يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 3

سەپەرۇپ بەندۇك: مۇھەببەتكە كۈلپەتنى يولاتما

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
سەپەرۇپ بەندۇك
                            مۇھەببەتكە كۈلپەتنى يولاتما
                             ( نەسر)
مەن مۇھەببەت بېغىغا سۆيگۈ كۆچىتى تىكىپ ، ساداقەت سۈيى بىلەن سۇغاردىم ، ساپ تەرلىرىمنى ئاقتۇرۇپ پەرۋىش قىلدىم.
ئۇ شۇنداق ئاينىدىكى ،كۆزى چۈشكەن ھەرقانداق كىشىنىڭ ھەۋىسىنى قوزغىماي قالمايتتى.
ئۇنىڭ چىرايلىق ئاينىغىنىنى كۆرگىنىمدە مەنمۇ ماختىنىپ ، يۈرەك قېنىمنى يىلتىزىغا تۆكۈشكە رازى ھەم تامامەن ھەقلىق ئىدىم.
بىراق، دوستۇم ،ئاخىرىنى سورىمايلا قوي ،ئۇ بارا- بارا ساداقىتىمنى ياقتۇرماي قويدى، بۇ نېمە ئۈچۈن؟
ئويۇمچە ، ھېسسىياتنىڭ لىرىك كۈيى ئۇنى ئۆز ئىسكەنجىسىگە ئالغاندەك قىلاتتى.
شۇنداق ئەمەسمۇ ، يېڭى مۇزىكا ئادەمنى مەھلىيا قىلىدۇ، كۈي ئەۋجىگە كۆتۈرۈلگەنسېرى يىراق- يىراقلارغا تارقىلىپ ، داۋالغۇپ تۇرغان كۆڭۈل ‹‹دۇتار›› نىڭ خەرىكىگە ئايلىنىدۇ.
توۋا ، شۇ چاغ ئەقىل ئەسلىي جايىدىن چەتنىدى،ئالا - چەكمەن بولغان شەھلا كۆزلەردىن چاقنىغان نۇرلار بولۇڭ - پۇچقاقلاردىكى ھەرە ئۇۋىلىرىنىمۇ يورۇتۇشقا باشلىدى.
ئېيتقىنا، سەن بۇ نۇرنى مۇقەددەس بىلەمسەن؟
كۆڭلۈڭگە كەلمىسۇنكى، مەن ئۇنداق قارىمايمەن. ئۇ ئەسلىي بىرلا يۈرەكنى يورۇتۇشى ، شۇنىڭغا تەئەللۇق بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭ ھەر تەرەپكە تارىلىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەسمۇ؟!
مەن ئەمدى ھېسىيات بېغىغا قەدەم باسماقچى بولغان ئىدىم، كۆڭلۈمنىڭ ئاللىقاچان ئۆلۈپ بولغىنىنى سېزىپ ئەجەبسىندىم .
قۇلىقىمغا مۇھەببەت بېغىدىكى سۆيگۈ كۆچىتىنىڭ يوپۇرماقلىرى تېخى كۈز چۈشمەي تۇرۇپلا شىلدىرلاپ تۆكۈلگىنى ئاڭلاندى، يىگىتلىك مەۋسۇمى مېنى زاڭلىق قىلىپ كۈلۈۋاتقاندەك تۇيۇلدى.
ھەي ئىنسانلار! ئۆتكۈنچى ھېسىسىيات گۈزەل سۆيگۈگە ۋە مۇقەددەس مۇھەببەت بېغىغا زىيانكەشلىك قىلىدىغان قاتىلغا ئايلانمىسۇن.
بىز مۇھەببەتنى ساداقىتىمىز بىلەن قوغداپ ، كۈلپەتنى ھەرگىز يېقىن يولاتمايلى!

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 19:54:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىگەنلىرىڭىز توغرا،ھايات مۇھەببەت بىلەن نەپرەتنىڭ بەلبىغىغا باغلانغان.

ۋاقتى: 2016-1-14 11:14:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسېلامۇ ئەلەيكوم   ..بەك توغرا ،شەرېلېنېپتۇ  ...ئنسانېڭ  ئېچېدېن .قايناپ چېققان  ..ھېس تۇيغۇ   ..چۇقۇم   ..ئوقۇر مەنلەنېڭ  ..يۇرەك   تارېنې  ،چېكېدۇ

ۋاقتى: 2016-1-14 11:21:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇھەببەت بار يەردە مۇشەققەتمۇ بار...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش