كۆرۈش: 692|ئىنكاس: 0

قىرغىز ئۆلەڭ مەدەنىيىتى تەتقىقات يىغىنى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
قىرغىز ئۆلەڭ مەدەنىيىتى تەتقىقات يىغىنى ئېچىلدى

9 H7 A5 Y9 ]# U' [6 W

1 b) K/ B+ z# @  V: F. _     4-نۆۋەتلىك قىرغىز ئۆلەڭ مەدەنىيىتى تەتقىقاتى،ئۆلەڭنى قوغداش،ۋارىسلىق قىلىش مۇھاكىمە يىغىنى 2016-يىلى قەھرىتاننىڭ 4-ۋە 5-كۈنلىرى قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىنىڭ ئاقتو ناھيىسىدە ئۆتكۈزۈلدى.5 g, ^3 `: n4 X
    ئۆلەڭ قەدىمكى دەۋرلەردە قىرغىز،ئۇيغۇر،قازاق قاتارلىق تۈركىي قەۋملەردە كەڭ تارقالغان ژانىر بولۇپ،بۈگۈنكى كۈندە قىرغىزلاردا بىرقەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ ۋە داۋاملىشىپ كىلىۋاتقان ئەدەبىي ژانىر.ئۆلەڭ ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۇزاق تارىخى مۇساپىسىدە شەكىللەنگەن ئىجتىمائىي تۇرمۇش تەجىرىبىلىرى ،ماددىي ۋە مەنىۋىي تۇرمۇش تەجىرىبىلىرىنىڭ ئەدەبىيات شەكلىدە ئەڭ ئىخچام يەكۇنلىنىشى بولۇپ،ئۇنىڭدىن ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئۆتمۇشتىكى ھاياتى،دۇنيا قارشىنى،كىشىلىك  پەزىلەتلىرىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلىرىنى،مىجەز-خۇلقى،جەمىيەت بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى،ئارزۇ-ئىستەكلىرىنى،تىلەك-خاھىشلىرىنى ھېس قىلىپ يەتكىلى بولدۇ.ئۆلەڭ-ئەمگەكچى خەلقىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇش،ھايات مۇساپىسىدە ئىلىم-پەن،ھۆنەر-كەسىپ،ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك خىسلەتلىرى،ئەمگەك ۋە ئەمگەكنى سۆيۇش،كوللىكتىپ ۋە كوللىكتىۋىزىملىك قاراشلىرى،قىسقىسى خەلق ئاممىنىڭ بارلىق ئىجتىمائىي پالىيەتلىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلىنىپ كەتكەن ئەدەبىي ژانىر بولۇپ ئەۋلادتىن ئەۋلاتقا داۋاملىشىپ بۈگۈنكى كۈنگىچە يەتكەن.
: y0 p* W* q2 @% ?+ y    ئۆلەڭ- قىرغىز ئاغزاكى ئەدەبىياتىدا ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدىغان ئالاھىدە ژانىر بولۇپ،مەزمۇنىنىڭ چوڭقۇرلىكى،پەلسەپىۋىي،تەربىيەۋىي ئەھمىيىتى،ئىپادىلەش ئۇسۇلىنىڭ كۆپ خىللىقى،ئۆز ئىچىگە ئالغان بايانلارنىڭ قىزىقارلىقى بىلەن مول مەزمۇن تېماتىك رەڭدارلىقى،تارىخىي ئەھمىيىتى،ئىلىمىي قىممىتى قاتارلىق ئالاھدىلىكىلىرى بىلەن مۇنەۋۋەر مىللىي مەدەنىيەت مۇراسىملىرىمىز ئىچىدىكى ئەڭ ئېسىل،ئەڭ پارلاق دۇردانىلەرنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كەلدى.. O- {& x9 x' u1 i+ ]5 F
    ئۆلەڭ-مەزمۇنىنىڭ موللىقى،تۈرلىرىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە ئۆزگىچىلىكى بىلەن ئەسىرلەر بويى ساقلىنىپ بىزگە يىتىپ كەلدى. ‹‹ئۆلەڭ›› دىگەن سۆز قەدىمكى تۈرك قەۋملىرى ئارىسىدا كەڭرى تارقالغان. «ئۆلەڭ» سۆزى-ھەر قايسى تۈركىي قەۋملەر ئارسىدا تۈرلۈك شەكىللەر بىلەن ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلدىرگەن مەنىسى ئۇخشاش ئەمەس.قېرىنداش قازاق خەلقلىرىدىكى ‹‹ئۆلەڭ›› سۆزى بىلەن قىرغىز خەلقىنىڭ ‹‹ئۆلەڭ›› سۆزى پەرقلىنىپ تۇرىدۇ.يەنى قېرىنداش قازاق خەلقلىرى «ئۆلەڭ»نى ‹‹پوئىزىيە››،يەنى ئەدەبىياتنىڭ شېئىرىيەت ژانىرى بويىچە چۈشىنىپ كەلسە،قىرغىزلار،بولۇپمۇ ماڭلاي سۆيەر قىرغىزلىرى «ئۆلەڭ»نى قىرغىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى،يەنى ئاغزاكى،ئەنئەنىۋىي شېئىر ژانىرى بويىچە چۈشىنىپ ۋە داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن.«ئۆلەڭ» توي-مەرىكىلەردە،ھەر خىل چوڭ يىغىلىشلاردا ئىلىپ بارىدىغان سەنئەتلىك شەكىلگە ئايلىنىپ،ھازىر جاۋابلىق،يومۇرىستىك،قىزىقارلىق،مول ۋە چوڭقۇر مەنىلىك،تەربىيىۋى ئەھمىيىتى يۇقىرى بولۇش بىلەن بىرگە ئۆزى تەۋە بولغان مىللى گەۋدىنىڭ ئېتنوگىرافىك ئالاھىدىلىكلىرىنى بىر قەدەر چۇڭقۇر ئۆزلەشتۈرگەن ئەدەبىيات ژانىرىغا ئايلانغان.         9 S, a& W7 f$ k4 W: F2 O: Q: P& E
    كۈنىمىزدە،ئۆلەڭ جۇڭگو قىرغىزلىرىنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئاقتۇ ناھىيسى،ئۇلۇغچات ناھىيسىنىڭ بوستانتىرەك بىلەن بۆرىتوقاي يېزىلىرىدا،تاجىكىستاننىڭ نۇرغاپ،جەرگە تال رايۇنلىرى ۋە تۈركىيىدە ياشىغان بىر قىسىم قىرغىزلاردا بىر قەدەر مۇكەممەل ساقلىنىپ ۋە ئىيتىلىپ كىلىۋاتقان بولسىمۇ،نۆۋەتتە ئۆلەڭ ئېيتقۇچىلار ياشلىشىش،يېڭىلىنىش باسقۇچىغا كىرىپ خەلق ئارىسىدا «ئۆلەڭ» ژانىرىغا ۋارىسلىق قىلغۇچىلار جىددىي ئازايدى.قىرغىز ئۆلەڭلىرىنى ئاجىزلاپ بېرىپ يوقىلىش گىرداۋىدىن قۇتقۇزۇش تەخىرسىز مەسىلە بولۇپ قالدى.شۇڭا قىرغىز خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ بىر تۈرى بولغان «ئۆلەڭ»نى تېخىمۇ چۇڭقۇرلاپ تەتقىق قىلىش،ساقلاش،قوغداش ۋە ۋارىسلىق قىلىشنى كۈچەيتىش ئۈچۈن شىنجاڭ پىداگوگىكا ئۇنۋەرسىتىتىنىڭ يوللىشى بىلەن ‹‹پامىر قىرغىز ئۆلەڭلىرى›› 2008-يىلى مەملىكەتلىك غەيرى ماددى مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلدى.شۇنىڭ بىلەن ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىغا قاراشلىق ھەر قايسى ناھىيە-يېزىلىرىدا بىر نەچچە قىتىم ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە ئۆلەڭ تەتقىقاتى مۇھاكىمىلىرى ئېلىپ بېرىلىپ ئۆلەڭنىڭ خەلقئارادىكى مەنىسى،ئەھمىيىتى چوڭقۇرلاپ، خەلق ئارىسىدىكى ئۆلەڭگە ۋارىسلىق قىلغۇچىلارنىڭ قەدىر-قىممىتى كۇندىن-كۈنگە ئاشتى./ K3 N7 P" D2 [  k
    شۇ مۇناسىۋەت بىلەن 4-نۆۋەتلىك ئۆلەڭ مەدەنىيەت تەتقىقاتى يىغىنى قىرغىز ئۆلەڭلىرىنى يىغىش،رەتلەش،ساقلاش،ۋارىسلىق قىلىش بويىچە قىرغىز ئەدەبىيات،مەدەنىيەت ساھەسى تەڭ ئىشتىراك قىلغان يىغىن ئاقتو ناھيىسىنىڭ جۈن لىتىڭ مىھمانخانىسىنىڭ يىغىن زالىدا ئىككى كۈن داۋاملاشتى.يىغىنغا ئاقتو ناھىيىسىنىڭ ھاكىمى،قىرغىز ئەدەبىياتىدا چۇڭقۇر پىكىرلىك شېئىرىلىرى بىلەن كۈچلۈك تەسىر پايدا قىلغان شائىر ئوروزئالى قاشقارباي ئوغلى،ئاقتو ناھيىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى گۇ ۋېنشىڭ،جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادىمىيىسى غەربى-شىمال مىللەتلەر ئەدەبىياتى تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇدىرى،دوكتور ئادىل جۇماتۇردۇ،شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى، پىرافېسسور مامبەت تۇردى،«شىنجاڭ قىرغىز ئەدەبىياتى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى دولقۇن تۇردى ئوغلى،تىلشۇناس،«تىل ۋە تەرجىمە» ژورنىلىنىڭ مۇھەررىرى ماكەلەك ئۆمۈرباي ئوغلى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتىتىنىڭ ئورۇنباسار مۇدىرى تاشمامەت يۇنۇس ئوغلى،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستلىق سىياسى كىڭەشنىڭ ئورۇنباسار رەئىسى،يازغۇچى ئامانتۇر ئابدىراسۇل ئوغلى،ئاقتو ناھيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،ئەدەبىيات كۆيۈرمىنى دانىيار مامەت ئوغلى ۋە ئاقتو ناھيىسىنىڭ ھەر قايسى رەھبەرلىك قاتلاملىرىدىن،قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونۇم ئوبلاستىغا قاراشلىق ئۈچ ناھىيە-بىر شەھەردىن،ئۈرۈمچىدىن،قەشقەر ۋىلايىتىدىن كەلگەن بىر بۆلۈك يازغۇچى-شائىرلار،يەرلىك ئۆلەڭ ۋارىسلىرى ۋە تەتقىقاتچىلاردىن بولۇپ جەمئىي 70 نەچچە كىشى قىزغىن ئىشتىراك قىلدى. ئاقتو ناھيىلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى،ئەدەبىيات كۆيۈرمىنى دانىيار مامەت ئوغلى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.+ Y2 o& t5 P- I; z# g
    يىغىندا،ئاقتو ناھيىسىنىڭ ھەر قايسى يېزىلىرىدا ئۆلەڭگە ۋارىسلىق قىلىۋاتقان يەرلىك ئۆلەڭچىلەرنىڭ ئاغزاكىي ئېيتىمىغا ئاساسەن يىغىپ رەتلەنگەن ئۆلەڭ تېكىستلىرى ۋە ئۆلەڭ تەتقىقاتچىلىرى يازغان تەتقىقات ماقالىلىرى كىرگۈزۈلۈپ،شىنجاڭ خەلق باش نەشىرياتى،شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى تەرىپىدىن يېقىندىلا نەشىردىن چىققان «ئاقتو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى-قىرغىز ئۆلەڭ مەدەنىيىتى» ناملىق 623 بەتلىك كىتاب،«ئۆلەڭ ۋە ئۆلەڭچىلەر» ناملىق 13 دانە DVD پىلاستىنكىسى يىغىن ئەھلىگە تارقىتىلدى.ئۆلەڭ تېكىستلىرىنى يىغىش،ساقلاش،ۋارىسلىق قىلىش خىزمىتىدە نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولغان يەرلىك ئۆلەڭچىلەر نەقمەيداندا تەقدىرنامە ۋە نەقپۇل بىلەن موكاپاتلاندى. «ئاقتو خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى-قىرغىز ئۆلەڭ مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابقا ئۆلەڭ تېكىستلىرى كىرگۈزۈلگەن ئۆلەڭچىلەرگە،ئۆلەت تەتقىقات ماقالىلىرى ئورۇن ئالغان تۇرغانباي قادىر،توقتوقان ئىسمايىل،سايىپبەك ئالى،سالىيقا ئوسمون قىزى،ئاكبار مامەت،مامبەت ئامات قاتارلىق 32 نەپەر يازغۇچى-شائىر،تەتقىقاتچىلارغا نەقمەيداندا قەلەم ھەققى تارقىتىلىپ بېرىلدى.يىغىندا ئۇدا ئىككى كۈن گۇرۇپپىغا بۆلۈنۈپ «ئۆلەڭ» مەدەنىيىتى ھەققىدە 14 پارچە تەتقىقات ماقالىسى ئوقۇلدى.ھەر-بىر ماقالە ئوقۇلۇپ بولغاندىن كىيىن نەقمەيداندا يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ۋە ئۆلەڭچىلەر،تەتقىقاتچىلار ئوقۇلغان ماقالىلارغا قارىتا كۆز-قاراشلىرىنى دادىل ۋە ئوچۇق-يورۇق پىكىر بايان قىلىپ كەسكىن مۇنازىرىلەر،مۇلاھىزىلەر ئېلىپ بېرىلدى.يىغىن ئارلىقىدىكى بوش ۋاقىتلاردىمۇ يىغىن ئەھلى قىزغىن پىكىرلىشىپ ئۆزلىرىنىڭ ئەدەبىيات-مەدەنىيەت ھەققىدى قىزغىن پىكىر ئالماشتۇرۇشتى.بۇ قېتىمقى يىغىننى ھەر قايسى جەريانلار تەرتىپلىك تاماملانغان،يىغىن قاتناشقۇچىلىرى ئەڭ قىزغىن،ئەڭ سەمىمىي،ئەڭ جانلىق مۇئامىلە قىلغان بىر قېتىملىق يىغىن دەپ قاراشقا بولىدۇ.) q! [4 m- C" U3 O) c- t
يىغىننى خەۋەر قىلىشقا شىنجاڭ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قىرغىزچە قانىلى،قىزىلسۇ تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قىرغىزچە قانىلى،ئاقتو تېلىۋىزىيە ئىستانسىسى قاتارلىق ئاخبارات ئورۇنلىرى قاتناشتى.
  O/ C1 S7 ?+ d! D    يىغىن ئىككى كۈن داۋاملىشىپ،قەھرىتاننىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كىيىن غەلبىلىك ئاخىرلاشتى.يىغىن يېپىلىش مۇراسىمىدا ناھىيە ھاكىمى،شائىر ئوروزئالى قاشقارباي ئوغلى قىرغىز ئۆلەڭلىرى ۋە ئۇنى ساقلاش،ۋارىسلىق قىلىش،جانلاندۇرۇش ھەققىدە تارىخىي ئەھمىيىتى زور سۆز قىلدى.

$ e# Z4 j, N# ]: R3 V3 a1 }. Q
1 o8 K0 o: ?+ v8 e5 }
1 _/ |! [. ]4 b( s2 B- x7 Z2 ^
يىغىن جەريانىدىن كۆرۈنۈشلەر
% q$ V# S1 X. Y3 q7 V, l! T. o
7 H$ x  \/ K& ^! Z' x
1.jpg ' h2 d* n0 i9 t& C2 W( U3 M7 m

  l, }; b( E" F8 | 2.jpg
5 z0 R9 e" \0 Q3 ]! m
+ @9 u$ g8 J2 G) \ 3.jpg 6 W) n2 i( M! O+ }! W

8 [+ n( ?) w. S5 m* S/ K/ g 4.jpg
3 k1 a1 [3 u4 H+ ~/ G/ k
( S5 s  U2 t6 g6 Z; t/ V 5.jpg
% E' U" e7 y5 Z
$ ]: F# ~9 T* A; x# _ 6.jpg
' D1 r) m4 _7 ^' R) F+ H1 N
( B7 ~5 k$ {# s2 A. ^2 U+ G 7.jpg
) k( G5 F2 i" `4 `# c' f0 T$ [
; g0 O" ^, c( C) P5 W: b 8.jpg
4 V  A8 Y( C$ d; m" m$ C. e/ D$ o( w" ~% g0 F

. F, Z1 S. C3 T  s( d2 p(سۈرەتلەرنى ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى،سالىيقا ئوسمون قىزى،باينازار جاسىن قاتارلىقلار تەييارلىغان )) M0 \4 r( a( M' e+ j2 u
+ z7 h, p1 [$ R( u) u" K" m

2 N5 _4 E  S+ P% A* }; v9 S6 n  K- `- F/ h- Y( S+ J0 t$ N

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش