يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 388|ئىنكاس: 4

تاھىرجان ياسىن(ئىزگۈگە): كېپىنەك سۇ ئىچەر گۈللەر بەرگىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كېپىنەك سۇ ئىچەر گۈللەر بەرگىدىن


تاھىرجان ياسىن



ئۆزۈم بارچۇقتا مەن ئەمما خىيالىمدا كېزەر قەشقەر.
شەھەرلەرنىڭ ئاراسىدا راسا دەۋران سۈرەر قەشقەر.

يۆسۈپ،مەھمۇد،سوتۇق بۇغرا ياشاپ ئۆتكەن شەھەردۇر بۇ،
تىرىك تارىخ ئايان تۇرقى ساڭا سۆزلەپ بېرەر قەشقەر.

قەدىم ئۆيلەر ،قەدىم كوچا ،كۇلالچى قول -ھۈنەرۋەنلەر،
نەزەر سالساڭ جامالىغا ئېسىل شەربەت سۇنار قەشقەر.

مىسىر،دۈبەي،ئېرۇسالىم يەنە بىر دوستى ئىستامبول،
شۇلاردەك تىز قەدەم تاشلاپ ،مېڭىپ مەغرۇر يۈرەر قەشقەر.

يىپەك يولىدا بۇ شەھرىم قىلۇر ئۆزىنى نامايەن،
قوياشنىڭ نۇر جۇلاسىدىن گۈزەللىكنى تۇغار قەشقەر.

سېنىڭ قوينۇڭدا ئۆسكەنلىك ماڭا ئامەت شەرەپ-شاندۇر،
ئۇلۇغ نامىڭ بىلەن ئېقلىم مېنى ئاندىن بىلەر قەشقەر.

دېسەڭ بوزتۇغ ئۆزۇڭ نەلىك؟جاۋاپ كەمىنە قەشقەرلىق،
ۋەتەننىڭ ھۆسنىگە گۈلدەك ياراشقان بىر گۆھەر قەشقەر.

***********
قازاندەك قاينىدىم گاھى بويۇمغا تاشمىدىم ئەمما.
ھايات يولىدا كۆپ ماڭدىم داۋاندىن ئاشمىدىم ئەمما.

تالايلار دەردىنى ئالدى تاماكا مەي-موسەللەستىن،
ھاراقنى ئىچمىدىم زادى تاماكا تاشلىدىم ئەمما.

خۇشاللىق -خاپىلىق بىللە ئىكەن ئالەمدە قوشكېزەك،
قازاغا ئۇنچە جار سالماي كۆزۈمنى ياشلىدىم ئەمما.

«يېتىمنىڭ ھالىنى سورماي،كۆزىنى تاتلىۋال»دەيدۇ،
ئۆزۈمنىڭ يولىنى تۇتتۇم ئىشىمنى باشلىدىم ئەمما.

بېرىپ نامەردكە تەلمۈرمەي قىيىن كۈنلەردەقان ساتتىم،
ياشاپ ۋىجدان بىلەن كەلدىم غورۇرنى ساتمىدىم ئەمما.

جاپادا تاۋلىدىم تەننى ئۆزۈمنى خار-زەبۇن قىلماي،
دۇرۇس يوللاردا تەر تۆكتۈم جاپادىن قاچمىدىم ئەمما.

قانائەت ئەيلىدىم بارغا،قۇلى بوپقالمىدىم پۇلنىڭ،
ئەجىرسىز مالۇ-دۇنياغا بويۇنداپ باقمىدىم ئەمما.

**************

شامال سۆيگەندە ياپراقنى ئېلىپ تارتۇق چاۋاكلاندى.
ۋاپا ئىلكىدە يار سۆيسەم غېرىپ كۆڭلۈم قاناتلاندى.

دادا!دەيدۇ قۇچاق ئاچسام ئېتىپ ئۆزىنى يۈرەك-پارەم،
شۇدەم مېھرى-مۇھەببەتتىن دىلىم ئالەمچە شاتلاندى.

مېنى باققان ئەزىز خەلقىم قىلىپ پەرۋىش قۇچاغىدا،
ئەجىرگە نەجاۋاپ قىلدىڭ؟دېسە ئاغزىم تۇۋاقلاندى.

ئېقىننىڭ بويىدا ئۆسكەن باراقسان لەيلى-مەجنۇنتال،
سۆيۈپ مەڭزىگە لاي سۇنىڭ قانائەتلىك جاۋاپ ئالدى.

بۈگۈن بىر ئەر ئاتالدىم مەن تۇغۇلغان قىپقىزىل گۆشتىن،
ۋەتەن ئاڭلا!نادان ئوغلۇڭ ئۇلۇغۋار جەڭگە ئاتلاندى.



( «ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى»مۇكاپاتىغا تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 17:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 18:40:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-6 21:12:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇرۇنقى شىئېرلىرىڭىزنىمۇ كۆرگەن، بۇ شىئېرلىرىڭىزدىن بىرخىل ھالقىشنى كۆرگەندەك بولدۇم.

ۋاقتى: 2016-1-7 12:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلىرىڭىزدا ئىلگىرلەش بار.تىرشىڭ

ۋاقتى: 2016-1-8 15:08:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يېتىمنىڭ ھالىنى سورماي،كۆزىنى تاتلىۋال»دەيدۇ،

رېتىم ۋەجىدىن بىر سوزۇق تاۋۇشنى تاشلىۋەتكەندەك قىلىسىز تاھىرجان،

    ئىجادىيىتڭىزگە بەركەت يار بولسۇن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش