كۆرۈش: 1926|ئىنكاس: 0

ئابلاجان راھمان تۆتتاش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
DSC09813_meitu_1_meitu_2.jpg

   ئابلاجان راھمان  تۆتتاش:  1975-يىلى ئاقسۇ ۋىلايىتى توقسۇ ناھىيىسىنىڭ ئىچئېرىق يېزا تۆتتاش  كەنتىدە  ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە تۇغۇلغان. 1996-يىلى 7-ئايغىچە خوتەن پېداگوگىكا ئالىي تېخنىكومىنىڭ تەنتەربىيە فاكۇلتېتىنى  پۈتتۈرگەن. 1996-يىلى 9-ئايدىن باشلاپ تاكى ھازىرغىچە توقسۇ ناھىيە پەيشەنبە بازار يېزا ئوتتۇرا مەكتىپىدە تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى ۋە سىنىپ مۇدىرى بولۇپ ئىشلەپ  قوشۇمچە مەكتەپ گېزىتى چىقىرىش، مۇخبىرلىق خىزمىتىنى قىلىپ   ئىشلەۋاتىدۇ.  
   ئابلاجان راھمان  تۆتتاش 1996-يىلى خىزمەتكە چىققاندىن كىيىن ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىپ ئەدەبىي ئىجادىيەت (شېئىرىيەت) سېپىگە ئىشتىياق باغلاپ 2006-يىلى «توقسۇ مائارىپى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان «جەڭگاھتىمەن» ناملىق شېئىرى بىلەن ئەدەبىي ئىجادىيەتكە قەدەم  تاشلىغان  بولۇپ شۇنىڭدىن  كىيىن  «ئاقسۇ ئەدەبىياتى»، «كروران» ، «قۇمۇل ئەدەبىياتى»، «تۇرپان» ،«كۈسەن مەدەنىيىتى»، «مۇزات دولقۇنلىرى»، «دولان ژۇرنىلى، «دولان مەدەنىيىتى»، «خەلق قۇرۇلتىيى ژۇرنىلى»، «ماي بۇلاق»، «شىنجاڭ مائارىپ» ، «شىنجاڭ گېزىتى»، «ئاسىيا كىندىكى گېزىتى»،  «ئاقسۇ گېزىتى»، «تۇرپان گېزىتى»، «بايىنغولىن گېزىتى»... قاتارلىق گېزىت - ژۇرناللاردا ئىلگىرى كىيىن بولۇپ150  پارچىدىن  ئارتۇق ھەر خىل  تېمىدىكى شېئىرى  ئېلان  قىلىنغان. 2015-يىلى 4- ئايدا شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان «ئۇيغۇر بالىلار سۆز ئويۇنلىرى» دېگەن ئىككى قىسىملىق كىتابقا بەش پارچە سۆز ئويۇنى كىرگۈزۈلگەن.
ئابلاجان راھمان  تۆتتاش ھازىر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى.



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش