يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 380|ئىنكاس: 2

تۇرسۇن پىداقۇل: يەكەننىڭ ئالتۇن بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   
يەكەننىڭ ئالتۇن بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى

  L2 M  l9 J3 S; M$ w

/ Q9 r) Z* q& ?
تۇرسۇن پىداقۇل
3 r9 s. U; g. m- O6 k" Q
% z3 v: J* I5 o( `

- g. Y( w1 S/ @$ b. M( Q   يەكەننىڭ يەر ناملىرى ئىچىدە ئالتۇن بىلەن ئاتالغان يەر ناملىرى خېلى كۆپ. تارىخىي مەنبەلەردە مەلۇم بولۇشىچە، مىلادىيە  1514-يىلى سۇلتان سەئىدخان ياركەنت ھۆكۈمدارى مىرزا ئابابەكرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ ھېسابسىز ئالتۇن ۋە مال - دۇنيالارنى ئولجا ئېلىپ ئۆزى ياركەنت سەئىدىيە خانلىقىنى قۇرۇپ تەختتە ئولتۇرغان، خەزىنىدىكى ئالتۇننىڭ كۆپلۈكىگە ئاساسەن خاندانلىق تەۋەسىدە خەلقتىن ئون يىلغىچە ( ئون يىل دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە، ئالتە يىل -مۇھەررىردىن) باج - سېلىق ئالمىغان. شۇنىڭ بىلەن سۇلتان سەئىدخان «ئالتۇن پادىشاھ» دەپ نام ئالغان (يۇقىرىقى قاراشنىڭ تارىخىي پاكىتى ئىنتايىن ئاجىز. بۇ يەردە ئاپتور موڭغۇللارنىڭ ئالتۇن خانلىقىنى ۋە سەئىدخاننىڭ موڭغۇل ئەۋلادى ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق قاراشنى ياقلىغان بولسا كېرەك. ئەمەلىيەتتە، ئەجدادلىرىمىز قەدىمدىن تارتىپلا ئاتا - بوۋىلىرىنىڭ قەبرىستانلىقىنى ئۇلۇغلاپ ئۇنى «ئالتۇن»، «ئالتۇنلۇق» دەپ ئاتاپ كەلگەن. تارىخىي يازمىلاردىمۇ بۇ ھەقتە يېتەرلىك ئۇچۇرلار بار -مۇھەررىردىن)، شۇندىن ئېتىبارەن شۇ چاغدىكى بىر مۇنچە يەرلەر ئالتۇن بىلەن بىرىكىپ ئاتالغان. بۇ يەر ناملىرى ئاساسلىقى ھازىرقى ناھىيە بازىرىنىڭ يېڭىشەھەر بىلەن كونا شەھەرنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن دەرۋازىسىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان يەرلەردۇر. بۇلار:
1 G/ b( D' b; o$ m( r    ئالتۇن مەسچىد: بۇ مەسچىد ئەينى چاغدا خانلىق مەسچىد بولۇپ، يەكەن بازار گۆرباغ ئىجتىمائىي رايون 6-مەھەللە دائىرىسىگە جايلاشقان. كۆلىمى 1000كىۋادراتمېتىر. بىرلا ۋاقىتتا 3000دىن ئارتۇق ئادەم  ناماز ئوقۇيالايدۇ. مەسچىد ئىچىدىكى قالدۇرۇلغان خاتىرىلەرگە قارىغاندا، بۇ مەسچىد يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدە، يەنى مىلادىيە 1533-يىلى سۇلتان ئابدۇرېشىتخان تەرىپىدىن بىنا قىلىنغان بولۇپ، ئىلگىرى كېيىن بولۇپ 1735- يىلى ۋە 1988- يىلى چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىنغان. مەسچىدنىڭ ئالدى كەڭ كەتكەن پىشايۋان بولۇپ، ھەر خىل گۈللەر بىلەن نەقىشلەنگەن. 60 تالدىن ئارتۇق ياغاچ تۈۋرۈك بىلەن بېزەلگەن. ھازىر ئاستى سېمونت بىلەن قاتۇرۇلغان.
/ T" W7 D5 ]! ~3 t4 A   ئالتۇن سەينا (ئالتۇن مەيدان): بۇ سەينا ھازىرقى ئالتۇن مەسچىدنىڭ ئالدىغا جايلاشقانلىقتىن «ئالتۇن سەينا» دەپ ئاتالغان. بۇ سەينادا كۆكلەم مەۋسۈمىدە باراۋەت قىلىش، تۈنەك ئاخشاملىرى تۈنەك ئۆتكۈزۈش، مېيىت نامىزى چۈشۈرۈش قاتارلىق ئىش - پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزگەن، شۇنداقلا بازار كۈنلىرى ۋە ھېيت-ئايەم كۈنلىرىدە ۋائىز-مەدداھلارنىڭ جەڭنامە - داستانلارنى ئېيتىدىغان سورۇنى بولغان.
: u8 B; i. ^6 r' H0 U" I. n    ئالتۇن مازار: بۇ مازار «ئالتۇنلۇق مازىرى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ يەكەن ناھىيە بازىرىنىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىغا، گۆرباغ ئىجتىمائىي رايون 6- مەھەللە دائىرىسىگە، يەنى ئالتۇن دەرۋازىنىڭ شىمالىي تەرىپىگە جايلاشقان. شەھەر مەركىزىنىڭ شەرقىي تەرىپىگە ئارىلىقى بىر كىلومېتىر كېلىدۇ. شەرقىي تەرىپى ئالتۇن مەسچىدكە، جەنۇبىي تەرىپى موللاھاجىم ئولتۇراق بىناسىغا، شەرقىي ۋە شىمالىي تەرىپى چىلتەن مازىرىغا تۇتىشىدۇ.
' d9 I1 {! L$ s   ئالتۇن مازار ياركەنت سەئىدىيە ئىسلام خانلىقىنىڭ  قۇرغۇچىسى بولغان سۇلتان سەئىدخان مىلادىيە 1533-يىلى ئالەمدىن ئۆتكەندە ئاندىن بۇ مازار ئالتۇن مازار دەپ ئاتالغان. مازارنىڭ كۆلىمى 3000كىۋادراتمېتىرغا يېقىن بولۇپ، مازارنىڭ غەربىي تەرىپى ياغاچ پەنجىرىلەر بىلەن، قالغان ئۈچ تەرىپى خىش بىلەن دائىرىگە ئېلىنغان. مازار دائىرىسىگە بىر گۈمبەز ۋە 45 قەبرە خىش كاھىش بىلەن رەتلىك ياسالغان، ئاز بىر قىسىم قەبرىلەر ياخشى ساقلانغاندىن باشقا كۆپ قەبرىلەرنىڭ ئىزىلا قالغان. قەبرە ھەم دائىرە تاملىرىغا گەج ئويما نەقىشلەر ۋە بېغىشلىما خەتلەر ئويۇلۇپ، گۈللۈك خىشلار بىلەن زىننەتلەنگەن. 1936-يىللىرى قەبرىلەر ئېچىلىپ بەزى تارىخىي ماتېرىياللار ئوغرىلاپ كېتىلگەن. بۇ مازارغا دەپنە قىلىنغان سۇلتان ئابدۇرەشىدخان، خانىش ئاماننىساخان ۋە مۇقام پىشىۋاسى قىدىرخان ياركەندى قاتارلىقلار ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدىكى مەشھۇر نامايەندىلەر بولۇپ، ئۇلار يەكەن دىيارىدا ياشاپ مەدەنىيەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشقان., L: B# ]( i2 z: w$ r' D. ~
    ھازىر ئالتۇن مازارنىڭ ئىگىلىگەن ئومۇمىي كۆلىمى ئاماننىساخان مەقبەرىسىنى قوشۇپ ھېسابلىغاندا 5500كىۋادراتمېتىر بولۇپ، قەبرە كاھىشلىرىنىڭ نەقىشلىرى، دېرىزە پەنجىرىلىرىنىڭ ياسىلىشى ئۆزگىچە ھۈنەر-سەنئەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. خانىش ئاماننىساخاننىڭ يېڭىدىن قەد كۆتۈرگەن مەقبەرىسى قەدىمقى زامان ئۇيغۇر بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى ئۇسلۇبى بىلەن ھازىرقى زامان بىناكارلىق ھۈنەر-سەنئەت تېخنىكىسى ئۆز ئارا بىرلەشتۈرۈلۈپ، تۈۋرۈك، تورۇس ۋە ۋاسىلىرىدىن تارتىپ ھازىرقى زامان بىناكارلىق ماتېرىياللارىدىن پايدىلىنىپ ياسالغان بولۇپ، ئۇيغۇر بىناكارلىق ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ پۈتۈن ئۈلگىلىرىنى تاپقىلى بولىدۇ. بۇ مەقبەرە ئورۇنلاشتۇرۇلىشى، ياسىلىشى، شەكلى ۋە نەقىش بېزەكلىرى جەھەتتە ئۆزىگە خاس دەۋر ئالاھىدىلىكىگە مەدەنىي مىراس بولۇپ، 1984-يىلى ۋە 1990- يىلى ئاپتونۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «ئاپتونۇم رايون دەرىجىلىك نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» قىلىپ بىكىتىلگەن. 2006- يىلى 5-ئايدا گوۋۋۇيۈەن تەرىپىدىن 6-تۈركۈمدە «مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورنى» دەپ ئېلان قىلىنغان.+ [  j3 E' @) W. v, N7 F
   ئالتۇن دەرۋازا: بۇ يەكەن قەدىمىي شەھرىدىكى ئالتە دەرۋازىنىڭ بىرى بولۇپ، ئورنى ھازىرقى ئالتۇن مەسچىدنىڭ يېنىغا توغرا كېلىدۇ. بۇ دەرۋازا ئالتۇن مازار ۋە ئالتۇن مەسچىد يېنىدا بولغانلىقتىن دەرۋازا نامى شۇنداق ئاتالغان. « ئالتۇن دەرۋازا» دېگەن نام ھازىرمۇ قوللىنىلىپ كەلمەكتە.3 r; f6 d  q4 |  _. b
   ئالتۇن مەدرىس: بۇ مەدرىس يەكەن سەئىدىيە خاندانلىقى دەۋرىدىكى مەشھۇر خاندانلىق ئالىي بىلىم يۇرتى بولۇپ، خاندانلىقنىڭ ئىككىنچى سۇلتانى ئابدۇرەشىدخان (1533-1570-يىلىغىچە تەختتە ئولتۇرغان) تەرىپىدىن بىنا قىلدۇرۇلغان. ئۇ باشتا «رەشىدىيە مەدرىسى» دەپ ئاتالغان، كېيىن مەدرىىس شۆھرىتىنىڭ ئېشىشى بىلەن «ئالتۇن مەدىرىس» دەپ ئاتالغان. ئالتۇن مەدرىسنىڭ ئورنى ئالتۇن مەكتەپ، يەنى يەنى ھازىرقى موللاھاجىم ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئورنىدا ئىدى. بۇ مەدرىس ئۆز زامانىسىدا نۇرغۇن ئالىم-ئۆلىما، ئاتاقلىق شائىر-يازغۇچى، تارىخشۇناس، پەيلاسوپ، مۇزىكاشۇناس، تەرجىمەشۇناس، ھەربىي ئالىم ۋە ئاگرانوملارنى يېتىشتۈرۈپ چىققان بولغاچقا دۇنيادا زور شۆھرەتكە ئىگە بولغان.
! R0 i% [9 E7 Q. _7 r  J' N* p   ئالتۇن كۆل: بۇ كۆل ھازىرقى گۆرباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ 5- مەھەللە دائىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا بۇ كۆل ئالتۇن مەسچىد، ئالتۇن مازار ئەتراپىدا بولغانلىقى ئۈچۈن «ئالتۇن كۆل» دەپ ئاتالغان. بۇ كۆل ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىغىچە مەۋجۇد ئىدى. شۇندىن كېيىن بۇ كۆل تىندۇرۇلۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا شەھەر ئاھالىلىرى ئولتۇراق ئۆي سالغانلىقتىن بۇ كۆلنىڭ ئىزىمۇ يوقالغان.1 b8 J" V  X0 X# U
   ئالتۇن ئېرىق: بۇ ئېرىق مەغرىپ تەرەپ (غەرب)تىن مەشرىق تەرەپ (شەرق)كە قاراپ ئالتۇن مەسچىدنىڭ ئالدى ۋە ئالتۇن مازارنىڭ  يېنىدىن ئېقىپ ئۆتۈپ ئالتۇن كۈلگە قۇيۇلغاچقا، «ئالتۇن ئېرىق» دەپ ئاتالغان. بۇ ئېرىق ئەينى چاغدا كۆلگە سۇ قويۇشقا ئىشلىتىلگەندىن تاشقىرى، مەسچىد ئالدى ۋە يان - بەللىرىدىكى دەل - دەرەخلەرنى سۇغىرىش، مەسچىد ئىچى - سىرتىغا سۇ سېپىش ھەمدە نامازخانلارنىڭ غۇسلى - تاھارەت ئېلىش ئىشلىرىنى سۇ بىلەن تەمىن ئەتكەن.
# b' T6 O1 {1 A   ئالتۇن مەھەللە: بۇ مەھەللىلەر ھازىرقى گۆرباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ 4-، 5 - مەھەللىلىرى بولۇپ، ئەينى چاغلاردا ئالتۇن مەسچىد، ئالتۇن مازار ۋە ئالتۇن كۆل ئەتراپىدا بەرپا قىلىنغان بۇ ئاۋات كۈجۈم  مەھەللە «ئالتۇن مەھەللە» دەپ ئاتالغان. ھازىرمۇ بۇ مەھەللىدە ئاھالىلار زىچ ئولتۇراقلاشقان.2 U) O* h4 d1 j5 b0 ~% o
    ئالتۇن مەكتەپ: بۇ مەكتەپ ھازىرقى گۆرباغ ئىجتىمائىي رايونىنىڭ 6- مەھەللىسى، يەنى يېڭىدىن سېلىنغان موللاھجىم ئولتۇراق بىناسىنىڭ ئورنىدا ئىدى. 1934- يىلى بۇ مەكتەپ قۇرۇلغان چاغدا ئورنى ھازىرقى گەيشەڭ مەكتەپ ئەتراپىدا بولۇپ، «قازانچى مەكتەپ» دەپ ئاتالغان يېڭىچە پەننىي مەكتەپ بولۇپ، كېيىن بۇ مەكتەپ «قىز - چوكانلار ھۈنەر - سەنئەت مەكتىپى» دەپ ئۆزگەرتىلگەن. ئۇزۇن ئۆتمەي بۇ مەكتەپ ئالتۇن مەسچىد ۋە ئالتۇن مازار ئالدىغا كۆچۈرۈپ كېلىنىپ سېلىنغاندىن كېيىن «ئالتۇن مەكتەپ» دەپ ئاتالغان. بۇ مەكتەپ 2003- يىلى 12- ئايدا قۇرۇلغان يەكەن كونا شەھەر مەكتەپكە قوشۇۋېتىلگەندىن كېيىن «ئالتۇن مەكتەپ» دېگەن نام تارىخ بېتىدىن غايىب بولغان.
9 x/ |# p+ o; R4 M   ئالتۇن يولى: بۇ ناھىيە بازىرىدىكى يېڭىشەھەر رايونى بىلەن كونا شەھەر رايونى ئوتتۇرىسىدىكى ئالتۇن دەرۋازىدىن باشلاپ جەنۇبتن شىمالغا قاراپ سوزۇلغان مەركىزىي غول يول. بۇ يول جەنۇبتا ئالتۇن دەرۋازىدىكى تۆت كوچا ئېغىزىدىن باشلىنىپ، شىمالدا تېرەكباغ يولىغىچە، ئۇزۇنلۇقى 1200 مېتىر ئەتراپىدا كېلىدۇ، كەڭلىكى 23 مېتىر كېلىدۇ، يولنىڭ ئىككى يېنىدا كۆكەرتىش بەلبېغى بار. بۇ يول بويىغا ئالتۇن مەسچىد جايلاشقانلىقى ئۈچۈن 1988-يىلى يول - كوچىلارغا نام بەرگەندە «ئالتۇن يولى» دەپ ئاتالغان. ھازىر بۇ يولنىڭ ئىككى يېنىغا ئالتۇن مەسچىد، سۈبھى ئالتۇن سودا شەھەرچىسى، سەئىدىيە تەقلىدىي خان ئوردىسى، نۇرلان ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات شىركىتى، ناھىيەلىك كەسپىي تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ، نۇرلان ئالتۇن خان ساراي ئولتۇراق رايونى، ساكلار كونا شەھەر گۈللۈك ئولتۇراق رايونى قاتارلىقلار ئورۇنلاشقان.
1 L2 w  _% n1 S/ G  |5 o( ^* M( G* m    ئالتۇن تارىخىي مەدەنىيەت مەيدانى: بۇ مەيدان ئالتۇن مەسچىد ئالدىغا جايلاشقان بولۇپ، 2007-يىلى ياسالغان. بۇ مەيدان ئەتراپىدا ئالتۇن مەسچىد، ئالتۇن مازار، ئالتۇن مەرىكە زالى، ئاشخانا-چايخانا ۋە قەھۋەخانىلار، يېڭىدىن سېلىنغان موللاھاجىم ئولتۇراق بىناسى، مەيداننىڭ شىمالىي تەرىپىدە ئۇيغۇر قەدىمقى ۋە بۈگۈنكى زامان بىناكارلىق ھۈنەر - سەنئەت تېخنىكىسى بىرلەشتۈرۈلۈپ ياسالغان مۇقام ئۇستازى، شائىرە، خانىش ئاماننىساخاننىڭ مەقبەرىسى بار. مەيدان ئوتتۇرىسىدا فونتانلار بار. بۇلار بۇ مەيدانغا يېڭىچە تۈس بېغىشلىغاچ، يەكەننىڭ سەيلى- ساياھەتچىلىكىدە يارقىن نۇقتىغا ئايلانغان. ھازىر بۇ مەيدان يەكەندىكى ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭلا ئەمەس، بەلكى مەملىكىتىمىز ئىچى- سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنىڭمۇ مۇھىم سەيلى - ساياھەت ئورنى بولۇپ قالدى." w7 V# M( u$ ~4 A) q: n# V
. [4 w+ }% C# ]8 x% Q8 t
    (بۇ ماقالە 2011-يىلى11-ئايدا ئىلىم-پەن نەشرىياتى نەشر قىلغان «شىنجاڭنىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇشلىرى»، «قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتوتى ئىلمىي ژۇرنىلى»نىڭ ئۇيغۇرچە 1998-يىلى 3-سانى ۋە بىر قىسىم خەنزۇچە تور بەتلەردىكى مەلۇماتلاردىن پايدىلىنىش، پېشقەدەملەردىن ماتېرىيال ئىگىلەش ئاساسىدا يېزىلدى)
1 s* k; t' b0 ?- v, J) u7 x) V# N- N3 s2 e: h
   (  ئاپتور: يەكەن ناھىيە كونا شەھەر مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىسى، 2015-يىلى 11-ئايدا ۋاپات بولغان )
% ~2 E. L2 e+ a8 k   
' M% A% n2 j1 a4 z. f% z! b8 w2 |* A$ l

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 17:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىش قىممىتى زور بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

ۋاقتى: 2016-1-6 17:26:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىۋىلىش قىممىتى زور بولغان ئۇچۇرلار بىلەن تەمىن ئەتكەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش