يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 325|ئىنكاس: 2

ئەلتۇغ(ت): تۇرگىنىۋ ـــ ئەبلەخ (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
  
ئەبلەخ

(ھېكايە)

                                           ئېۋان تۇرگىنىۋ



   بار ئىكەنۇ، يوق ئىكەن، بىر ئەبلەخ بولغان ئىكەن.
   ئۇ ئۇزاق ۋاقىت خۇشال-خۇرام، باياشاد ياشاپتۇ. بىراق، بارا - بارا قۇلىقىغا ئۆزىنىڭ مېڭىسى ئاينىپ قېلىپ، مۇتتەھەملىك قىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى گەپ- سۆزلەر كىرىشكە باشلاپتۇ.
  ئەبلەخ شۇنداق غەزەبكە كېلىپتۇ ۋە مۇنداق كۆڭۈلسىز گەپ - سۆزلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئالدىنى ئېلىش ھەققىدە چوڭقۇر ئويغا چۆكۈپتۇ. نىھايەت، توساتتىن مېڭىسىگە «لىپ» قىلىپ كېلىپ قالغان پىكىر ئۇنىڭ مەشئۇم نىيەتلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن يول ئېچىپ بېرىدىغاندەك تۇيۇلۇپتۇ. ئۇ بىر دەقىقىمۇ كېچىكتۈرۈپ ئولتۇرماي، غەرەز-نىيىتىنى روياپقا چىقىرىشقا باشلاپتۇ.
يولدا كېتىۋاتسا، ئۇنىڭغا بىر تونۇشى ئۇچراپ قېلىپتۇ ۋە تونۇش بىر رەسسامنى ماختاپ كېتىپتۇ.
  -بۇنى مەخپىي تۇتارسىز!- دەپتۇ ئەبلەخ، -ئاشۇ رەسسامىڭىز ئاللىقاچان قاتاردىن چۈشۈپ قالغان... سىز بۇنى ھېلىھەم بىلمەمسىز؟! مەن ھېچقاچان سىزدىن بۇنى كۈتمىگەن ئىدىم... سىز قالاق ئادەم ئىكەنسىز.
  تونۇشى قورقۇپ كېتىپتۇ ۋە دەرھال ئەبلەخنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلۇپتۇ.
   مەن بۈگۈن شۇنداق ئاجايىپ بىر كىتاب ئوقۇدۇمكى، -دەپتۇ ئۇنىڭغا باشقا بىر تونۇشى ئۇچراپ.
  -مەخپىي تۇتارسىز! –ئاچچىقلىنىپتۇ ئەبلەخ،- ناھەتكى، شۇنداق دېيىشكە ئۇيالمامسىز؟ ئاشۇ سىز ئوقۇغان كىتاب بىر پۇلغا قىممەتقۇ ئاخىر! ئاللىقاچان ھەممەيلەن ئۇنىڭدىن سوۋۇپ، قولىنى يۇيۇپ قولتۇقىغا سۈرتۈپ بولدى! سىز شۇنىمۇ بىلمەمسىزا؟ سىز قالاق ئادەم ئىكەنسىز!
   شۈبھىسىزكى، بۇ تونۇشى قورقۇپ كېتىپ، ئەبلەخنىڭ سۆزلىرىگە قوشۇلۇپتۇ.
   -مېنىڭ ن.ن دېگەن دوستۇم ئاجايىپ ئىنسان-دە! -دېدى ئۈچىنچى تونۇشى ئەبلەخكە، -ھەقىقىي ئادەمگەرچىلىكى بار ئىنسان!
   -مەخپىي تۇتارسىز! -دەپتۇ ئەبلەخ ئاچچىقلىنىپ، -ن.ن دېگىنىڭىز ئۇچىغا چىققان مۇتتەھەم! بارچە قېرىنداش - تۇغقانلىرىنى تالاپ، ئۇلار بىلەن ئادا - جۇدا بولدى. بۇنى كىم بىلمەيدۇ دەيسىز؟ سىز قالاق ئادەم ئىكەنسىز!
   ئەبلەخنىڭ ئۈچىنچى تونۇشىمۇ قورقۇپ كېتىپ ئۇنىڭ سۆزلىرىگە ئىشىنىپتۇ ۋە ھېلىقى دوستىدىن يىراقلىشىپتۇ.
  ئەبلەخنىڭ ھۇزۇرىدا كىم بولمىسۇن، ماختالسا، بەس، ئۇنىڭدا ھەممىسىگە ئوخشاشلا تەنە تاشلىرى تەق تۇرىدىكەن. بەزەن ئېتىرازلىرىنى پات-پات تەكرارلاپمۇ قويىدىكەن:
   -سىز ھېلىھەم ئابروي - ئېتىبار دېگەنگە ئىشىنەمسىز؟
  تونۇشلىرى ئەبلەخ ھەققىدە:
-بەدجان! نەق چاياننىڭ ئۆزى! - دەپ سۆز باشلايدىكەنۇ،- ئەمما، مېڭىسى بەكلا ئىشلەيدۇ! -دەپ قوشۇپ قويىدىكەن.
-تىلىنى دېمەمسىز تېخى؟ -دەپ سۆز قىستۇرۇپ قوياركەن باشقىلىرى، -ھە، ئۇ كەم ئۇچرايدىغان ئىستىدات ئىگىسى!
    بۇ ۋەقە شۇنىڭ بىلەن تۈگەمتىكى...
   بىر گېزىتخانا ئەبلەخنى تەنقىد بۆلۈمىنى باشقۇرۇشقا تەكلىپ قىپتۇ.
   شۇنىڭدىن كېيىن ئەبلەخ يا ئۆز ئىش – ھەرىكەتلىرىنى ماختايدىكەن، ياكى تونۇشلىرىنىڭ تەنقىد ماقالىلىرىنى تېرىقچىلىقمۇ ئۆزگەرتمىگەن ھالدا ئېلان قىلىپ كىملەرگىدۇر تەنە تاشلىرىنى ياغدۇرۇشقا باشلاپتۇ.
    قاچانلاردۇر «ئابروي-ئېتىبار»غا قارشى توۋلىغان ئەبلەخ- ئەمدى ئۆزى ئابروي - ئېتىبارغا ئۈچۈن جېنىنى بەرگۈدەك بولۇپتۇ. ياشلار بولسا ئۇنى كۆكلەرگە كۆتۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭدىن قورقىدىغان بولۇشۇپتۇ.
    ھەئە، بىچارە ياشلار نېمە قىلسۇن ئەمدى؟ گەرچە، كۆكلەرگە كۆتۈرۈش شەرت بولمىسىمۇ، قېنى، ئۇنى كۆكلەرگە كۆتۈرمەي تۇرسۇنچۇ!
    قالاقلارنىڭ سەپكە قوشۇلۇپ قېلىشى ھېچ گەپ ئەمەس!
    ھەئە، قورقۇنچاقلار ئارىسىدا ئەبلەخلەر ھۇزۇر سۈرىدىكەن!
                           ئۆزبېكچىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرغۇچى: ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ

2016-يىلى 6-يانۋار. يەكەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-7 00:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 18:37:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزبېكچىدىنمۇ خەۋىرىم بار دەڭ بۇرادەر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 19:00:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 18:37
ئۆزبېكچىدىنمۇ خەۋىرىم بار دەڭ بۇرادەر.

  ئۆزۈمچە سىلاۋيانچە كىتابلارنى ئوقۇيمەن دەپ قىزىقىپ يۈرۈپ قىلىپ باقتىم!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش