يوللاردىن يوللارغا تۇتاشتۇردۇم يول
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
باغلاردىن گۈل ئۈزۈپ باغلارغا تېراي،
ھەر باغنىڭ خۇش ھىدى دىماغنى يارسۇن.
كۆڭلۈمدىن كۆڭلۈڭگە گۈلدەستە تىزاي،
كۆڭۈللەر سۇ ئىچىپ ياشارسۇن، قانسۇن.
كۈلكەمدىن بىر قەتىرە چاچاي كۈلكەڭگە،
كۈلكىلەر زوقىدىن كۈلۈپ ئاتسۇن تاڭ.
دۇنيانى مېھماندەك باشلاي كۈلبەمگە،
ئەزىزىم، شۇ لەھزە يېنىمدا بولساڭ.
ئېھ، تاتلىق نازىڭدىن كېتەي تولغىنىپ،
كۆزۈمدىن كۆزلىرىڭ ئالغاندا لەززەت.
قۇشلىرىڭ تىپچەكلەپ كەتسە ئويغىنىپ،
قويىۋەت، بىھۇدە چەكمىسۇن ھەسىرەت.
ياپيېشىل چىمەنلەر بولسۇن پايانداز،
مۇھەببەت شىرىلداپ ئاققان شۇ دەمدە.
يالپۇزلۇق قىرغاقلار ئەجەپ سەرۋىناز،
خىرامان بويلايمىز مەغرۇر قەدەمدە.
يوللاردىن يوللارغا تۇتاشتۇردۇم يول،
گۈپۈلدەپ بەھۇزۇر سوقسۇن ھەر يۈرەك.
چىن ھېسىيات ئەسلىدە توقۇلار قول-قول،
كەلگىنە، بىز ئۇنى قىلايلى كۆرەك.
2013-يىل 6-نويابىر كېچە، ئونسۇ
(«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 2014-يىل 9-فېۋىرالدىكى «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتدە ئېلان قىلىنغان)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئە.خ.ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-7 21:15