كۆرۈش: 486|ئىنكاس: 8

يولۋاس راشىدىن: ئالەم ۋە ئادەم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                                              ئالەم ۋە ئادەم  

                                             يولۋاس راشىدىن

      «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»غا يولىغۇچىنىڭ ئىلاۋىسى: يولۋاس راشىدىن دېگەن ئىسىمنى تورداشلار دېگەندەك تونۇپ كەتمەسلىكى مۇمكىن. لېكىن، ئۇيغۇر تىل- يېزىقى تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەر يولۋاس راشىدىننى خېلى پىششىق تونۇيدۇ. مەرھۇم ئۆزىنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات نىشانىنى ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتىغا قاراتقان بولۇپ، «ئىستىلىستىكا ساۋاتى» ناملىق كىتابى يالغۇز ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئۇيغۇر تىلى ئىسلىستىكىسى تەتقىقاتىنىڭمۇ ئەڭ يۇقىرى پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. ھازىرغىچە ئۇيغۇر تىلىدا بۇ كىتابنى بېسىپ چۈشەلىگۈدەك كىتاب تېخى نەشر قىلىنمىغانلىقى ۋە ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتچىلىرىنىڭ بۇ كىتابتىن پايدىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقى بۇ نۇقتىنى ئىسپاتلايدۇ. مەرھۇم شائىر، تىلشۇناس غەنىزات غەيۇرانى ئەپەندى يولۋاس راشىدىنغا بەكمۇ قايىل ئىدى. ئەدەبىي ئوبزورچى، ئۇيغۇر مائارىپى ۋە مەدەنىيىتى تەتقىقاتچىسى يالقۇن روزى ئەپەندىمۇ يولۋاس راشىدىننى ئالاھىدە ھۆرمەتلەيتتى. يولۋاس راشىدىننىڭ ساۋاقداشلىرى ۋە قەلبداشلىرى ئۇنىڭغا  تېخىمۇ ئامراق ئىدى. ھەقىقەتەن يولۋاس راشىدىن ئەپەندى ئۆزىنىڭ راستچىللىقى ۋە مەردانىلىكى، مەۋقەچانلىقى ۋە ھەققانىيەتچىلىكى بىلەن تونۇش- بىلىشلىرىنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. 1990- يىللىرى جەمئىيەتتە يولۋاس راشىدىننىڭ ئۇيغۇر تىلى ئىستىلىستىكىسى تەتقىقاتى ماھارىتىگە دائىر رېئال ئارقا كۆرۈنۈشلۈك ۋە ئىنتايىن قىزىقارلىق- ئەھمىيەتلىك- قىممەتلىك بىر لەتىپە تارقالغان. پۇرسەت چىققاندا بۇ لەتىپىدىنمۇ كىشىلەرنى خەۋەردار قىلۇرمىز. مەن يولۋاس راشىدىن ئەپەندى بىلەن 30 يىلغا يېقىن بىر ئىدارىدە ئىشلىگەن، ئون يىلدىن ئارتۇق بىر ئىشخانىدا روبىرو ئولتۇرۇپ خىزمەت قىلغان ۋە تالاي قېتىم ھەمتاۋاق، ھەمسۆھبەت بولغان بولغاچقا، ئۇستازنىڭ ماڭا كۆرسەتكەن تەسىرى ئاندىنمۇ كۈچلۈك. مەن يولۋاس راشىدىن ئەپەندىگە بولغان سېغىنىش ھېسسىياتىمنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ «ئالەم ۋە ئادەم» ناملىق ماقالىسىنى ئۇشبۇ تورغا سۇندۇم. بۇ ماقالە «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2001- يىللىق 1- سانىدا مېنىڭ مەسئۇل مۇھەرىرلىكىمدە ئېلان قىلىنغان. بۇ قېتىم نەشرگە تەييارلاشتا بەزەن سۆزلەرنىڭ ئىملاسى «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىي تىلىنىڭ ئىملا لۇغىتى»نىڭ تەلىپى بويىچە ئىشلەنگەندىن سىرت باشقا بارلىق سىنى ئۆز ئەينى ئېلىندى. شۇنىمۇ ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، بۇ ماقالە ئۇزاق ئۆتمەي «شىنجاڭ سەنئىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 3- سانىدا «ئەپسانە رېئاللىقى ۋە رېئاللىق ئەپسانىسى» دېگەن نامدا ئاساسەن دېگۈدەك ئوخشاش مەزمۇندا ئېلان قىلىنغان.     

      ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ھازىرقى ھالىتى بىر قېتىمدىلا پەيدا بولغانمۇ ياكى تەدرىجىي تەرەققىي قىلىپ شەكىللەنگەنمۇ؟ باشقىچە ئېيتقاندا، ئالەمنى خۇدا ياراتقانمۇ ياكى ئۆز- ئۆزىدىن بارلىققا كەلگەنمۇ؟ ئەجدادلار ئالەم ۋە ئىنسانىيەتنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا مول تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. بۇ تەسەۋۋۇرلار دىن، ئەپسانە ۋە رىۋايەت بولۇپ شەكىللىنىپ، ئەۋلادلارنى تارىخ- ئەنئەنە، ئەدەب- ئەخلاق، قەھرىمانلىق- باتۇرلۇق، ياخشىلىق- يامانلىق توغرىسىدا تەربىيەلەش دەستۇرى بولۇپ كەلگەن ئىدى.
     ئىنسانلار 6 مىڭ يىللار بۇرۇن يېزىققا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئۆزلىرىنى مەدەنىي چاغلاپ، يېزىق بىلمەيدىغان ئەجدادلىرىنى «ياۋايىلار» دەپ چېنىپ، ئۇلارنىڭ ئەپسانە رىۋايەتلىرىنى تارىخىي- ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنىڭ بۇرمىلىنىشى دەپ مەسخىرە قىلدى. ھالبۇكى، ھازىر ئالەم 20 مىليارد يىل بۇرۇنقى چوڭ پارتلاشتىن پەيدا بولغان دەپ قارىلىدۇ، بۇ قاراش بويىچە كۈن 5 مىليارد ياش، يەر 4.6 مىليارد ياش بولىدۇ. بۇ تۈسى قويۇق قىياسنى توغرا دەپ قارىغاندىمۇ، 6 مىڭ يىللىق يېزىق تارىخى شۇنچە ئۇزۇن يەر شارى تارىخىنىڭ ئەرزىمەس بىر قىسمىدۇر. مۇنچە قىسقا تارىخنىڭ شۇنچە ئۇزۇن تارىخنى يوققا چىقىرىشى تولىمۇ ئېچىنىشلىق!
     بۇلا ئەمەس. ئىنگلىز بىيولوگ چارلىز دارۋىن (1809 ـــ 1882) 1859- يىلى (مۇندىن بارى- يوقى 140 يىل بۇرۇن) «تۈرلەرنىڭ كېلىپ چىقىشى»نى ئېلان قىلىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ نەزەرىيەنىڭ نېگىزى «ئادەم مايمۇندىن تۆرەلگەن» دېگەندىن ئىبارەت. دۇنيا كەسكىن مۇنازىرىلەر ئارقىلىق بۇ نەزەرىيەنى قوبۇل قىلدى ۋە سانسىز ئاسترونوملار، گېئولوگلار، پالىيانتولوگلار، تارىخشۇناسلار ۋە ئارخېئولوگلارنىڭ ياردىمى بىلەن پەلەككە بوي تارتقان «تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارى»نى تىكلىدى. مۇنارنىڭ تەكتىدە ئادەملەرنىڭ ئەجدادى دەپ قارالغان مايمۇنلار ياتىدۇ. 2 مىليون يىللار ئىلگىرى جەنۇب قەدىمكى مايمۇنلىرىنىڭ بىر توپى تۇيۇقسىز ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىدۇ ۋە بارا- بارا ئادەملىشىشكە باشلاپ، تۈكلىرى چۈشۈپ، قۇيرۇقى يوقاپ، مايمۇنسىمان ئادەملەرگە ئايلىنىۋالىدۇ، 600 مىڭ يىللار ئىلگىرى تاشتىن سايمان ياساشنى بىلىۋالىدۇ، 200 مىڭ يىللار بۇرۇن قەدىمكى ئادەملەرگە ئايلىنىپ بولىدۇ. 50 مىڭ يىللار بۇرۇن يېڭى ئادەم (ھازىرقى بىزنىڭ شەكلىمىز)گە كېلىشنى تاماملايدۇ. دېمەك، بۇ مۆجىزىلىك ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى بولمىش ئادەملەر ئۆزلىرىنى ئالەمدە ئەڭ ئەقىللىق مەخلۇق ھېسابلاپ، مۇنارنىڭ چوققىسىنى قامال قىلىۋالىدۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن كىشىلەر ھەر بىر ئىلىم ئۇتۇقى ۋە ئارخېئولوگىك قېزىلما نەتىجىلىرىنى مۇشۇ مۇنارنى مۇستەھكەملەش ۋە يوچۇقلىرىنى ياساشقا ئىشلەتتى. يوچۇق ياساشقا توغرا كەلمەيدىغان قاراشلارنى قىلچە ئىككىلەنمەي چۆرۈۋەتتى. ئىنسانلار ئۆزلىرىنى چوڭ چاغلاپ شۇ دەرىجىگە يەتتىكى، ئاران 84 مىڭ كىلومېتىر يىراقلىقتىكى ئايغا چىقىپ چۈشكەندىن كېيىن، پۈتكۈل ئالەمدە ئەقىللىق مەخلۇق پەقەت يەر شارىدىكى بىزلا دەپ جاكارلىدى. شۇنداق قىلىپ، ئىنسانلار ئۆزلىرىنى ئالەمنىڭ مەركىزى قىلىۋالدى ـــ كپېرنىك (1473 ـــ 1543)تىن كېيىن ئۆزلىرى كۈچەپ رەت قىلغان ئوتتۇرا ئەسىر روھانىيلىرىنىڭ «يەر مەركەز تەلىماتى»نىڭ يېڭى ھامىيسىغا ئايلاندى.
    «تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى» شۇنچە مۇكەممەل نەزەرىيەمۇ؟ راستىنلا ھازىرقى «زامانىۋى پەن» ئىنسانىيەت ئەقىل- پاراسىتىنىڭ يۇقىرى پەللىسىمۇ؟ لېكىن، مۇنۇ ھادىسىلەر ئالدىدا بۇ «زامانىۋى پەن» تىرنىقىنى تاتىلاپ قالىدۇ:
   1 . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىنىڭ بېشىدا بايقالغان 4000 يىللىق تارىخقا ئىگە «كىرورەن گۈزىلى»نىڭ تېنىگە 0.5 ـــ 1 مىللىمېتىر قېلىنلىقتا ئاچ سېرىق رەڭلىك بىر قەۋەت ماددا سۈرتۈلگەنلىكتىن مۇكەممەل ساقلانغان. ئالىملار بۇ ماددىنىڭ ئانئورگانىك ماددا ياكى كىراخمال تۈرىدىكى ماددا ئىكەنلىكىنى چەتكە قاقتى، لېكىن ئۇنىڭ زادى قانداق ماددا ئىكەنلىكىنى ئېنىقلىيالمىدى. بۇ سىرلىق ماددىنى كىم ياسىغان؟
    2.  20 نەچچە يىل ئىلگىرى ئەرمىنىيە قەبرىستانلىقىنى قېزىش جەريانىدا ئىككى يېرىم مىڭ يىل بۇرۇن ئۆتكەن يۆ بەگلىكىنىڭ بېگى گۇجيەننىڭ قىلىچى تېپىلدى، قىلىچ داتلاشمىغان، پارقىراقلىقىنى ۋە ئۆتكۈرلۈكىنى يوقاتمىغان ئىدى. تەتقىقاتچىلار ئۇنىڭغا خىروم يالىتىلغانلىقىنى ئېنىقلىدى. مەلۇمكى، خىروم تاغ جىنسلىرىدكى مىقدارى بەكمۇ تۆۋەن، چەككىلەپ ئېلىش تولىمۇ تەس بولغان چىرىشكە قارشى مېتال. ئۇ يۇقىرى ھارارەتكە چىداملىق بولۇپ، ℃ 4000 تا ئېرىيدۇ، 20 نەچچە يىل بۇرۇن بىر ئامېرىكا ئالىمى يۇقىرى ھارارەتلىك توك ئوچاقتا ئۇنى تۇنجى بولۇپ ئېرىتىپ ئالغان. ئەمىسە، ئىككى مىڭ نەچچە يىل بۇرۇن قىلىچقا خىرومنى كىم يالاتقان؟
      3. 1938- يىلى جۇڭگو ئارخېئولوگلىرى  چىڭخەينىڭ جەنۇبىدىكى تاغ ئۆڭكۈرىدىن قېلىنلىقى 2 سانتىمېتىر كېلىدىغان 716 پارچە تۈۋرۈك گىرانىت تاش قېزىۋالىدۇ، تاشلارنىڭ ئۈستىگە بەلگىلەر ئويۇلغان، ئۆلچەش ئارقىلىق بۇ تاشلار 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى بۇيۇملار دەپ بېكىتىلگەن. 1962- يىلى ئالىم شۈ خۇەيرۇ تاشتىكى بەلگىلەرنىڭ مەنىسى: «تېلوبالار بۇلۇتتىن چۈشكەن، ئۇلارنىڭ ئولتۇرغىنى قەدىمكى ئالەم كېمىسى» بولىدىغانلىقىنى ئوقۇدى. ئالەم كېمىسى ياساش 30 ـــ 40 يىل بۇرۇنقى ئىش. ئەمىسە، 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئالەم كېمىسىنى كىملەر ياسىغان؟
      4. 1929- يىلى ئىستانبۇلدىكى بىر كۇتۇپخانىدىن تۈركىيە دېڭىز ئارمىيە ئادمېرالى لەيىس 1513- يىلى ئىمزا قويغان خەرىتە تېپىلغان، ئۇ ئەسلىي نۇسخا ئەمەس، كۆچۈرۈلمە ئىكەن. خەرىتىدە ئاتلانتىك ئوكياننىڭ ئىككى قىرغىقىدىكى رايونلار ھەم ھازىر مىڭ مېتىر قېلىنلىقتىكى مۇز تېگىدە ياتقان جەنۇبىي قۇتۇپ قۇرۇقلۇقىنىڭ دېڭىز قىرغاقلىرى ۋە جەنۇبىي قۇتۇپ تاغ تىزمىلىرى ئېنىق چۈشۈرۈلگەن. 1953- يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى جەنۇبىي قۇتۇپ مۇز ئاستىدىكى تاغ تىزمىلىرىنى ئىلغار سونار تېخنىكىسى بىلەن ئۆلچەپ، ئۇنى لەيىسنىڭ خەرىتىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ، بۇ ئىككىسىنىڭ ئوخشاشلىقىدىن ھەيران قالدى. بۇ تاغ تىزمىلىرىنىڭ مۇز بىلەن قاپلانغىنىغا 15 مىڭ يىلدىن ئاشتى. جەنۇبىي قۇتۇپنىڭ 15 مىڭ يىل بۇرۇنقى خەرىتىسىنى كىم سىزغان؟
     5. تۈركىيەدىن تېپىلغان 1559- يىلىغا تەئەللۇق يەنە بىر خەرىتىدە ئالياسكا بىلەن سىبىرىيە تار قۇرۇقلۇق بىلەن تۇتاشتۇرۇلغان. بۇ تار قۇرۇقلۇق چۆكۈپ، بىرىنگوۋ بوغۇزى شەكىللەنگىنىگە 10 مىڭ يىلدىن ئاشتى. 10 مىڭ يىل بۇرۇنقى يەر شەكلىنى كىم خەرىتىگە ئالغان؟
     6. يېقىندا مىسىردىكى پىراۋننىڭ قەبرىسىدىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن ئىشلەنگەن رەڭلىك تېلېۋىزور تېپىلغان، ئۇنى ھازىرمۇ ئىشلەتكىلى بولىدىكەن. تۇنجى تېلېۋىزور كەشىپ قىلىنغان 1947- يىلىدىن ھېسابلىغاندا، تېلېۋىزورنىڭ تارىخى ئاران 50 نەچچە يىل تۇرسا، 4 مىڭ يىل بۇرۇن بۇ تېلېۋىزورنى كىملەر ياسىغاندۇ؟
     7. يېقىندا مىسىر ئەلئېھرامىدىكى 10 ياشلار چامىسىدىكى ئوغۇل بالىنىڭ كۆكرىكىدىن سۈنئىي يۈرەك تېپىلغان، بالا ئۆلگىنىگە 10 مىڭ يىل بولغان. سۈنئىي يۈرەك 10 نەچچە يىل بۇرۇن بارلىققا كەلگەن تۇرسا، 10 مىڭ يىل ئىلگىرى بۇ سۈنئىي يۈرەكنى كىم ياسىغاندۇ؟
    8. يېقىندا كۇبا ئەتراپىدىكى سۇ تېگىدىن چۆكۈپ كەتكىنىگە 10 يىلدىن ئاشقان 5 گېكتار چوڭلۇقتىكى تاش شەھەر تېپىلدى. شەھەردە تاش ياتقۇزۇلغان كوچىلار، تاش ئىشىك، تاش ھەيكەللەر بار ئىكەن،  10 مىڭ يىل بۇرۇن ئىنسانلار ئەمدىلەتىن يېڭى تاش قورال دەۋرىگە كىرگەن تۇرسا، ئۇ چاغدا مۇنداق يۇقىرى قۇرۇلۇش تېخنىكىسىنى قوللىنالامدۇ؟
    9. 1972- يىلى ئالىملار ئوكلو رايونىدىن قەدىمكى يادرو رېئاكتورىنى بايقىغان، بۇ رېئاكتور 2 مىليارد يىل بۇرۇن ئىشقا كىرىشكەن بولۇپ، 500 مىڭ يىل ئىشلىگەن. تۇنجى يادرو رېئاكتورى 20- ئەسىرنىڭ 40- يىللىرى قۇرۇلغان تۇرسا، مايمۇنلار 2 مىليارد يىل ئىلگىرى ئادەمگە ئۆزگىرەيمۇ قانداق دەپ ئىككى خىيال يۈرگەن تۇرسا، شۇ زامانلاردا بۇ يادرو رېئاكتورىنى كىملەر قۇرغاندۇ؟
    10. 1969- يىلى تۇنجى ئايغا چىققۇچى دەپ قارالغان ئامسترام ئايدا 20 نەچچە ئادەم ئىزىنى بايقىغان. رادىيو ھەۋەسكارلىرى ئامسترام يەر يۈزى قوماندانلىق مەركىزى بىلەن ئالاقە قىلغاندا، تەئەججۈپلىنىپ: «بۇ نەرسىلەرنىڭ چوڭلۇقى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدۇ. ۋاي خۇدايىمەي، كىشىنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ. مەن سىلەرگە دېسەم، بۇ يەردە باشقا ئالەم كېمىلىرى بار ئىكەن، ئۇلار ۋولقاننىڭ ئۇ تەرىپىگە تىزىپ قويۇلغان، ئۇلار ئايدا بىزنى كۆزەتمەكتە» دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان. بۇ ئالەم كېمىلىرى نەدىن كەلگەن؟
     11. 1930- يىلى ئالىملار ئامېرىكىنىڭ كېنتوككى ئىشتاتىدا ئادەم ئىزىنىڭ 10 تاشقاتمىسىنى بايقىغان، تارىخى 250 مىليون يىل. 1968- يىلى يەنە ئامېرىكىنىڭ يوتا ئىشتاتىدىن ئادەم ئىزىنىڭ 2 تاشقاتمىسىنى تاپقان. ئۇنىڭ تارىخى 500 مىليون يىل. مايمۇنلار ئادەمگە ئۆزگىرىش نىيىتىگە كېلىشتىن نەچچە يۈز مىليون يىللار بۇرۇن بۇ يەرلەرگە كىملەر ئاياغ باسقاندۇ؟
     12. ئامېرىكىدا ياشىغان مايالار 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى يەر شارى يىلىنىڭ 242129. 365 كۈن بولىدىغانلىقىنى ھېسابلاپ چىققان، ھازىرقى ھېساب بويىچە 242198. 365 كۈن. 4 مىڭ يىل بۇرۇن مىسسوپوتامىيەدە ياشىغان سۇمېرلار ھېسابلاپ چىققان ئاينىڭ ئۆز ئوقىدا پىرقىراش ۋاقتى ھازىرقىدىن  0.4 سېكۇنتلا پەرق قىلىدۇ. ئۇلار قانداق قىلىپ مۇنچە توغرا ھېسابلىيالىغان؟
     13. ئامېرىكىدىكى مايالاردىن نۇرغۇن ئېھراملار قالغان. بۇ ئېھراملاردىن نەپىس ئەينەك، ئاككۇمۇلياتور، تىرانسفورماتور، داتلاشماس پولات ۋە بىرىكمە مېتال بۇيۇملار چىققان. ئۇلار بۇ نەرسىلەرنى قانداق ۋە نېمە ئۈچۈن ياسىغان؟
     14. مىسىردىكى گىزا ئەلئېھرامى مۇندىن 4 مىڭ يىل بۇرۇن 2 مىليون 600 مىڭ پارچە تاشتىن قوپۇرۇلغان، ھەر بىرىنىڭ ئېغىرلىقى 12 توننا. مىسىرلىقلار بۇ تاشلارنى قانداق قوزغىغان ۋە تىزغان؟
     15. ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ئىشتاتىدىكى مۇندىن 5 مىڭ يىللار بۇرۇن ۋەيران بولغان ماشاڭزودام شەھىرىدىن ئاتوم بومبىسى پارتلىغانلىقىنىڭ ئىزنالىرى بايقالغان. تۇنجى ئاتوم بومبىسى 1945- يىلى تاشلانغان تۇرسا، بۇ شەھەرنى ۋەيران قىلغان ئاتوم بومبىسىنى كىملەر ياسىغاندۇ؟
     «تەدرىجىي تەرەققىيات مۇنارى»نىڭ يوچۇقلىرىنى ياساشقا توغرا كەلمەيدۇ دەپ قارالغان مۇنداق ئارخېئولوگىك بايقاشلار، ئاسترونومىك ھادىسىلەر ۋە سىرلىق ئەھۋاللارنىڭ ھەد- ھېسابى يوق. بۇ پىكىرلەر «زامانىۋى پەن»نىڭ قۇلىقىغا ياقمايدۇ، ئاڭلىغۇسى كەلمەيدۇ. ھەتتا، بۇ «مۇنار»نىڭ ئۆزىدىمۇ يېپىش مۇمكىن بولمايدىغان، باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىدىن، گۇمانلانغانلارنىڭ غۇلغۇلا قىلىشىدىن، بىلىپ قالغانلارنىڭ سۆز- چۆچەك قىلىشىدىن ئەنسىرەيدىغان يوچۇقلار ئاز ئەمەس. بۇلاردىن بىرقانچىسىنى مىسالغا ئالساق:
      1. ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دەيدىغانغا ھازىرغىچە ئالىملار تاپقان تاشقاتمىلار تولىمۇ ئاز. ئارخېئولوگلار تېخى بىرەر مۇكەممەل باش سۆڭىكىنىمۇ تاپالىغىنى يوق. ئۇلار تاپقان بىر نەچچە تال سۇنۇق چىش، يېرىم- يارتا سۆڭەكلەرگە قاراپلا، بۇ مايمۇنلار ئادەمەە ئايلانغان پالانى دەۋرگە تەئەللۇق دەپ قىياس قىلىشىدۇ. مەملىكىتىمىزنىڭ مۇندىن 1 مىليون 700 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىغان دېيىلگەن «يۈەنمۇ ئادىمى»نىڭ بىردىنبىر دەلىلى يۈننەننىڭ يۈەنمۇ رايونىدىن تېپىلغان ئىككا تال چىشنىڭ تاشقاتمىسىدىن، 800 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېگەن «لەنتيەن ئادىمى» بولسا شەنشىنىڭ لەنتيەن رايونىدىن تاپىلغانبىر پۇچۇق باشنىڭ تاشقاتمىسىدىن، 400 ـــ 500 مىڭ يىل بۇرۇن ياشىدى دېيىلگەن «بېيجىڭ ئادىمى»نىڭ دەلىلى جۇكۇديەندىن تېپىلغان 40 نەچچە پارچە قالدۇق سۆڭەكلەردىن ئىبارەت. پۈتۈنلەي قىياسقا ئاساسلانغان «مايمۇنسىمان ئادەم»لەرنىڭ دەۋرى نەچچە يۈز مىڭ يىلدىن بېرى كېلەلمەيدۇ. يېڭى ئادەملەر پەيدا بولدى دېيىلگەن 50 مىڭ يىلدىن بېرىقى دەۋرگە تەئەللۇق تاشقاتمىلار بولسا يوق. شۇڭا، مايمۇنسىمان ئادەملەرنىڭ قەدىمكى ئادەملەرگە، قەدىمكى ئادەملەرنىڭ يېڭى ئادەملەرگە ئايلىنىش جەريانى تېخى بىر بوشلۇق تۇرماقتا.
       2. تېپىلغان تاشقاتمىلارنىڭ يىل دەۋرى ئادەتتە كاربون ـــ 14 ئۇسۇلى بىلەن بەلگىلىنىدۇ. ھالبۇكى، بۇ ئۇسۇلنىڭ ئۆزىدىمۇ مەسىلە ئاز ئەمەس. تاشقاتمىلارنىڭ يىلى قانچە ئۇزۇن بولسا، خاتالىق پەرقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، بۇ پەرق 3500 يىلدا 200 يىل، 5500 يىلدا 700 يىل بولىدۇ. يىل بۇنىڭدىنمۇ ئۇزاق بولسا، بۇ پەرقنىڭ نەچچە ئون مىڭ يىل، ھەتتا نەچچى يۈز مىڭ يىل بولۇشى مۇمكىنلىكى ئېنىق. ھازىرقى زامان ئادەملىرىنىڭ پەيدا بولۇش ۋاقتىمۇ ئىنتايىن تۇراقسىز، پەرەز ئۈستىگە قۇرۇلغان. 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئالىملار ئادىمىزات 4 مىڭ يىل بۇرۇن پەيدا بولغان دەپ قارىغان، كېيىن 10 مىڭ يىلغا ئۇزارغان، ئاندىن 25 مىڭ يىل دېيىلگەن، ئاخىرىدا 40 مىڭ يىل دېيىلگەن، ھازىر بەزىلەر 50 مىڭ يىل دەپ ھېسابلىماقتا. 1998- يىلى 23- ئىيۇن كۈنى ئالىملار جەنۇبىي ئافرىقىدىكى كېپتائۇننىڭ غەربىي شىمالىغا 80 كىلومېتىر كېلىدىغان دېڭىز قىرغىقىدىن بىر ئايالنىڭ 117 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە ئىزىنى بايقىدى ۋە ئۇنى «ھاۋائانىنىڭ ئىزى» دەپ دەلىللىدى. دېمەك، ئادىمىزات پەيدا بولدى دېيىلگەن 50 مىڭ يىلمۇ پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ. مۇنداق ئېنىقسىزلىق ۋە تۇراقسىزلىقلار تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە كىشىنىڭ گۇمانىنى قوزغىماي قالمايدۇ.
     3. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ ماڭغاچقا، ئۇمۇرتقىسىغا چۈشۈدىغان بېسىم تارقاقلىشىدۇ. بىيولوگىيە نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ تولىمۇ ئەقىلغە مۇۋاپىق ھالەت. ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا، ئۇمۇرتقىسىغا زور بېسىم چۈشۈدۇ، بۇ ئەھۋال مايمۇنلاردا بولىدىغان ئەۋزەللىككە يەتمەيدۇ. ئۇنى ئاز دەپ، ئادەملەر ئۆرە ماڭغاچقا، مەقئەتكە چۈشۈدىغان بېسىم ئېشىپ، ئوڭايلا بوۋاسىر بولىدۇ، تۆت پۇتلۇق مەخلۇقلارنىڭ ھەر قاندىقىدا مۇنداق مەرەز كېسەل يوق. ئادەملەردە بولىدىغان يۇقىرى قان بېسىمى، يۈرەك كېسىلى دېگەنلەرمۇ ھايۋانلاردا بولمايدۇ. مايمۇنلار تۆت پۇتلاپ مېڭىشنىڭ شۇنچە ئەۋزەللىكلىرىنى تاشلاپ، نېمىشقا ئۆرە مېڭىشنى خالاپ قالىدۇ؟ بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، مايمۇنلارنىڭ ئادەمگە ئۆزگىرىشى تەدرىجىي تەرەققىياتمۇ ياكى تەدرىجىي چېكىنىشمۇ؟ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ قارىشىچە، قول ئەمگەكنىڭ مەھسۇلى ئىكەن، مايمۇنلار قويۇق ئورمانلىقتا تەييار نېمەتلەرنى يەپ بەھۇزۇر ياشاشنى خالىماي، جاپا تارتقۇسى كېلىپ، تۈزگە چۈشۈپ يىلتىز قېزىپ يەپتۇ، شۇنىڭ بىلەن قولى پەيدا بوپتۇ. پاكىت شۇكى، مايمۇنسىمان ئادەم دېيىلگەن دەۋرگە تەئەللۇق 800 مىڭ يىل بۇرۇنقى لەنتيەن ئادەملىرىمۇ، يېڭى ئادەم دېيىلگەن دەۋرگە تەئەللۇق 17 ـــ 18 مىڭ يىل بۇرۇنقى ئۆڭكۈر ئادەملىرىمۇ قويۇق ئورمان ۋە ئوت- چۆپلۈكتە ياشىغان. مۇنداق شارائىتتا تۆت پۇتلاپ مېڭىش ئىككى پۇتلاپ مېڭىشتىن ئەۋزەل ئەمەسمۇ؟ قول بىلەن پۇتنى ئايرىشنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بار؟ تېخى ئوې ئوېلىغاندا ياكى رەقىبلىرىدىن قاچقاندا، تۆت پۇتلاپ تېز يۈگۈرگىلى بولىدۇغۇ؟
     4. مايمۇنلار ئادەملىشىپ ئۆرە ماڭغاندا، كۆرۈش دائىرىسى كېڭىيىپ، تەپەككۇرى تەرەققىي قىلغان، شۇنىڭ بىلەن مېڭىشىمۇ مۇرەككەپلىشىپ بارغان دېيىشمۇ تەدرىجىي تەرەققىياتنىڭ بىر مۇھىم نۇقتىئىنەزەرى. يەردە ئۆرە تۇرغان مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ ياكى دەرەخ ئۈستىدىكى مايمۇن يىراقنى كۆرەمدۇ؟ ئەگەر، يىراقنى كۆرەلىگەننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلسا دەرەخ ئۈستىدە ياشايدىغان مايمۇننىڭ مېڭىسى تەرەققىي قىلمامدۇ؟ بۇ ھالدا زىراپىمۇ ئەڭ ئەقىللىق ھايۋان بولاتتى، لېكىن نېمە ئۈچۈن زىراپە ھازىرغىچە بىرەر چارە ئويلاپ گۆشخورلارنىڭ ئوزۇقى بولۇش تەقدىرىدىن قۇتۇلالمايدۇ؟
     5. قان زەردابىدىكى ئاقسېل مولېكۇلىلىرىنىڭ پەرقىنى مىقدارلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىشتىن قارىغاندا، ئورانگوتان ئادەمگە ئەڭ يېقىن ئىكەن. شۇنىسى قىزىقكى، 40 مىليون يىل بۇرۇنقى ئورانگوتانلار ھازىرغىچە ھېچقانچە ئۆزگەرمىگەن، يەنىلا پىرىماتلار ئائىلىسىگە مەنسۇپ ھايۋان. ئۇلارنىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات ئەھۋالىدىن قارىغاندا، يەنە 40 مىليون يىلدىن كېيىنمۇ ئورانگوتان پېتى قالىدىكەن. ئەمما، جەنۇب مايمۇنلىرى نېمە ئۈچۈن 2 مىليون يىل ئىچىدىلا ھازىرقى بىزلەرگە ئايلىنالىدى؟ ۋە ئۇلار داۋاملىق ئۆزگىرىۋەرمەي، ئادەمگە ئايلىنىۋېلىپلا ئۆزگىرىشتىن توختاپ قالدى؟
       6. يېقىندا پارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پىروفېسسورى لادىن ئافرىقىدىكى زايىر ئىپتىدائىي ئورمانلىقىدا ئومۇرتقىسى دۈمبىسىدىن نەچچە سانتىمېتىردىن نەچچە ئون سانتىمېتىرگىچە بۆرتۈپ چىققان بىر قەبىلە ئادەملىرىنى بايقىغان. ناۋادا، مايمۇنلار ئادەمگە يېقىنراق دەپلا، ئادەم مايمۇندىن ئۆزگەرگەن دېيىلسە، بۇ قەبىلىنى دىنازاۋۇردىن ئۆزگەرەەن دېيىشكە توغرا كېلىدۇ. ئەگەر، راستىنلا شۇنداق بولسا، ئادەم مايمۇندىن يارالغان دېگەن ھۆكۈمنىڭ نوپۇزى نەدە قالىدۇ؟
      7. 1992- يىلى ئامېرىكىلىق زوئولوگ دىلون غەربىي ۋىرگىنىيەدىكى بىر تاغ جىلغىسىدا بېشى ۋە گەۋدىسى ئادەمگە، قولى شەپەرەڭ قانىتىغا ئوخشايدىغان بىر مەخلۇقنى بايقىغان ۋە ئۇنىڭغا «شەپەرەڭ بالا» دەپ ئات قويغان.  بۇنى ئادەمگە ئۆزگىرىۋاتقان شەپەرەڭ دېيىش كېرەكمۇ؟ مۇنداقتا، ئادەمنىڭ ئەجدادى بىرلا مايمۇن بولماي قالىدۇغۇ؟
      8. ئىرق مەسىلىسىمۇ بىر مەسىلە. ھازىر دۇنيادا ئاق، سېرىق، قارا، قوڭۇر دەپ تۆت چوڭ ئىرق بار. تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسى پەقەت جەنۇب مايمۇنلىرىنىڭ بىر تارمىقىلا ئادەمگە ئايلانغان دەپ قارايدۇ. ئەگەر، بۇ نەزەرىيە كەمتۈكسىىز بولسا، بىر رەڭدىكى مايمۇندىن تۆت ئىرق كېلىپ چىققانلىقىنى قانداق چۈشەندۈرىدۇ؟
       «زامانىۋى پەن» ئەنە شۇنداق ئاجىزلىقلىرىنى يېپىش، باشقىلارنى ئېغىز ئاچقۇزماسلىق ئۈچۈن ئوخشاشمىغان پىكىرلەرگە يول بەرمەيدۇ، ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى «ياۋايىلار»نىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى، ھەتتا زىيانلىق نەرسە دەپ يېقىن كەلتۈرمەيدۇ.
      بىزنىڭچە، ئەپسانە- رىۋايەتلەر تارىخنى تەتقىق قىلىشتا، تارىختىكى بەزى تەس مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتا مۇھىم مەنبە، بۇرۇنقىلاردىن قالغان مول تارىخىي مىراس ھېسابلىنىدۇ. 19- ئەسىردە نېمىس ئارخېئولوگ ھېنرىخ شۇلمان ئەپسانىلەرنىڭ ھەممىسىنى خىيالىي تەسەۋۋۇر دېگىلى بولمايدۇ، ئۇلاردا مۇئەييەن تارىخىي چىنلىق بار دېگەن. ئۇ گومېر داستانلىرىدا رىۋايەت قىلىنغان تىرويا شەھىرىنى ئىزدەپ، ئاخىرى ئۇنىڭ خارابىسىنى تاپقان، بۇرۇن تىرويا شەھىرى ئويدۇرۇپ چىقىلغان دەپ قارالغان ئىدى.
       ئامېرىكىدىكى ھىندىئانلار ئارىسىدا كۆكتىن بىر ئوت تۈۋرۈك چۈشكەن دېگەن رىۋايەت بار ئىدى. گېئولوگلار رىۋايەت تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسەن بىر مىتىئورىت ئازگىلىنى تاپتى، شۇنىڭ بىلەن رىۋايەتنىڭ مەلۇم چىنلىقى ئىسپاتلاندى.
      سۇمېر ۋەسىقىلىرىدە توپان بالاسىدىن بۇرۇن ئەيلىدىئو، بابچىبىرا، لاراك، ھىپار، ھۇرپاك قاتارلىق بەش شەھەرنىڭ بولغانلىقى خاتىرىلەنگەن. مۇبادا، توپان بالاسى تارىختا بولمىغان بولسا، بۇ بەش شەھەرمۇ بولمىغان بولىدۇ، لېكىن ئارخېئولوگلار بۇ ۋەسىقىلەر تەمىنلىگەن ئورۇنلارغا ئاساسلىنىپ، بۇ بەش شەھەردىن ئۈچىنى تاپتى.  
     ئىنجىلشۇناسلار نوھ ئەلەيھىسسالامنىڭ كېمىسى تۈركىيە تەۋەسىدىكى بىر يەردە توختاپ قالغان دەپ قارايتتى، دېگەندەك بىر نەچچە يىل بۇرۇن كىشىلەر تۈركىيەدىكى بىر ئېگىز تاغنىڭ ئىككى چوققىسى ئارىسىغا قىسىلىپ قالغان بۇ كېمىنى تاپتى.  
     خۇددى ئېنگېلس دىن ئىستىخىيەلىك پەيدا بولغان، «ئۇ يېڭى پەيدا بولغاندا ئالدامچىلىق خاراكتېرى يوق ئىدى» دېگىنىدەك، ئەپسانە- رىۋايەتلەر بىر تارىخىي چىنلىققا ھامىلىدار ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالماق تەس ئەمەس. ئەپسانىلەرنى ھازىرقىلار ئوڭاي قوبۇل قىلالماسلىقىنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئۇنىڭ ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئاجايىپ- غارايىپ بولۇپ، تەسۋىرلەنگەن ۋەقەلەر ھازىرقى ئىپادىلەش ئۇسۇللىرىغا ئۆگىنىپ قالغان كىشىلەر ئۈچۈن زادىلا مۇمكىن بولمايدىغان ئىشتەك بىلىنىدۇ، خالاس.
     جىنسسىز كۆپىيىشنى مىسالغا ئالايلى.
     كۆپىيىش ـــ جانلىقلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرۇش ھادىسىسى، ئۇ جىنسسىز، جىنسلىق دەپ ئىككى خىل بولىدۇ. جىنسسىز كۆپىيىش جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشىسىز ئەۋلاد قالدۇرۇش شەكلى. ئۇنىڭ بۆلۈنۈپ ككپىيىش، ئىسپورىلىق كۆپىيىش ۋە بىخلىنىپ كۆپىيىش شەكىللىرى بولۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك جانلىقلار مۇشۇ ئۇسۇلدا ككپىيىدۇ. جىنسلىق كۆپىيىش جىنسىي ھۈجەيرىلەرنىڭ قوشۇلۇشى بىلەن ئەۋلاد قالدۇرۇش شەكلى، بۇ جانلىقلار دۇنياسىدا ئەڭ ئومۇمىي كۆپىيىش شەكلىدۇر. مۇنداق قارىغاندا، جىنسلىق كۆپىيىش تىپىغا كىرىدىغان ئىنسانلارنىڭ جىنسسىز كۆپىيىشى مۇمكىن ئەمەس. لېكىن، بۇرۇنقىلار ئالەم ۋە ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى ئەپسانىلىرىدە ئىنسانلارنىڭ جىنسسىز كۆپىيىشى توغرىسىدا مول ۋە گۈزەل تەسەۋۋۇرلارنى ئوتتۇرىغا قويغان.
    ئالەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدا «دەقايىقۇل ئەخبار»دا: «خۇدايىتائالا ئەڭ ئاۋۋال جانابى ھەزرەت (مۇھەممەد پەيغەمبەر ـــ ئا)نىڭ پاك نۇرىنى ياراتتى... ئاندىن ئاللاھ تائالا ئۇ نۇرغا رەھمەت نەزەرى بىلەن قارىۋىدى، ئۇ نۇر تەرلىرى، بېشىدىن چىققان تەردىن مالائىكلارنى ياراتتى، يۈزىدىن چىققان تەردىن ئەرشى، كۇرسى، لەۋھۇلقەلەم، ئاسمان، زېمىن، ئاي، كۈن، يۇلتۇزلارنى ياراتتى، كۆكرىكىدىن چىققان تەردىن ئەنبىيا، ئەۋلىيا، ئالىم، شېھىت، سالىھلارنى ياراتتى، ئىككى قېشىدىن چىققان تەردىن جەمئىي ئەر- ئايال مۇسۇلمانلارنى ياراتتى، قۇلاقلىرىدىن چىققان تەردىن جۇھۇت، يەھۇدى، ناسارا، ئاتەشپەرەس، بۇتپەرەس، مەجۇسىيلارنى ياراتتى، ئىككى ئايىغىدىن چىققان تەردىن ھەممە جانۋارلارنىڭ روھىنى ياراتتى» دېيىلىدۇ. بۇ يارالمىشنىڭ كونكرېت ۋاقتى توغرىسىدا «كىتابى بەھرى»دە: «ھەزرەت جالال (خۇدايىتائالا ـــ ئا) ئون سەككىز مىڭ ئالەمنى ئالتە كۈندە بەرپا قىلدى: يەتتە قات يەرنى يەكشەنبە ياراتتى؛ دۈشەنبە كۈنى يەتتە قات ئاسماننى، ئاي، كۈن، يۇتۇزلارنى ياراتتى؛ سەيشەنبە كۈنى تامام مەخلۇقات- جانلىقلارنى قۇرت، پاشىغىچە ياراتتى؛ چارشەنبە كۈنى تامام دەريا، بۇلاق، دەرەخ، گىياھلارنى ياراتتى ھەم مەخلۇقاتلارغا رىزقى ئۈلەشتۈردى؛ پەيشەنبە كۈنى بىھىش، دوزاخ، رەھمەت ۋە ئازاب پەرىشتىلىرىنى، ھۆر- غۇلمانلارنى ياراتتى؛ جۈمە كۈنى ئىنسان ۋە ھايۋانلارنى ياراتتى؛ شەنبە كۈنى تامام مەخلۇقاتلارنى شىكارغا قويۇپ بەردى» دېيىلىدۇ.
     خەنزۇ ۋە مياۋزۇلارغا ئورتاق بولغان «پەنەۇ رىۋايىتى»دە مۇنداق ھېكايە قىلىنىدۇ: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا ئاسمانمۇ، زېمىنمۇ بولمىغان ئىكەن. ئالەم چوڭ بىر تۇخۇم بولۇپ، تۇخۇمدا پەنەۇ پەيدا بولغان ئىكەن، پەنگۇ بارا- بارا چوڭ بوپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى ئۇخلايدىكەن، شۇ ئۇىلىغىنىچە 18 مىڭ يىل ئۇىلاپتۇ. بىر كۈنى ئۇ ئويغىنىپتۇ، كۆزىنى يىرتىپ ئېچىپ قارىسا، ئالەم قاراڭغۇچىلىق ئىكەن، ھېچنېمىنى كۆرەلمەپتۇ. ئۇ قەيەردىندۇر پالتا تېپىپ قاراڭغۇلۇققا قارىتىپ شىلتىغان ئىكەن، تۇخۇم چېقىلىپتۇ. تۇخۇمدىن بەزى يەڭگىل نەرسىلەر لەيلەپ چىقىپ ئاسمان بوپتۇ. ئېغىرلىرى زېمىن بوپتۇ، بىراق، ئەمدىلا پەيدا بولغان ئاسمان تۇرغۇن بولماي تۆۋەنلەشكە باشلاپتۇ. پەنگۇ ئاسماننى بېشىدا تىرەپ تۇرۇۋاپتۇ ۋە ئاسمان- زېمىننىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ ئۆزگىرىپتۇ. شۇنداقتىمۇ، ئاسماننىڭ چەت- چۆرىسى زېمىن بىلەن تۇتىشىپ قاپتۇ. پەنگۇ بىر قولىغا ئىسكىنە، بىر قولىغا پالتا ېئلىپ، ئاندا چېپىپ، مۇندا تېشىپ، ئاران دېگەندە تۇتاشقان يەرلەرنى ئاجرىتىپتۇ. شۇندىن كېيىن ئاسمان ھەر كۈنى بىر جاڭ ئۆرلەپتۇ، زېمىن  بىر جاڭ قېلىنلاپتۇ، پەنگۇ بىر قاڭ ئۆسۈپتۇ. يەنە 18 مىڭ يىل ئۆتۈپتۇ، پەنگۇ 90 مىڭ  چاقىرىم ئۆسۈپتۇ. پەنگۇ ئەمدى ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدىغىنىغا كۆزى يەتكەندىن كېيىن يىقىلىپ جان بېرىپتۇ. ئۇ ئۆلگەندە ئاغزىدىن چىققان نەپەس شامال ۋە بۇلۇت بوپتۇ، ئاۋازى گۈلدۈرماما بوپتۇ، سول كۆزى قۇياش، ئوڭ كۆزى ئاي بوپتۇ، پۇت- قوللىرى تاغ بوپتۇ، قېنى دەريا- ئېقىن بوپتۇ، چېچى يۇلتۇز بوپتۇ، گۆشى تېرىلغۇ يەر بوپتۇ، چىش- ئۇستىخانلىرى مېتال، تاش ۋە ئۈنچە- مەرۋايىت بوپتۇ، تېرە تۈكلىرى دەل- دەرەخ، ئوت- چۆپ بوپتۇ، تەرلىرىمۇ قار- يامغۇر بوپتۇ. بۇ رىۋايەتتە پەنگۇ تۇنجى ئادەم بولسىمۇ، ئۆزىدىن باشقا ئادەم ياسىمايدۇ.
     پەنگۇ ئەپسانىسىدە ھازىرقى زاماندىكى ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش نەزەرىيەسى ئەكس ئەتكەن. ئالەمنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا ھازىر ھۆكۈم سۈرۈۋاتقىنى چوڭ پارتلاش نەزەرىيەسىدۇر. بۇ نەزەرىيە بويىچە، 20 مىليارد يىل بۇرۇن نۆلگە تەڭ بولمىغان يۇقىرى زىچلىقتىكى يوقلۇق نۇقتىسى (دىيامېتىرى   10 سانتىمېتىر بولغان نۇقتا) تۇيۇقسىز پارتلاپ، ھازىرقى ئالەم پەيدا بولغان. پارتلاشتىن كېيىنكى بىر سېكۇنتتا تېمپېراتۇرا 10 مىليارد گىرادۇس بولغان، ئالەم دەسلەپكى 10 سېكۇنت ئىچىدە 10 سانتىمېتىر كېڭەيگەن. پارتلاش تېزلىكى نۇر تېزلىكى (سېكۇنتىغا 300 مىڭ كىلومېتىر)نىڭ 16.3 ھەسسىسىگە تەڭ بولغان. كېيىن ئالەم بارا- بارا سوۋۇغان. ئاسمان جىسىملىرى ھازىرمۇ پارتلاش مەركىزىدىن ھەم بىر- بىرىدىن داۋاملىق يىراقلاپ، ئالەم ئۈزلۈكسىز كېڭەيمەكتە. پەنگۇ ئەپسانىسىدە يەر بىلەن ئاسمان بۇرۇن تۇتاش بولۇپ، كېيىن بىر- بىرىدىن يىراقلاشقان دەيدىغان ئالەمنىڭ داۋاملىق كېڭىيىش قارىشى ئىپادىلەنگەن. ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن، ئەزالىرىدىن ھەر خىل نەرسىلەر ھاسىل بولغانلىقى بولسا، ئالەم يېتەرلىك سوۋۇپ، تەر پوستى شەكىللىنىپ، بارا- بارا ھاياتلىق پەيدا بولغانلىقىنىڭ ئىپادىسىدۇر.
     ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدا ھەممە دىن- ئەپسانىلەردە دېگۈدەك ئادەم توپىدىن يارالغان دېيىلىدۇ، پەقەت ئىپادىلەش ئۇسۇلىلا پەرق قىلىدۇ. ئادەمنىڭ يارىلىشى توغرىسىدىكى تەسەۋۋۇر ئالدىنقىلارنىڭ جىنسسىز كۆپىيىش توغرىسىدىكى ئەڭ گۈزەل تەسەۋۋۇرلىرى ھېسابلىنىدۇ.
     «قىسەسۇل ئەنبىيا»دا: «ھەزرەت ئەزرائىل ... بىر چاڭگال تۇپراقنى تامام روي زېمىندىن ئالدى، بۇ تۇپراقتا قارا، قىزىل، كۆك، سېرىق، يېشىل ھەررەڭ، يۇمشاق، قاتتىق، ئېرىقسىز، شور، تاتلىق، ئاچچىق ھەر قىسىم تۇپراقتىن بار ئىدى» دېيىلىدۇ. خۇدايىتائالا بۇ تۇپراقتا لاي ئېتىپ ئادەم ياسايدۇ ۋە ئۇنىڭغا جان بېرىدۇ. «دەقايىقۇل ئەخبار»دا تۇپراق ئېلىنغان جايلار تەپسىلىي بايان قىلىنىپ: «ئاللاھ تائالا ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ جەسىتىنى بىر نەچچە ئىقلىمنىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتى: ئوڭ قولىنى كەئىبىنىڭ تۇپرىقىدىن، ئىككى پۇتىنى ھىندىستان تۇپرىقىدىن، ئۇستىخانلىرىنى جەبىل نۇرنىڭ تۇپرىقىدىن، ئەۋرىتىنى بابىلنىڭ تۇپرىقىدىن، ئارقىسىنى ئىراقنىڭ تۇپرىقىدىن، تىلىنى تائىپىنىڭ تۇپرىقىدىن يۈزىنى جەننەتۇل مەئىۋانىڭ تۇپرىقىدىن، چىش ۋە كۆزلىرىنى ھەۋزى كەۋسەرنىڭ تۇپرىقىدىن، دىلىنى جەننەتۇل پىردەۋسىنىڭ تۇپرىقىدىن ياراتتى» دېيىلىدۇ.
     «ئىنجىل»دا: «تەڭرى زېمىن تۇپرىقىدىن ئادەم ياراتتى ۋە بۇرنىغا دەم ئۇرۇپ ئۇنىڭغا جان كىرگۈزدى» دېيىلىدۇ. ئېيتىلىشىچە، ئادەم قىزىل توپىدىن يارالغان ئىكەن، «ئادەم» دېگەن سۆزمۇ «قىزىل توپىدىن يارالغان» دېگەن مەنىنى بېرەر ئىكەن. «قىسەسۇل ئەنبىيا»دا بايان قىلىنىشىچە، ئادەم: «سىز نېمە ئۈچۈن ئادەم ئاتالدىڭىز؟» دېگەن سوئالغا ئەرەبچە: «لانى خلقت من اديم الارخد» (لىئەننى خۇلىقتۇ مىن ئەدىمىل ئەرزى) دەپ جاۋاب بېرىدۇ، بۇ «مەن يەرنىڭ تېرىسىدىن يارىتىلدىم» دېگەنلىك بولىدۇ. دېمەك، ئادەم ئۆز ئېتى «ئەدىم» (تېرە) دىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئېيتىدۇ. «يەرنىڭ تېرىسى» ـــ توپا دېمەكتۇر.
     خەنزۇ ئەپسانىلىرىدە ئادەم سېرىق توپىدىن يارىتىلىدۇ. «ئۆرپ- ئادەت توغرىسىدا»دا يېزىلىشىچە، يىراق قەدىمكى زاماندا پەنەۇ تۈرلۈك مەۋقۇداتلارنى ياراتقان بولسىمۇ، ئادەم ياسىمايدۇ. نۈيۋا سېرىق توپىدىن لاي ئېتىپ، ئۆز شەكلىگە ئوىشىتىپ نۇرغۇن ئەر- ئايال ئۇششاق ئادەملەرنى ياسايدۇ، ئۇلار نۈيۋانى ئايلىنىپ ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينىشىدۇ، نۈيۋا زېمىننى مۇشۇنداق جانۋارلار بىلەن توشقۇزماقچى بولىدۇ. بىراق، زېمىن چوڭ بولغاچقا توشقۇزالماي، ئۇزۇن ھەپىلىشىپ ھېرىپ كېتىدۇ. ئاخىرى ئۇ بىر ئارغامچىنى لايغا مىلەپ كۈچەپ پىرقىرىتىدۇ. لاي چاچرىغان يەرلەردىن ئۇششاق ئادەملەر پەيدا بولىدۇ ۋە زېمىنگە تارايدۇ. ياۋزۇلارنىڭ رىۋايىتىدە  دەسلەپ ئالەم قاراڭغۇ بولۇپ ھېچنېمە يوق ئىدى، باشتا شامال پەيدا بولدى، شامال قۇتۇنىدىن مەېجۇدادلارنىڭ ئەجدادى پەيدا بولدى دېيىلىدۇ. ناشىزۇلارنىڭ رىۋايىتىدە بۇرۇن ئاسمان- زېمىن ئايرىلمىغان چاغدا ئەر ئىلاھ بىلەن ئايال ئىلاھ ھەممىنى ئىلكىدە تۇتاتتى دېيىلىدۇ. بابىللىقلار بۇرۇن ھەممىلا يەر سۇ ئىدى، سۇدىن راھىم ۋە راھام ئىككى ئىلاھ پەيدا بولغان، ئۇلارنىڭ قوشۇلۇشىدىن ئاسمان ئىلاھى بىلەن زېمىن ئىلاھى تۇغۇلغان دېيىلىدۇ.  
      ھاۋا ئانىنىڭ يارىلىشىمۇ جىنسسىز كۆپىيىش ئارقىلىق ۋۇجۇدقا كېلىدۇ. «قىسەسۇل ئەنبىيا»دا ئادەم خاۋالۇت ئۇخلاۋاتقاندا، ىۇدا ئۇنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن بىر تال ئېلىپ، ھاۋا ئانىنى يارىتىپئۇنىڭغا جۈپ قىلغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. «ئىنجىل»دىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بايان بار.
     «قوجۇ ئۇيغۇرلىرىنىڭ تۆھپە مەڭگۈ تېشى»دا ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا مۇنداق رىۋايەت بار: «بىر كەچتە ئاسماندىن دەرەخكە شولا چۈشۈپتۇ، ئىككى دەريا ئارىلىقىدىكى خەلقلەر ئۇنى كۆزىتىپ تۇرۇپتۇ. بۇ دەرەخ خۇددى ئادەم قورساق كۆتۈرگەندەك قورساق سېلىپتۇ. بۇ شولا دەرەخكە ئۇدا توققۇز ئاي 10 كۈن چۈشكەندىن كېيىن، ھېلىقى دەرەخنىڭ قورسىقى يېرىلىپتۇ، ئۇنىڭدىن بەش بالا چىقىپتۇ. شولىدىن ھامىلىدار بولۇش ۋە دەرەخنىڭ ئادەم تۇغۇشى تەسەۋۋۇرغا سىغمايدۇ. ئەگەر، بىر شولىنى ئىلاھ (ياكى تاشقى پىلانېتا ئادىمى)، دەرەخنى يەردىكى بىرەر ئەقىللىق مەخلۇق دەپ پەرەز قىلساق، قوجۇ ئۇيغۇرلىرى ئۆزلىرىنى خۇدا (ياكى تاشقى پىلانېتا ئادىمى)نىڭ ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى غايەت ئەركىن تەسەۋۋۇر بىلەن تولىمۇ پاساھەتلىك ئىپادىلىگىنىنى كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ. «ئوغۇزنامە»دىمۇ شۇنىڭغا ئوخشاش بايان بار. ئوغۇنخاننىڭ چوڭ خوتۇنى كۆكتىن چۈشكەن شولىدىن ئاپىرىدە بولىدۇ، كىچىك خوتۇنى دەرەختىن تۇغۇلىدۇ.
     خەنزۇلارنىڭ ئەپسانىۋى قىسسىسى «غەربكە ساياھەت»تە: خۇاگۇسەن تېغىدا بىر تاش بار ئىدى، يىللار ئۆتۈپ ئۇ تاش ھامىلىدار بولدى. بىر كۈنى تاش يېرىلىپ، يۇپ- يۇمىلاق بىر تاش تۇخۇم تۇغدى ۋە ئۇزاققا قالماي، ئۇ بىر تاش مايمۇنغا ئايلاندى دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.
      جىنسسىز كۆپىيىشكە دائىر بۇ رىۋايەتلەردە مۇنداق ئىككى مۇھىم قاراش ئىپادىلەنگەن:
      بىرىنچى، ئادەم توپىدىن يارالدى دېگەن قاراش. ھازىر ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشى توغرىسىدا خىلمۇخىل پەرەزلەر بار، كۆپىنچىسى ھاياتلىق توپىدىن يارالدى دېگەندىن يىراقلىشىپ كەتمەيدۇ. بەزىلەر چوڭ پارتلاشتا توزۇپ كەتكەن، تەركىبىدە ھىدروگېن، ئوكسىگېن، ئازوت، كاربونلار بولغان چاڭ- توزانلار ھاياتلىقنىڭ دەسلەپكى ئۈندۈرمىسىنى شەكىللەندۈرگەن دەيدۇ. ئاۋسترالىيەنىڭ يېڭى جەنۇبىي ۋىرسى ئىشتاتىدىكى تەتقىقاتچىلار ھاياتلىقنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان ئامىنو كىسلاتانىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان پاكىتقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان. 1969- يىلى يەر شارىغا چۈشكەن مەيچىشىڭ ناملىق مېتېئورىتتا ئامىنو كىسلاتا كۆپ ئىكەن. ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئىستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرىمۇ ھاياتلىق ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەن دەپ قارىغان ۋە ھاياتلىقنى تۈزگۈچى نۇرغۇن تەركىبلەرنىڭ ئالەم بوشلۇقىدىن كەلگەنلىكىنى تەجرىبە بىلەن ئېنىقلىغان. ئامېرىكا «ئىلىم- پەن» ژۇرنىلىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇلتۇزلار ئارا بۇلۇت قاتلاملىرىدا شەكىللەنگەن كاربون ۋە ھىدروگېنلەردىن تۈزۈلگەن كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىت بىلەن سۇنى ℃ 226.7 – تا بىرىكتۈرۈپ، ئىنىڭغا ئۇلترا بىنەپشە نۇر چۈشۈرگەندە، % 10 چە كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىتنىڭ سىپرىت، ئېتېل، كېتونلارغا ئايلانغىنىنى بايقىغان. بۇ بىرىكمىلەر مېتېئورىت تەركىبىدىكى بىرىكمىلەر بىلەن ئوخشاش ئىكەن. بەزىلەر ھاياتلىق دەسلەپكى جانسىز ماددىدىن، ئانئورگانىك ماددىدىن پەيدا بولغان دەيدۇ. جانسىز ماددىدىن ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدىغىنى ـــ توپىدۇر. ئەنگلىيە گىلازگو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىر پىروفېسسورى 1960- يىللىرى ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان بىۋاسىتە خىمىيىۋى ئۆگىرىش لايدا يۈز بېرىدۇ دەپ قاراپ «سېغىز توپىنىڭ ئۆسۈش تەلىماتى»نى ئوتتۇرىغا قويغان. 1970- يىللىرى ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ ئالىملىرى بۇ قاراشنى دەلىللەش ئۈچۈن بىر قاتار تەجرىبىلەرنى ئىشلەپ، سېغىز توپىنىڭ ئېنېرگىيە ساقلاش، توشۇش، يەتكۈزۈش خۇسۇسىيىتى بارلىقىنى بايقىدى. ئېنېرگىيەنى ساقلاش- توشۇش ھاياتلىقنىڭ پەيدا بولۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان زۆرۈر ئامىللاردۇر. بۇ ئەھۋالغا قاراپ، ئۇلار 1982- يىلى 2- ئاپرېل كۈنى «ھاياتلىق سېغىز توپىدىن پەيدا بولغان بولۇشى مۇمكىن» دېگەن گېپوتېزا (ئىلمىي پەرەز) نى ئوتتۇرىغا قويدى.
     ئىككىنچى، ئادەمنى خۇدا ياراتتى دېگەن قاراش. ھازىر بەزى ئالىملار ئىنسانلارنى تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى ياراتقان دەۋاتىدۇ. ئالىملارنىڭ ئىسپاتلىشىچە، يەر شارىدا جانلىقلار كۆپ قېتىم زور ھاللاكەت دەۋرىنى بېشىدىن كەچۈرگەن. 600 مىليون يىل بۇرۇن يەر شارىدا تۇنجى ھايۋانلار پەيدا بولغاندىن باشلاپ ھېسابلىغاندا جەمئىي 13 قېتىم ھالاكەت يۈز بەرگەن. بۇنىڭدىن 5 قېتىملىقى زور ھالاكەت بولۇپ، ھەر قېتىمدا جانلىقلار تۈپتىن تۈگەپ، كېيىن يېڭى جانلىقلار پەيدا بولغان. لېكىن، ئەزەلدىن ئادەم پەيدا بولۇپ باقمىغان. لى ۋېيدۇڭ ئەپەندى «ئادەم ـــ تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ تەجرىبە بۇيۇمى» دېگەن كىتابىدا: ««ئىلاھ (خۇدا) تاشقى پىلانېتىدىن كەلگەن ئەقىللىق جانلىقلاردۇ» دەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، 50 مىڭ يىللار ئىلگىرى بىر تۈركۈم تاشقى پىلانېتا ئادەملىرى تەرگە چۈشكەن، ئۇلار ئىنتايىن ئەقىللىق بولغان. ئۇلار يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى قاتارلىق ئامىللارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ بۇ يەرگە ئولتۇراقلىشىشىغا ماسلاشمايدىغانلىقىنى بىلگەن چاغدا، يەر شارىدىكى ئەقلى بىرقەدەر يۇقىرى چىشى مايمۇنلارنى تاللىۋېلىپ، ئۇلارغا تاشقى پىلانېتا ئادەملىرىنىڭ گېنلىرىنى كىرگۈزۈپ ئۆزئارا چېتىشتۇرغان. شۇنىڭ بىلەن، ھازىرقى ئىنسانلار پەيدا بولغان، مۇندىن 15 مىڭ يىلچە بۇرۇن توپان بالاسى يۈز بەرگەندە، تۈزدىكى بارلىق ئىنسانلار شەھەرلىرى بىلەن بىللە تۈگەشكەن، پەقەت تاغ چوققىلىرىدا ياشايدىغان بەزى قەبىلىلەر ۋە ئازراق چارۋىچىلارلا ئامان قالغان. ئۇلار كېيىنچە تۈزگە چۈشۈپ ئاۋۇغان ۋە بارا- بارا يەرگە ئۇرۇق سېلىپ زىرائەت ئۆستۈرۈشنى ئۆگىنىپ، چارۋىچىلىق ۋە ئوۋچىلىق تۇرمۇشىدىن تېرىقچىلىق تۇرمۇشىغا كۆچكەن.
     توپان بالاسى توغرىسىدا دىن ۋە ئەپسانىلەردە ئەڭ كۆپ خاتىرىلەنگەن. بۇ توغرىدا ھەر كىم ھەر نېمە دەيدۇ. بەزىلەر توپان ئىنسانلارنىڭ خىيالىي تەسەۋۋۇرى دېسە، بەزىلەر تارىختا راس بولۇپ ئۆتكەن ھەقىقىي پاجىئە دەيدۇ. ئەنگلىيە مىللەتشۇناسى فىرىز: شىمالىي ئامېرىكا، ئوتتۇرا ئامېرىكا، جەنۇبىي ئامېرىكىلاردىكى 130 نەچچە ھىندىئان قەبىلىلىرىدىن توپان تېما قىلىنغان ئەپسانىسى بولمىغان بىرمۇ قەبىلە يوق دەيدۇ. ھالبۇكى، دۇنيادىكى ھەر قايسى قۇرۇقلۇقلاردا ياشايدىغان قوۋملارنىڭ ھەممىسىنىڭ دېگۈدەك توپان ھەققىدە ئەپسانىلىرى بار ۋە ھەممە ئەپسانىلەردە ئازلا كىشى ساق قالىدۇ. قاتناش تەرەققىي قىلمىغان ئاشۇ زامانلاردا توپان ھەققىدىكى ئاساسەن ئوخشاش رىۋايەتلەرنىڭ مۇنچە كەڭ ئومۇملىشىش كىشىنى بۇ ھەقتە ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
     «قىسەسۇل ئەنبىيا»دا توپان ھەققىدە ئىنتايىن گۈزەل ئەپسانىلەر بەر. ئېيتىلىشىچە، توپان بالاسى «سەپەر ئېيىنىڭ بېشىدا باشلىنىپ، بارات ئېيىنىڭ ئاخىرىدا ئاياقلىشىدۇ»، «نوھ ئەلەيھىسسالام ۋە ئۇنىڭ ئوغۇل- كېلىنلىرى ھەم باشقىلار قوشۇلۇپ جەمئىي 80 كىشى كېمىدە ئولتۇرۇپ توپان بالاسىدىن ئامان قەلىدۇ.
     «ئىنجىل. دۇنيانىڭ يارالمىش تارىخى»دا يېزىلىشىچە، نوھ 600 ياشقا كىرگەن يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى توپان باشلىنىدۇ، 40 كېچە- كۈندۈز ئۈزمەي يامغۇر ياغىدۇ، توپان 7- ئاينىڭ 17- كۈنىگىچە 150 كۈن داۋام قىلىدۇ. بۇ بالادىن نوھ، ئۇنىڭ ىوتۇنى ۋە ئۈچ ئوغلى، ئۇلارنىڭ ىوتۇنلىرى بولۇپ 8كىشى ساق قالىدۇ. ھەر قانداق ئېگىز تاغمۇ 15 گەز سۇ تېگىدە قالىدۇ.
     جۇڭگونىڭ غەربىي جەنۇب رايونلىرىدىمۇ فۇشى ھەققىدە گۈزەل بىر ئەپسانە تارقالغان: بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىر تاغدا بىر ئائىلە تۇرىدىكەن. ئاتا تېرىقچىلىق قىلىدىكەن، بىر ئوغۇل، بىر قىزى غەمسىز ئوينايدىكەن. بىر كۈنى چاقماق ئىلاھى لىگۇڭنىڭ ھەرى تۇتۇپ، ئىنسانلارغا ئاپەت ياغدۇرۇپتۇ. ئۇ قاتتىق چاقماق چاقتۇرۇپ، چىلەكلەپ يامغۇر ياغدۇرۇپ، يوغان پالتىسىنى كۆتۈرۈپ، چىشلىرىنى ھىڭگايتقىنىچە زېمىنگە چۈشۈپتۇ. باتۇر ئاتا قىلچە قورقماي، چاپچىسىنى لىگۇڭغا بىر سانچىپ، ئۇنى قەپەزگە قامىۋاپتۇ. ئاتا ئەتىسى بازارغا مېڭىش ئالدىدا بالىلىرىغا: «ئۇنىڭغا ھەرگىز سۇ بەرمەڭلەر» دەپ تاپىلاپتۇ. ھىيلىگەر لىگۇڭ يالغانلاتىن ئاغرىق بولۇۋېلىپ بالىلارنى ئېزىقتۇرۇپتۇ، ئاقۆڭۈل قىز نەچچە يۇتۇم سۇ بېرىپتۇ. لىگوڭنىڭ كۈچى ئەسلىگە كېلىپقەپەزدىن قۇتۇلۇپتۇ. ئۇ قىزغا مىننەتدارلىقىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن، بىر تال چىشىنى سۇغىرىپ بالىلارغا بېرىپتۇ ۋە «بۇنى يەرگە كۆمۈڭلەر، بىرەر ئاپەت بولسا، ئۇنىڭ مېۋىسى ئىچىگە كىرىۋېلىڭلار» دەپ- دە، ئۇچۇپ كېتىپتۇ. ئاتا بازاردىن كەلسە لىگۇڭ يوق تۇرغۇدەك، ئۇ بىرەر ئاپەتنىڭ كېلىدىغىنىنى پەملەپ، ياغاچلاردىن كېمە ياساپتۇ، بالىلار ھېلىقى چىشنى كۆمۈپتۇ. ھەش- پەش دېگۈچە يوغان بىر قاپاق چۈشۈپتۇ، ئۇلار قاپاقنى ھەرىدەپ، لەشلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئىچىگە كىرىۋاپتۇ. بۇ چاغدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، زېمىننى توپان بالاسى بېسىپتۇ. ئېگىز تاغلار سۇ تېگىدە قاپتۇ. ئاسماندىكى ئىلاھلار ئاسمان دۆلىتىنىمۇ سۇ بېسىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ، لىگۇڭدىن توپان سۈيىنى قايتۇرۇشنى تەلەپ قىلىپتۇ. سۇ تېز قايتقاچقا، ئاتا كېمىسى بىلەن پەلەكتىن يىقىلىپ ئۆلۈپتۇ، ئىككى بالا ئامان قاپتۇ، ئاكىسىنىڭ ئېتى فۇشى ئاكا، سىڭلىسىنىڭ ئېتى فۇشى سىڭىل ئىكەن. كېيىنكىلەر ئاشۇ ئىككىسىنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەن.
      مىلادىدىن 3500 بۇرۇنغا تەئەللۇق سۇمېرلىقلارنىڭ بىر كىتابىدا توپان مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «ئەتىگەندە يامغۇر بارغانسېرى كۈچەيدى. مەن كۆككە قاراپ قورققىنىمدىن قېتىپ قالدىم... تۇنجى كۈنى كۈچلۈك جەنۇب بورىنى چىقتى، كىشىلەر ئۇرۇش بولغان چىغىۋا دەپ، ئالدى- كەينىگە قارىماي تاغقا قاچتى، ئۇلار ھېچنېمىگە قارىماي، جېنىنىڭ بارىچە قاچاتتى...».
بابىللىقلارنىڭ داستانى «گىلگامىش»تا سۇ ئىلاھى: «ئۇبارنىڭ ئوغلى داۋۇت ئۆيىنى بۇزۇپ كېمە ياسىسۇن، مال- مۈلكىنى ئويلىمىسۇن، جېنى ئامان قالسىلا بولدى» دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ. بۇ داستان توپان بالاسى ئەڭ تولۇق خاتىرىلەنگەن ماتېرىيال دەپ قارىلىدۇ. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، بۇ ئېپوس توپاندىن ئامان قالغان سىنابىسنىڭ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەنلىرىنى ئاغزاكى بايان قىلغىنىغا ئاساسەن يېزىلغان ئىكەن. بۇ ئېپوستا توپان 12 كۈن داۋاملىشىپ، ئاندىن قايتىشقا باشلىغانلىقى، 129- كۈنى پۈتۈنلەي تۈگىگەنلىكى بايان قىلىنغان.
     مېكسىكىلىقلارنىڭ ئاستايكا ھەققىدىكى رىۋايىتىدە چىتراكاۋان ئىسىملىك ئىلاھ ناتاغا يېقىندا ئاپەت بولىدۇ دەپ سىگنال بېرىدۇ ھەم ئۇنىڭ كېمە ياساپ جېنىنى قۇتۇلدۇرۇشىنى ئېيتىدۇ. توپان كەلگەندە ھەممە سۇ ئاستىدا قالىدۇ. ناتا ىوتۇنى بىلەن ساق قالىدۇ.
      تىنچ ئوكياندىكى نۇرغۇن ئاراللاردا تارالغان رىۋايەتلەردىمۇ نامەلۇم بىر كىشى توپاندىن ئاگاھ بېرىدۇ ۋە كېمە- قولۋاق ياسىغانلار ئامان قالىدۇ. بېرمىنىڭ «يىللار» دېگەن كىتابىدىمۇ قارا كىيىملىك بىر كىشى ھەممىلا يەردە ئېچىنىشلىق ئاۋاز بىلەن ئاپەتتىن بېشارەت بېرىدۇ ۋە توپاندىن ئازغىنا كىشى ساق قالىدۇ.  
     يۇنانىستان داستانلىرىدا توپان مۇنداق تەسۋىرلىنىدۇ: «بەزىلەر تاغلارغا چىقىپ پاناھلاندى، بەزىلەر قولۋاقلارغا ئولتۇرۇپ يېڭىلا تېرىلغان يەرلەرنىڭ ئۈستىدە ئۈزۈپ يۈردى، يەنە بەزىلەر دەرەخلەرنىڭ ئۈستىدىن بېلىق تۇتۇپ يېدى».
     مۇشۇ ئەھۋاللاردىن قارىغاندا، بۇ قېتىمقى توپان بالاسى ئالدىنقى ھالاكەتلەردەك ئېغىر بولمىغان. بۇ بالادا ھېچبولمىغاندا ئادەم ۋە باشقا جانلىقلار ئاز- تولا ئامان قالغان، توپان قايتقاندىن كېيىن، ئۇلار يەنە ئاۋۇغان.
      ئادەمنى تاشقى كۈچ (خۇدا) ياراتتى ۋە ئادەم توپىدىن ئاپىرىدە بولدى دېگەن قاراشلار ھازىرقى «ئاقىللار»نىڭ كاللىسىغا تېخى يېقىندىلا كالدى. ھالبۇكى، بۇلار «ياۋايى» ئەجدادلىرىمىز نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا ئويلاپ يەتكەن ئىشلاردۇر. پەقەت ئۇلارنىڭ ئويلىغىنىنى ئىپادىلەش ئۇسۇلى بىزنىڭ ئەقلىمىز سىغدۇرالماس دەرىجىدە ئەركىن بولغان، خالاس.
      بۇرۇنقىلارنىڭ جىنسسىز كۆپىيىش ھەققىدە بىزنىڭ ئېڭىمىز قوبۇل قىلالىغۇدەك دەرىجىدە ئىپادىلەنگەن تەسەۋۋۇرلىرىمۇ تولا. بۇ تەسەۋۋۇرلاردا خۇدا ئادەم يارىتىش ئۈچۈن لايدىن ھەيكەل ياساپ ئولتۇرمايدۇ، بەلكى ئايال جىنسىنى ئەرگە يولاتماي تۇرۇپلا ھامىلىدار قىلىدۇ.
«قىسەسۇل ئەنبىيا»دا: «ھەزرىتى جەبرائىل ئەلەيھىسسالام بىر نېمىلەرنى ئوقۇپ بۈۋى مەريەمنىڭ ئاغزىغا دەم سالغان ئىدى، شۇ زامان بۈۋى مەريەمنىڭ ۋۇجۇدىدا ناھايىتى شېرىن لەززەت پەيدا بولدى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ ھەزرىتى ئەيسا ئەلەيھىسسالامغا ھامىلىدار بولدى» دەپ بايان قىلىنىدۇ ۋە ئەيسا «ئاتىسىز ئوغۇل» دېيىلىدۇ.
      «تەيپىڭ تيەنگو يىللىرىدا خان يارلىقى بىلەن تۈزۈلگەن كىتابلار قامۇسى» (《太平御览》)دا بايان قىلىنىشىچە، جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدا پاتالىپوترا دۆلىتى بولۇپ، بۇ ئەلدىكى پاتالىپوترا ئىسىملىك قىز شەرقتىكى لىيزى دېگەن يەرگە بېرىپ ئويناپ يۈرۈپ، تاسادىپەن ئىنتايىن چوڭ ئاياغ ئىزىنى بايقاپ قالىدۇ، ئۇ قىزىقسىنىپ ئىزىنى بۇ چوڭ ئىز بىلەن سېلىشتۇرماق بولۇپ، ئۇ ئىزنى دەسسەيدۇ- دە، ئويلىمىغان يەردىن ھامىلىدار بولۇپ قالىدۇ ۋە فۇشى ئىسىملىك بىر ئوغۇل تۇغۇدۇ. يەنە شۇ كىتابتا خاتىرىلىنىشىچە، شۈن ئاقساقالنىڭ ئەمىرى بىلەن سۇ ئاپىتىنى تىزگىنلەپ خىزمەت كۆرسەتكەن بۈيۈك يۈنىڭ ئاپىسى: «يۇلتۇزلار تىزمىسىنى كۆرۈپ، چۈشىدە كۆڭلى يورۇپ، كېيىن يەنە خاسىيەتلىك كومۇلاچنى يۇتقان، شۇنىڭ بىلەن بۈيۈك يۈنى تۇغقان».
     «دەسلەپكى بىلىم» (《初学记》)دە ئېيتىلىشىچە، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئاقساقىلى خۇاڭدىنىڭ ئاپىسى قايسى بىر يۇلتۇزنىڭ قۇتۇپ يۇلتۇزىنى ئايلانغانلىقى ۋە قايسى بىر يۇلتۇزنىڭ دالانى يورۇتقانلىقىنى كۆرۈپ ھامىلىدار بولىدۇ ۋە خۇاڭدىنى تۇغۇدۇ.
     «تەرمىلەر» (《拾遗记》)دە يېزىلىشىچە، قەبىلە ئاقساقىلى دىكۇنىڭ توقىلى قۇياشنى يۇتۇپ چۈش كۆرۈپ بىر ئوغۇل تۇغقان، كېيىن ئۇدا 8 قېتىم چۈش كۆرۈپ ھامىلىدار بولۇپ، 8 ئوغۇل تۇغقان.
     «تارىخنامە. يىن بەەلىكى تەزكىرىسى» (《史记•殷本记》)دە يىن قوۋمىنىڭ ئەجدادى بولغان چىنى ئاپىسى جيەندى چۈشىدە قارلىغاچ تۇخۇمىنى يۇتۇپ ھامىلىدار بولۇپ تۇغقان دېيىلىدۇ.
     «ئەمىنىيە» (《春秋》) دە يېزىلىشىچە، ئاتىلىق ئۇرۇق جەمئىيىتىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى  قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاقساقىلى ياۋنىڭ ئاپىسى چىڭدۇ دەريادىن قېچىپ چىققان قىزىل ئەجدىھا بىلەن قوشۇلۇپ ھامىلىدار بولغان ۋە ياۋ پادىشاھنى تۇغقان.
    باشقا بىر كىتابتا يېزىلىشىچە، ياۋ ئۆلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئورنىغا قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنىڭ ئاقساقىلى بولغان شۈننىڭ ئاپىسى ۋودىڭ ھەسەن- ھۈسەنگە قاراپ ھامىلىدار بولۇپ قېلىپ، شۈن پادىشاھنى تۇغقان.
      ھازىرقى زامان «ئەقىللىقلىرى» يۇقىرىقىدەك تەسەۋۋۇرلارنى قانداقتۇر بىرەر ھەقىقەتنىڭ سېماسى بولۇشى مۇمكىنلىكى ئۈستىدە قىلچە ئويلانمايلا «ئەپسانىلەر ئەخلەتخانىسى»غا سۈپۈرۈپ كىرگۈزۈۋەتكەن ئىدى. ئۆزلىرى 1953- يىلى ۋاتسون ۋە كرىكلەر گېن ئىلمىنى بەپا قىلغاندىن كېيىنلا، جىنسسىز كۆپىيىش ھەققىدە ئاز- تولا ساۋات چىقىرىشقا باشلىدى. ھازىرقى كۈندە ئادەم تېنىنىڭ قۇرۇلمىسى ئاساسىي جەھەتتىن ئايدىڭلاشتى: ئادەم تېنى 100 تىرىليون دانە ھۈجەيرىدىن تۈزۈلگەن، ھەر بىر ھۈجەيرىدە ئادېنىن (A)، تېمىن (T)، گۇئانىن (G) ۋە ستوزىن (C) دىن ئىبارەت تۆت خىل يادرو كىسلاتاسىدىن تۈزۈلگەن ھۈجەيرە يادروسى بولىدۇ، ئۇ DNA مولېكۇلىسى دېيىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئىچىدە A بىلەن T نىڭ ھەم G بىلەن C نىڭ گىرام مولېكۇلا مىقدارى تەڭ (يەنى A=T ۋە G=C) بولىدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرە مولېكۇلىسى ئادەم تېنىنىڭ بارلىق ئىرسىي ئۇچۇرلىرىنى ئىچىگە ئالىدۇ، ئىرسىي ئۇچۇر مىقدارى ئادەتتە «بىت» بىلەن ئىپادىلىنىدۇ، ھەر بىر ھۈجەرىدە 5 مىليارد بىت ئۇچۇر ساقلىنىدۇ. دېمەك، ھەر بىر ھۈجەيرە بەدەننىڭ ھەر بىر ئەزاسىنى قانداق تۈزۈش توغرىسىدىكى مۇكەممەل بۇيرۇق ئامبىرىدىن ئىبارەت. ئۇرۇقلانغان تۇخۇم بۆلۈنۈشكە باشلىغاندىلا، ئىككى گۇرۇپپا ئىرسىي فاكتور بۇيرۇققا ئاساسەن ھامىلىنىڭ شەكىللىنىش باسقۇچلىرى بويىچە نۇسخىلىنىدۇ، ئاخىرى ھەممە ئەزاسى تولۇق مۇكەممەل ئادەمگە ئايلىنىدۇ. بىر ھۈجەيرىلىك ئاميۇبانىڭ شەكىللىنىشى ئۈچۈن 400 مىليون بىت ئۇچۇر مىقدارى كېرەك، ئادەم ئۈچۈن بولسا ھېلى ئېيتقىنىمىزدەك 5 مىليارد بىت ئۇچۇر كېتىدۇ. مېڭە تېخىمۇ مۇرەككەپ، ئۇ 14 مىليارد نېرۋا ھۈجەيرىسىدىن قۇرۇلغان، ھەر بىر ھۈجەيرە قوشنا ھۈجەيرىلەر بىلەن سانسىز ئالاقىلەردە بولىدۇ، چوڭ مېڭە پوستلىقىدا مۇنداق ئالاقىلەر 10 تىرىليونغا يېتىدۇ. ناۋادا، چوڭ مېڭىدىكى بارلىق ئۇچۇر مىقدارى خاتىرىگە ئېلىنسا، 20 مىليون توم كىتاب بولۇر ئىدى. بۇلاردىن شۇ مەلۇمكى، يېتەرلىك تېخنىكا بولسىلا، ئادەمنى ياسىغىلى بولىدۇ.
     ئادەم تېنىدىكى ھۈجەيرىلەردە 100 مىڭچە گېن بار. ھازىر ئالىملار بۇ گېنلەرنىڭ ئورنى ۋە گېنلەردىكى يادرو كىسلاتاسىنىڭ ئېنىق تەرتىپىنى بەلگىلەش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە. بۇ ئادەم تېنىدىكى 100 مىڭچە گېننى تەشكىل قىلغۇچى 3 مىلياردچە ئىشقارلىق ئاساسنى A، T، G، C تەرتىپى بويىچە بىرىكتۈرۈپ، ئۇلۇغۋار گېن ئىسخېمىسى ئىشلەپ چىقىشنى كۆرسىتىدۇ، 3 مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىنغان بۇ بىيو قۇرۇلۇشىنى 2005- يىلى تاماملاش پىلانلانغان. ئەگەر، بۇ پىلان ئىشقا ئاشسا (يېقىنقى ماتېرىياللارغا قارىغاندا، 6 دۆلەت ئالىملىرى بىرلىشىپ «ئىنسانلار گېن گۇرۇپپىسىنىڭ دەسلەپكى ئىسخېمىسى»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئىشلەپ چىققان، ئەمدى ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرسىلا بولىدىكەن)، ئىنسانلار گېنىنى ئېھتىياجغا يارىشا ئۆزگەرتىپ، سېمىزلەرنى ئورۇقلىتىش، ساغلاملىقنى ئاشۇرۇش، چىرايلىق بالا تۇغۇش، ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ. دوكتور ياڭ خۇەنمىڭ يېقىنقى بىر ماقالىسىدە گېن تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ساغلاملىقىغا تەھدىت سېلىۋاتقان 500 خىلدىن ئارتۇق ئىرسىيەت كېسىلى ۋە ئىرسىيەتكە مۇناسىۋەتلىك راك، يۈرەك- تومۇر كېسىلى، دىيابىت (ئوپقان)، يۇقىرى قان بېسىمى، روھىي كېسەللىك قاتارلىقلارنى داۋالىغىلى بولىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.  ئۇنىڭ دېيىشىچە، كىشىلەر «گېن ئىسخېمىسى»غا ئاساسەن تۇرمۇش ئۇسۇلىنى تەڭشىسە، ھازىرقى تۇرمۇش شارائىتىدا 150 يىل ئۆمۈر كۆرەلىشىدە گەپ يوق ئىكەن، ئادەم ئورگانىزمىدىكى بىيوسائەت مەسىلىسى تولۇق ھەل قىلىنسا، 500 يىل ياشىيالايدىكەن. ئەنگلىيەلىك ئالىم جون ھاررىسنىڭ دېيىشىچە، گېن تەتقىقاتىدىكى بۆسۈش ئىنسانلارنىڭ 1200 يىل ياشىشىغا كېپىللىك قىلىدىكەن. نوھ ئەلەيھىسسالام 1200 يىل، جەمشىد 500 يىل، مۇسا ئەلەيھىسسالام 150 يىل ياشىغان دېسە، بەزىلەر بۇ ئاغزىغا كەلگەننى جۆيلىگەن دىنىي ئەپسانە دەيدۇ. ئەمىسە، يۇقىرىدىكى ئالىملار مۆلچەرلىگەن 150، 500، 1200 يىللار پەننىي ئەپسانىمۇ؟ بۇلاردىن 150 مۇسانىڭ يېشىغا، 500 جەمشىدنىڭ يېشىغا، 1200 نوھنىڭ يېشىغا ئوخشىشى تاسادىپىي توغرا كېلىپ قېلىشمۇ؟
     بۈگۈنكى كۈندە ئىرسىيەت ئىنژېنېرىيەسى تەرەققىي قىلىپ قورقۇنچلۇق باسقۇچقا يەتتى. ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارنىڭ يېڭى تۈرلىرى ئۈزلۈكسىز «يارىتىلماقتا»، بەزىلەر ئادەملەرنىڭ «يېڭى تۈرى»نى بارلىققا كەلتۈرۈش ئۈستىدىمۇ ئىزدەنمەكتە. ھامىلە ئىككى جىنسنىڭ قوشۇلۇشىنىڭ نەتىجىسى، ئۇ پەقەت ئالاھىدە ئەزا ـــ بالىياتقۇدىلا پەيدا بولىدۇ دەيدىغان ئەنئەنىۋى- پەننىي قاراشلار ھازىر سەپسەتىگە چىقتى. ئالىملار تۇخۇمنى ئەينەك نەيچىدە ئۇرۇقلاندۇرۇپ، ھامىلىنى تەن سىرتىدا پەيدا قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ بىر ئالىمى ئۇرۇقلانغان ئادەم تۇخۇمىنى ئورانگۇتان بالىياتقۇسىغا كىرگۈزۈپ ئۇنى ھامىلىدار قىلغان، ئورانگۇتان 9 ئايدىن كېيىن 3600 گىرام ئېغىرلىقتا ئادەم بوۋاق تۇغقان. 1987- يىلى سىنگاپور ئالىملىرى ئىنەك ۋە ساغلىقلارنى ئادەم ئۇرۇقى بىلەن ھامىلىدار قىلىش تەجرىبىسى ئىشلىگەن. بەزىلەر ئورانگۇتان تۇخۇمىنى ئادەم ئۇرۇقى بىلەن ئۇرۇقلاندۇرۇپ، مايمۇنغىمۇ، ئادەمگىمۇ ئوخشىمايدىغان غەلىتە يېڭى بىر تۈرنى بارلىققا كەلتۈرۈش تەجرىبىسى بىلەن شۇغۇللانماقتا. 1902- يىلىلا ئاۋسترالىيە ئالىمى ھابرانت ئىنسانلار ئاخىر بىر كۈنى جىنسسىز كۆپىيىشنى ئىشقا ئاشۇرىدۇ دەپ ئالدىن ئېيتقان. ھازىرقى كۈندە ئۆسۈملۈك، ھايۋان، ھەتتا ئادەملەرنىڭ خالىغان يېڭى تۈرىنى نارلىققا كەلتۈرۈش تېخنىكا جەھەتتىن تامامەن مۇمكىن.
     ئادەم تېنىدىكى ھەر قانداق ئەزانىڭ ھۈجەيرە يادروسىدا بارلىق خىروموسومىلار تەل بولىدۇ. لېكىن، ئادەمنىڭ جىنسىي ھۈجەيرىلىرى (ئەرنىڭ ئۇرۇقى بىلەن ئايالنىڭ تۇىۇمى)نىڭ يادروسى ھەر قايسىسى پەقەت خىروموسوما سانىنىڭ يېرىمىنىلا ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ گەپنىڭ مەنىسى شۇكى، ئۇرۇق بىلەن تۇخۇم بىرلەشكەندىلا، بىر ئادەمنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق گېنلەر ھازىرلىنالايدۇ. ئەمما، ئادەم تېنىنىڭ باشقا ھەرقانداق ئەزاسىنىڭ ھەرقانداق بىر ھۈجەيرە يادروسىدا ئادەمنىڭ يارىلىشى ئۈچۈن كېرەكلىك بارلىق گېنلەر تولۇق بولىدۇ. شۇڭا، ئادەم ئورگانىزمىدىن خالىغان بىر ھۈجەيرىنى ئويۇپ ئېلىپ، ئۇنى ئايالنىڭ يادروسى ئېلىۋېتىلگەن تۇخۇمى ئىچىگە سالسا، ئۇ بىر قاتار بۆلۈنۈشلەردىن كېيىن ھامىلىگە ئايلىنىدۇ، ئاندىن ئۇنى خالىغان ساغلام ئايالنىڭ بالىياتقۇسىغا كىرگۈزسە، ئاخىرى ئەسلىدىكى ئادەمگە تامامەن ئوخشايدىغان «ئادەم نۇسخىسى» تۇۈۇلىدۇ، مانا بۇ جىنسسىز كۆپىيىشتۇر. كەسكىن ئېيتقاندا، «ئادەم نۇسخىسى»نىڭ ئاتا- ئانىسى بولمايدۇ.
       1996- يىلى 7- ئايدا بارلىققا كەلگەن «كىلون قوي» ئەنە شۇنداق جىنسسىز كۆپىيىشنىڭ مەھسۇلىدۇر. تېخى، 2000- يلى 23- يانۋار 2- ئەۋلاد كىلون موزاي دۇنياغا كەلگەن. ياپونىيە ئالىملىرى 1999- يىلى 2- ئايدا تۇغۇلغان 1- ئەۋلاد كىلون موزاينىڭ قولىقىدىن بىر ھۈجەيرە ئېلىپ، ئۇنى يادروسى ئېلىۋېتىلگەن ئىنەك تۇخۇمى بىلەن بىرىكتۈرۈپ، 4- ئايدا ئىنەكنىڭ بالىياتقۇسىغا سالغان، ئىنەك بوغاز بولغان، ئىنەكنىڭ سالامەتلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ، 2- ئەۋلاد كىلون موزاينى ئوپېراتسىيە قىلىپ ئالغان. ئۇلار ھازىر 3- ئەۋلاد كىلون موزاي ئېلىش تەجرىبىسىگە تەييارلىنىۋېتىپتۇ.
     ئوخشاش تېخنىكا بىلەن «كىلون ئادەم»گىمۇ ئېرىشكىلى، يەنى ئادەمنىمۇ نۇسخىلىغىلى بولىدۇ. بىراق، مۇنداق تېخنىكىغا ئىگە دۆلەتلەر ۋە ب د ت بەزى سىياسىي، ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە ئەخلاقىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، كىلون ئادەم ئېلىش تەتقىقاتىغا چەك قويغان، بولمىسا بۇ چاغقىچە كىلون ئادەممۇ دۇنياغا كېلىپ بولاتتى، 2000- يىلى 8- ئايدا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ئاندىن ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ھەقتىكى چەكنى بوشاتتى. ئەمدى ئۇزاققا قالماي كىلون ئادەمنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنىمۇ كۆرۈمىز.
      بۇ ماقالىنى تەپسىلىي ئوقۇپ چىققان كىشى بۇرۇن يەر شارىدا يۈكسەك پەن- تېخنىكا دەۋرى بولغانمۇ- قانداق، باشقا پىلانېتىلاردا بىزدىن ئەقىللىق مەىلۇقلار بارمۇ- قانداقئ ئەپسانە- رىۋايەتلەرنى زىيانلىق خىيالىي تەسەۋۋۇر دېگەندىن كۆرە، ئۇنى ئەينى زاماندىكى ھازىرقىدىنمۇ ئىلغار پەن- مەدەنىيەتنىڭ ئەپسانە- رىۋايەت شەكلىدە ئىپادىلىنىپ دەۋرىمىزگە يېتىپ كېلىشى دېيىش تېخىمۇ ئەقىلگە مۇۋاپىقمۇ- قانداق دېگەن مەسىلىلەر ئۈستىدە ئويلانماي قالمايدۇ.
    ــــــــــــــــــــــ
    پايدىلانغان ماتېرىياللار:   
    1. ناسىرىددىن رابغۇزى: «قىسەسۇل ئەنبىيا».
    2. ئىمام ئەززالى: «دەقايىقۇل ئەخبار».
    3. «كىتابى بەھرى».
    4. لى ۋېيدۇڭ: 《人是太空人的试验品》 («ئادەم ـــ كائىنات ئادەملىرىنىڭ تەجرىبە بۇيۇمى»).
    5. ھاكىم غەنى: «دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق دۇنيا قاراشنى تىكلەش كېرەك»، «شىنجاڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش كادىرلار ئىنستىتۇتى» ژۇرنىلىغا قارالسۇن.
    6. ئابدۇراخمان ئابلىمىت: « DNAئىرسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئاساسى قىلىپ بەلگىلىنىشنىڭ ئاساسى»، «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»غا قارالسۇن.
    7. باشقا مۇناسىۋەتلىك گېزىت- ژۇرناللار.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 21:52  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 22:19:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2001- 2002-يىللاردا مائارىپ ئىنىستىتۇتىنىڭ ھويلىسىدا ئۇستاز يولۋاس راشىدىننى ئۇچرىتىپ قالاتتىم. ئەلۋەتتە تېما ئىگىسى بولغان ئىمىر ئەپەندىنىمۇ شۇنداق.ئۇنڭدىن نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئۇستازنىڭ نامىنى ئاڭلاپ كەلگەن بولغاچقا، ئۇستاز بىلەن دىدار - مۇلاقەتتە بولۇشنى ئىستىگەن بولساممۇ، بۇنداق پۇرسەت بىر قېتىمدىن ئاشمىغان ئىدى. بەك ئوچۇق - يورۇق، ئادەمخۇمار كىشى ئىدى. لېكىن شۇ يىللاردا نېمە ئۈچۈنكىن ئۇستازنى غەم بېسىۋالغاندەك ھىس قىلاتتىم. ئۇستازغا قازايى قەدەر يەتكەنلىكىدىن ئەمدى خەۋەردار بولۇپ تۇرۇپتىمەن. ئۇيغۇر تىلى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپە قوشقان كىشى ئىدى. ئەجىر - ئەمگەكلىرى ئەل قەلبىدە يادلىنىدۇ.

ۋاقتى: 2016-1-8 12:16:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى كەڭ مەزمۇن سىغىمىغا يەنى نۇرغۇن كىتاپتىكى مەزمۇنلارنىڭ جەۋھىرىنى ئۆزىگە سىغدۇرغان ماقالە ئىكەن.مەرھۇم ئاپتور تىلشۇناسلا ئەمەس بەلكى بىلىمى ئونۋېرسال جەھەتتىن يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈلگەن زات ئىكەندۇق.يۇقۇرىقى ماقالىنى قايتا-قايتا ئوقىسىمۇ  كونا تۇيۇلمايدىغان ماقالە ئىكەن.مەرھۇم ئىلىم روھىنىڭ كۈچلۈك ئىكەنلىكى بىلەن ئۇنتۇلسىز زات ئىكەن.

ۋاقتى: 2016-1-8 12:44:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


       مەرھۇمنىڭ ئىستىلىتىكىغا ئائىت نۇرغۇن ماقالىسىنى كۆرگەنىدىم. شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستۇتىدا ئوقۇيدىغان ۋاقىتلىرىم (1991__ 1993)دا ئۇ كىشىنى كۆرگەن بولساممۇ، مەن كۆرگەن ۋە ھەۋەس قىلغان ماقالىلارنىڭ ئاپورى ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتىم. ياتقان يېرى تۆردە بولغاي!
    بۇ ماقالىنى كۆرىشىمگە ئىمكانىيەت يارىتىپ بەرگەن دوستۇم ئىمىر غىياسقا رەھمەت! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇرېھىم زۇنۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 12:51  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 18:44:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك تورداشلار  كەچۈرگەيسىزلەر.  مەرھۇم يولۋاس راشىدىن ئەپەندىنىڭ «ئالەم ۋە ئادەم» ناملىق ماقالىسى «شىنجاڭ مائارىپ ئىنستىتۇتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ 2001- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان. مەن «2»نى «1»  قىلىپ قويۇپتىمەن.  

باھا سۆز

ھېچقىسى يوق، ئۇششاق سەھۋەنلىكلەر بولۇپ تۇرىدۇ...  ۋاقتى: 2016-1-8 06:50 PM
ۋاقتى: 2016-1-8 19:38:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ۋەزنى بار ماقالە ئىكەن...مەرھۇمنىڭ ھېكايىلىرىنى ئوقۇغاندەك قىلىمەن....

ۋاقتى: 2016-3-6 17:35:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  بۇ   ماقالە  كىشى  قەلبىنى  لەرزىگە  سالىدىكەن ،  قائىل  قىلىش  كۈچى ۋە   ۋەزنى  بار ياخشى  ماقالە  ئىكەن . مۇشۇنداق ماقالىلەرنى كۆپرەك ئوقۇسام دەيمەن  .

باھا سۆز

قائىل-قايىل...  ۋاقتى: 2016-3-7 09:18 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش