ناخشا تېكىستلىرى
ئا.جۇدۇن
تولۇنئاي مېنىڭ دوستۇم
بۇلبۇل باغدا سايرايدۇ،
kaklik تاغدا يايرايدۇ.
قىزىلگۈلدەك دوستلىرىم،
ماڭا كۈلۈپ قارايدۇ.
ئاي رۇجەكتىن مارايدۇ،
ماڭا ئىللىق قارايدۇ.
ئۇنىڭ كۈمۈش نۇرلىرى،
چاچلىرىمنى تارايدۇ.
ئاي رۇجەكتىن مارايدۇ،
كۆڭلىم شۇنى خالايدۇ.
يىراقتىكى دوستۇمغا،
مەندىن سالام يوللايدۇ.
نەقرات :
ئاي رۇجەكتىن مارايدۇ،
كۆڭلىم شۇنى خالايدۇ .
تەنھا ياپىراق
تىلتۇماردىن ئايرىلىپ،
دەرد-ئەلەمگە تولدۇممەن.
زۇلپىقاردىن ئايرىلىپ،
تەنھا ياپراق بولدۇممەن .
كەڭرى ئالەم بولدى تار،
مۇھەببىتىم بولدى خار.
ئەمدى قالدى يىراقتا،
گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلار.
كىمگە ئېيتار دەردىمنى ،
كىملەر يېتەر ھالىمغا.
تەنھا قالغان يۈرەكنى
كىملەر ئالار يادىغا...
ھەي....ھەي....
چۆل قىزى
چۆل قىزى چۆلنىڭ قىزى،
چۆلدە ئۆسكەن گۈل ئۆزى.
پەرىشتىدىن كەم ئەمەس،
خۇددى تولۇنئاي يۈزى.
چۆل قىزى چۆلنىڭ قىزى،
چۆلدە سانسىزدۇر ئىزى.
ئۇنىڭ ئوتلۇق مېھرىدىن،
دولقۇنلار ماي دېڭىزى.
چۆل قىزى چۆلنىڭ ئۆزى،
چاقنار يۇلتۇزدەك كۆزى.
تارىم، يارىش چۆلىدە،
كۆچمەس ئۇنىڭ يىلتىزى.
چۆل قىزى ئاھ،
چۆل قىزى ...
يىلتىزىم
تالاي كۈلكە، يىغامنى ئىزدەپ،
يىلتىزىمنى تاپالمىدىم مەن.
كەچكۈزدىكى ياپراقلىرىمنى،
خىجىل بولۇپ ياپالمىدىم مەن.
زەپمۇ كۆركەم بەرگى ئىدۇق بىز،
تاڭ سەھەردە قونمىدى شەبنەم.
ئېچىلمىغاچ سۆيگۈ گۈللىرى،
كۆڭۈللەرگە تولۇپ كەتتى غەم.
بۇ دۇنيانىڭ قىسمەتلىرىدىن ،
قارچۇقلىرىم بولۇپ كەتتى نەم،
رازىمىۇسەن سۆيۈملۈك نىگار،
يىلتىزىمىز بولۇپ كەتسە يەم ؟
قاراماي
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-11 12:44