يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 582|ئىنكاس: 9

ئېزىزجان تۇردى(ئىزگۈگە): مەن يەنە قايتماسمەن(ت)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
مەن يەنە قايتماسمەن


(«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)

جوھان رامون جىمېنېز (1881-1958) ، ئىسپانىيىنىڭ ھازىرقى زامان مەشھۇر شائىرى . ئىسپانىيە لىرىك شېئىرىنىڭ ئالتۇن دەۋىرىگە يول ئاچقۇچى. بالىلىقدىكى تەنھالىق ۋە ئۆسمۈرلۈك دەۋىرىنى پروتېستىئان دىنى مەكتىپدىكى 11 يىلغا سوزۇلغان مەكتەپ تۇرمۇشى بىلەن ئۆتكۈزگەچكە شائىرنىڭ كۆڭلىگە ئىنتايىن زور ھەسرەت يوشۇرۇنغان . 1896 - يىلى شائىر ئاتسىنىڭ ئارزۇسى بويىچە سېلېۋىيەگە بېرىپ قانۇن ۋە رەسىم سىزىشنى ئۆگەنگەن. لېكىن شائىر ناھايىتى تېزلا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كۆچكەن. 1900 - يىلى  شائىر لاتىن ئامېرىكىسى مودېرنىزملىق شېئىرىيىتىنىڭ ئاساسچىسى لۇۋېرن • دارىئو بىلەن تونۇشقاندىن كېيىن  شېئىر ئۇنى ئۆزىگە ناھايىتى مەھىلىيا قىلىۋالغان .شۇ يىلى  شائىر ئېلان قىلغان « ئاق نېلۇپەر » ، « ۋىئولېت گۈلى روھى " قاتارلىق شېئىرلار توپلىمى ھەددىدىن زىيادە قايغۇ-ھەسىرەتكە تولغاچقا ئوبزورچىلارنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچرايدۇ . شۇنىڭ بىلەن شائىر يۇرتىغا قايتىشنى قارار قىلىدۇ ، يول ئۈستىدە ئاتىسىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىدىن  خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچىرايدۇ. بۇنىڭ بىلەن شائىر كۆپ قېتىم ساناتورىيىگە كىرىپ داۋالىنىدۇ . 1912- يىلى شائىر مادرىدقا قايتىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. 1916 - يىلى ئامېرىكىغا بارىدۇ، ئامېرىكىدا تۇرغان مەزگىلىدە شائىر پوئېرتورىكولۇق ئايال تەرجىمان سانوۋېللا بىلەن تونۇشۇپ قالىدۇ_ كېيىن ئايالى بولىدۇ . مادرېدتا شائىر زور بىر تۈركۈمدىكى ياش شائىرلارنى تاللاپ ، «27-يىلىدىكى بىر ئەۋلاد»نىڭ ئۇستازى بولۇپ قالىدۇ. ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشى مەزگىلىدە ، شائىر جۇمھۇرىيەتچىلەر  تەرەپتە تۇرىدۇ، كېيىن چېكىنىشكە مەجبۇر بولۇپ چەت ئەلگە قېچىپ كېتىدۇ . ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە ئۇ ئاكتىپلىق بىلەن كىشىلەرنى ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىدۇ ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدا شائىر ئىسپانىيەنىڭ مۇستەبىت ھۆكۈمرانلىقىدىن نارازى بولغاچقا ، پوئېرتورىكوغا بېرىپ ئولتۇراقلىشىپ قالىدۇ . 1956- شائىر نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشدۇ.
شائىرنىڭ ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن ئاساسلىقى « تۆۋەنكى قەۋەتتكى بوشلۇق » ، «بىر يېڭى توي قىلغان شائىرنىڭ خاتىرىسى » « بوشلۇق » قاتارلىقلار بار
. «مەن يەنە قايتماسمەن » ئىسپانىيىنىڭ ھازىرقى زامان داڭلىق شائىرى جىمېنېزنىڭ ئېغىزدىن ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن داڭلىق شېئىرى .



(1)
مەن يەنە قايتماسمەن

مەن يەنە قايتماسمەن
قايتمىدىم مەن ھەم يەنە.
سۈزۈك كېچە سالقىن ھەم تىمتاس،
مىسكىن ئاينىڭ كۆكۈچ نۇرىدا
ئۇيقۇغا چۆكتى بۇ دۇنيا ئەنە.

كۆرۈنمەيدۇ گەۋدەم ئۇياندا
مۇزدەك سوغۇق مەيىن شاماللار،
دېرىزەمدىن كىرەر ۋىژىلداپ،
سورار مەندىن روھىڭ قاياندا.

ئوزۇن بولدى يۈتتۈم بۇ جايىدىن،
بىلەلمىدىم كىم ئەسلەر مېنى،
بەلكىم كۆز ياش، لېرىكا ئىچرە،
ئەسلەر بىراۋلار ئۆتمۈشلىرىمنى.

يەنە باردۇر گۈل ۋە يۇلتۇزلار
ئۇھسىنىش ھەم ئارزۇ-ئارمانلار،
كوچىدىكى دەرەخ ئاستىدا
نىگار قىلار شېرىن پاراڭلار.

كېلەر ئەسكە پىئانىنو كۈيى
ئەشۇ جىمجىت كېچىدەك غەمكىن،
ئەمما ئۆتسە دېرىزەم تۈۋىدىن
ئاڭلىمايدۇ ھېچكىممۇ تەمكىن.



(2)
مۇزىكا

تويۇقسىزلا ، فونتان
كۆكرەكلەرنى يىرتىپ ئېتىلدى،
ئەسەبىي ھېسلار ئېلىپ كەتتى يار
قاراڭغۇلۇق_خۇددى يالىڭاچ ئايال
ئېچىىپ بالىكون كۆزنىكىنى،
يۇلتۇزلۇق ئاسمانغا يىغلىدى زار- زار
ئۇ نامىسىز ئۆلۈم-
مەھكۇم ئۇنىڭغا ئەسەبىي ھايات.

قايتماس يەنە مەڭگۈ ئەسلىگە
-يالىڭاچ ئايال ياكى بۇلاق سۈيى
قالار ئارىمىزدا قايتىلاپ كىرىپ-چىقىپ
ئۇ ھەم چىنلىقتۇر ۋە ياكى ھېچنىمە،
موشۇنداق  قەتئىي توسۇلمايدىغان.


(3)
ھايات-ماماتلىق ئوتتۇرسىدىكى ھېكايە

ئايرىلمىدىڭ. پەقەت شۇ ئۆتمۈشتە ،
تەن ۋە روھلار بىرلەشكەن،
سەن دۇنيا ئارا يۆتكىلىسەن.

بىراق ھازىر (ئايرىلمىدىڭ)،
تەن ۋە روھلار نەقەدەر يىراق،
دۇنيا سەن ئارا يۆتىكىلىدۇ

(4)
مەۋھۇملۇق

ئىلاھىي خىيالغا چۆكىمەن
ئاشۇ ئېگىز مۇنار ۋاز كىچىشىمگە قارشلىشۋاتقاندەك.
يامىشىمەن مۇنار پەشتىقىغا، قان تامچىيدۇ يۈرىكىمدىن
تىكىلىمەن چەكىسىز دېڭىزغا، ئۇنىڭغا  بېغىررەڭ تون ياپقاندەك.

سايەمدىن ياسايمەن سۈزۈك سەھەر،
چىلتارىمدا توسۇپ شامالنى
دىلخانەم ئۈچۈن ئىزدەيمەن يۆلەك...
بىراق، ھەي! بۇ ئەجىبا ھېچنىمە ئەمەسمۇ، پەقەتلا بۇ جىمجىتلىقمۇ؟
مەۋھۇملۇق، توغرا، مەۋھۇملۇق، مەۋھۇملۇق!...
-بەلكىم قەلبىم چۆككەندۇر سۇغا
چۈنكى دۇنيا ئايلاندى قەلئەگە، مۇزدەك سوغۇق ھەم قوپقۇرۇق.

سىز يەنىلا سىزدۇرسىز، ئىنسانىيەتنىڭ باھارى،
تۇپىراق، ھاۋا، سۇ، ئوت، ئالار ئۆز ئىچىگە ھەممىنى!
...ئەمما مەن پەقەتلا بىر ئۆزۈمنىڭ خىيالى!

(5)
باھار
خۇش ھىدىنى تارىتار ئەتترگۈللەر ھەريانغا،
زەر نۇرىنى چاقنىتار يۇلتۇزلار ھەم ئاسماندا،
بۇلبۇللار ناۋا ئەيلەر مۇڭ تۆكۈپ ئاۋازىدىن
مەستخۇش بولۇپ كۈي قاتار كېچىنىڭ جامالىغا.

گۈل-چىمەننىڭ ھىدىدىن كەيپىم خۇشۋاق بولمىدى،
يۇلتۇزلار جۇلا قىلار ئالدىمدا ھېچ نۇرى يوق،
بۇلبۇللار ناۋاسىدىن بولدى كۆڭۈللەر خاراب
كۆز يېشىم ئىچرە ھامان چېكەرمەن كۆپ  ئىزتىراپ.

چەكسىز شۇ ئازابلىرىم ئارام بەرمەيدۇ ھامان
تىللىرى ھەسەل ئىكەن ئوتلىرى ئاندىن يامان
دەرتلىك بۇ يۈرەكىمنى شورايدۇ ئۇ بىر زامان...
گۈللەردىن تارىتىدۇ  مەن ئۈچۈنلا خۇشپۇراق
يۇلتۇزلارنى كۆيدۇرىدۇ شېئىرىمغا بوپ چىراق.
بۇلبۇللارنى سايرىتار ماڭا باغلاپ ئىشتىياق!


(تەرجىمان:  ئونسۇ ناھىيەلىك سىياسى كېڭەش تارىخي ماتېرىياللار كومىتېتىدىن ئېزىز جان تۇردى )




خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەر تۆۋەندە بېرىلدى:


希梅内斯(18811958),西班牙现代著名诗人。西班牙抒情诗新黄金时代的开拓者。童年的孤独和少年时在耶稣会学校长达11年的住校生活使诗人心里隐藏了极大的忧伤。1896年诗人按照父亲的意愿前往塞维利亚学习法律和绘画。但是诗人很快就转入了文学创作。1900年,诗人和拉美现代主义诗歌创始人卢文•达里奥相识,被其诗歌深深吸引。同年,诗人发表诗集《白睡莲》,《紫罗兰的灵魂》,因过于忧伤饱受评论界指责。诗人决定回到家乡,途中得知父亲病逝,其身心受到极大打击。为此诗人曾多次进入疗养院。1912年,诗人回到马德里做编辑工作,直到1916年去美。在美国期间,诗人结识了波多黎各女翻译家塞诺维亚-他后来的妻子。在马德里,诗人选拔了大批青年诗人,成为“二七年一代”的宗师。西班牙内战期间,诗人站在共和派一边,后被迫流亡国外。二战时,他积极呼吁人们反战,晚年的诗人因不满西班牙的独裁统治定居波多黎各。1956
年,诗人获得诺贝尔文学奖。

诗人的代表作主要有《底层空间》,《一个新婚诗人的日记》,《空间》等。
《我不再归去》是西班牙现代著名诗人希梅内斯的名诗,曾被人们广为传诵。

(1)
我不再归去
我不再归去
。我已不再归去
,晴朗的夜晚温凉悄然
凄凉的明月清辉下
。世界早已入睡

我的躯体已不在那里
,而清凉的微风
,从敞开的窗户吹进来
。探问我的灵魂何在

,我久已不在此地
,不知是否有人还会把我记起
,也许在一片柔情和泪水中
。有人会亲切地回想起我的过去

但是还会有鲜花和星光
,叹息和希望
和那大街上
。浓密的树下情人的笑语

还会想起钢琴的声音
,就像这寂静夜晚常有的情景
可在我住过的窗口
。不再会有人默默地倾听


(2)
音乐
 突然间,喷泉
  ,从裂开的胸膛迸出
  激情之流冲决
  黑暗——犹如裸女
  ,敞开阳台之窗
  向星空哭泣,渴望
  --那无名之死
  --这将是她疯狂的永生
  并且永远不再复归
  ——裸女,或泉水——
  留在我们中而又进出
  ,既真实而又虚无
  她是如此不可拦阻

(3)
生与死的故事
你没有离开。只不过以前
,身体与灵魂结合
。你在世界之中移动

,(但是现在(你没有离开
身体与灵魂隔得那么远
。世界在你之间移动

(4)
虚    无
我以自己神圣思想
。那高高的塔楼与你的抛弃对抗
登到塔楼上,淌血的心
。会看到大海,为它披上了紫红色的衣裳
,我将在自己的影子上缔造黎明
,我将用自己的竖琴来防风
。。。我将在自己的肺腑寻求支撑
?但是,哎!难道这什么也不是,只是这平静
!。。。!虚无,是的,虚无,虚无
或者是我的心灵落在了水中—
。因此世界变成了一座城堡,寒冷而又空洞

,你就是你,人类的春天
!土地,空气,水,火,包罗万象
!而我只是我的思想……

(5)
春    天
, 玫瑰放射最细微的芳香
  ,星星闪烁最纯洁的光芒
  夜莺用最深沉的啼声
  。将夜色的美丽尽情地歌唱

  ,稚嫩的花香使我不爽
  ,神圣蓝色的闪烁使我前额无光
  夜莺嘹亮的歌声
  。使我不幸地哭泣忧伤

  那并非无限的惆怅
  用美妙甜蜜的舌头
  。。。舐着我古老的心房
  请你让玫瑰为我放出馨香
  ,让星星为我燃起诗的火光
  !让夜莺为我快乐地歌唱 



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-7 19:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-11 12:54:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى تۇللۇق ئوقۇپ چىقىتىم ۋە تېگىشىلىك ھوزۇر ئالدىم. تەرجىمە قىلغۇچىنىڭ ئەمگىكىگە قارىتا تەرجىمانلىرىمىز بولسىمۇ بۇ گۈزەل شېئىرلارغا بىر نەرسە دەپ باقمامسىلەر؟
«ئىزگۈ» سەھىپىسىگە يوللانغان تۇنجى تەرجىمە ئەسىرىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىغا چىن دىلىمدىن تېلەكداشمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-11 18:53:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-6-6 05:40 PM  
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 12:54
شېئىرلارنىڭ تەرجىمە نۇسخىسىنى تۇللۇق ئوقۇپ چىقىتىم ۋە ...

تىلەكلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت پاتىگۈل. بۇ مۇنبەرگە شېئىر تەرجىمىسىگە ئىشتىياقى بار شائىرلار ئاز كىرەمدۇ ياكى باشقا سەۋەب بارمۇ ھېچ بىلمىدىم، ھىچبىر ئىنكاسلار يوق. بۇ تەرجىمىنى يوللىغىلى نەچچە كۈنلەر بوپتۇ . تۇرۇپلا كىچىك ۋاقىتىمنى ئەسلەپ قالدىم، بەزىدە ئۆزۈم يالغۇز ئېرىق ئىچىدە قۇمدىن ئۆي ياساپ ئۆزۈم ھوزۇرلىنىپ ئۆزۈم بۇزىۋىتەتتىم.

ۋاقتى: 2016-1-11 20:59:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن يەنە قايتماسمەن
قايتمىدىم مەن ھەم يەنە.
سۈزۈك كېچە سالقىن ھەم تىمتاس،
مىسكىن ئاينىڭ كۆكۈچ نۇرىدا
ئۇيقۇغا چۆكتى بۇ دۇنيا ئەنە.

مىسرالارنى بىلىشىمچە سېلىشتۇرۇپ باقتىم، كۆپ ئەجر قپسىز،تىل جەھەتتىكى قابىلىيىتىڭىز  شىئېرىي ئىشتىياق بىلەن ئوبدان بىرلىشىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-11 21:16:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ شائىر بوشلۇق ھەققىدە  خېلى كۆپ قەلەم تەۋرىتىپتىكەن. « تۆۋەنكى قەۋەتتكى بوشلۇق » «بوشلۇق»
تەرجىمە ئىگىسىگە مۇۋەپپەقىيەت يار بولسۇن !

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 11:42:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
qongkurqak يوللىغان ۋاقتى  2016-1-11 20:59
مەن يەنە قايتماسمەن
قايتمىدىم مەن ھەم يەنە.
سۈزۈك كېچە  ...


بەرگەن باھايىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، ۋاقىتىدا بېرىلىگەن ئىلھام ئادەمگە غەيرەت بېغىشلايدىكەن. بۇ شېئىرلارنى تەرجىمە قىلىش جەريانىدا ئىمكانقەدەر شېئىرىنىڭ ئەسلى مەزمۇنىنى ئۆزگەرتۋەتمەسلىك ئاساسىدا قاپىيەگە كەلتۈرۈشكە تىرشتىم. ھەم ئۆتۈپ كەتكەن ۋاقىتلىرىمدا ئېنگىلىز تىلى ئۆگەنگەن بولسام بوپتىكەن دەپ ئويلاپ قالدىم، چۈنكى بىزگە يىتىپ كېلۋاتقان نۇرغۇن تەرجىمە ئەسەرلەر چەت دۆلەتتىكى مەلۇم بىر تىلىدىن ئېنگىلىز تىلىغا ، ئېنگىلىز تىلىدىن خەنزۇ تىلىغا، ئاندىن بىزنىڭ تىلىمىزغا ئايلىنىش ئارقلىق يىتىپ كېلىدىكەن. بۇ ئايلىنىش جەريانىدا ئەسلى ئەسەردىكى ئىپادە ھەم گۈزەللىككە چوقۇم نۇقسان يېتىدۇ. تەرجىمە قىلىنمىسا چەتئەل ئەدەبياتىدىكى نۇرغۇن نادىر ئەسەرلەردىن، يېڭى يۈزلىنىشلەردىن خەۋەردار بولۇش ئىشقا ئاشمايدىكەن. تەرجىمە قىلىنسا يۇقىرىدا ئېيتقىنىمدەك  تەرجىمە خىجالەتچىلىكى ئادەمنى قىينايدىكەن.  قانداقلا بولمىسۇن بۇ يولدىكى ئىزدىنىشلىرىمنى ئۈزۈپ قويماسلىق نىيىتىم بار. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   azizjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-12 11:43  


ۋاقتى: 2016-1-12 13:45:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
azizjan يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 11:42
بەرگەن باھايىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم، ۋاقىتىدا بېرىلىگ ...

ئادىل تۇنىياز كوللىكتىپ سورۇنلارغا بارمىغىنى بىلەن پات-پات پاراڭلىشىپ قالاتتۇق. ئۆزۈم شىئېر يازمىساممۇ  ئادىل تۇنىيازنىڭ نۇرغۇن مىسرالىرىنى يادا بىلەتتىم. ئۇ ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا رۇس تىلى ئۆگەنگەن، شۇ چاغدىمۇ خەنزۇچە شىئېرلار توپلاملىرى قولىدىن چۈشمەيتتى. ئۇ ئوقۇش پۈتتۈرۈپلا ئىنگىلىزچە ئۆگىنىشكە يۈرۈش قىپتۇ. ئۇنىڭ خەلقارادا چىقىدىغان ئىنگىلىزچە مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنىۋاتقان شىېرلىرى ئاز ئەمەس ئىدى، تەسىرىمۇ بارغانسىرى زورۇيىۋاتاتتى. ئىجادىيەتكە ئۆزىنىي بېغىشلاش روھى ۋە يىراقنى كۆرەرلىكىدىن تەسىرلەنمەي تۇرالمىدىم. بىر قېتىم تاماقتىن كېيىن تىك-تاك توپ ئويناۋېتىپ مۇنۇلارنى سۆزلەپ بەردى:
جى دى ماجىيا مۇئەللىمنىڭ دەرسىنى بىللە ئاڭلىدۇق، تاللىشىم ھەقىقەتەن توغرا بوپتىكەن. شىئېرنى تەرجىمە قىلىش تەس دەيدىكەن، ئەمەلىيەتتە ئۇنى بىر تىلدىن يەنە بىر تىلغا ئەينەن يەتكۈزۈش مۇمكىن ئەمەس، شۇنداقتىمۇ ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئەڭ زور دەرىجىدە يېقىنلىشىشقا تىرىشىدىغان گەپ. ئىسىڭىزدە باركەن، ئوقۇۋاتقان چاغدا خەنزۇچىغا قوشۇپ روسچە ئۆگەنگىنىم راست. ئوقۇش پۈتۈرگەندىن كېيىن جەمىيەتنى كۆردىم، بىر شائېرغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ئۇيغۇرچە، خەنزۇچە ياكى روسچە بىلىشلا كۇپايە قىلمەيدىكەن. ئەينى چاغدىكى خىزمىتىم ھەرقانچە ئالدىراش بولسىمۇ ئىجادىيەت بىلەن ئۆگىنىشنى تاشلىمىدىم. ئۆگەنگەنسىرى بىلمەيدىغانلىرىمنىڭ، ئۆگەنمىسەم بولمايدىغان نەرسىلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپلىكىنى تونۇپ يەتتىم. ئەمما ئۆمرىم چەكلىك، قانداق قىلىشىم كېرەك؟ ھەممىنى بىر-بىرلەپ ئۆگىنىپ بولۇشقا ئىمكانىيەت بولمىغاندىكىن ئەڭ ئۈنۈملۈك بىرنى تاللاپ ئەڭ ياخشى ئۆگىنىش ۋە ئىشلىتىش نىيىتىگە كەلدىم. بۇ خۇددى ھېلى يۈرەكنى، ھېلى بۆرەكنى، ھېلى جىگەرنى، ھېلى ئاشقازاننى تەكشۈرىمەن دەپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلىپ بىمارنىڭ كېسىلىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەندىن كۆرە ئەڭ ئىلغار ئاپراتتا بىراقلا تەكشۈرۈپ ئېنىق دېئاگنۇز قويغاندەكلا ئىشكەن قاراڭ(بۇ ئىنتايىن جايىغا چۈشكەن ئوخشۇتۇشتىن خېلىغىچە كۈلۈشۈپ كەتتۇق) ئوقۇش، تىجارەت قاتارلىق سەۋەبلەر بىلەن چەتئەلدە سەككىز يىل تۇردۇم، بۇ جەرياندا ئويلىغانلىرىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلغانسىرى تېخىمۇ قەتئىيلەشتىم. چۈنكى مېنى ئۇيغۇر جەمىتىيى ئاللاقاچان شائېر دەپ تونۇپ بولدى، ئەمما باشقا مىللەتلەرچۇ، خەلقارا جەمىيەتچۇ، دۇنيا قاچان ئىتراپ قىلىدۇ؟ ئۇيغۇرنى ھېچ بولمىسا شىئېر ئارقىلىق بولسىمۇ تونۇغاچ تۇرسۇن-دە. مەن ئانا تىلىمدا باھارنى يازسام خەنزۇچىغا ياز دەپ تەرجىمە قىلىنسا، روسچىغا كۈز دەپ تەرجىمە قىلىنسا، دۇنياغا ئورتاق بولغان ئىنگىلىزچىغا قىش دەپ يەتكۈزۈلەمدا؟ئۇ چاغدا مېنىڭ دېمەكچى بولغانلىرىم نەدە قالىدۇ؟ شۇڭا خەنزۇچىمۇ يازدىم، روسچە ئەرەبچە ماتىرىياللاردىن پايدىلاندىم-يۇ، 20 يىلدىن بويان توختىماي ئۆگىنىپ ئىنگىلىزچە يازالايدىغان سەۋىيەگە يەتتىم. مەن يەنە يازىمەن، يەنە ئۆگىنىمەن.

  ــــــــــ «سالام بېيجىڭ» نامىلىق ئەدەبىي خاتىرەمدىن.

ۋاقتى: 2016-1-14 18:42:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزدەك ياخشى ئەدەبىي تەرجىمانلار بولغاچقا،بىزلەر ياخىشى،نادىر ئەسەرلەردىن ھۆزۈرلىنىپ كىلۋاتمىز.ھەرقانچە ياخشى ئەسەرمۇ پىشقان تەرجىماننىڭ قولىدا تەرجىمە قىلىنمىسا بىكاركەن.مەسلەن،مويەننىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىردە ئۇنىڭ ئۈسلۇبى تولۇق ئەكىس ئەتتۇرۈپ بىرلمىگەنلىكىنى ھىس قىلىپ قالدىم.تىرىشچانلىقىڭزغا ئاپىرىن!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 15:41:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇتۇق يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 18:42
سىزدەك ياخشى ئەدەبىي تەرجىمانلار بولغاچقا،بىزلەر ياخ ...

ياقتۇرغىنىڭىزغا رەھمەت، ئۆزۈمنى پىشتىم دىيەلمەيمەن، پەقەتلا بىر ئىزدەنگۈچىمەن.ئىمكانىيەتلەر يار بەرگەن ئەھۋالدا ئىزدىنىشلىرىمنى توختىتىپ قويمايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش