ئاجايىپكەن بۇ گەپلەر
ئەركىن داۋۇت ئوغۇز
سەكرەپ كەلدى
دىكىر ــ دىكىر سەككىز توشقان،
سەكرەپ كەلدى.
ئاغمىخاننى چىغىر يولدا،
يەكلەپ كەلدى.
سەكسەن يەردە سەكسەن قىېتىم
قۇرۇپ توساق ،
ھەركىتىنى خالىغانچە
چەكلەپ كەلدى.
ئاغمىخان
ــ ئاغمىىاننىڭ ئۆيى نەدە،
ــ سەكسەن تاشتا.
ئاغمىخان ئۇز ئۆتۈك كەيدى ،
سەكسەن ياشتا.
ئوھۇي،ئوھۇي قىزىقمىكەن،
ئاغمىخان دوست،
يەكلىمەيلى ئاغمىىاننى ،
بولۇپ جان دوست.
قانداق قىلاي
دادام سالدى
سەكىز يەرگە سەككىز ساراي.
سەكىز ئۆردەك،سەككىز توخۇ
بولدى مالاي.
چىدىيالماي ئىش ــ ئەمگەككە،
توخۇ،ئۆردەك،
قېچىپ كەتتى ئەمدى دوستۇم،
قانداق قىلاي؟
قول كۆتەردى
توقسان بالا،
توققۇز يەرگە بۆلۈندى تەڭ،
ھەربى،دۈشمەن بولۇشۇپ تىىز،
باشلىدى جەڭ.
بىر،بىرىنى ئاتتى شۇئان كەلمەستىن بوش،
شارائىت ھەم ئىمكانىيەت
بولغاچقا كەڭ.
قول كۆتەردى كۈتمىگەندە دۈشمەن تەرەپ،
ھەربى بولغان بالىلارغا،
كېلەلمەي تەڭ.
ئالا قاغا،قارا قاغا
يەتمىش يەردە
يەتمىش جىگدە،يەتمىش قاغا.
يەتمىش قاغا بىر قاغىدەك
ئالا قاغا.
قاراپ باقسام كۆرۈنمىدى كەڭرى سايدا،
مېنىڭ بىلەن ئوينايدىغان
قارا قاغا.
ئالا قاغا،قارا قاغا
ئوخشاش قاغا،
سۇ ئىچكىلى بارار ئۇلار،
بۇلاق ياغا.
قاپقان قۇرۇپ قاغىلارغا
سالما زۇلۇم،
تەبىئەتنىڭ زىنتىدۇر،
قۇشلار دوستۇم
ئالا كالا
ئەللىك يەدە ئەللىك كالا،
قۇيرۇقىلىرى كالتە كالا.
قۇيرۇقلىرى كالتە كالا،
ئوتلاپ يۈرگەن ئالا كالا.
ئالا كالا،قارا كالا،
ئۇنى باقار ئىككى بالا.
ياخشى بالا بولۇڭلار
سان سانىدۇق مەكتەپتە،
ئىككى،ئۈچ ،تۆت،بەش،ئالتە.
يالغانچىنىڭ،توشقاننىڭ
قۇيرىقى بولار كالتە.
يالغانچىنى ئۇرۇڭلار،
سەپتە قاتار تۇرۇڭلار.
يالغان ئېيتماي راست سۆزلەپ،
ياخشى بالا بولۇڭلار.
يالغانچى
يەتتە،سەككىز يالغانچى،
سەكرەپ كەلدى سەكىلدەپ.
قولىدىكى بايرىقى،
تۇرار ئىدى لەپىدەپ.
يەتتە،سەككىز يالغانچى،
يەتتى يەردە ياتتى جىم.
يالغان ياۋداق گەپلەرنى،
يەر بېغىرلاپ ساتتى جىم.
ئالىدىغان ئادەم يوق،
يالغان ياۋداق گەپلەرنى.
يالغانچىنىڭ باش ــ كۆزى،
خۇددى تاشتەك قاتتى،جىم.
ئوھۇيت،ئوھۇيت يالغانچى،
يالغانچىلىق ئاقمايدۇ.
يالغانچىغا ئەلى،يۇرت
كۈلۈپ خۇشال باقمايدۇ.
يەتتە يەردە
يەتتە يەردە،
يەتتە ئىشەك يېتىۋالدى.
لاي لاتقىغا
پاچاقلىرى پېتىۋالدى.
يەتتە ياشلىق يەتتە بالا
كېلىپ بىردىن،
ئىشەكلەرنى لاي لاتقىدىن ئېلىۋالدى.
ئوھۇيت،ئوھۇيت
يەتتە ئىشەك يېتىۋالدى.
ئۆلىكىنى
ئۆلگەن بولۇپ سېتىۋالدى.
( «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى» غا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-7 14:25