قىز يۈرىكى
قەدىرىيە ياسىن
قىز
بىر تال غۇنچە
قاچان ئېچىلىپ، قاچان توزۇيدىغىنىنى كۆرگىلى بولمايدىغان.
قىز
ئۆركەشلەپ ئېقىۋاتقان ئېقىن
قاچان كۆتۈرلۈپ، قاچان پەسىيدىغىنىنى بىلگىلى بولمايدىغان.
قىز يۈرىكى
بىر پارچە شېئىر
ھېچكىم ئۇنى يېزىپ بولالمىغان.
ئازلاپ كەتكەن ۋاپا –ساداقەت،
مۇزلاپ كەتكەن ئىنسانىي يۈرەك،
ساناقلىقلا ھەقىقىي ئەركەك.
ھەي ئەخمەقلەر
پۇل-بايلىق، ئابروي قوغلىشىپ يۈرەر كوچىدا،
قىز قەلبىنى چۈشەنمەيدۇ ئەسلا،
يازسىمۇ شائىرلار قىزلار ھەققىدە
چۈشەنمەس سىرىنى پەقەت، پەقەتلا.
قىز يۈرىكى
بىر كۇبلىت ناخشا
ھېچكىم ئۇنى ئېيتىپ باقمىغان.
ئېيتسىمۇ ناخشىچى ئېيتقاندۇ بەلكىم
ئەبجەش ناخشىنى ئېيتقان ھېسياتتا.
ھېچكىممۇ ئۇنىڭدىن مەنا تاپمىغان.
ئەبجەش ھېسلار تۇيۇنغان روھقا
قىز قەلبىنى چۈشىنىش نېسىپ بولمىغان.
قىز يۈرىكى
مەڭگۈلۈك بىر سىر
ھېچكىم ئۇنى يىشىپ باقمىغان.
يىشىش ئۈچۈن ئىرادە قىلىپ
بېلىنى مەھكەم باغلاپ باقمىغان.
قىز
ئۇ بىر پارچە ئوت
قارا يۈرەكنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىپ پارچىلايدىغان.
بەخىت ئىزلىگەن ۋاپا ئەھلىگە،
مۇزلىغان يۈرەك ، تالجىققان روھقا
ئللىق ھارارەت بېغىشلايدىغان...
2014-يىل 14-ئاۋغۇسىت، ئونسۇ
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە تەۋسىيە»
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا PARIXTA تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-7 20:39