تىلەمچى بالا
مىرادىل راخمان (ئىزچى)
ئايدىڭ كېچە شۇنچىلىك يارقىن،
ئېھ، بەرسەڭچۇ ماڭا مېھرىڭنى.
ئەللەيلىتىپ ئانامدەك گويا،
يۈزلىرىمگە ياقساڭ مەڭزىڭنى.
قول تۇتۇشۇپ ئاشۇ ئاي بىلەن،
سەيلە قىلسام يۇلتۇزلار ئارا.
ئۇنتۇپ كەتسەم ئازاپلىرىمنى،
شادلىق قۇچاق ئاچاتتى ماڭا.
ئۇخلاپ قالسام ياكى بىر نەپەس،
ھىچنىمىنى تۇيمىسا يۈرەك،
چۈشۈمدىكى گۈزەل مەنزىرە،
ئېلىپ كەلسە بەخىتتىن دېرەك.
لىكىن شۇ تاپ ماڭا بۇ زۇلمەت،
پەقەت سوغۇق بولماقتا ھەمرا.
تەلمۈرمەن ئىللىق ئۆيلەرگە،
تىترەر قۇلۇم ، دىلىمدا يارا.
پەرىشتىلەر كەلمەيدۇ نىچۈن،
كۆزلىرىمدە غۇۋا بۇ دۇنيا.
دەيمەن گاھى ئاشۇ جەننەتتە،
قوينىڭغا تېز ئالساڭچۇ ئانا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-7 21:28
|