يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 356|ئىنكاس: 6

ئەدىھەم: ئېھ،ھايات (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئېھ، ھايات
(ھېكايە)
ئەدىھەم ئىبراھىم

مەن ھويلىمىزدا ئاغېنەم ئەلقەم بىلەن ئوشۇق ئويناۋاتاتتىم.ئىگىز بويلۇق،ئات يۈزلۈك،كۆك كۆز، گەۋىرلىك بىر ئادەم چاپچىپ تۇرغان چىلان تورۇق ئېتىغا مىنگىنىچە ھويلىمىزغا كىرىپ كەلدى.
-ھەي كىسپۇرۇش،داداڭ ئۆيدە بارمۇ؟-مەن تا ھازىرغىچە كۆرۈپ باقمىغان،40ياشلار چامىسىدىكى ئاق سېرىق بۇ ئادەمگە ئەجەبلىنىپ قاراپ دىدىم:
-دادام ئۆيدە،ئۆزڭىز كىم بولىسىز؟
-ماڭ،داداڭنى ۋاقىراپ چىق.ئەختەرباي دادام كەپتۇ دىگىن!-مەن ئويناۋاتقان ئويۇندۇن مېھرىمنى ئۆزەلمەي،توغۇرسىنى ئېيتسام ئەلقەمنىڭ ھارام چامدىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ جايىمدا تۇرۇپلا ۋاقىرىدىم:
-دادا،ئۆيگە مېھمان كەلدى!...
-ھۆي ياغاچ قۇلاق،سالام-سائاتىڭمۇ يوققۇ سېنىڭ. ھە، داداڭ- ئاپاڭلار تېچلىقتۇ؟-ئۇ شۇنداق دىگەچ ئاتتىن چۈشۈپ،ئېتىنى ھويلىمىزدىكى موما ياغاچقا باغلىدى.ئۇڭغىچە داداممۇ ئۆيدىن چىقتى.ئۇلار ئۆزئارا قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ئۆيگە كىرىپ كەتتى.مەن ئەلقەم بىلەن ئوشۇق ئويناۋاتساممۇ خىيالىم ئۇ ئادەمدە قالغان ئىدى. ئىچىمدە:‹‹بۇ ئادەم كىمدۇ،ئۇ بىزنىڭ ئۆيگە نىمىگە كەلدىكىنە،ئۇ دادامنىڭ ئەغېنىسىمىدۇ ياكى بىزنىڭ بىرەر تۇغقىنىمىزمىدۇ››- دىگەنلەرنى ئويلاتتىم.مەن ئوشۇقلىرىمنى پاكىز ئۇتتۇرىۋېتىپ،قاش قارايغاندا سولاشقىنىمچە ئۆيگە كىردىم.ئاپام لەڭمەن ئېتىپتۇ،مەن تارتىنىپقىنا شىرەنىڭ بىر بۇرجىكىگە كېلىپ ئولتۇردۇم.
-ھە،نەچچىگە كىردىڭ سارقۇلاق،مەكتەپتە ئوقىۋاتامسەن؟-ئۇ مەندىن سورىدى.-مەن يەنىلا تارتىنچاقلىق بىلەن جاۋاپ بەردىم:
-7ياشقا،بىردە ئوقىۋاتىمەن.
-ھوي،ئىبراھىم.بۇ نىمەڭ نىمانداق مۆرىمەس بىر نىمە بولدى.ئۇنى ماڭا بەرسەڭ ئۈچ كۈندىلا ئاۋۇ چىلان تورۇقتەك چاپچىپ تۇرىدىغان قىلىۋېتىمەن جۇمۇ!
-ماقۇل بولسا ئۆيۈڭگە ئاچىقىپ كەتكىن،دەرسلىرىگە ياخشى قارىماي،كەچكىچە ئويۇن بىلەنلا بولۇپ كېتىۋاتىدۇ.سېنىڭ قولۇڭغا چۈشسە،ساڭا ئوخشاش ئوغلاقچى بولۇپ چىقامدۇ تېخى.-مەن دادامنىڭ بۇ گەپلىرىدىن راستىنلا مېنى بېرىۋېتىدىغاندەك،دادامنىڭ كۆزىگە ئەنسىرەپ قاراپ قويدۇم.
-بۇ بالاڭمۇ ساڭا ئوخشاش ئاتقا ھەۋەس قىلىدىغان ئوخشايدۇ،ھويلىغا كىرسەم ماڭا ئەمەس،چىلان تورۇققا پاقىراپ قاراپلا قالدى.كېيىنچە ئاتپەز بولۇپ چىقامدۇ نىمە.ماڭا بەرسەڭ راستىنلا ئاتپەز قىلىۋېتىمەن جۇمۇ بۇنى!-مەن بىردە دادامنىڭ،بىردە ئەختەرباي دادامنىڭ كۆزىگە قاراپ،بۇرۇنلىرىمنى تەرلەتكەنچە پۇشۇلداپ ئولتۇرماقتىمەن.بۇ چاغدا يەنە ئۇ ماڭا قاراپ ئېغىز ئاچتى.
-ئەكرەم بالام،مېنىڭمۇ سەندىن كېچىكرەك روزاخۇن دەپ بىر ئوغلۇم بار.ۋاھ،ئالامەت يامان نىمە جۇمۇ ئۇ!قانداق،ئۇنىڭ بىلەن چېلىشالامسەن،ئەگەر ئۇنى بېسىۋالاللىساڭ،ئاۋۇ چىلان تورۇق سېنىڭ بولىدۇ جۇمۇ!،-مەن بۇ گەپلەردىن ئۇنىڭ ئوغلىغا قىزىقىپ قېلىۋاتاتتىم.ئىچىمدە:‹‹ راستىنلا ئۇ شۇنچېلىك يامانمىدۇ،تېخى ئۇ مېنىڭدىن كېچىك ئىكەن،بىراق ئەختەرباي دادام ئۇنى توپاقنىمۇ بېسىۋالالايدۇ دەپ،يۈرۈدا››-دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم.
-قانداق،روزاخۇن بىلەن چېلىشالامسەن!قورقىۋاتىسەن ھە.بۇدا كەلگەندە ئالغاچ كېلەي،بىر تۇتۇشۇپ باققىن.يەنە دەپ قوياي، بېسىۋالساڭ چىلان تورۇق سېنىڭ بولىدۇ!...
ئارىدىن بىر نەچچە يىللار ئۆتۈپ كەتتى،بىراق ئۇ‹چېلىشچى›ئوغلى روزاخۇننى ئېلىپ كەلمىدى.مەن بولسام ئەختەرباي دادام بۇدا كەلگەندە، روزاخۇننى ئېلىپ كېلىدىغان بولغان دەپ،ئۇنىڭدىن بېسىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ھەرھالدا چىنىقىپ تۇرىۋاتاتتىم.مانا،يىللار بىر-بىرىنى قوغلۇشۇپ بۇرۇتلىرىممۇ خەت تارتىپ،چوپچوڭلا بىر يىگىت بولۇپ قالدىم.ئارلىقتا ئەختەرباي دادام يەنە كەلدى،بىراق ئۇ يەنىلا روزاخۇننى ئېلىپ كەلمىگەن ئىدى.بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈزلىرىگە ئانچە مۇنچە قورۇق چۈشكەن بولۇپ، قۇڭۇر چاچلىرىنىمۇ ئاق ئارلىغان ئىدى.تۇرمۇش دېشىۋارچىلىقىدىنمۇ قانداق،بەللىرى ئازراق ئىگىلىپ قالغان ئىدى.ئۇ يەنە‹‹ھەي،روزاخۇننى ئالغاچ كەلگەن بولسام-زە،سېنى پېقىرىتىپ ئېتىۋېتەتتى-دە!››دەپ قوياتتى.مانا يەنە نۇرغۇن يىللار ھەممىمىزگە ئىز-تامغىلىرىنى بېسىپ،گويا ئەخترباي دادامنىڭ ھېلىقى ئۇچقۇر چىلان تورىقىدەك چېپىپ ئۆتۈپ كەتتى.مەنمۇ ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ،ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ چوپچوڭلا ئادەم بوپقالدىم.بالىلىرىممۇ ئىڭەككە تاقىشىپ قالغان ئىدى. خىزمەت، تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىدە يەنە نۇرغۇن يىللار ئۆتۈپ كېتىپتۇ.بىر يەكشەنبە كۈنى دادام تېلىفۇن قىلىپ قالدى:
-بۈگۈن ۋاقتىڭ بولسا،ماشىناڭ بىلەن ئەختەرباي داداڭنىڭ ئۆيىگە ئاچىقىپ قويغان بولساڭ بولاتتى.ئۇنىڭ ھېلىقى روزاخۇن دىگەن ئوغلىنىڭ بالىسىنىڭ سۈنئەت تويى بولاتتىكەن...- ئادەتتە دادام ئۇ يەر،بۇ يەرگە ئاپىرىپ كەلگىن دىسە،خۇددى بوينىنى باغلىغان ئىتتەك خۇشياقمىغان ھالدا ماڭاتتىم.بۈگۈن ئەختەرباي ۋە روزاخۇن دىگەن ئىسىملارنى ئاڭلاپلا بېرىشقا دەرھال ماقۇل بولدۇم.
بۈگۈن چۈشتىن كېيىن تاغ باغرىدىكى قوشنا يېزىغا دادام-ئاپاملارنى ئېلىپ ماڭدىم.قىش،ھەممە يەر ئاپئاق قار بىلەن قاپلانغان ئىدى.ئولارنىڭ يېزىسىغا چىقىپ روزاخۇننىڭ ئۆيىنى ئوڭايلا تېپىۋالدۇق. ھويلىدا 40ياشلار چامىسىدىكى بىرەيلەن قار كۈرەۋاتاتتى. مەن ماشىنىنىڭ دېرىزىسىدىن قاراپ ئېچىمدە: ‹‹ئەختەرباي دادامنىڭ روزاخۇن دىگەن چېلىشچى بالىسى موشۇ بولسا كېرەك››دىگەننى خىيالىمدىن ئۆتكۈزدۈم.ئولار بىزنى قىزغىن كۈتىۋالدى،ئۆي ئىچىدە ئۇ يەر،بۇ يەردىن كەلگەن ئۇرۇغ-تۇغقان ۋە خولۇم-قۇشنىلاردىن بىرنەچچەيلەن ئولتۇراتتى.ئۇلار بىزنى كۆرۈپ ئورۇنلىرىدىن دۈررىدە تۇرۇشۇپ ھال-ئەھۋال سوراشتى.ئەختەرباي دادام خېلىلا ياشىنىپ قالغان بولۇپ، نۇرسىز كۆزلىرىنى پىلدىرلاتقانچە،يوغان قۇلاقچىسىغا چۆكۈپ ئولتۇراتتى.ئۇ دادامغا يېقىن ئولتۇرۇپ،قۇلىقىنى گەپكە توغۇرلاپ، دادامنىڭ پاراڭلىرىنى زەڭ قويۇپ ئاڭلايتتى.
-قارا،ئىبراھىم.ئالايتەن ئادەم ئېتىپ چىققىنىڭلارغا كۆپ رەھمەت.پاراڭلىرىڭنى يېقىن ئولتۇرۇپ ئاڭلىمىسام قۇلاقتىن گەپ قاچىدىغان بولۇپ قالدى ئاداش،-دىدى ئۇ دادامنىڭ يېنىغا سۈرۈلۈپ.
موشۇ كۈنلەردە دادامنىڭ كۆزى ياخشى كۆرمەيدىغان بولۇپ قالغان ئىدى،شۇڭا ئۇ گەپنى كۆزدىن باشلىدى:
-كۆزۈڭنىڭ ئەھۋالى قانداق سېنىڭ،مېنىڭ كۆزۈم تازا كۆرمەيدىغان بولۇپ قالدى.مەشەدە ئولتۇرۇپ مانتىدىكى ئادەمنى تونىمايمەن. روزاخۇننىڭ بالىسىنىڭ توي ئىشىمۇ بىر نۇرى،مۇھېمى سېنى بىر كۆرۈپ كېلەي دىدىم،-ئاڭغىچە ئەختەرباي دادام ئېغىز ئاچتى:
-ھەي،ئاۋۇ مانتىدىكى روزاخۇنمۇ قانداق؟ ھەي مۇشۇ مېنىڭ كۆزۈمنى-زە،- ئۇ كۆزلىرىنى ئۇۋلىغانچە گېپىنى داۋاملاشتۇردى، -روزاخۇن،ماياققا قارا ئوغلۇم،مانا بۇ مەن گېپىنى قىلىپ بېرىدىغان ئىبراھىم داداڭ ،بۇياقتىكىسى بولسا‹‹چېلىشىپ سېنى بېسىۋېتىمەن›› دەيدىغان ئاغېنەڭ ئەكرەم بولىدۇ.بۈگۈن سىلەرنى تونۇشتۇرۇپ قوياي،بىزنىڭ دوستلىقىمىزنى بۇندىن كېيىن سىلەر داۋاملاشتۇرۇڭلار بالىلىرىم...-مەن ئەختەرباي دادامغا قارىغىنىمچە چۇڭقۇر خىياللار دىڭىزىغا غەرىق بولماقتا ئىدىم: ھەي،ھايات!سەن نىمىدىگەن ئۇچقۇر،نىمىدىگەن رەھىمسىزسەن -ھە! قارا،ماۋۇ ئەختەرباي دادامغا،قېنى قايران نەۋقىرانلىق،قېنى بۈركۈت كەبى ئالغۇر ئوغلاقچى قوللار،چولپاندەك يېنىپ تۇرغان نۇرلۇق كۆزلەر،ئۆتۈك قۇنچىغا قامچىسىنى قىستۇرۇپ،گۇس-گۇس دەسسەپ مېڭىپ كېتىۋاتقان زەپەردەس قەدەملەر!ئىھ،ھايات.قارا،تۈنۈگۈنلا ئوشۇق ئويناپ يۈرگەن بىر بالىنى ۋاقىت شاماللىرىڭدا پەي-قاناتلىرىنى قاتتۇرۇپ، مانا بۈگۈن نەۋقىران بىر ئادەمگە ئايلاندۇردۇڭ.بىراق ئۆزۈڭ يەنىلا ياپياش،يەنىلا بەردەم،يەنىلا يېپيېڭى پېتى تۇرماقتىسەن!قانچە بوۋاقلار تۇغۇلۇپ،بوۋاي مومايلارغا ئايلاندى،قانچە شىرمەتلەر بۇ قارا يەر ئاستىغا كىرىپ كەتتى.قانچە شەھەرلەر گۇم بولۇپ،خارابىلىقلارغا ئايلىنىپ كەتتى.بىراق سەن يەنىلا سەھەردە چىققان  قۇياشىدەك يېپيىڭى،يېڭى ئېچىلغان گۈل كەبى نازۇك،يۇلقۇنۇپ تۇغۇلغان بۇۋاقتەك مېھىرلىكتۇرسەن!...مەن خىياللاردىن ئويغۇنۇپ قايتماقچى بولۇپ ئورنۇمدۇن تۇردۇم:
-مەن قايتاي،ماڭا روخسەت قىلغان بولساڭلار؟
-يەنە بىردەم ئولتۇرغىن ئوغلۇم،نەگە ئالدىراتتىڭ،مانا داداڭ ئىكىمىزمۇ قېلىپ تۈگۈتەلمىگەن ئىشلار ئۇ.بۇ جاھاننىڭ ئىشلىرى تۈگۈگىچە بىز تۈگەپ كېتىدىكەنمىز،شۇڭا يەنە بىردەم مۇڭدىشايلى ئوغلۇم،-مەن ئۇنىڭ ئېغىر ۋەزىنلىك بۇ گەپلىرىدىن يەنە بىردەم ئولتۇرۇشقا مەجبۇر بولدۇم.قايتىدىغان چاغدا ئەختەرباي دادام ماڭا:
-ھوي راست،روزاخۇن بىلەن چېلىشىدىغان ئىشىڭلار بار ئىدى،چېلىشىپ بولۇپلا قايتمامسەن-دىدى،ئۇ كاماك چىشلىرىنى كۆرسۈتۈپ ھېجايغىنىچە ماڭا چاقچاق قېلىپ ،مەنمۇ ئۇنىڭغا ئۇلاپلا:
-بىز ھازىر چوڭ بولۇپ،چېلىشىدىغان يېشىمىزدىن ئۆتۈپ كەتتۇق دادا،ئەمدى چېلىشىش نۆۋىتى بىزنىڭ بالىلارغا كېلىپ قالدى،بۇدا چىققاندا ئوغلۇم ئۈمىدنى ئالغاچ چىقاي،ئۇ روزاخۇننىڭ ئوغلى بىلەن بىر چېلىشىپ باقسۇن،نەۋرەڭ ئوغلۇمنى بېسىۋالسا ئاۋۇ ماشېنا ئۇنىڭ-دىدىم مەنمۇ چاقچاق قىقىپ.بۇ چاغدا ئەختەرباي دادام:
-ھەي،ئىسىت!سىلەرنى بىر چېلىشسالدۇرالماي قالدىمدە!ھە نىمە بولسا نەۋىرلەر بولسىمۇ چېلىشىپ،بىر-بىرى بىلەن چىقىشىپ،بۇ ھاياتنىڭ ئۇزۇن يوللىرىنى بىللە باسقاي- دەپ،دۇئاغا قول كۆتۈردى.
مەن ماشىنىدا يەنىلا ئېغىر خىياللار قۇينىدا كەلمەكتىمەن. ماشىنىدىكى mp3دىن ياڭرىغان‹‹قىممەتلىك ھايات›› دىگەن  ناخشا مېنى شېرىن ئەللەيلەتتى.مەن ماشىنا دېرىزىسىدىن يېرقلارغا باققىنىمچە ‹‹ئىھ،ھايات››دەپ يېنىك شىۋىرلىدىم.

2014-يىلى12-ئاينىڭ14-كۈنى

چاپچال ناھيە قاينۇق يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش پۇنكىتى ئەدىھەم ئىبراھىم
تىلىفۇن13999386874
察县海努克乡农经站艾迪合木江。依布拉衣木


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-6 00:02  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-6 12:10:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئۇچقۇر يىللارنىڭ ئىنسان ھاياتىنى دۇقمۇش-دۇقمۇشلاردىن ئايلاندۇرۇپ،ئاخىرقى مەنزىلگە ئېلىپ كېلىشى مۇقەررەردۇر.
قانداق ئەسلىكلەرنى قالدۇرۇش بۇ شۇ يولدىكى مۇھىم قىممەت بولسا كېرەك! ئارمان يىراق مەنزىلنىڭ ئېچىلىپ تۇرۇۋاتقان گۈلىدۇر.بىر-بىرىدىن چىرايلىق...
    زاغرا تىللىق بۇ ھىكايەڭنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم.ئاددى تەپسىلاتقا چوڭقۇر مەنە سىڭدۈرۈپسەن.يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-6 17:02:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باش تېما چىرايلىق يورۇتۇلۇپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-6 22:40:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايەڭنى ئوقۇپ ، ھاياتنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈك ، نەقەدەر قىسقا بولىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم چوڭقۇر ھېس قىلدىم. ھېكايىدىكى تەپسىلارنى شۇنچىلىك يېقىشلىق ئىپادىلەپ بېرىپسەن ، ئادەم خۇددىي ئاشۇ پېرسۇناجلار بىلەن بىرگە تۇرغاندەك ، بىللە ياشاۋاتقاندەك ھېسسىياتقا كېلىپ قالىدىكەن .شۇ بانادا كومپىيوتىردىن « قىممەتلىك ھايات » دىگەن ناخشىنى يەنە بىر نۆۋەت قويۇپ ئاڭلىۋالدىم . ئىجادىيىتىڭگە بەرىكەتلەر ياغسۇن ‹

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 13:16:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
موشۇ ھېكايەمگە ياخشى باھالارنى بەرگەن پولات ۋېلاخۇن،داڭگال ۋە ئادىلجان ھەسەن قاتارلىق دوستلارغا كۆپ رەھمەت!....
مەن ئۈزۈممۇ بۇ ھېكايىنى ئوقۇساملا مۇڭلۇنۇپ كېتىمەن ۋە ئىختىيارسىز ئېھ،ھايات!...دەپ كېتىمەن!...

ۋاقتى: 2016-1-11 18:17:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئېھ، ھايات»ناملىق ھېكايىسىدەكلا تارتىملىق ھېكايە بوپتۇ، تىلىمۇ خەلق تىلىغا يېقىن، جەلپ قىلارلىق!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-13 14:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئېھ، ھايات»ناملىق ھېكايىسىدەكلا...
رەھمەت،مەن خالىدە ئىسرائىلنىڭ ئۇ ھېكايىسىنى ئوقىماپتىكەنمەن،‹‹قۇملۇقنىڭ چۈشى››دىگەن توپلىمىنى ئالغان ئىدىم بىراق يوقۇتۇپ قويدۇم...ئەمدى ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇپ باقاي....

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش