشقا ئۇرۇنغۇچى ، بۇ جەرياندا قاسراق تاشلاشنى داۋاملىق ئويلاپ تۇرىمەن ، ئىشقىلىپ ھەممە ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ يولى ، ئۆزىنىڭ ئاۋازى يەنىلا سۆيۈملۈك . خاس يول ئەدىب ئۈچۈن تولىمۇ قىممەتلىكتۇر ... تورىمىزنى جانلاندۇرۇش ئۈچۈن بارلىقىمىز ئۆز يولىمىزدا دادىل ماڭايلى  ،  ئامان بولۇڭلار ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش