يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 429|ئىنكاس: 9

ئەلتۇغ:تاۋۇزلۇقتىكى تىراگېدىيە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ
(يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن)

تاۋۇزلۇقتىكى تىراگېدىيە

(«ت» ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)


    تۈنۈگۈن تۈن تەڭدە، تالا – تۈز تىنچىغاندا، تېرەكباغلىق توختى توقۇناق تەڭتۇشلىرىدىن تۇرغۇن تورغاي، تۇرەك تاماق، تاشمەت تاڭگازا، تۇراپ تېكە تۆت تەنتەكنى تىزىپ، تېتىرباغدىكى تۇرامەتنىڭ تاۋۇزلۇقىنى تىنىتىشقا تەشكىللىدى. توختى توقۇناقنىڭ تەلىپى تۆت تەنتەككە تاشقا تاياق تاڭغاندەك تۇيۇلسىمۇ، توختى توقۇناققا تەڭ تۇرماي، تاۋۇزلۇقىنى تىلغاشقا تۇتۇندى. تۆت تەنتەك تۇرامەتنىڭ تاۋۇزلۇقىدا توشقاندەك تاقلاپ، تېخىچە تەمسىز، توڭ تېزەكتەك تۇرغان تاۋۇزلارنى توڭگۇزدەك تاتىلاپ تىلغىۋەتتى. تېخى تىلغۇدەك تىغ تاپالمىغاچقا، تۆت تال تاۋۇزنىڭ تۇمشۇقىنى تاشقا توغرىلاپ تاشلاپ، تاۋۇزلارنى تامامەن تېشىۋەتتى.
   تاڭدا تاۋۇزلۇقتا تۈنەۋاتقان تۇرامەت تاتلىق تۇيغۇلىرىدىن تويۇپ، تىلغانغان تاۋۇزلىرىغا تىكىلىپ، تاۋۇزلۇقتىكى تاسادىپىيلىقتىن تېنى تىترەپ، تولغانغىنىچە تۆت تەنتەكنى تويغۇچە تىللىدى. تۇرامەت تازا تەڭلىكتە تۇرۇپ، تاقەتسىزلىنىپ، تۇيۇقسىز تۈكسىز تاغىل تايغىنىنىڭ تۇمشۇقلىرىغا تېپىپ، تېرىسىنى تارتقۇشلاپ، تازا تېرىكتۈرۈپ توختى توقۇناققا تاشلىنىشقا تەييارلىدى.
  تۇرغۇن تورغاي، تۇرەك تاماق، تاشمەت تاڭگازا، تۇراپ تېكە تۆتەيلەن تۆت تەرەپكە تېرىقتەك تارالدى.
توختى توقۇناقنىڭ تارىشىدەك تېنى توختاۋسىز تىترەپ، تىزلىرى تىرىسلاپ، تىرناقتەك تاتىرىپ، تامبىلىنى تىزىغىچە تۈرگىنىچە، تۇمىقىنى تاشلاپ تېرەكلىككە تىكىۋەتتى. تۈكسىز تاغىل تايغان توختى توقۇناقنىڭ تۇمىقىنى تېپىۋېلىپ، تازا تىرناقلاپ، توختى توقۇناقنىڭ تىنىقىنى تونۇۋالدى.
   توختى توقۇناق تېرەكلىكتە تىنماي تىمتاس تۇرۇۋالسىمۇ، تۈكسىز تاغىل تايغان تىمسىقىلاپ - تىمسىقىلاپ، تىللىرىنى تامشىتىپ، تۇيۇقسىز توختى توقۇناقنى تېرەكنىڭ تۈۋىدىكى تەسكەيدىن تېپىۋالدى. تۈكسىز تاغىل تايغان توختى توقۇناقنى تالاپ تىتما - تىتما تىلىۋەتتى. توختى توقۇناق تاشپاقىدەك تېپىچەكلەپ، تورغايدەك تولغىنىپ، تۈكرۈكلىرىنى تۇتۇۋېلالماي، تۈن تەڭگىچە تىترەپ، تۇيۇقسىز تىنىقتىن توختاپ، تېزەكتەك توڭلىدى.
   توختى توقۇناقنىڭ تىراگېدىيىسى تېلېۋېزور، تور، تاراتقۇلاردا تاشمىلىقتىن تاشقورغانغىچە، تاشئېرىقتىن تاغارچىغىچە، تېكەستىن تاشكەنتكىچە، توققۇزتارادىن تويبولدىغىچە،  تەڭرىتاغدىن تانزانىيەگىچە تۆت تەرەپكە تۇشمۇ تۇشتىن توختىماي تارقىتىلدى.
    تۇرامەتنىڭ تۆت تال تاۋۇزغا  توختى توقۇناقنى تۈكسىز تاغىل تايغىنىغا تەلۋىلەرچە تالاتقۇزغىنى تەشكىلنى تېرىكتۈردى.
تەشكىل تۇرامەتنىڭ تەلۋىلىكىنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تەھقىقلەشكە تالانتلىق تەپتىش تاھىرجان تەلئەتنى تەيىنلىدى.  تالانتلىق تەپتىش تاھىرجان تەلئەت تاۋۇزلۇقتىكى تىراگېدىيەنى تەپسىلىي تەكشۈرۈپ تۆۋەندىكىچە تونۇدى: تۇرامەتنىڭ تۆت تەڭگىلىك تۆت تال تاۋۇزىغۇ تۇرۇپ تۇرسۇن؛ تالاي تاۋۇزلارنى تۈنلەردە، تاڭلاردىكى تۇمانلاردا توشقان - تىيىنلار تېشپمۇ تۈگىگەن؛ تۈنۈگۈنمۇ توققۇز تراكتۇر تاۋۇزنى توپ تارقىتىشقا توشۇغىچە تراكتور تاشقا تاسادىپىي تىيىلىپ، تېخى توچەيدىكى تاختايلارغا تىزىلغان توققۇز توننا تاۋۇزمۇ تورۇكلاپ تۆكۈلۈپ، تىتماكاتاڭ تېشىلدىغۇ! تاسادىپىيلىق- تاسادىپىيلىقتۇر، تەنتەكلىك- تەنتەكلىكتۇر! توختى توقۇناقنىڭ تاۋۇزلۇقنى تىلغىشى تۇرامەتنىڭ تەلۋىلىكىنىڭ تىرنىقىغىمۇ توشمايدۇ. توختى توقۇناق تەڭتۇشلىرىدىن تۇرغۇن تورغاي، تۇرەك تاماق، تاشمەت تاڭگازا، تۇراپ تېكە تۆت تەنتەك تۇرامەتنىڭ تىلغانغان تاۋۇزىغا تۆت تەڭگە تۆلىسىلا تاۋۇزنىڭ تېراگېدىيسى تۇغۇلمايتتىغۇ! تۆۋەندىكىلەر توقۇناققا، تىراگېدىيەگە توغرىلانغاندا، تەشكىلنى تاغدەك تايانچى، تېرەكتەك تۈز، تۇپراقتەك تازا تونۇپ، تاپىنى تېشىلسىمۇ، تەلپىكى تۈرۈلسىمۇ تېرىكمەي، تەلىپنى تەكشى تىزىپ، تەشكىلنى تاپاتتىغۇ! تۇرامەتتەك تەلۋىلەرنىڭ تېرىقتەك تاسقىلىشى، تۆمۈردە تەستەكلىنىشى، تىرنىدا تۇمشۇقىدىن تارتىلىشى، تاغاردا تېزەك توشۇشى، تېنىمسىز تاش تاسقىشى تولىمۇ توغرا تاللاشتۇر! تۇرامەتنىڭ تۆھمەتسىز، تەمەسىز تۇرمۇشى توققۇزمەتتىكى تۈرمىدە تۈگەللىنىدۇ! تۇرامەت تۈرمىدە توۋىسىنى تېپىپ، تۇرمۇشىنى تەر تۆككىنىچە تۆھپىكارانە تاماملاپ، توغرا تەقدىرىنى تېزلا تېپىۋالغاي!
   تاھىر تەپتىشنىڭ تەلىپىنى توغرا تونۇپ، تۇرامەتنىڭ تىلى تۇتۇلدى. تاپىنىدىن تۆشىگىچە تۇزغا تىققاندەك تىترەپ، تىلىققىنىچە توۋىغا تۇتۇندى. تۇرامەت  تۈنۈگۈن توققۇزمەتتىكى تۈرمىگە تاشلاندى.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 19:29  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 20:47:14 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئالاھىدىلىكلىرىنى تۇنۇتۇپسىز تەشەككۈر ھەم ئىھتىرام

ۋاقتى: 2016-1-6 20:48:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇردۇم ھارمىغايسىز

ۋاقتى: 2016-1-6 20:55:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئ‍ېسىل يېزىپسىز، ئ‍ىزدىنىشلىرىڭىزگە ئ‍ۇيۇق يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2016-1-6 21:04:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا ئەلتۇغ بۇرادەر، ئاسان ئەمەس جۇمۇ، كۆپ ئەجر قىپسىز.

ۋاقتى: 2016-1-6 21:15:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنۈگۈن تۈن تەڭدە،توختى تىرەكنىڭ توغايدىن تۇغۇلغان توڭلاتقۇدىكى تۇغماس توخۇلىرى تۇققانلىرىنىڭ تاققا تېرىغان توڭ تاۋۇزلىرىنى تەمبۇرنىڭ تارىسىدەك تىرناقلىرىدا تاتىلاپ،توپا-تۇماندەك توزۇتۇپ تارىم تۈزلەڭلىكىگە تارقىتىۋىتىپتۇ،تاۋۇزنىڭ تۈگۈگەنلىكىنى تۇيغان تۇققانلار توختى تىرەكنىڭ توخۇلىرىنى تاغدىكى تونورغا تۆكىۋىتىپتۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 22:57  


ۋاقتى: 2016-1-6 21:59:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپتىلا ، سۆزلەرتولىمۇ جايدا ئىشلىتىلىپتۇ ، بۇ تەرەپلەردە سىلىدىن كۆپ ئۆگەنسەم بولغىدەك!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 18:51:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزۈمچە جىجىلاپ باقسام خېلىلا ئوخشاپ قېلىۋاتىدۇ دېسە...

ۋاقتى: 2016-1-7 21:42:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى راۋان چىقىپتۇ.
سىلىدىن ئىلھاملىنىپ مەنمۇ يېزىپ باقتىم.

توكنى تېجەيلى
مۇھەممىدىن سەمەت
(‹‹ت›› دا تىزىلغان تەۋسىيە)
تۇرمۇشىمىزدا تۈرلۈك –تۈمەن تۈرلەردە توكقا تايىنىمىز. توك توختىسا تىجارەت، تاپاۋەتلىرىمىزگىمۇ تەسىرى تېگىدۇ. تۇرمۇشنى توكسىز تەسەۋۋۇرلىماق تولىمۇ تەس.
توك تۇرمۇشتىكى تايانچىمىز تۇرسىمۇ، توكنى تېجىمەيدىغان تونۇشلىرىمىزمۇ تولا. توكنى تېجىمەسلىك تېزدىن تۈزىتىشكە تېگىشلىك تەخىرسىزلىكتۇر.
تورداشلارغا، تۇغقانلارغا تەۋىسيەكى، توكنى تېجەيلى. توك توكچى تاغىلارنىڭ تەرىدۇر. توكنى تېجەش تۇرمۇشىمىزنى تېخىمۇ تاتلىق تۇيغۇلارغا تولدۇرىدۇ.
توكسىز تۇرمۇش-تەمسىز تۇرمۇشتۇر.

ۋاقتى: 2016-1-7 21:48:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېراگىدىيەنى چۆشىنەرمۇ ما يازمىنىنڭ ئىگىسى ،،،

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش