سۈرىيە يوقاپ كەتتى
(ھېكايە)
قۇربانجان توختى ئازىق
ئانىنىڭ بىر سائەتتىن ئارتۇق تەييارلىق قىلىپ پىشۇرغان تامىقى پىشاي دەپ قالدى،دادىمۇ ئېغىلدىكى بىر نەچچە قوي بىلەن بوغۇز كالىنى جايلاشتۇرۇپ،يۈز-كۆزى ۋە قولىنى يۇيۇپ داستىخان ئۈستىگە يېتىپ كەلدى.
قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولسىمۇ،سۈرىيە تېخىچە مەكتەپتىن قايتىپ كەلمىگەنىدى.سۈرىيە تېرىشچان قىز بولغاچ،بەزى كۈنلىرى قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە ساۋاقدىشى سۈمەييە بىلەن بىرگە تاپشۇرۇقلىرىنى ئىشلەپ ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كىرەتتى.شۇڭا،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى سۈمەييەنىڭ مەكتەپتىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى ئانچە سۈرۈشتە قىلىپمۇ كەتمەيتتى.ئانا ئەنسىرەشكە باشلىدى،ئۇ يولدىشىنى سۈرىيەنى چاقىرىپ كىرىشكە بۇيرۇپ،ئۆزى تاماق سېلىشقا باشلىدى. سۈرىيەنىڭ دادىسى قىزىدىن ئەنسىرەپ،قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭدى.بەش مىنۇت ئۆتە-ئۆتمەيلا يولدىشى ئالاقىزادىلىك بىلەن ئايالىنى چاقىرىپ ھويلىغا كىردى:
ـــ ئانىسى،ۋوي ئانىسى!
ئانا ئەنسىزلىك بىلەن چاقىرغان ئاۋازدىن چۆچۈپ،قولىدىكى ئىشلىرىنى تاشلاپلا ھويلىغا يۈگۈرۈپ چىقتى.ئاتا تولىمۇ خاتىرجەمسىزلىك بىلەن:
ـــ قىزىمىز بۈگۈن مەكتەپكە بارماپتۇ،ئۇ ئەتتىگەن سائەت نەچچىدە ئۆيدىن چىقىپ كەتكەن؟
ـــ نېمە؟مەكتەپكە بارمايتۇ؟ـــ دېدى ئانا يۈرىكى قاپسىلىپ قالغاندەك بولۇپ،ـــ مەكتەپكە بارمىسا نەگە كەتكەندۇ؟
ـــ سۈمەييەنىڭ دېيىشىچە ئۇ بۈگۈن بىر كۈن مەكتەپكە بارمايتۇدەك،بۇ زادى قانداق ئىش بولۇپ كەتتى؟ ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق،ھەي...
ئۇلار غەمگە پېتىپ ھويلىدا بىرئاز ئولتۇرۇپ قالدى،بىردىن سۈرىيەنىڭ مومىسى كېلىنىنى چاقىرىپ،قازاننىڭ قايناپ سۈيى تۈگەي دەپ قالغانىلىقىنى دېۋىدى،ئۇلار ھويلىدا يەنىلا پەرۋاسىز ئولتۇردى.سۇئالى جاۋاپسىز قالغان موماي ئاخىرى چىدىماي ئۇلارنىڭ يېنىغا چىقتى:
ـــ نېمە بولدى؟ ئىككىڭلار ئۆيگە كىرمەي نېمە ھويلىدا ئولتۇرۇپ كەتتىڭلار؟
ـــ ئانا،سۈرىيە يوق تۇرىدۇ،ئەتتىگەن مەكتەپكە كەتكەن پېتى تېخىچە قايتىپ كەلمىدى.شۇ غەمدە ئولتۇرۇپ كەتتۇق،ـــ دېدى ئوغلى كۆڭلى يېرىم ھالدا.
موماينىڭ غەمسىز چىرايى تۇيۇقسىزلا تۇتۇلۇپ ئارامسىزلىنىشقا باشلىدى.بىرنەچچە كۈندىن بىرى مەھەللىدە بالا ئوغۇرلاش،بالىنى ئالداپ ئەپكىتىش دىلولىرىنىڭ سادىر بولۇپ تۇرغانلىقىنى ئاڭلاپ تۇرغان موماي،سۈرىيەدىن تېخىمۇ ئەنسىرەپ ئىسەدەپ يىغلاشقا باشلىدى.
ـــ ئەمسە نېمىشقا قاراپ تۇرىسىلەر،دەرھال چىقىپ ئىزدەپ باقمامسىلەر.ئالدى بىلەن ئوقۇتقۇچىسىغا،ئاندىن مەھەللىدىكى ساۋاقداشلىرى،دوستلىرىغا تېلفۇن ئۇرۇپ بېقىڭلار،بىرەر ئۇچۇرى چىقىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس،ـ دېدى مومىسى تىت-تىت بولغىنىدىن.
سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ھەممە ئىشنى تاشلاپ،كېيىملىرىنىمۇ ئالماشتۇرۇشقا ئۈلگۈرمەيلا سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئۇلار ئالدى بىلەن سىنىپ مەسئۇلىغا تېلفۇن قىلىپ،سۈرىيەنىڭ بۈگۈن مەكتەپكە كەلمىگەنلىكىنى دەلىللىگەندىن كېيىن،مەھەللىدىكى ھەربىر ئېغىز ئۆيگە كىرىپ سۈرىيەنىڭ دىرىكىنى ئالماقچى بولدى.بىر سائەتتىن ئارتۇق داۋاملاشقان سۈرىيەنى ئىزدەش ھەرىكىتىدىكى نەتىجىسىزلىك ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆزىدىن ياش،يۈرىكىدىن قان ئاققۇزدى.پۈتكۈل مەھەللە،بارچە ئۆيلەردە سۈرىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى مۇنازىرە خەۋىرى بەس-بەستە قايناشقا باشلىدى.
ـــ سۈرىيەنى بالا ئوغرىلىرى ئېلىپ كەتكەنمىدۇ؟
ـــ سۈرىيە يۈتۈپ كەتسە بولمايتتى،ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى نېمە بولۇپ كېتەر –ھە! چۈنكى،نەچچە يىلدا ئارزۇلاپ تاپقان بالىسى تۇرسا...
ـــ يۈتۈپمۇ كەتمىگەندۇ ئەمدى،يىراقتىكى بىرەر ساۋاقدىشىنىڭ ئۆيىدە خاتىرجەم ئۆگىنىش قىلىپ ئولتۇرامدۇ تېخى ئۇ تىرىشچان قىز.
ـــ ئىشنى قىلىپ ياخشى بولمىدى،ھەممە ئادەمنى بىسەرەمجان قىلىپ.
ـــ ....
كەنت،يېزا ساقچىخانىسىدىكىلەرمۇ خەۋەر تېپىپ،سۈرىيەنى ئىزدەش توغرىسىدا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ باردى.كېچە سائەت 12دىن ئاشقاندا سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۈمىدسىزلىك ئىلكىدە ئۆيىگە قايتىپ كىلىشكە مەجبۇر بولدى.بۇ كېچىدە ئۇنى نەدىنمۇ ئىزدەپ تاپقۇلۇق.
سۈرىيەنىڭ ئانىسى ئۆيىگە كىرىپلا ھۆڭرەپ يىغلاپ سالدى،دادىسى بولسا نەمدەلگەن كۆزلىرىنى پات-پات يىڭىدە سۈرتۈپ چۈشكۈن ئولتۇراتتى.
ـــ زادى نېمە ئىش بولۇپ كەتتى؟- دېدى مومىسى،- سۈرىيە قىزىم نەلەردە يۈرگەندۇ؟ قايسى نىجىس قارا قولىنى ئوماق نەۋرەمگە سۈندىكىن.ئاشۇنداق مەلئۇنلارنى قولغا ئېلىپ پارە-پارە قىلىۋەتسە بولىدۇ.
ـــ ۋاي،بىچارە قىزىم! ۋاي،يۈرەك پارەم قىزىم!كىمنىڭ قولىدا خارلىنىپ يۈرگەنسەن قىزىم،ئەمدى مەن قانداق قىلىمەن،قىزىم!...
ئانىنىڭ ھۆڭرەپ يىغلاشلىرىغا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ئاتا سىرتقا چىقىپ كەتتى.ئۇنىڭ مەڭزىنى بويلاپ تۆكۈلىۋاتقان يېشى مەيدىللىرىگە كىرىپ،بەدىنىنى ھۆل قىلىۋەتكەنىدى.ئۇ باغقا كىرىپ ئۇلۇغ-كىچىك تىنىپ قىزىنى سىغىنىپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي بوش ئاۋازدا بۇقۇلداپ يىغلاشقا باشلىدى.
ـــ ئاھ،خۇدا! قىزىم سۈرىيەنى قانداق پىشكەللىك باسقاندۇ؟ئۇنى ئېلىپ قاچقان قانداق بىر رەزىل ھايۋاندۇ؟ئۇلار ئۇنى ئۆلتۈرۈپ ئىچ-باغرىنى سېتىپ خەجلەرمۇ ياكى ئىچكىرگە ئەكىرىپ سەرگەردانلىققا مەھكۈم قىلارمۇ؟جېنىم قىزىم،مۇشۇ تاپتا داداڭنى قانچە سېغىنغانسەن،داداڭنىڭ كېلىپ ئۆزۈڭنى قۇتۇلدۇرۇشىغا تەلمۈرۈپ ئولتۇرغانسەنمۇ؟!قورسىقىڭ ئاچقانمىدۇ؟ۋارقىراپ مېنى چاقىرىۋاتامدىغانسەن ياكى بىھۇشلىقتا ھېچنەرسىنى بىلمەي بىزدىن يىراقلاپ كېتىپ بارامدىغانسەن؟!...ئاھ،خۇدا! قىزىمنىڭ ئېسەنلىكىنى تىلەيمەن،ئۇنى تېنىچ-ئامان قايتۇرۇپ ئەكىلىپ بەرگەيسەن.
ئۇلار قايغۇ-ھەسرەت،كۆز ياش ۋە ئارزۇ-تىلەكلىرى بىلەن كىرپىك قاقماي بىر كېچىنى تاڭغا ئۇلاشتۇردى.تاڭ سۈزۈلىشى بىلەن قولۇم-قوشنىلىرى ئۇلاردىن ئەھۋال سوراپ كىرىشكە باشلىدى.باشقىلارنىڭ ھەربىر ئېغىز تەسەللىسى بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ يۈرىكىنى ئۆرتەپ لەختە قىلماقتا ئىدى.
كىشىلەر توپىدىن بىر موللام ئوتتۇرىغا چىقىپ سۆز باشلىدى:
ـــ خەپ شۈك،جامائەت!سۈرىيە قىزنىڭ ئۆيگە كىرمىگىنىگە مانا 12 سائەت بولاي دېدى. بىز ئالدى بىلەن سۈرىيەگە ئامان-ئېسەنلىك تىلەيلى. سىلەرگە ئىلتىجايىم،بىز بۇيەرگە يىغىلىۋىلىپ،بۇلارنى ئاۋارە قىلساق ياخشى بولمايدۇ،ئۇلارنىڭ تېخى ئۇيەر-بۇيەرگە بېرىپ ئىزدەيدىغان ئىشى بار.شۇڭا،ئۇلارغا دەخلى قىلماي ئۆيلىرىمىزگە قايتىشساق،قانداق دەيسىلەر؟بولسا مۇسۇلماندارچىلىق يۈزىسىدىن دەرقەمتە ئىزدىشىپ،ئۇچۇرىنى ئېلىشىپ بەرسەك مېھرى-مۇھەببەت دېگەن مانا شۇ.ساۋاپمۇ بۇنىڭدىن ئارتۇق بولماس.
يۇرت جامائىتىنى ئۇزاتقان سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى موتسىكىلىتىنى مېنىپ يېزىلىق ساقچىخانىغا سۈرىيەنىڭ ئۇچۇرىنى سۈرۈشتە قىلغىلى ماڭدى.ئۇلار ساقچىلارنىڭ «تېخىچە ھېچبىر ئۇچۇرى يوق»دېگەن سۆزىنى ئاڭلاپ،ساقچىخانىدىن ئايرىلىپ مەكتەپكە بېرىپ تېلكامىرادا ئېلىنغان سىنئالغۇ كۆرۈنىشى ئىچىدىن سۈرىيەگە ئائىت ھېچقانداق كۆرۈنۈشنى ئىزدەپ تاپالمىدى.شۇندىلا،ئۇلار سۈرىيەنىڭ ئۆيدىن مەكتەپكە بىرىش يولىدا باشقىلار تەرىپىدىن ئالداپ ياكى بۇلاپ كېتىلگەنلىكىنى دەلىللىدى.ئۇلار يېزىدىن ھالقىپ شەھەرنىڭ ھەربىر بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىنى،بالىلار ئويۇنچۇقخانىلىرىنمۇ ئىزدەپ ئىز-دىرىكىنى ئالالمىدى. سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى شۈنچىلىك قۇرغاق ۋە مەنىسىزلىككە تولغان بۇ تۇرمۇش بىلەن كەسكىن تىركەشمەكتە ئىدى.ئۇلارنىڭ قەلبىدە پەقەت ئەنسىرەش،سېغىنىش،بىئارامچىلىق مەۋج ئۇراتتى.
ھەش-پەش دىگۈچە،ئون نەچچە كۈن ئۆتۈپ كەتتى.سۈرىيەنىڭ يوقاپ كەتكەنلىك توغرىسىدىكى ئۇچۇرى ئۇندىدار،كوت-كوت توپلىرىدا،رادىيو-تېلىۋىزىيە قاناللىرىدا،بىرنەچچە مەتبۇئاتلاردا ئارقا-ئارقىدىن تارقىتىلىشقا باشلىدى.ئەپسۇس،سۈرىيەنىڭ مومىسى كېسەل بولۇپ يېتىپ قالدى،ئاتا-ئانىسى بولسا بىر تېرە،بىر ئۇستىخانغا ئايلاندى.
ئون نەچچە كۈندىن بىرى،پەرزەنت ئىشقىدا كۆيۈپ،ھەسرەتكە مۇپتىلا بولغان بۇ بىر جۈپ ئاتا-ئانا قىزىنى ئىزدەش مۇساپىسىنى توختىتىپ قويۇشقا كۆزى قىيمىدى.«ئۆلمىگەن جاندا ئۈمىد بار»دېگەندەك،ئۇلار ئاخىرى ئويلىشىپ باشقا ناھىيە،شەھەرلەرگە بېرىپ ئىز-دىرىكىنى قىلىپ بېقىش قارارىغا كەلدى.ئۇلار جابدۇنۇپ يولغا چىقىشقا تەرەددۇق قىلغاندا،ئۇرۇق-تۇغقان،قۇلۇم-قوشنىلار ئىسسىق كۆزياشلىرى بىلەن ئۇلارنى ئۇزىتىپ قويدى،ئازراق بولسىمۇ پۇل-پىچەك كۆڭۈل قىلىپ،ئۇلارنىڭ بۇ سەپىرىگە مەدەت بەردى ۋە ئاق يول تىلەپ قالدى.سۈرىيەنىڭ ئاتا-ئانىسى قوللىرىنى ئېغىر كۆتۈرگىنىچە كىشىلەر بىلەن خوشلاشتى.ئۇلار سۈرىيەنىڭ گۈزەل بالىلىق ئەسلىمسىگە چۈمكەلگەن بۇ مەھەللىنى تاشلاپ،ئاستا-ئاستا يىراقلاشماقتا ئىدى.
ـــ ئۇلار زادى سۈرىيەنى تاپالارمۇ؟
(ئاپتور: ئاتۇش شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىدا)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-7 08:49