ھاياتلىق يېشىمى
ئابدۇرېھىم زۇنۇن
«گۈل» پۇرىغان چاغدا تۇنجى رەت،
چۆمۈلىسەن تاتلىق تۇيغۇغا .
تاتلىقلىقتا تەڭ كېلەلمەس ئۇ،
سەھەردىكى شېرىن ئۇيقۇغا .
كەچمىكىڭ تەس، تاتلىق بولىدۇ
بىلسەڭ دوستۇم، غەپلەت ئۇيقۇسى .
تاڭ بىلەن تەڭ ئېرغىپ تۇرمىساڭ،
ئۇ ئۆمۈرلۈك داغدا قويغۇسى .
......................
تەققاسلىساڭ تاڭغا ياشلىقنى،
بىر دەمدىلا بولار چۈش، پېشىم...
بارماق چىشلەپ قالىسەن كەچتە،
بېرەلمىسەڭ سەھەرگە يېشىم .
ئاغرىنىش
ئوت كەتتى كەڭ تەكلىماكانغا،
ئەتراپ بۇ دەم ئاقارغان تونۇر .
بارخانلارنى يالمايدۇ گۈلخان،
يېرىلغۇدەك سوقىدۇ تومۇر .
كۆككە ئۆرلەپ يالقۇنلايدۇ ئوت،
كۆيەر ئالەم ئەركىسى قۇياش .
پاناھىڭدا ساقلا ئىلاھىم،
يۈرەك ئېغىپ، چىڭقالماقتا باش.
ئاسفالت يول ياتار سوزۇلۇپ،
بارخانلارنىڭ باغرىدا تەرلەپ .
لېۋى گەز-گەز يېرىلغان كوڭكا،
ئالغا قاراپ ئېتىلار ھەدەپ …
ئوتقا چۈشكەن يېگانە قىلدەك
پۇچىلاندىم، تولغاندى يۈرەك .
كۆكسۈم ــ سەندەل، ئۇرۇلدى بازغان،
نەپەس ئېلىش قىيىنلاشتى بەك .
……………………
ئۆز-ئۆزۈمگە ئەيلىدىم خىتاب،
ئېيتقىنا بۇ نېمە كارامەت ؟!
توڭغانغا ئوت، ئۇسسىغانغا سۇ
بەرمەس نېچۈن ئانا تەبىئەت ؟!
2006-يىلى 7- ئاينىڭ 17- كۈنى ئاپتۇۋۇز
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-6 17:54