تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى 2016-1-5 21:24 
بىزنىڭ ئۆيدە تېلىۋېزۇر يوق، مەن ياسىن ئابدۇكېرىم يازغ ...
«خۇ يۈ» ماركىلىق تېلېۋىزوردا بۇ كىنو چىقىدۇ. يەنە كەينىگە قايتۇرۇپ كۆرگىلىمۇ بولىدۇ. شۇنى ئېلىڭە بولدى. يەنە كېلىپ بىكارغىلا بېرىدۇ.
ماۋۇ ت ۋ تىياتىرىدا بالىلار ئوبرازى پەقەتلا چۈشمىگەندەك. مېنىڭچە تېخىمۇ ياخشى ئارتىست بالىلارنى تاپقىلى بولىدۇ. بالىلار ئابدۇكېرەم ئابلىز بىلەن خاسىيەت قۇربانغا ماسلىشالماي قاپتۇ. بەكلا سۈنئىي. 2- بۆلۈم تېخىمۇ سۈنئىي، يەنە كېلىپ سىياسىي تۈسى قويۇق. مېنىڭ نەزىرىمدە سىياسىي تۈسى قانچە قويۇق بولسا سەنئەتلىكى شۇنچە سۇسلىشىدۇ ھەمدە قوراللىق خۇسۇسىيىتى ئاشىدۇ.
2- بۆلۈمنىڭ يېڭىلىقى: ھە بىر قىسىمدا ھەر بىر پېرسوناژ بىر ھېكىمەتلىك سۆزنى قىلىدۇ. لېكىن تەبىي ئەمەس. كارتون فىلىم «خېمەن ۋە ئالەمنىڭ خوجايىنلىرى» دىمۇ ھەر بىر قىسىمدا ئاشۇنداق ھېكمەتلىك گەپلەر دېيىلىدىغان، بىراق دەل ئاشۇ يېرى بىزگە تولىمۇ تاتلىق تۇيۇلاتتى.