يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 401|ئىنكاس: 4

ئېلى ھۇشۇر(ئىزگۈگە): روھ (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
روھ

(ھېكايە)

ئېلى ھوشۇر

بۈگۈن نۇرمۇھەممەت دادىسىنى «سانتانا »ماركىلىق كۆركەم پىكابى بىلەن شەھەرگە ئېلىپ ماڭدى. پىكابنىڭ ئالدىدا ئولتۇرغان دادىسى ھۈسەنئاخۇن يەتمىش ياشتىن ئاشقان پېشقەدەم ئىشچى ئىدى،بوۋاينىڭ قۇچىقىدىكى يەتتە ياشلىق نەۋرىسى قەغىشلىق قىلىپ،ئۆرە تۇرىۋېلىپ،ئەتراپتىكى مەنزىرىنى تاماشا قىلىپ كېتىۋاتاتتى.تېتىك ۋە پاكىز قېرىغان بوۋاي كەڭرى،سىلىق،تانابتەك تۈپ -تۈز يولغا قاراپ ھاياجانلاندى.
    ـــ ھازىر يوللار تانابتەك تۈز،ئەينەكتەك سىلىق،ئاپتوموبىللار ئۇچقاندنسەك ماڭىدىكەن.بۇرۇن ئىككى –ئۈچ كۈن ماڭىدىغان يولىنى بىر كۈندە بېسىپ بولىدىكەن.ئىشچىلار ئاپتوبۇسدا ئىشقا بېرىپ كېلىدىكەن.يول يۈزىنى ياماش ،شېغىل تاسقاش ،يول سۈپۈرۈش ...مۇ ماشىنىلىشىپ كېتىپتۇ . بۇ زاماننىڭ ئىشچى بالىلىرى راھەت ئۈستىگە تۇغۇلغان جۇمۇ،ـــ دېدى ھۈسەنئاخۇن بوۋاي.
    ـــ ھەي دادا ،ھازىر تەرەققىيات بەك تىز، سىلەرنىڭ ۋاقتىڭلارغا زادى ئوخشىمايدۇ.بىر ئىش بولسا ،بۇرۇنقى قالاق ۋاقىتتىكى ئىشلارنى پەش قىلىپ،تەربىيە بىرىمەن دەپ تۇرىدىكەنسىلەر.زاماننىڭ كەينىدە قالدىڭلار-دە-،دېدى نۇرمۇھەممەت ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
    ـــ گۆدەكتە سەن بالام،بۇرۇنقىلارنىڭ جاپاسى بولمىسا،بۈگۈنكى راھەت نەدە تۇرۇپتۇ؟ھۆكۈمەت شەھەرگە ئاسمان پەلەك ئۆيلەرنى سېلىپ،ئىشچىلارنى ئولتۇراقلاشتۇرۇپ،شەھەرلىك قىلىۋەتتى.يېڭى ئىشقا چۈشكەنلەرنىڭ ئايلىقى بىرەرمىڭ كويدىن ئېشىپ كېتىدىكەن.بىز ئوتتۇز نەچچە كويغا يىگىرمە نەچچە يىل ئىشلىمىدۇقمۇ؟ تېخى يەتتە بالىنى بېقىپ چوڭ قىلغان بىز.ئۇ چاغلاردا زەمبىلدە ،تاغاردا،قول ھارۋىلىرىدا شېغىل توشۇپ،ئېشەك قېتىلغان سۆرەمنى ھەيدەپ، كۈنلىگى ئۇن –يىگىرمە كىلومېتىر پىيادە يول يۈرۈپ ،يول ئاسرايتۈق،نەدە ئۆي؟گەمىمۇ –گەمە كۆچۈپ،كېچىنى كېچە ،كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي ئىشلەيتۇق.ئالتىنچى ئاينىنىڭ ئىسسىقىدا،قىزىق  تۆمۈر تاختىلارنىڭ ئۈستىدە ماي قورۇپ، ياماق قىلاتتۇق. توك چىراغ،تېلىۋىزۇر،تېلېفون... دېگەنلەر نەدە؟ـــ دېدى ھۈسەنئاخۇن بوۋاي جاپالىق كۈنلەرنى ئەسلەپ،ـــ مانا چىرايلىق پىكاپنى ھەيدەپ كىتىۋاتىسەن،شەھەردە بىنادا ئۆيۈڭ بار.ياغ ئىچىدىكى بۆرەكتە ـ سەن.
      ھۈسەنئاخۇن بوۋاي ھاياجان بىلەن سۆزلەپ كېتىۋېتىپ،يولغا تىزىقلىق چوڭ- كىچىك تاشلانى كۆرۈپ قالدى.بۇ تاشلانى قايسى بىر ئاڭسىز شوپۇر، ئاپتوموبىلى بۇزۇلۇپ قالغاندا، تىزىپ قويۇپ،تازىلىۋەتمەي كەتكەن ئىدى.نۇرمۇھەممەت پىكاپنى ئايلاندۇرۇپ ئۆتۈپ كەتمەكچى بولىۋېدى ، ھۈسەنئاخۇن بوۋاي:
    ــــ پىكاۋىڭنى توختا بالام،ـــ دېدى ئۈنلۈك ئاۋازدا.
        ھۈسەنئاخۇن بوۋاي پىكابتىن چۈشۈپ،يولغا تىزىقلىق تاشلانى تىرىپ، يولنىڭ سىرتىغا تاشلاشقا باشلىدى.نۇرمۇھەممەت ۋە يەتتە ياشلىق نەۋرىسىمۇ ياردەملەشتى.
    ـــ ئۆزى ماڭىدىغان يولغا تاش تىزىپ،ئېلىۋەتمىگەن قانداق ئاڭسىز شوپۇردۇ؟ ۋەقە چىقا دەپ ئويلىمىغانمىدۇ؟ـــ دېدى  ھۈسەنئاخۇن بوۋاي ھاسىسىغا تايانغان ھالدا تۈپ-تۈز يولغا قارىغانچە،ـــ بالام ئىسىڭدە بولسۇن.يول ياساش ھەرەمگە بارغاندەك ئۇلۇغ ئىش،ئاللا جەننەت ئاتا قىلىدۇ.بۇندىن كىيىن بۇنداق تاشلارنى كۆرسەڭ تىرىۋەت.بىز تاشيولنىڭ نېنىنى يەپ،مۇشۇ كۈنگە ئۇلاشقان.پېشقەدەم ئىشچىلارنى پىكابىڭغا ھەقسىز سېلىۋال.
   ـــ بولىدۇ دادا ،مەنمۇ بىر تاشيولچى. نەسىھىتىڭنى ئېسىمدە چىڭ ساقلايمەن. بۈگۈن مەن ناھايىتى چوڭ بىر ساۋاققا ئېرىشتىم.سىنىڭ ۋۇجۇدۇڭدىن بۇرۇنقى تاشيولچىلارنىڭ ئۇلۇغ روھىنى كۆرگەندەك بولدۇم،ـــ  دېدى نۇرمۇھەممەت.
  ـــ بوۋامنىڭ  روھىدىن مەنمۇ ئۆگۈنىمەن،ـــ دېدى يەتتە ياشلىق نەۋرىسىمۇ ئۈنلۈك توۋلاپ.
-   ئورۇن:ئاقسۇ تاشيول باشقۇرۇش ئىدارىسى  كەلپىن شۇبە ئىدارىسى
ئادرىس:ئاقسۇ ۋىلايىتى كەلپىن ناھىيە ئاچال يېزىسى قەشقەر-ئۈرۈمچى يولى 8-نومۇر
كىملىك: 652929196409020771،
  تىلېفون: 13709970106،پوچتا:843601      

QQ:823451842

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 21:54  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 16:55:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىمەك «ھېكايە» مۇشۇنۇڭ بىلەن تۈگىدىمۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-6 18:19:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  
    ئالغا سۈرمەكچى بولغان «روھ»  ئىدىيىسى ياخشى ۋەقەلىك بىلەن باشلاپ كىرىلگەن بولسىمۇ لىكىن رەھىمسىزلەرچە توختىتىپ قويۇلغان.
    ئەسەردىن قارىغاندا ئىجدىمائى شارائىت ئۇچۇر دەۋرىگە مۇناسىپ كېلىدىكەن ، شۇ خىل مۇھىت ، راھەت تۇرمۇشتا ياشاپ كەلگەن يەتتە ياشلىق نەۋرىسىنىڭ دادىسىغا ئەگىشىپلا «مەنمۇ بوۋامنىڭ روھىدىن ئۆگىنىمەن» دەپ توۋلىشى ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ؟!
    بۇنداق ئەسەرلەرگە شىلتىڭ ئېتىشقا سەل خاملىق قىلساممۇ ئاز-تولا ئۆزۈمنىڭ ئويلىغانلىرىنى سۆزلەپ باقتىم . سەمىمىي تەكلىپ!

ۋاقتى: 2016-1-6 19:10:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش،تىخىمۇ تېرىشىڭ،ھېكايە تىلى شۇنداق يىقىشلىق چىقىۋىتىپ ناھايىتى تىزلا ئاخىرلىشىپ قالدى،داۋامىغا يەنە كەم دىگەندە قىسقا ۋەقەلىكتىن ئىككىنى قوشىۋەتسىڭىز بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2016-1-8 20:43:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۈكەر يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 18:19
ئالغا سۈرمەكچى بولغان «روھ»  ئىدىيىسى ياخشى ۋەقەلى ...

بۇ ئىنكاسىنى قوللايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش