يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 533|ئىنكاس: 16

ئابدۇسالام ساۋۇت: ئويدىكى جانان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئويدىكى جانان

ئابدۇسالام ساۋۇت

جاناننىڭ ھالى

1

تولغان جانانىڭ ھالى مېنى ئۆلۈمدىنمۇ قۇرۇقدىدى
كىملىكلەر قەلبىمدىن سويۇلۇپ چۈشتى
تېنىم يوقلۇق ئارا داۋاملىشار

2
بار بولالمايمەن
يوقلۇقمەن
ئىدىيال دەرەخنىڭ سايىسىدىن چىقسام

3

ماددا ۋە تۈس
يۇلتۇزلارنىڭ كۆرۈنمە شەكلى ۋە ئىككىنجى قېتىملىق دەپىنە مۇراسىمى
.......
روھ
ئىنسان بىلەن يوقلۇق ئارسىنى توسىۋالغان قاراڭغۇ تام.

4
ئۆلۈمنىڭ سېۋىتىگە تولدۇم
جەسىدىم ئايلاندى
قۇرۇقدالدىم
مەندە«مەن»دېگۈدەكمۇ ئۆزۈم قالمىدىم
5
بىر تال ئەتىرگۈل كۆيدى
ئەڭ مەينەت كوچىغا ئايلاندى قەلبىم
سەندە ئەكىسلىنەرمۇ
پارە-پارە چېقىلىشلىرىم
6
مەن كەتتىم
مەن تۇرغان يەر بوشىدى
سەن كەتتىڭ
يوقلۇق كېلىپ-كېتىشنىڭ سايە قانۇنيىتى بىلەن تولدى

7

قالايمىقان تاشلانغان تاغلار-ئوكيانلار
جاناننىڭ سايىسىگە قاراپ ئۆزىنى تۈزەشتۈرەلمەس
ئۈنىڭ تۈزەيدىغىنى
ئۆزىنىڭ سايىسىدۇر.

كەل...كەلمەيدىغاندەك
1

قاراڭغۇ يامغۇرغا چىلاندىم
يۇلتۇز كۆيدۈردۈم
لەۋلىرىڭدىكى نىمجان يوپۇرماقىنىڭ غۇۋا ئەسلىمىسىگە قاقلاندىم
سېنى ئېھتىمالىقتەك ساقلىدىم
قارامتۇل بىناغا يامىشۋاتقان تەنھالىقىم
گارغا ئاتقان ھەربىر توپىم
كىتاب ئىشكابىمدىكى ئىچىگە غېرىپلىق تولغان قەلبىم
زۇلمەت باسقان خىياللىرىم
ئازراق كىرلەشكەن كارۋىتىمنىڭ ئۈستىگە سېلىنغا كىرلىكىم
دائىم كومپىيوتىر ئالدىغا كېلىۋالىدىغان ۋىجىك گەۋدەم
سېنى ساقلاۋاتىدۇ.

2

گۈل چىقىرىپ ئىشلەنگەن ياستۇقۇم قەلبىمدەك نەم
مەن بولۇشلۇق پېئىلار ئارقىلىق ساڭا بولغان سېغىنچىمىنى خاتىرلەيمەن
پۈتۈنلەي ئۇۋۇلۇپ شامالدەك توزۇشقا باشلىغان يۈرىكىم ساڭا تۇتىشىش ئۈچۈن تەرتىپسىزلەشمەكتە.
كەل جېنىم
كۆكسۈمدىكى قاراڭغۇلۇق كېچەڭ بولسۇن
كەل جېنىم
پارە-پارە بولغان يالغۇزلۇقۇمىنى كۆيدۈرۈپ تەشۋىشلىرىڭگە ئىسىرىق سال
كەل يىراقلىقىم
كەل
يۇلتۇز كۆچۈرەيلى
ئاپئاق تۈتۈنگە ئورالغان تۇيغۇڭ بىلەن مېنى ئورۋال
رەزىل كۆڭلۈمىنىڭ زۇلمەتلىك پەلەمپىيىگە داستىخان سال
قاراڭغۇلاشقاچ ئۆز قۇرۇقلۇقىمىزغا سىڭىپ كېتەيلى
3

قايتىپ كەل
ئوغۇرلانغان تۇيغۇدەك
كەل...كەلمەيدىغاندەك.


...

1

پارە-پارە
ۋاقىتىنىڭ ئەتىرگۈلى توزىماقىتا
قاراڭغۇلۇقىنىڭ مۇڭلۇق قوللىرى
چوڭقۇرلۇقۇمىغا سوزۇلۇپ كىردى
چېچىغان نۇر ھالقىلىرى
چېچىلغان ئاۋازىنىڭ مەيۈس دولقۇنى
چېچىلغان ئىدىيالىم
قايتىلىنىدىغان ۋاقىتىنىڭ پىنھان  يۈزىگە ئېسىلىدى

2

قاقلاندىم
نۇر ھالقىلىرىدىن تامچىلاۋاتقان يامغۇرنىڭ ئوي قاتمىسىغا
قاقلاندىم
قەلبىمدىكى ئىشرەت كوچىسىغا
قاقلاندىم
ئىپپىتى بۇزۇلغان ئاۋازىنىڭ يۇمشاق ئېسىيانىغا
قاقلاندىم
پۈتمەيدىغان يۇلتۇزغا...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 23:49  


باھا سۆز

جانانىڭ-جاناننىڭ...بولسا كېرەك...  ۋاقتى: 2016-1-6 11:08 AM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 13:18:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇرۇقدىلىنىش

1

ت

2

ئ

3

قۇرۇق جىسىم

4

خ

2016-1-7

ۋاقتى: 2016-1-7 17:19:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىنىڭ نىمە دەيدىغانلىقنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە ئوستاتلىق قىپسەن .........  تىزىلىپ قالغان گەپلا بوپتۇ......

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 20:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«ئۆزىنىڭ نىمە دەيدىغانلىقنى بىلمەي تۇرۇپ يەنە ئوستاتلىق قىپسەن .........  تىزىلىپ قالغان گەپلا بوپتۇ......»
ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرچە جۈمىلىنى گىراماتىكا قائىدىسى بويىچە يازالمايدىغان بىرى ماڭا جۆيىلمە يازغاندەك قىپتۇ.بىلمىگەن نەرسىنى دېگىلى بولمايدۇ.نېمىشقا خەت يېزىشىنى بىلىۋالغان ئادەملەرنىڭ ھەممىسى بۇ مۇنبەرگە كىرۋېلىپ قالايمىقانچىلىق چىقىرىدىغاندۇ؟شېئىرىمغا بېرىلگەن ئىلمىي پاراڭلار بولسا ئاڭلايمەن،بۇنداق تېتىقسىز گەپلەر نۆلگە تەڭ.


ئۇنداقىتا شېئىر دىگەن نېمە؟.ئىنسانىيەت جەمئىيىتى پەيدا بولغانىدىن باشلاپ شېئىر دىگەن نېمە؟ ،دىگەن سۇئالىنىڭ جاۋابى پۈتمەيۋاتىدۇ.سىز بىلسىڭىز ئېيتىپ بەرگەن بولسىڭىز ياخشى بولاتتى.

ۋاقتى: 2016-1-7 20:42:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 13:18
قۇرۇقدىلىنىش

1

ماۋۇمۇ شېئىرمۇ ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 20:50:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇبائىيلار
1
قاراڭغۇ ئۈستەلدەك
يوقلۇقىنىڭ قاغىسى مېنى قۇرۇقدار
ئۈستىگە تاشلانغان سايىلەر
باشلىنار،ئاياغلىشار...
2
مېنىڭ دەۋاتقىنىم جاناندۇر
ھېچنىمىسى يوق جانان
ئۇ يەردىكى ئېغىرلاشقان ئاۋاز،
توقۇلمىدۇر.
3
ئەس توزۇتۇلغان سۆزىنى ساڭا يايدىم
سەندىن كېلىۋاتقىنى مېنىڭ ئىرادەم
سەندىن كەلمەيدىغىنى يوقتۇر
كېلىدىغان،كېتىدىغان
4
دېگىلى بولمايدىغان سۆز داۋاملىشار
دېمەيدىغان يەرگە ئاپىرار
ئويلىنۋاتقان تىل
ئەستىن قۇرۇقدىلىنار.
5
مېنىڭ قەلبىم ماۋۇ ئىشىك...
ئۇنىڭ ئېچىلىشىدۇر بەلكىم
ئۇنى ياپتىم،
ئاھ!دۇنيا ئۆزگەردى
6
كۆرگىنىم زاھىر نەرسىلەر
كۆرمەيدىغىنىم ساڭا تۇتاشقان
سېنىڭ ئەڭ يېقىن نەرسىلىرىڭ
قاراڭغۇدۇر

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 20:52:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەستۇرە0 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 20:42
ماۋۇمۇ شېئىرمۇ ؟

ھە،شېئىر

ۋاقتى: 2016-1-7 21:13:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 20:52
ھە،شېئىر

شېئىر بولسا قىنى بىر شەرھلەپ باقمامسىز،، ماۋۇ تورداشلار شەرھىڭىزگە ئاساسەن بۇ شېئىردىن ھۇزۇر ئالايلى، بولمىسا بۇ ئاددىي كاللىمىز بىلەن مىڭ يىلدى كېيىنمۇ چۈششۈنۈپ بولالمىغۇدەكمىز ،...

ۋاقتى: 2016-1-7 21:15:29 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەگىشىپ كەتمەڭلا!
ئىشقىلىپ يازغان ئادەم شىئىر دەپ يېزىپتۇ،شىئىر دەپ ئۇقۇيمەن دىسىڭىز شىئىر دەپ ئوقۇڭ ، بەكلا ئۇنىمىسىڭىز نەسىر شەكىلدە يېزىپ ئۇقۇۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ .
ئىشقىلىپ ئىككىلىسىگە يېقىن بۇنداق يازما.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 21:27:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەستۇرە0 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 21:13
شېئىر بولسا قىنى بىر شەرھلەپ باقمامسىز،، ماۋۇ تورداش ...

ئەنئەنىۋى ئوقۇرمەنلىك بىزدىن تېكىستىنى چۈشىنىپ ئۇ ھەقىتە ھېچقانداق تەپەككۇر قىلماسلىقىمىزىنى تەلەپ قىلىدۇ.تېكىسىت خاتىرلىگۈچىنىڭ تىل ئارقىلىق دەپ بەرگەن رىئاللىقى بىزنىڭ ئويىمىزىنى توسۇپ،ئۇ رىئاللىق ھەققىدە ھېچىقانداق تەپەككۇر قىلماي،ئۇنىڭ بىلىشىنى ئۆز بىلىشىمىزگە ئاۇلاندۇرۇشىمىزىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.ئەمما ئاپتۇرنىڭ تىلدىن باشقا رىئاللىقى يوق.لېكىن تىلدىن گۇمان قىلىشقا باشلىغان ئادەمگە نىسپەتەن تىلمۇ مەۋجۇت نەرسىلەرنى ئىپادە قىلىشقا ئاجىز. مەن ئۆز شېئىرىلىرىمىنى ئىزاھلاپ يۈرمەيمەن،تېكىستە نېمە دېگەن بولسام بۇ دەل مېنىڭ رىئاللىقىم.ئەگەر تېكىسىت ئىچىدە ھېچنىمە دېمىگەن بولسام شېئىرىمىغا ئارتۇق مەنە يۈكلەشنىڭ ئۆزى ئورۇنسىز.لېكىن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىلىرى ۋە ئوبورچىلار تېكىسىتكە مەنە يۈكلەش ئارقىلىق ئۆزنىڭ قاراشلىرىنى ئىسپاتلاشقا ئورۇنىۋاتىدۇ.بۇ پۈتۈنلەي خاتا.

ۋاقتى: 2016-1-7 21:40:13 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 21:27
ئەنئەنىۋى ئوقۇرمەنلىك بىزدىن تېكىستىنى چۈشىنىپ ئۇ ھە ...

ھېچ بىر ماناسىز ، دەپتىرگە جىجىلاشنى ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا ئىش ئەمەس دەپ قارايتىم .
سۆزلىرىڭىزنى چۈشۈنىشكە ئاجىز كەلدىممۇ ياكى سىز راستلا مەناسىز بىر خىل يازمىلارنىمۇ شىئىر دەپ سۆرەپ چىقماقچىمۇ؟
قەدىمكى شىئىرلىرىمىز ناھايىتى ئاممىباب تىلدا چوڭقۇر مەنالارنى ئۆز ئىچىگە ئېلىپ يېزىلغان ئىدى، ئۇ شىئىرلارنى پەقەت مەكتەپ يۈزى كۆرمىگەن ئادەتتىكى بىر ساۋاتسىز ئادەملەرگە ئۇقۇپ بەرسە يىغلايدىغان يەردە يىغلاپ كۈلىدىغان يەردە كۈلۈپ چۈشەنچ ۋە زوق بىلەن ئاڭلايتتى، ئەپسۇسكى بەزى بىر قىسىم يازغۇچىلىرىمىز شىئىرنى تەرەققى قىلدۇرۇپ ئۆزىدىن ۋە ئۆى قاتارى  بەزى بىر ئادەملەردىن باشقا ھېچكىم چۈشەنمەيدىغان بىر خىل يازمىغا ئايلاندۇرۇپ قۇيۇش ئۈچۈن ھە دەپ كۈچ كۆرسىتىۋاتىدۇ.
ئاتا بوۋىلارنىڭ ئىزىدىن ماڭمايمەن دىسە مەيلى ئىدى ئەمما شىئىرنى شئىر پېتى قۇيۇو قۇيۇش كېرەك دە...

ۋاقتى: 2016-1-7 21:42:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.ساۋۇت يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 21:27
ئەنئەنىۋى ئوقۇرمەنلىك بىزدىن تېكىستىنى چۈشىنىپ ئۇ ھە ...

بولدى قينالماڭ ،مەنمۇ ئوقڭپ ئاۋارە بولماي ،،،

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 21:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەستۇرە0 يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 21:42
بولدى قينالماڭ ،مەنمۇ ئوقڭپ ئاۋارە بولماي ،،،

مەن قىينالمىدىم.ئارتۇق ئويلىۋالماڭ.ئوقۇغۇڭىز كەلمىسە ئاتىلاپ ئۆتۈپ كەتسىڭىزلا بولدى.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 22:15:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ت.ئەمىن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 21:40
ھېچ بىر ماناسىز ، دەپتىرگە جىجىلاشنى ۋاقىت ئىسراپچىل ...

ئۇيغۇر تىلىنى نۇرمال ئوقۇپ چۈشىنەلەيدىغان ھەرقانداق ئوقۇرمەن يۇقارىقى تېكىسىتىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە دەپ ئويلىغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنى مەن «شىنجاڭ يازغۇچىلار تورى»غا ئەۋەتكەن.مەنە ئوقۇرمەن تەرىپىدىن پەيدا بولىدىغان تۇراقسىز نەرسە.تىل كىشلەرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭدىكى نەرسىلەرنى قوزغاش ئارقىلىق ئۇ ئادەمىنىڭ ئېڭىدا ئوخشاش بولمىغان نەرسىلەرنى پەيدا قىلىدۇ.بەلكىم ئىككىمىزنىڭ مەنە ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزدە پەرق ساقلانغان بولسا كېرەك.
قەدىمكى شېئىرلار دەۋاتقىنىڭىز زادى قايسى دەۋىرىدىكى شېئىرىلارنى كۆرسىتىدۇ؟ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنىڭ 6-ئەسىرىنىڭ ئاخىرى باشلانغانلىقى ھەققىدە ھەرخىل پاكىتلار بار.كۆپ قىسىم تەتقىقاتچىلار ئۇيغۇر يازما ئەدەبىياتىنى 668-يىلى ئورنىتىلغان تۇنيۇقۇق مەڭگۈ تېشىدىن باشلانغان،دەپ قارايدۇ.قەدىمكى خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى بولسا «مۇتىيەنزى تەزكىرىسى.3-جىلد» خاتىرلىنىشچە مىلادىيەدىن بۇرۇنىقى 950-1000 يىللار ئارلىقىدا خاتىرلەنگەن«قورىغارىخان ئانا قوشاقلىرى»ۋە مىلادىيىدىن بۇرۇنىقى 10-ئەسىرىدە خاتىرلەنگەن «ئاق بولۇت قوشىقى»دەپ قارايدۇ.ئۇيغۇر قەدىمكى زامان ئەدەبىياتى تەخمىنەن مىلادىيەدىن بۇرۇنىقى 950-يىلىدىن مىللادىيىدىن كېيىنىكى 866 يىللارغىچە بولغان ۋاقىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.سىز بۇ دەۋىرىدىكى شېئىرىلارنى قانچىلىك بىلىسىز؟
مەن ئىچىمدىكىنى خاتىرلىدىم.مېنى چۈشەنگەن چېغىڭىزدا شېئىرلىرىمىنىڭ سىرى بىردىنىلا يېشىلىپ كېتىشىمۇ مۇمكىن.مەن ئىچكى ئېھتىياجىمىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئورۇنىۋاتىمەن،
مەلۇم يېڭىلىق ھامان كونىنى چۇۋۇش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇرۇق چىقىدۇ.شۇڭا كېيىنىكى گېپىڭىز ھەققىدە يەنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىپ كۆرۈڭ.

ۋاقتى: 2016-1-9 09:22:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازلىرىمىز: ۋەزنى بولمىغاننى شېئىر دېيىلمەيدۇ، دەپ ئۆگەتكەنىدى.
كۈنىمىزدە ۋەزىنلا ئەمەس، نۇرغۇن نەرسىلىرى يوق «شېئىرلار» مەيدانغا كېلىۋاتىدۇ. بوپتۇ خەير، ئوبزورچى كىرىمجان ئابدۇرېھىمنىڭ سۆزىچە، شېئىرىي نەسىر دەپمۇ تۇرايلى، يامان يېرى بەزى « شېئىرلار» نى قانداق ئوقۇپ، قانداق ھېس قىلىشنى بىلمەيۋاتىمىز.
بەزى ئەربابلارغا بۇ توغىرسىدا چالا ساۋاتلىقىمنى ئىپادىلەپ قويسام، ئۆزىنىڭ نەچچە ئەسىرلەر بۇيانقى ئۇيغۇر شىئرىيەت تەتقىقاتلىرىدىن خەۋەردار ئىكەنلىكىنى پەش قىلىپ دەككەمنى بەرمەكچىمۇ بولدى، ھەتتا بەزىلەرگە بۇنى چۈشىنەلمىدىمغۇ دەپ قويساق، ئېغىزلىرىنى كەڭرى قۇيىۋېتىپ، قۇپال گەپ سۆزلەر بىلەن مۇنازىرىلىشىش مۇددىئايىمىزنى يوققا چىقاردى.
ھەرقايسى ئەربابلاردىن قورقۇپ، ئۇزۇندىن بويان بىر چۈشۈنىشىۋېلىش ئىستىكىدە بولغان بۇ مەسىلىنىمۇ، مانا ھازىرغىچە ھېچكىمگە دېمەي كەلدىم، ئەمما ئەمدى ۋاقتى بولدى، مۇنبەرلەر، تور بەتلەر بۇنداق ئۇيغۇرچىغا ئوخشىمامدىكىن دېسە، سەل-پەل ئوخشاپ كېتىدىغان، ئەمما ئادەم چۈشەنگىلى بولمايدىغان يازمىلارغا تۇشۇپ كەتتى.
شۇڭا ئەزىز مۆھتىرەم شائىرلىرىمىز، يازغۇچىلىرىمىز زىيادە ھېسىياتچان بولۇپ كەتمىگەن ئاساستا ئۆزۈڭلارنى تۇتۇۋېلىپ مەن قاتارى بەزى بىر شېئىر ھەۋەسكارلىرىغا مۇشۇ توغىرىسىدا بىلگىنىڭلارنى سۆزلەپ بەرسەڭلار!
شېئىرنى شەرھىيلەشنى كۈتمەيلى، ھېچ بولمىغاندا ئوقۇپ، ھېس قىلىش ھەققىدە ئاز- تولا يىپ ئۇچىغا ئېرىشسەك دېگەن ئۈمىدتىمىز.
بۇ زادى يېڭىلىق يارىتىشمۇ؟ ئۇنداق بولسا بىزمۇ يېڭىلىقنىڭ دۈشمىنى بوپقالمايلى، ئۇنداق ئەمەس بولسىمۇ بىلىپ قالايلى...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش