كۆرۈش: 377|ئىنكاس: 0

ھاجى مىرزاھىد كېرىمىي ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى

克日米座谈会0.jpg

克日米座谈会1.jpg

   2015- يىلى 12- ئاينىڭ 27- كۈنى چۈشتىن كېيىن، قەشقەر باغچا - ساراي تېز تاماقخانىسى ئالاھىدە قاينام تاشقىنلىققا تولغان بولۇپ، بۇ كۈنى بۇ يەردە جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شىنجاڭ شۆبىسى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەتلەر يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پىنسىيۇنىرى، داڭلىق يازغۇچى، شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
     قەشقەر شەھەرلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى، «كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەشكىللىگەن،  قەشقەر «قۇتبىلىك» كۈتۈپخانىسى ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغان بۇ كۈندىكى پائالىيەتكە قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتىتى، «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسى، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى، قەشقەر ۋىلايىتى ۋە قىزىلسۇ ئوبلاستىنىڭ ھەر قايسى ناھىيە(شەھەر)لىرىدىن  كەلگەن ئەدەبىيات-سەنئەت، ئاخبارات خادىملىرى، مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچىلەر ۋە ئەدىپنىڭ ئۇرۇق- تۇققانلىرىدىن بولۇپ 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ئابلىمىت سوپىھاجى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    پائالىيەت داۋامىدا مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى ئىسمايىل تىلىۋالدى قاتارلىق دۆلەت رەھبەرلىرى، ئابدۇكېرىم راخمان، ئىمىن ئەھمىدى، ئەخەت تۇردى، ئابدۇقادىر جالالىدىن قاتارلىق داڭلىق ئەدىپلەر، «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلى، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەبرىك خەت ۋە تېلېگىراممىلىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى. ئەدىپنىڭ ئىجادىي پائالىيىتى تونۇشتۇرۇلدى. ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، تاھىر  تالىپ بەكتۈر، تۇرسۇن نىياز، مەمەتجان ئابلىز بۆرىيار، ئۆمەر ئوسمان شىپاھى، ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق، ھاجى ئەسقەر ئابدۇللا، چىمەنگۇل ئاۋۇت، ئابلاجان  بوۋاقى،  مۇھەممەت ئىمىن قۇربان تۇغلۇق، ئەمەت يولداش قاتارلىق شائىر، تەتقىقاتچىلار ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ ئىجادىي ئەسەرلىرى ھەققىدە يېزىلغان تەتقىقات ماقالىلىرىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئەدىبكە ئاتاپ يازغان شېئىرلىرىنى دېكلىماتسىيە قىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك ناخشا-ئۇسسۇل، تىياتېر ئۆمىكىنىڭ ئارتىسلىرى ئېسىل نۇمۇرلارنى ئورۇنلاپ پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈردى؛ پائالىيەت ئىشتىراكچىلىرى  ھاجى مىرزاھىد كېرىمىيگە تون كىيدۈرۈپ، كىتاب، گۈل ۋە لەۋھە تەقدىم قىلىپ ئۇنى تەبرىكلىدى ھەمدە بۇنىڭدىن كىيىنكى ئىجادىيەتلىرىگە  مۇۋاپپىقىيەت تىلىدى.
      ئاتاقلىق شائىر، مول-ھوسۇللۇق ۋە ئىجتىھاتلىق يازغۇچى، مەسئۇلىيەتچان مۇھەررىر، پەرۋىشكار ئۇستاز، جامائەت ئەربابى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى 1939- يىلى قەشقەر شەھىرى دۆلەتباغ يېزىسىنىڭ تاربوغۇز كەنتىدە تىجارەتچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن، كىيىن چاسا كوچا باشقارمىسىنىڭ ئەبرىشىمكار كوچىسىدا چوڭ بولغان. 1942- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە باشلانغۇچ-ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1955- يىلىدىن 1955- يىلىغىچە سابىق شىنجاڭ ئىنىستىتۇتى(ھازىرقى شىنجاڭ ئۇنىۋېرىستېتى)نىڭ تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ئۇنىڭ دەسلەپكى شېئىرلىرى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىلا يېزىلىشقا باشلىغان ھەمدە «ئوغرى مۈشۈك» قاتارلىق بىر تۈركۈم شېئىرلىرى ئەل ئىچىگە تارقىلىپ، مەلۇم ئىجتىمائى تەسىر پەيدا قىلىپ، بالا شائىر دەپ تونۇلۇشقا باشلىغان. 1956- يىلىدىن باشلاپ «ئانا ۋەسىيىتى»، «جەڭچىمەن»، «بەخت قىزى ئالبۇمىدىن»...قاتارلىق بىرمۇنچە شېئىرلىرى (ئەينى ۋاقىتتىكى «شىنجاڭ ئەدەبىيات-سەنئىتى») «تارىم» ژۇرنىلى ۋە باشقا غوللۇق گېزىت-ژۇرناللاردا ئارقا-ئارقىدىن ئۈزۈلمەي  ئېلان قىلىنىپ، بىرمۇنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىپ، شېئىرىيەتنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى ھېس قىلدۇرغان. بولۇپمۇ ئالىي مەكتەپنىڭ 2- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىللىرىدە ئۇنىڭ رېياللىق تۈسى قويۇق، قاراتمىلىقى كۈچلۈك، مەقامى ئۈستۈن، تەسىرچانچىلىقى يۇقىرى بولغان مەشھۇر شېئىرى «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» «تارىم» ژۇرنىلىدا  ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب شىمالىدىكى كىشىلەرنىڭ دىل تارىسىنى چەككەن.
ئاتاقلىق شائىر ھاجى مىرزاھىد كېرىمىينىڭ ھەقىقىي ئىجادىيەتتىكى ئالتۇن دەۋرى 1980- يىللاردىن باشلانغان بولۇپ، شائىر بۇ دەۋردە ئاساسلىق ئىجادىيەت يۆنۈلىشىنى داستان-باللادا ۋە رومان يېزىشقا قارىتىپ، «قاناتلانغان تىلەك»، «ئالتۇن ئاچقۇچ»، «ھېيتگاھتا ھېيت كۈنى»...قاتارلىق بىر تۈركۈم داستان-باللادا توپلاملىرى بىلەن كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا سازابەر بولغان. كېيىنكى مەزگىللەردە پىروزا ئىجادىيىتى بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ «شېرىن چۈشتىكى قارا كۆلەڭگە»، «پەرىزات»، «يىگىت بولۇۋالغان قىز»، «بۇغدا قىزى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېستلارنى يېزىپ ئېلان قىلدۇرغان ھەمدە يۇقىرىقى ئىجادىيەتلىرى ئاساسىدا ھەر قايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن ئىلگىرى–كېيىن بولۇپ «نازىنىننىڭ قىلتىقى»، «ھەسەن– ھۈسەن پارلىغاندا»، «جۇدالىق»، «سەئىدخان»، «سۇلتان ئابدۇرېشىتخان»، «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»(ئىككى توم)، «مىرزا ئابابەكرى» قاتارلىق ھېكايە-پوۋېست توپلاملىرى، تارىخىي رومانلىرىنى نەشر قىلدۇرۇپ، ئەلنىڭ ھۆرمەت تەختىدىن ئورۇن ئالغان. ئۇ يازغان ئىككى پارچە ئەسەر ئايرىم ئايرىم ھالدا 1991– يىلى 2 – نۆۋەتلىك ۋە 2010 – يىلى 16 –نۆۋەتلىك «تەڭرىتاغ» مۇكاپاتىغا، ئۆزى بولسا بۇلتۇر شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن «21 – ئەسىر ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى تۆھپىكار شائىر» دېگەن شەرەپلى كنامغا ئېرىشكەن.   
ئۇ ئۆزىنىڭ يېزىقچىلىق نىشانى ھەققىدىكى مۇقەددەس بىر قاراشنى ئاللا بۇرۇنلا قەلبىگە نەقىشلىگەن شائىر بولۇپ، بۇ ھەقتە گەپلەر بولۇنغاندا مۇنداق دەيدۇ: «كېسەلنى يوشۇرساڭ، ئۆلۈمى ئاشكارا» دېگەن ھېكمەتلىك ماقال بار. ھەرقانداق ئادەمنىڭ روھىيىتى ۋە ئەمەلىيىتىدە ئارتۇقچىلىق (پەزىلەت)، نۇقسان (ئىللەت) مەۋجۇد. ئارتۇقچىلىقنى يوشۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ ئىسىل پەزىلەت ھېسابلىنىدۇ. ئەمما نۇقساننى يوشۇرۇش پەزىلەت ھېسابلانمايدۇ. بەلكىي ئىللەتنى ئاۋۇتۇشقا يول ئاچقانلىق بولىدۇ. ھورۇنلۇق، قاششاقلىق، تەمەخۇرلۇق، شەھۋەتخۇرلۇق، خۇشامەتكويلۇق، يالغانچىلىق، چېقىمچىلىق، سۈخەنچىلىك، بوشاڭلىق، ئىككى يۈزلۈمىچىلىك، ئاسىيلىق، تەكەببۇرلۇق، ۋىجدانسىزلىق كەبىي ئەخلاقىمىزغا، غۇرۇرىمىزغا يات بولغان ئىللەتلەر ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدە قامچىلىنىشى، بۇ ئىللەتلەردىن قۇتۇلۇش يوللىرىمۇ كۆرسىتىپ بېرىلىشى كېرەك ئىدى. مېنىڭچە، ئەخلاق بىلىمدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ. «ئالىم بولماقتىن ئادەم بولماق تەس» دېگەن ھېكمەت تارىخنىڭ يەكۈنىدۇر. شېئىرىيتتە پىشىپ كامالەتكە يېتىش ئاسان ئەمەس، بۇ يىڭنە بىلەن قۇدۇق كولاپ سۇ چىقارغاندەك مۈشكۈل ئەقلىي ئەمگەكتۇر. شائىر ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە كامالەتكە يېتىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىپ ياشايدۇ، مەنمۇ تىرىشىۋاتىمەن.
    ئىسلاھات باشلىنىپ، ئىشىك ئېچىۋىتىلگەن، ئېلىمىز بازار ئىگىلىكىگە قەدەم قويۇپ، رېقابەت باشلانغان، ھەر  ئادەم پۇرسەتنى، شارائىتنى ئۆزى يارىتىدىغان مانا مۇشۇنداق سىناق پەيتىدە «يېڭىچە شېئىرىيەت» بارلىققا كەلدى. بۇنى ئۈرۈمچى، قەشقەر، غۇلجىدىكى شائىرلار مەيدانغا كەلتۈرگىنى يوق، بەلكىي غەرب ئەللىرى شائىرلىرىنىڭ ئەركىن(قاپىيە، ۋەزىن، تۇراق توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدىغان) شېئىرلىرى تەرجىمە قىلىنىشقا باشلىغاندىن كېيىن، ھەۋەسكارلار بۇنىڭغا قىزىقىپ قالدى ۋە تەسىرىگە ئۇچرىدى. نەتىجىدە دوراپ-دورىماي، ئەركىن شېئىر يازىدىغان شائىر، ھەۋەسكارلىرىمىز كۆپەيدى. بۇ ھەرگىزمۇ ئەدەبىياتىمىز، جۈملىدىن شېئىرىيىتىمىز ئۈچۈن يامان ئەھۋال ئەمەس، بەلكىي پايدىلىق ئىزدىنىشتۇر.
     ئۆتكەن ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدىن باشلاپ، ئەۋىج ئېلىپ شائىرلارنىڭ تەپەككۇر، تەسەۋۋۇر قىلىشىغا توسالغۇ بولۇپ قالغان قاتماللىق، مەدھىيۋازلىق، ئوخشاشلىق، مەزمۇندىكى تەكرارلىق كەبىي ئوقۇرمەننى بىزار قىلىدىغان بولمىغۇر ئىللەتلەردىن خالىي بولغان «يېڭى شېئىرىيەت»(مەن ئەركىن شېئىر دەپ ئاتاشنى مۇۋاپىق كۆرىمەن) مەتبۇئاتلىرىمىزدىن ئورۇن ئېلىشقا باشلىدى. مەن بۇنىڭغا يانداشمىغان بولساممۇ، قوللىغانىدىم، ھالبۇكى، ئەركىن شېئىر يازىدىغانلار كۆپەيگەنسىرى بەزىلەرنىڭ يازغانلىرىنى چۈشىنەلمەي غەلىتە، تۇترۇقسىز ھېس قىلىدىغان بولۇپ قالدىم، بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئەركىن شېئىر پىكىر ھېسسىيات، تۇيغۇنىڭ پايانسىز كەڭلىكىدە ئەركىن پەرۋاز قىلالايدىغان قانىتىغا ئايلاندى. پىكىرنى ھېسىيات، تۇيغۇ، تەبىئەت بىلەن باغلاپ ئۆزىمۇ چۈشىنەلەيدىغان، ئوقۇرمەننىمۇ گاڭگىرىتىپ قويمايدىغان ئەركىن  شېئىرلارنى يېزىشنى شېئىر ئوقۇشقا خۇشتاركىشىلەر تەلەپ قىلماقتا... ۋاھالەنكى، بارلىق شائىر، يازغۇچىلارغا نېسبەتەن ئېيتقاندا، ئۇنداق ۋە ياكى مۇنداق ياز، دەپ دەۋەت قىلىش ئاقىلانىلىك بولمايدۇ.ق انداق مەزمۇندا ۋە قانداق شەكىلدە يېزىش- قەلەم ساھىبىنىڭ ئىختىيارىدىكى ئىش. مەسىلە ئايدىڭكى، مېنىڭ ئۆز خاسلىقىمنى قەدىرلىشىمدىكى مەقسەت، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش، ئۇنى قوغداش ۋە يۈكسەلدۈرۈش، شۇنداقلا، ئەركىن شېئىرلارنىڭ ئاچقىلى بولمايدىغان تىلسىماتتەك ئوقۇرمەنلەرنى بۇرۇقتۇرما قىلىپ قويماي، ئېچىلمىغان ئەقىل ئىشىكلىرىنى ئېچىپ، يېڭىدىن گۈزەل ھېس-تۇيغۇ، پىكىر بىلەن زوق-ھوزۇر، جاسارەت بەخشئېتىشنى ئۈمىد قىلىشتۇر. شۇنى ئېسىمدە تۇتۇپ كېلىۋاتىمەنكى، شېئىر ئەڭ گۈزەل، ئەڭ مەنىلىك سۆزلەر بىلەن ئالەم، ھايات، تەبىئەت ھادىسە-ۋاقىئەلىرىدىكى ھېكمەتلەرنى ئەڭ ئىخچام ھالدا ئىپادىلەپ بېرىدىغان بەدئىي ئىجادىيەت شەكلىدۇر»
    قىسقىسى، بىزنىڭ بۇ ئەزىز دىيارىمىزغا كىندىك قېنى تۆكۈلۈپ، پاك روھىي كەيپىيات بىلەن ساپ ئەقىدە ئىلكىدە ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللانغان كاتتا، شۆھرەتلىك، جاسارەتلىك ئەدىبىمىزنىڭ ھاياتى ۋەئىجادىي-پائالىيىتىگە نەزەر سالىدىغان بولساق، يوللىرىنىڭ ئەگرى-توقاي، مۇساپىسىنىڭ جاپالىق، ئىرادىسىنىڭ مۇستەھكەم ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ يېتەلەيمىز.
       يېقىنقى ئىككى يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە يەنە پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقى ئاستىدا بۇ ساھىبى قەلەم ئىگىسىنىڭ 11 توپلامدىن تەركىب تاپقان تولۇقلانغان ئەسەرلەر توپلىمى نەشر قىلىنىپ، خېلى زورئىجابىي تەسىر پەيدا قىلدى.
    ھازىر ئاتاقلىق شائىر، تېنىمسىز ئىزدىنىش روھىغا ئىگە بۇ يازغۇچىمىز ياشىنىپ قالغىنىغا قارىماي يەنە داۋاملىق ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىپ «قەلەمگە مۇھەببەت» ناملىق بىئوگرافىك كىتابى بىلەن غەزەل-مۇۋەششەھلىرىنى توپلام قىلىپ نەشرگە تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئۇندىن باشقا باشقا تۈردىكى شېئىرلىرىنىمۇ يەنە بىر-ئىككى توپلام قىلىپ قايتا-قايتا ئىشلەۋاتىدۇ. ئىشنىمىزكى، بۇ پەرىشتە سۈپەت ئىجادكارنىڭ ھەممە ئەمگەك مىۋىسى پات ئارىدا ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشۈپ، قەلبلەردىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئالغۇسى. بىز مۇشۇ مۇناسىۋەت بىلەن بۇ تەۋەررۈك ئەدىبنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئۆزىگە ئۇزۇن ئۆمۈر، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمىز.
克日米座谈会2.jpg

قەشقەر شەھەرلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، «كاشغەر
مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ مەسئۇل مۇھەررىرى ئابلىمىت سوپىھاجى يىغىنغا
رىياسەتچىلىك قىلماقتا
克日米座谈会3.jpg


ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ بەكتۇر شېئىر ئوقۇماقتا
克日米座谈会4.jpg

شائىر ئابلىز ئۆمەر ئانجانىي شېئىر ئوقۇماقتا

克日米座谈会5.jpg
شائىر تۇرسۇن نىياز شېئىر ئوقۇماقتا

克日米座谈会6.jpg
شائىر ئۆمەر ئوسمان شىپاھى شېئىر ئوقۇماقتا

克日米座谈会7.jpg
مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى ئوسمان مۇھەممىدى قاراقۇتلۇق سۆز قىلماقتا
克日米座谈会8.jpg

نەشرىياتچى مۇھەممەد ئابلىز بۆرىيار سۆز قىلماقتا

克日米座谈会9.jpg
شائىر ئابلاجان بوۋاقى ئوبزور ئوقۇماقتا

克日米座谈会10.jpg
شائىرە چىمەنگۈل ئاۋۇت شېئىر ئوقۇماقتا

克日米座谈会11.jpg
شائىر مەمتىمىن قۇربان تۇغلۇق شېئىر ئوقۇماقتا

克日米座谈会12.jpg
شائىر ئەمەت يولداش شېئىرىنى تەقدىم قىلماقتا

克日米座谈会13.jpg
«قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسى»دىكىلەر يازغۇچى، شائىر ھاجى مېرزاھىد كېرىمىيگە تون ياپماقتا

克日米座谈会14.jpg

«قۇتبىلىك كۈتۈپخانىسى»نى قۇرغۇچىلارنىڭ ۋەكىلى، ياش كارخانىچى ئابدۇقېيۇم مۇھەممەئىمىن سۆز قىلماقتا

克日米座谈会16.jpg
«كاشغەر مەدەنىيىتى» ژۇرنىلى تەھرىراتى يازغۇچى، شائىر ھاجى مېرزاھىد كېرىمىيگە
سوۋغا تەقدىم قىلماقتا

克日米座谈会17.jpg    
قەشقەردىكى كىتاپخانا ۋەكىللىرى سوۋغا تەقدىم قىلماقتا

克日米座谈会18.jpg

خەتتات غۇلامجان قادىرى قۇتبىلىك سوۋغا تەقدىم قىلماقتا

克日米座谈会19.jpg

克日米座谈会15.jpg

克日米座谈会20.jpg


克日米座谈会21.jpg




克日米座谈会22.jpg


克日米座谈会23.jpg



克日米座谈会27.jpg



克日米座谈会26.jpg

克日米座谈会25.jpg


克日米座谈会24.jpg

يىغىن قاتناشچىلىرى


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 00:04  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش