مەندىكى ھايات
مەخەت ئابدۇرېھىم
مەن مۇئەللىم بىلىم ئىشقىدا يانغان،
قەلبىمدە جۇش ئۇرار ئوتلۇق مۇھەببەت.
بالىلار ئۈچۈن ھەم ئارزۇيۇم مەشئەل،
بىلىم دەپ يۈرۈگۈم سوقۇدۇ پەقەت.
مەرىپەت باغچىسى مىنىڭ ماكانىم
تەپەككۇر قىلىمەن گۈللەرگە قاراپ.
ھەر گۈلدە دەۋرىمنىڭ نۇرى جۇلاسى،
چاقنايدۇ دىللارغا ئۈممۈت بېغىشلاپ.
مەن مۇئەللىم قەلبىم گويا بىر بۇلاق،
تەشنا دىللارغا ھەم بال بولۇپ ئاققان.
خەلقىمنىڭ ئىستقبال كەلگۇسىنى دەپ،
بالىلار قەلبىگە نۇر چىراق ياققان.
ئالەمگە قارىسام سۆزلەيدۇ كۆزۈم،
مەرىپەت باغچىسى بىر گۈزەل جەننەت.
ھەسەلنى ھەرىلەر يىغمىسا گۈلدىن،
بولمايدۇ چىچەكتە ھېچقانداق لەززەت.
مەرىپەت ئۇرۇقىنى دىللارغا چاچسام،
بالىلار ئۇچۇشقا چىقارسا قانات.
يۇلتۇزدەك چاقنىسا بالىلار كۆكتە،
قىممەتلىك بولاتتى مەندىكى ھايات.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-6 00:10
|