يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئازىق

ئازىق: سۈرىيە يوقاپ كەتتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-8 21:47:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېچىشقان يەرگە يەنە بىر رەت تۇز سېپىلغاندەك بىر ماۋزۇ بوپتۇ...

ۋاقتى: 2016-1-9 15:57:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسلى بالىلارغا ئائىلە ۋە مەكتەپلا مەسئول بولغاننىڭ سىرتىدا جەمىيەتمۇ مەسئۇل بولۇش كىرەك ئىدى.ئۇ كىمنىڭ بالىسى.

ئۇ كىمنىڭ بالىسى
                                                     ( ھېكايە)
                                                 مەخەت ئابدۇرېھىم

             ئەسلىدە ئۇ بالا توغرىسىدىكى ئشلارنى سىلەرگە دىمىسەممۇ بولاتتى، چۈنكى مەنمۇ دادا ھەم ئوقۇتقۇچى. ئەمما ئۇ بالا  توغرىسىدا ئاڭلىغان گەپ- سۆزلەر ۋە كۆرگەن ئىشلار غورۇرۇمنى غىدىقلاپ قويدى.
       تۈنۈگۈن مەكتەپتىن چىقىپ تۆت يول دوقمۇشىنىڭ غەرىپ تەرەپتىكى كۈندە باھار تاللا بازىرىنىڭ ئالدىغا كىلىشىمگە قاچە -قاچ، تۇتە-تۇت بولۇپ كەتتى-دە ، ھايت-ھۇيت دىگىچە ساقچى پورمىسى كىيگەن ئىككەيلەن ئونبەش ياشلار چامىسىدىكى ئىككى ئوغۇل بالىنى تۇتىۋىلىپ پۇتلىرىغا تىپىپ ،كاچاتلىرىغا ئۇرۇپ ،يانچۇق ۋە سومكىللىرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ يانچۇق ۋە سومكىللىدىن ھەرخىل يىمەكلىك ۋە تاماكا -چاقماقلارمۇ چىقتى.
       -سەن تاماكا چىكەمسەن؟ -دەپ سورىدى ساقچى.
       -ياق، ئاكام تاماكا ئەچچىقىپ بەر دىگەن.- دىدى.
        -ئۇنداقتا تاماكىنى قانچە پۇلغا ئالدىڭ؟ -ئۇ بالا تاماكىنى قانچە پۇلغا ئالغانلىقىنى دەپ بىرەلمىدى. ئۇ بالا بىركىمنى ئىزدەۋاتقاندەك ئەتراپتىكى كىشىلەر ئارىسىغا قارايتى. ساقچىلار ۋە ئەتراپتىكى كىشىلەر ئۇ بالىلارنىڭ ئۇ ماللارنى تاللا بازىرىدىن ئوغورلاپ چىققانلىغىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.
     ساقچىلار ئۇ بالىلارغا تاللا بازىرىنىڭ قائىدە- تۈزۈمىگە ئاساسەن  ،ئوغۇرلىغان ماللارغا ئون ھەسسە باھا بويىچە پۇل تۆلەيدىغانلىغىنى ئۇقتۇردى ۋە بالىلارنىڭ ئىسمى ،ئاتا- ئانىسىنىڭ ئىسمى ، ئائىلىسىنىڭ ئادىرسى ، ئوقۇيدىغان مەكتىپى قاتارلىقلارنى خاتىرىگە ئېلىۋاتقاندا، كىشىلەر  ئارىسىدىن يىگىرمە ياش ئەتراپىدا بىر ئوغۇل بالا ساقچىنىڭ قېشىغا كەلدى ۋە
      -ھە ، نىمە گەپ، مانا مەن ئاكىسى، تاماكا ئېلىپ چىقىشنى مەن بۇيرىغان .- دىگىنىچە ساخچىنىڭ قولىدىكى تاماكىنى ئېلىشقا تەمشىلىۋىدى،  ساقچى،
      -كىملىكىڭنى چىقار ؟ سېلىشتۇرۇپ كۆرىمىز.- دىگەن ئىدى ،ئۇ بالىدىمۇ ھودۇقۇش پەيدا بولدى، شۇ ئارلىقتا ھېلىقى تاماكا ئوغۇرلىغان بالا يىغلاپ تۇرۇپ،-  ئۇ مىنىڭ ئاكام ئەمەس، ئەمما ، مىنى تاماكا ئېلىپ چىقىشقا بۇيرىغان ،-دەپ ساقچىنىڭ قولىغا چىڭ ئەسلىۋالدى.
        ساقچىلار ئەھۋالنىڭ ماھيىتىنى چۈشەندى بولغاي ئۇ بالىلارنى، ھېلىقى ئاكىسىنى ۋە  شۇ مەيداندا تۇرغان گۇۋاچىلارنى ئېلىپ تاللا بازىرىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپ كەتتى.
      ساقچىلارنىڭ ئىگەنلىگەن پاكىتلاردىن مەلۇم بولدىكى،  ھېلىقى ئوغۇرلۇق قىلغان ئىككى بالا تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەن.  مەن ئاكىسى دىگەن بالا ئەمىلىيەتتە ئۇ بالىنىڭ ئاكىسى ئەمەس ئىكەن. ئەمما ھەر كۈنى بالىلار مەكتەپتىن ئۆيگە قايتىدىغان چاغدا شۇ ئورۇندا ساقلاپ تۇرۇپ ئۇ بالىغا ئون كوي بىرىدىكەن، ئۇ بالا ئون كويغا يا تاماكا يا باشقا نەرسىە ئالغان بولۇپ ئاز دىگەندە يىگىرمە -ئوتتۇز يىۋەنلىك مال ئېلىپ چىقىپ ھېلىقى يالغان ئاكىسىغا بىرىدىكەن، ئۇ ئاكىسى ئۇ بالا ئېلىپ چىققان مالنىڭ ئاز-كۆپلىكىگە قاراپ پايدا ئارىپ بىرىدىكەن.شۇڭا ئۇ بالا ھەر كۈنى مەكتەپتىن يانغاندا بىر-ئىككى سائەت تاللا بازىرىنى ئايلىنىپ بەزى كۈنلىرى ئەللىك-ئاتمىش كويلۇق، بەزى كۈنلىرى يۈز كويدىن يۇقىرراق مال ئالىدىكىن. ھېلىقى ئون كوي مەبلەغ سالغان تىجارەتچى ھېلىقى بالىغا پايدا ئارىپ بىرىدىكەن.
      دىمەكچى بولغىنىم ، تاللا بازىرىنىڭ ساقچىللىرى ھېلىقى بالىنى ئۇرغاننىڭ سىرتىدا سەن كىمنىڭ بالىسى، ۋە ئوغرىنىڭ بالىسى راس گەپ قىل، بالىنى ئۇرۇپ -تىللاۋاتقاننى كۆرۈپ
تۇرغانلارمۇ ،بۇ گۇينىڭ بالىسىنىڭ يا دادىسى ئوغرى، يا ئانىسى ئوغرى. شۇ ساقچىلار، ھېلىقى تاماششە كۆرۈۋاتقان بالىسى يوق بويتاقلار، ھېلىقى ئون كوي دەسمى سېلىپ
تىجارەت قىلىۋاتقان ھارام تاماقلار ئۇ بالىنىڭ كىمنىڭ بالىسى ئىكەنلىگىنى بىلمەمدىغاندۇ؟ توغرا! ئۇ بالا ئاتا-ئانىسىنىڭ بالىسى، شۇنداقلا  ، ئۇ بالا كىمنىڭ بالىسى! كىمنىڭ!! ------- بالىسى؟-----، نىڭ !!

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-9 18:28  


ۋاقتى: 2016-1-15 15:00:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نېمە؟مەكتەپكە بارمايتۇ؟ـــ بارماپتۇ
سۈمەييەنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۈگۈن بىر كۈن مەكتەپكە بارمايتۇدەك،-  بارماپتۇدەك .
كېيىملىرىنىمۇ- كىيىملىرىنىمۇ،
بۇ  قۇرلاردىكى ئىملا ىاتالىقىنى ھىسابقا ئالمىغاندا   ھىكايىنى ياىشى يىزىپسىز.  تېىىمۇ تىرىشىڭ.


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش