كۆرۈش: 716|ئىنكاس: 0

چەرچەندە 2015-يىلىدىكى ئەدەبىي ھايات

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
چەرچەندە 2015- يىلى- T9 b) H8 j  S% u. e7 Y8 b1 \0 R  W
ئەخمەتجان قۇربان (چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ)
0 y% N) b# p1 r8 x- h$ Y( ^8 y6 V1 K7 x5 F
بىرىنچى، چەرچەن ناھىيەسىدە 2015- يىلىدا ئېلىپ بېرىلغان ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەت پائالىيەتلىرى! B0 u4 l# x( n4 G% Z! t; x8 n
1. 2015- يىلىدا چەرچەن قەلەمكەشلىرىدىن ئىلھام مۇھەممەت، ياقۇپجان كېرەم، ئەنۋەر روزى، قۇربان قاسىم، ئېلىجان ياقۇپ، ئەنۋەر جېلىل، ئەنۋەر قۇربان قاتارلىق يەتتە كىشى شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمىيىتىگە ئەزا بولدى.# i) M3 i7 E" t$ C/ {
2. 1- ئاينىڭ 7- كۈنى «ئىلغار مەدەنىيەتنى تەشۋىق قىلىپ،ياخشى كەيپىياتنى ئەۋج ئالدۇرايلى» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى ئېلىپ بېرىلدى.  ئۇيغۇرچە،  خەنزۇچە ئىككى خىل يېزىقتىكى 20 پارچىدىن ئەسەر دەرىجىگە ئايرىپ مۇكاپاتلاندى.
3 b; i. S6 K$ \* d0 ^3. 1- ئاينىڭ 15- كۈنى چەرچەن ناھىيەلىك كىتاب ئوقۇش جەمئىيىتى قۇرۇلدى. جەمئىيەتنىڭ تەشكىلى قۇرۇلمىسى بېكىتىلىپ، كونكىرت پىلان- ۋەزىپىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، كىتاب ئوقۇش يىلىدىكى ياخشى ۋەزىيەتنى بارلىققا كەلتۈرۈش نىشانلاندى.
/ s4 X' a% T! D4. 2- ئاينىڭ 21- كۈنىدىكى «دۇنيا ئانا تىل بايرىمى» خاتىرە كۈنىدە ساخاۋەتلىك ئەدىب تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندى تەسىس قىلغان «يىلتىز ــ ئانا تىل تۆھپە مۇكاپاتى» تارقىتىلدى. چەرچەننىڭ مائارىپ سېپىدە ئۇزۇن يىل ئانا تىل ئوقۇتۇشى بىلەن شۇغۇللانغان توققۇز نەپەر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسى ئىككىنچى قېتىملىق «يىلتىز ــ ئانا تىل تۆھپە مۇكاپاتى»غا نائىل بولدى ۋە مىڭ يۈئەندىن نەق پۇل بىلەن مۇكاپاتلاندى. بۇ مۇكاپات 2014- يىلى تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ئالدىنقى يىلى ئالتە نەپەر ئانا تىل ئوقۇتۇشى تۆھپىكارى تارتۇقلانغان ئىدى. بۇ يىل مۇكاپاتلىنىدىغانلار سانى توققۇز نەپەرگە يەتكۈزۈلدى. بۇ يىل يەنە بىر قىسىم ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار ۋە شەخسلەرنىڭ كۈچ قوشىشى بىلەن مۇكاپاتلانغان ھەر بىر ئانا تىل ئوقۇتقۇچىسىغا ئۈچ قىسىملىق «ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى» ناملىق كىتابتىن بىر يۈرۈش تەقدىم قىلىندى. تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندى بۇ مۇكاپاتنى ئۇدا ئۈچ يىل ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ ئانا تىلنى قىزغىن سۆيىدىغان قىممەتلىك روھىنى ئىپادىلىدى.
% w1 ~+ k3 \% @* D& @" y$ }( g8 M- h5. دۇنيا ئانا تىل بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باغۋەنلەر باغچىسىدا «ئانا تىلنىڭ شەرىپى، كۆپ تىللىق بولۇشنىڭ شاراپىتى» تېمىسىدا تېلىۋىزىيە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى، سۆھبەتتە تۇرسۇن مەخمۇت، قادىر مەمتىلى، تۇرسۇن ئەبەي، پولات رېجەپ قاتارلىق ئەدىب، تەرجىمان ۋە رەھبەرلەر سۆھبەت بايان قىلدى.   
- O5 F: \: |1 c# n! t6. 2- ئاينىڭ 11- كۈنىدىن 25- كۈنىگىچە چەرچەن ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىنىڭ خادىمى تۇرسۇنگۈل ئەمەتنىڭ قولدا ياسىغان گۈل سەنئىتى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىگە ھەر خىل ئۇسلۇبتىكى 60 يۈرۈش گۈل تىزىلدى. كۆرگەزمىنىڭ ئىجابىي ۋە ئىجتىمائىي تەسىرى ياخشى بولغاچقا 10- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 20- كۈنىگىچە يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. 3 N! |) I' i+ ]; i! W& B* K
7. 3- ئاينىڭ 21- كۈنى ناھىيەلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى زالىدا «2015- يىللىق نەۋرۇزنامە ئوقۇش پائالىيىتى» ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەت مەرھۇم شائىر تىيىپچان ئىلىيىۋ قەلىمىدىن پۈتكەن «ۋەتەن ھەققىدە غەزەل» شېئىرى بىلەن باشلاندى، ئېلىجان ياقۇپ، ئەخمەتجان تۆمۈر، سالامەت ئىسمايىل، پولات نىياز قاتارلىق 20 گە يېقىن قەلەمكەش نەۋروزنامە ئوقۇدى،  ئاخىرىدا ناھىيەلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدىكى ئەلنەغمىچىلەر «پەخرلەن دۇنياغا مەھمۇد ۋەتىنى» ناملىق ناخشىنى ئورۇنلاپ، پائالىيەتنى ئەۋجىگە چىقاردى. ) _2 i1 n; R* ^  k3 ^" j$ r! A- y6 T' Z
8. 3- ئايدا جامائەت سورۇنلىرىدا كىتاب ئوقۇش كۆزنىكى تەسىس قىلىش مۇراسىمى چەرچەن ناھىيەلىك يولۇچىلار بېكىتىدە ئۆتكۈزۈلدى. ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومېتىتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ شىياۋخۇا ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ مەسئۇللىرى مۇراسىمغا قاتناشتى. مۇراسىمدىن كېيىن چەرچەن قەلەمكەشلىرى ئىئانە قىلغان 275 پارچە كىتاپ بىلەن ناھىيەلىك كۈتۈپخانا چىقارغان 300 پارچە (جەمئىي 575 پارچە) كىتاب ناھىيەلىك يولۇچىلار بېكىتى، لىمىن شىپاخانىسى،  ئىمىنجان سالىق كومپيوتېرخانىسى، جىنگۇتاڭ فېزىكىلىق داۋالاش ئورنى، يېزا ئىگىلىك بانكىسى، ئامانەت- قەرز كوپراتىپى، روزى ئاخۇن ساتراچخانىسى، ياشلىق جىلۋىسى ساتراچخانىسى قاتارلىق 11 جامائەت سورۇنىغا كىتاپ ئىشكابى بىلەن تەقدىم قىلىندى. يەنە ناھىيەلىك پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى يۇقۇرىدىكى كىتاپ تارقىتىلغان جامائەت سورۇنلارنىڭ ھەر بىرىگە بىردىن DWD ئاپاراتى ۋە ئەسەبىيلىككە قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى مەزمۇنلار قاچىلانغان بارماق دېسكا سوۋغا قىلدى. 5 Q$ q) a; H5 G" b/ B& H
9. 4- ئايدا، ناھىيەلىك پارتكوم دائىمىي كومېتىتىنىڭ ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شۈ شىياۋخۇانىڭ بىۋاستە كۆڭۈل بۆلۈشى بىلەن كۆچمە كۈتۈپخانا قۇرۇش ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى، ھەر بىر ئولتۇراق رايونى ۋە ئاھالە كومېتىتىغا بىردىن كۆچمە كۈتۈپخانا تەسىس قىلىندى، كۆچمە كۈتۈپخانىلار دەم ئېلىش كۈنلىرى كىتاب ئارىيەت بېرىشنى يولغا قويۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ كىتاب ئۇقۇش يوللىرىنى راۋانلاشتۇردى. 7 z6 l2 u% N, g$ a7 V
10. 6- ئاينىڭ 13- كۈنى، 10- نۆۋەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. پائالىيەتكە 20 دىن ئارتۇق غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارىسى 50 تۈردىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇم قاتناشتۇردى.  . `2 R* F6 Y( S8 r8 B4 z) a
11. مەدەنىيەت يۇرتى 7- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 8- ئاينىڭ 10 – كۈنىگىچە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدىكى ئەلنەغمىچىلەرنى ھەر قايسى يېزىلاردا 14 مەيدان ئويۇن قويۇشقا تەشكىللىدى.
* N8 _! {3 S9 o2 O12. 8-ئايدا شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن فولكلور تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش فولكلور تەكشۈرىشى ئېلىپ بېرىپ، ئەل ئارىسىدا ساقلىنىۋاتقان چەرچەن خەلق چۆچەكلىرىنى سېن ۋە ئاۋازغا ئالدى. چەرچەن قەلەمكەشلىرى بىلەن بولغان سۆھبەتتە خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنىڭ قىممىتى ۋە رولى ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق پىكىر بايان قىلدى.
) ~4 z7 x2 @) f. A6 _' w13. 8-ئاينىڭ 8-كۈنى «چەرچەن» نامى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆھبىتى ئېلىپ بېرىلدى، سۆھبەت يىغىنىغا ناھىيەمىزدە فولكلور تەكشۈرىشىدە بولىۋاتقان شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنىستىتوتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش، تارىخ مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى، كرورانشۇناس، چاقىلىق ناھىيەلىك تېلىگىراف شىركىتىدىن غالىپ بارات ئەرك قاتارلىقلار ئالاھىدە تەكلىپ بىلەن قاتناشتى. سۆھبەت يىغىنىدا ئالدى بىلەن ناھىيەمىزنىڭ پەخرلىك يازغۇچىسى تۇرسۇن مەخمۇت ئۆزىنىڭ «چەرچەن نامى توغرىسىدا ئۈزۈندىلىك  بايان» ناملىق ماقالىسىنى ئوقۇپ، بىرلىككە كەلگەن يۇرت نامى ئىزاھاتى بولۇشىنىڭ تولىمۇ زۆرۈر بولىۋاتقانلىقىنى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئارقىدىن چەرچەن تارىخىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغان ۋە چاقىلىق ناھىيەسىدىن مەخسۇس مۇشۇ يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالاھىتەن كەلگەن غالىپ بارات ئەرك ئۆزىنىڭ چەرچەن نامى ھەققىدىكى تەتقىقاتىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىدىن يىغىن ئەھلىنى خەۋەردار قىلدى، شۇنداقلا چەرچەن نامى ھەققىدىكى كۆزقاراشلىرىنى تەپسىلى شەرھىلەپ ئۆتتى. ئۇنىڭدىن كېيىن تۇرسۇن ساۋۇت ئۇدمىش ئەپەندى يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا دېققەت قىلىشقا تېگىشلىك تەرەپلەر ھەققىدە مول مەزمۇنلۇق، لېكسىيە خارەكتېرلىك پىكىر بايان قىلىپ يىغىننىڭ ئىلمىي كەيپىياتىنى تېخىمۇ يۇقۇرى پەللىگە كۆتۈردى. يىغىن قاتناشقۇچىلىرى «چەرچەن» نامىنىڭ بىرلىككە كەلگەن ئىزاھاتى بولىشى، پۇت تىرەپ تۇرغىدەك يېڭى كۆزقاراش ئوتتۇرىغا چىققۇچە «چەرچەننىڭ تارىخى، مەدەنىيىتى» ناملىق كىتابتىكى چەرچەن نامىغا ئائىت ئىزاھلارنى ئاساس قىلىش لازىملىقى ھەققىدە ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى.+ r- f5 B2 o& k. ~5 I" t
14.  9- ئاينىڭ 19- كۈنى ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتى خانباغ باغچىسىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىنىڭ 2015- يىلى قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كۆرىكى ئۆتكۈزدى.  كۆرەكتە ئورۇنلانغان سەنئەت نومۇرلىرى سەنئەت فىلىمى قىلىپ ئىشلىنىپ،  تېلىۋېزىيەدە تارقىتىلدى.
4 R' }! k& s* v7 c15. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى چەرچەن ناھىيەسىنىڭ 2015- يىللىق مۇنەۋۋەر ئەدەبىي ئەسەرلەرنى باھالاش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. تاپشۇرۇۋېلىنغان ئەسەرلەر شېئىرىيەت،  پىرۇزا ۋە ماقالە تۈرى بويىچە باھالىنىپ مۇكاپاتلاندى.  
* M+ _! u5 `& ~1 H* L2 I5 L16. 9- ئاينىڭ 25- كۈنى ئىلىم تۆھپىكارلىرىدىن ئابدۇراخمان روزى، ئىلھام مۇھەممەد، ئەخمەتجان قۇربان قاتارلىقلارغا ھۆرمەت تونى كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
! L: f( N, ]& c1 U2 q# k% w17. 2015- يىلى 10- ئاينىڭ 15- كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن 8- نۆۋەتلىك قاشتېشى بايرىمىدا چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ گۈزەل- سەنئەت ئوقۇتقۇچىسى پەرھات تۇردى ۋە ناھىيەلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن تۇرسۇنجان غۇجابدۇللا قاتارلىقلار ئاتمىش مىڭ تال چىلان ئۇرۇقىنى تىزىپ  ئىشلىگەن ماي بوياق ئەسەر «چىلانچىلار» دۇنيا جىننىس رېكورتىغا كىرگۈزۈلدى. ئەسەرگە ئىشلىتىلگەن ئاتمىش مىڭ تال چىلان ئۇرۇقى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ ئاتمىش يىللىقىنى تەبرىكلەش مەنىسىگە ئىگە.* u0 F0 [3 Q: x% p8 Z& e  S
18. چەرچەن قاشتېشى بايرىمىدا غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىغا تەۋە بۇيۇملار كۆرگەزمىسى ئۆتكۈزۈلدى. كۆرگەزمىدە 30 دىن ئارتۇق غەيرى ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى  70 تۈردىن ئارتۇق كۆرگەزمە بۇيۇمى قاتناشتۇردى. . l: i5 U) R/ V
19.  10- ئايدا توغراقلىق يېزا قوشئېرىق كەنتىدە پىشقەدەم غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت ۋارسلىرىدىن نۇر ئېزىز بىلەن ئۇبۇلقاسىم قۇربان ئاكىلارغا تون يېپىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئۇلارنىڭ غەيرىي ماددىي مىراسلارنى قوغداش جەھەتتىكى تۆھپىسى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. 2 I3 h& [  C( K
20. چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيونېرى ئابدۇراخمان روزى ئەپەندى ئۆزىنىڭ ئەدەبىياتقا بولغان ئوتتەك قىزغىنلىقى تۈرتكىسىدە «دۇنيا ئەدەبىياتى» ژورنىلىدىكى مۇنەۋۋەر ماقالىلارنى كومپيوتېردا ئۇرۇشنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ ئىككى مىڭ بەتتىن ئارتۇق «دۇنيا ئەدەبىياتى ماقالىلىرى» ماتىرىيالىنى تەييارلىدى.# J0 F) z% `) H' V' V) l" v
21. مەركىزىي مىللەتلەر ئۈن-سىن نەشرىياتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، دوكتور دولقۇن قادىر كۆكلەم مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى خادىملىرى بىلەن چەرچەنگە كېلىپ «چەرچەن تاغ ناخشلىرى»نىڭ  MTVفىلىمىنى سۈرەتكە ئالدى، چەرچەن قەلەمكەشلىرىنىڭ دولقۇن قادىر بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتىدە دوكتور دولقۇن قادىر ئاكتىۋال تېمىلاردا پىكىر بايان قىلدى.
1 I  |: _* c, ~3 j5 b22. 2015- يىلىنى «ئۇيغۇر كىتاب ئوقۇش يىلى» قىلىش تەشەببۇسى ۋە كىتاب ئوقۇش جەمىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچى- ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئىجابىي تەسىر قوزغىدى. ئۇلار بەس- بەستە كىتاب ئوقۇپ بۇنىڭغا ئاكتىپ ئاۋاز قوشتى. «ئىزدىنىش» تور كىتابخانىسى يولغا قويغان كىتاب ئوقۇش مۇكاپاتى پائالىيىتىگە ئىزچىل قاتنىشىپ، پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە 61 ئادەم قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە مەنزىرىگۈل راخمان ئىسىملىك ئوقۇغۇچى ھەر ئايدا بىردىن جەمئىي 12 قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشتى. بىر ئادەم قېتىمنى 50 يۈئەن بويىچە ھېسابلىساق بۇلار جەمئىي 3000 يۈئەنلىكتىن ئارتۇق كىتاب سوۋغىسىغا نائىل بولدى.
, H2 @; M7 V6 Y- z6 X0 h23. چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە چەرچەن ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى ئوقۇشلۇق مەسىلىسىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ، مەكتەپ ژورنىلى چىقىرىش خىزمىتىگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بەردى. 2015- يىلىدا چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ «ئىنتىلىش» ژورنىلىدىن ئىككى سان، چەرچەن ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپ «ئۈمىت چىچەكلىرى» ژورنىلىدىن ئىككى سان ئىشلەپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي قىزغىنلىقىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.' f; ?3 c, r4 w4 K* G: J
24. مەرىپەتپەرۋەر يازغۇچى تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە قادىر موللا، تۇرسۇن ئەبەي، ئەيساجان مىجىت قاتارلىق ئەل سۆيەرلەرنىڭ مەبلەغ چىقىرىشى بىلەن 2014-يىلى 5-ئايدىن باشلاپ چەرچەن ناھىيەلىك ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە چەرچەن ناھىيەلىك باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئۇيغۇر تىلىدا دەرس ئۆتۈلىدىغان سىنىپلار ئاساس قىلىنىپ،«تارىم غۇنچىلىرى»، «پەرۋاز» ۋە «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىغا مۇشتېرى بولۇپ بېرىلگەن، شۇنداقلا ناھىيە تەۋەسىدىكى يېزا-باشلانغۇچ مەكتەپلەرنىڭ ئۆزى مەسئۇل بولۇپ مۇشتەرى بولۇشى قولغا كەلتۈرۈلۈپ، بارلىق مەكتەپلەردە يۇقارقى ژورناللارغا مۇشتېرى بولۇش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان ئىدى. 2015- يىلى بۇ پائالىيەت داۋاملاشتۇرۇلۇپ، يۇقىرىقى ئىككى مەكتەپكە ئۈچ خىل ژۇرنالدىن 18400 يۈئەن قىممىتىدىكى 4788 يۈرۈش ژورنال تارقىتىلدى. پەرزەنتلەرگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆز مەسئۇلىيىتى دەپ بىلگەن يۇقارقى مەرىپەتچىلەر ئۈشبۇ خەيرلىك ئىشنى ئىزچىللىققا ئىگە قىلىپ، 2016- يىللىق مۇشتېرى خىراجەتلىرىنى ئەمەلىلەشتۈرۈپ، 2016- يىللىق گېزىت- ژورناللارغا مۇشتېرى بولۇش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلاپ بولدى. بۇنىڭدىن باشقا تۇرسۇن ئەبەي ئەپەندىنىڭ كۈچ چىقىرىشى ۋە تەشكىللىشى بىلەن بازاردىكى ئىككى مەكتەپنىڭ ژورنال تارقىتىلغان سىنىپلىرىغا 60 يۈرۈش تىكلىمە كىتاپ جازىسى قويۇپ بېرىلدى. 6 J% T5 |8 K! y+ k
دېمەك، چەرچەن ناھىيەسىدە 2015- يىلى خېلى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كېلىپ تۇرغان. ھەرقايسى نەشرىياتلار تەرىپىدىن يەتتە پارچە كىتاپ نەشر قىلىنغان. نورۇزلۇق سۆھبەت، تۆھپىكارلارغا تون كەيدۈرۈش پائالىيىتى، ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرى، ئەلنەغنە ئورۇنلاش پائالىيىتى... قاتارلىق پائالىيەتلەر ئۈزۈلدۈرمەي ئۆتكۈزۈلگەن.
. ?+ ^9 \# y& j
) O5 p$ ]8 X3 B$ Pئىككىنچى. چەرچەندىكى ئاپتورلارنىڭ 2015- يىلى ئېلان قىلىنغان ئەسەرلىرى تىزىملىكى
5 u. M/ Q$ F8 T
, L8 u& Z6 H, M6 S6 O! X5 N! N  O& Hنەشر قىلىنغان كىتابلار  N: E+ O1 w1 B7 j3 e/ Q
رەت        ئاپتورى        كىتاب نامى        ژانىرى        نەشرىيات
( T* B9 m# E8 @: p5 o1        تۇرسۇن مەخمۇت          جاراھەت گۈلى         رومان        مىللەتلەر نەشرىياتى
) @* [, S; Z7 m9 h: r2 ^2 j6 o2        تۇرسۇن مەخمۇت         ئۇزاق يول         ھېكايىلەر توپلىمى        شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى نەشرىياتى
) q4 M. u: t  @  ~- H3        تۇرسۇن مەخمۇت         شەھەر قۇشلىرى         ھېكايىلەر توپلىمى        شىنجاڭ پەن- تېخنىكا نەشرىياتى
5 ^9 V4 q- B  t* U" K) I4        ھەلىمە تۇردى         يېشىل دالا          ھېكايە-پوۋېستلار توپلىمى        قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى4 h6 L2 K/ r, ?3 ^4 Q7 }& m' x" B
5        رىسالەت مەردان         يۈز مىڭلىغان نېمە ئۈچۈن         تەرجىمە كىتاب        شىنجاڭ فوتو سۈرەت نەشرىياتى# C& T. A* g2 ~$ B& }& R' y4 V
6        رىسالەت مەردان         جۇڭگۇ مەسەل ھېكايىلىرى         تەرجىمە كىتاب        شىنجاڭ ياش- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى5 z  C) V4 K: Y/ }' h
7        ئەنۋەر جېلىل         ئالتۇن بېلىق         تەرجىمە رومان        قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى$ i) m' G% k: g: J+ _

4 Q6 G% Q. Q. nتۈرلۈك ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان ھەرخىل ژانېردىكى ئەسەرلەر
7 g7 A; p$ |3 s  R$ Wرەت        ئاپتور        ئەسەر نامى        ژانېرى        مەتبەئە        سان' |, a8 F9 o2 F. S( N
1        تۇرسۇن مەخمۇت        باياۋان چۈشلىرى        پوۋېست        تەڭرىتاغ        2015-يىللىق 4-سان' X: B# _' D9 Y% w
2        تۇرسۇن مەخمۇت        بىر تال گۈل ياكى بىر دەستە گۈل        پوۋېست        كروران        2015-يىللىق 4-سان3 {, s- p/ L2 K4 G0 T0 P/ u
3        تۇرسۇن مەخمۇت        سەيدىن ئاتەشنىڭ كەچمىشلىرى        پوۋېست         قومۇل ئەدەبىياتى        2015- يىللىق 4- 5-سان
8 Z$ R2 n; n7 ?' h# a0 m! o0 ^4        تۇرسۇن مەخمۇت        شامىل ئەپەندى        ھېكايە        يېڭى قاشتېشى        2015-يىللىق  5-سان
( g; o! U1 w$ V# T5        تۇرسۇن مەخمۇت        سائەت توققۇزدىن 11 گىچە        ھېكايە        شىنجاڭ ياشلىرى        2015-يىللىق 8-سان
/ c! m3 |+ l( ]6        تۇرسۇن مەخمۇت        تەكلىماكاننىڭ سىرى        ماقالە        لوپنۇر مەدەنىيىتى        2015-يىللىق 1-سان
. V' S3 k+ Y# e/ f7        تۇرسۇن مەخمۇت        تارىخ باياۋانلىرىنى كېزىۋاتقان ئادەم        ماقالە        كىروران مەدەنىيىتى        2015-يىللىق 1-سان
" J! z/ }7 M" R: g! \! y8        تۇرسۇن مەخمۇت        غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنىڭ تارىخىي قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي رولى        ماقالە        شىنجاڭ سەنئىتى        2015-يىللىق 5-سان
7 j. k/ \" F( g8 H4 Q9        ياقۇبجان كېرەم        خوشاللىق يېشى        پوۋېست        لوپنۇر مەدەنىيىتى        2015-يىللىق 4- سان' y! j- v. K2 y
10        ئىلھام مۇھەممەت        چەرچەن سەنىمى ۋە چەرچەن تاغ ناخشىلىرىدىكى مەدەنىيەت پۇرىقى        ماقالە        شىنجاڭ سەنئىتى        2015-يىللىق 3- سان- l2 S! ?* t% |; v4 I' b
11        ئىلھام مۇھەممەت        ئۇلۇغ ئەربابلار كەينىدىكى بېشەم ئاياللار        ماقالە        شىنجاڭ ياشلىرى        2015-يىللىق 3- سان7 Q2 `& G2 R4 X' x" a
12        ئىلھام مۇھەممەت        روس- سوۋېت ئەدىبلىرىنىڭ مۇھەببەت كەچۈرمىشلىرى        ماقالە        شىنجاڭ ياشلىرى        2015-يىللىق 8- سان
- r+ N/ E, g0 v4 c3 v+ x* p13        ئىلھام مۇھەممەت        زۇلمەتتىن غالىب كەلگەن ئەدىبلەر        ماقالە        شىنجاڭ ياشلىرى        2015-يىللىق 9- سان
2 i2 z) K0 Q1 M' q) l" O14        مەمتىمىن تۇرسۇن        ئىككى ساتىرا        ساتىرا        كروران        2015-يىللىق 1-سان
0 d) q8 B5 v$ M$ {5 ]# P( W15        مەمتىمىن تۇرسۇن        ئىككى ساتىرا        ساتىرا        كەلپىن        2015-يىللىق 4-سان# Q- b2 n' P; j; H$ A  E
16        مەمتىمىن تۇرسۇن        ئىككى ساتىرا        ساتىرا        بايىنغولىن گېزىتى        2015.12.26
% ^1 B7 {- [1 J) l6 t+ R17        مەمتىمىن تۇرسۇن        ئىككى شېئىر        شېئىر        ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى        2015-يىللىق 7-ئاي
! j3 ^0 u/ F' C2 p1 ?, t* }: ]18        ئەنۋەر رۇزى        ئۇچرىشىش        شېئىر        كروران        2015-يىللىق 1-سان
" U5 w: @& G8 d1 E19        ئەنۋەر رۇزى        ئىككىنچى قېتىم ئايرىلىش        شېئىر        كروران        2015-يىللىق 1-سان
" [' _- r' M/ _; \: q9 ~5 m/ x$ A20        ئەنۋەر رۇزى        ئىزدەپ بارسام سېنى بىر كۈنى        شېئىر        كروران        2015-يىللىق 1-سان
4 I7 u% ^3 V1 n4 I21        ئەنۋەر رۇزى        ئاھ، خىلۋەت كوچا        شېئىر        كروران        2015-يىللىق 1-سان# F. G/ o3 l" ^) I
22        ئەنۋەر رۇزى        پىكاپ        ساتىرا        كروران        2015-يىللىق 3-سان  i" f" I2 A2 ^3 N4 p: ^
23        ئەنۋەر رۇزى        يانغون        شېئىر        جۇڭگۇ مىللەتلىرى        2015-يىللىق 2-سان
  {, @. q. c! o* C, N7 M0 T24        ئەنۋەر رۇزى        يالغۇز قېلىش        شېئىر        جۇڭگۇ مىللەتلىرى        2015-يىللىق 5-سان
, U* `% k1 E9 W9 p" S5 V4 r25        ئەنۋەر رۇزى        پىيادە مېڭىش        شېئىر        يېڭى قاشتېشى        2015-يىللىق 5-سان
' q1 R/ m& B9 ?* W9 D! ?26        ئەنۋەر رۇزى        دەرىزىدىكى باھار        شېئىر        يېڭى قاشتېشى        2015-يىللىق 5-سان
# r4 ~: C9 o+ J: K( A0 r27        رىسالەت مەردان        «شاروزى» ھېكايىسىدىكى ھەجۋىي قىسمەتلەر        ئوبزور        شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى        2015-يىللىق 1-سان
/ ]3 l+ Z2 d% o1 p/ L6 }4 C$ r28        رىسالەت مەردان        «دېرىزىدىكى قىش» (سەككىز پارچە شېئىر)        شېئىرلار        كروران        2015-يىللىق 1-سان: B% {9 C: ^' `  I
29        رىسالەت مەردان        «بىز قۇملار ئارىسىدا» (ئالتە پارچە شېئىر)        شېئىرلار         تەڭرىتاغ        2015-يىللىق 2-سان
+ u; H4 A. {: \4 l! @8 T! o30        رىسالەت مەردان        ھېكايە ئىچىدىكى ھېكايە- ئاياللارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىش        ماقالە        تارىم        2015-يىللىق 2-سان
0 y3 x/ a) |/ f/ z7 G) \; o! V31        رىسالەت مەردان        بالىلارغا توغرا ئۇسۇلدا كۆيۈنەيلى        ماقالە         شىنجاڭ ئاياللىرى        2015-يىللىق 3-سان9 f+ ~% u2 B: e/ N: C8 j: A+ L
32        رىسالەت مەردان        شېئىرلار (بەش پارچە)         شېئىر        تارىم        2015-يىللىق 10-سان
" X4 g0 v, g0 e! q6 W, _: X' A33        رىسالەت مەردان        مۆيدىن سايىت ۋە ئۇنىڭ «كىروراندىكى ئىزچىلار» ناملىق رومانى توغرىسىدا        ماقالە         تارىم        2015-يىللىق 11-سان4 N0 I- z. k( w9 R5 r1 F
34        رىسالەت مەردان        دىئابىت خاتىرىسى        شېئىر        تەڭرىتاغ        2015-يىللىق 5-سان9 D% J6 U) ?" ]7 W' L9 e
35        رىسالەت مەردان        ئىچىمدىكى قۇم        شېئىر        تەڭرىتاغ        2015-يىللىق 5-سان
9 ]8 n. P) S7 O. R) Y: v36        رىسالەت مەردان        ئىككىنچى شېئىر        شېئىر         جۇڭگۇ مىللەتلىرى        2015-يىللىق 5-سان
+ H( U' c/ W% G. T- T" Q- |37        رىسالەت مەردان        سىمون ئوۋدىس شېئىرلىرى (8 پارچە)        تەرجىمە        مايبۇلاق        2015-يىللىق 3-سان
0 B, R* n5 ?1 [0 [2 l/ z38        رىسالەت مەردان        بەردەم ھايات        ھېكايە        كېرىيە         2015-يىللىق 5-سان
  t& @- Z; O5 |& f8 \4 n8 L/ L39        رىسالەت مەردان        «قايتىش» رومانىغا نەزەر        ماقالە        كېرىيە        2015-يىللىق 6-سان
' _4 ?& H1 D2 {# t40        رىسالەت مەردان        سىمۇن ئوۋدىس بىلەن سۆھبەت        تەرجىمە ماقالە        مايبۇلاق        2015-يىللىق 4-سان6 {% C. b3 r2 h6 a& B4 y7 U$ ~
41        رىسالەت مەردان        ئىككى ھېكايە        تەرجىمە ھېكايە        دۇنيا ئەدەبىياتى        2015-يىللىق 6-سان  b) Z" f: Q% C( r) b7 u$ B  V9 t
42        رىسالەت مەردان        سىرلىق كادىلاك        تەرجىمە ھېكايە        تەرمىلەر        2015-يىللىق 12-سان1 @7 k8 O+ a7 r- @/ e# E: g
43        رىسالەت مەردان        سېنى ساقلاۋاتىمەن (تۆت پارچە)         شېئىر         民族文汇(خەنزۇچە)        2015-يىللىق 5-سان
/ k7 T2 k" M, Y5 v1 J44        رىسالەت مەردان        ئايال ئەسكەر ۋاڭ گۇيرۇڭ        تەرجىمە        مىللەتلەر ئەدەبىياتى        -يىللىق 4-سان5 W8 J+ E7 ?+ ]0 i4 }, |
45        ئەنۋەر جېلىل        ئۈكەر يۇلتۇزى تەختىڭلار بولسۇن        ماقالە        مېھرى-شەپقەت شەجەرىسى         كېرىيەدىكى بىرلەشمە توپلامدا
/ ~( Q/ X4 N& [) E! R- S1 g46        ئەنۋەر جېلىل        يېڭى دەۋر ئۇيغۇر تىياتىرچىلىقىدىكى نەمۇنە- بۇ ئائىلىگە قاراڭ        ماقالە        شىنجاڭ سەنئىتى        2015-يىللىق 1-سان
+ x! S( Y- O) c47        ئەنۋەر جېلىل        ئىككى ھېكايە        تەرجىمە ھېكايە        ئەدەبىي تەرجىمىلەر        2015-يىللىق 3-سان$ v7 j3 t2 d9 n% G5 s: s+ q
48        ئەنۋەر جېلىل        ئالەي بىلەن سۆھبەت        تەرجىمە         كېرىيە        2015-يىللىق 3-سان
; ~3 A& a" F$ r) k! E5 T49        ھەلىمە تۇردى         قۇتۇلۇش         ھېكايە        كروران        2015-يىللىق 1- سان
: {6 e7 ~( [: \3 ~% b50        ئابدۇللا كېرەم ئىزچى        ئاق چېچىم باھاردىكى ئاپئاق چېچەك        شېئىر        بايىنغولىن گېزىتى        2015-يىللىق 5- ئاي0 H1 F5 v" B  i: n- ]$ b& k. }2 A
51        ئابدۇللا كېرەم ئىزچى        ئاتمىش يىل        شئېر        بايىنغولىن گېزىتى        2015-يىللىق 6- ئاي5 r' P/ W, ]+ a) W- n2 c
52        رەجەپ ئىبراھىم        پەرىشانلىق        تەرجىمە ھېكايە        كېرىيە        2015-يىللىق 6- سان% C5 A7 \1 A$ B# h
53        رەجەپ ئىبراھىم        ئىككى تال مېۋىنى شاختا قالدۇرۇپ قويايلى        تەرجىمە ھېكايە        بايىنغولىن گېزىتى        2015.12.8
: t3 [+ W( u" m7 Z54        ئەنۋەر قۇربان كورشاد        ئاق تاپان        پوۋېست        كروران         2015-يىللىق 2- سان
: h: E1 }; z/ F7 @55        ئەخمەتجان قۇربان        چەرچەندە ئەدەبى ئىجادىيەت ۋە مەدەنىيەت تەتقىقاتى        ماقالە        كروران        2015-يىللىق 1- سان ( \' V7 r; A* R( V2 B# _, W
56        ئەخمەتجان قۇربان        چەرچەننىڭ ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدە ناخشا- ئۇسۇلنىڭ رولى        ماقالە        بايىنغولىن گېزىتى        2015.5.20
% a4 p0 i$ r9 Q& F57        ئەخمەتجان قۇربان        ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ئامىللار        ماقالە        شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى        2015.9.15
& W, U5 ^" |6 J( A58        مالىك مۆمىن        ۋېنگىرىيە مائارىپىغا نەزەر        تەرجىمە ماقالە        شىنجاڭ مائارىپى گېزىتى        2015.12.11
: D$ ]- I$ w0 M! a# i/ N59        كېرەمجان راخمان        كەسپ جان بېقىشنىڭ ئېھتىياجى ئەمەس        سۆھبەت خاتىرىسى        شىنجاڭ ياشلىرى        2015-يىللىق 11- سان
  s2 ^( M" `  [8 T0 s8 ~5 e60        تۇرسۇنگۈل دامان        نورۇز قوشىقى        شېئىر        بايىنغولىن گېزىتى        2015.4.14
0 F! O3 M' ]1 m9 f/ N0 B61        تۇرسۇنگۈل دامان        ئانا توغراق         شېئىر        كروران        2015-يىللىق 4-سان
/ M; c+ q, k& X( Q$ R0 }62        قۇربان روزى        ئاياللار قەلبى        شېئىر        بايىنغولىن گېزىتى        2015.3.6, ^6 S% M% v0 L% h2 o/ H8 z
63        قۇربان روزى        پەرزەنتلىرىمىزنىڭ يۈرۈش- تۇرۇشىغا ئەھمىيەت بېرەيلى        ماقالە        شىنجاڭ گېزىتى        2015.5.10
; a9 T7 G* M9 m6 c! C) G) R64        قۇربان روزى        گېزىت ئىلھامى        شېئىر        بايىنغولىن گېزىتى        2015.5.11
( n8 l5 {5 |" {) {65        گۈزەلنۇر موسا        باھار بىلەن كەلگەن ناخشىلار        شېئىر        بايىنغولىن گېزىتى        2015.3.203 }9 D/ A  W3 e
66        تۇرسۇنجان غۇجابدۇللا        ماي بوياق ئەسەرلەر (تۆت پارچە)        ماي بوياق رەسىم        كېرىيە        2015-يىللىق 1- سان & B$ T( N' c' h) x- u
67        تۇرسۇنجان غۇجابدۇللا        مىراس        ماي بوياق رەسىم        كروران        2015-يىللىق 3- سان $ b8 j) H' [0 g; ^5 n; E5 W
70        پەرھات تۇردى         ئىش ئارلىقىدا         ماي بوياق رەسىم        كروران        2015-يىللىق 1- سان
/ a$ L+ n- ]- Y6 l) `, C! {71        پەرھات تۇردى        پەرھات تۇردى ماي بوياق ئەسەرلىرى (تۆت پارچە)        ماي بوياق رەسىم        كېرىيە        2015-يىللىق 2- سان ! ^) G# j8 c" ~* a0 E4 i2 ?
72        بەكرى روزى        قىشتىكى سەھرا        ماي بوياق رەسىم        كروران        2015-يىللىق 4- سان
- T* p2 c" ?2 G+ n73        ھاۋاگۈل توختى        تۈرلۈك مەتبۇئاتلار ۋە تورلاردا 170 پارچىدىن ئارتۇق  ئاخبارات- خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان
& y% [- D. E9 @. I+ r, h3 }74        پولات نىياز        تۈرلۈك مەتبۇئاتلاردا 25 پارچىدىن ئارتۇق شېئىر ئېلان قىلدۇرغان
# I: u5 Y% o1 B, y# Q75        پولات نىياز        تۈرلۈك مەتبۇئاتلار ۋە تورلاردا 600 پارچىدىن ئارتۇق  ئاخبارات- خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان.
( N* x- s2 m" T! Z- F. J3 E9 v* H76        مەڭلىك ئىمىن        تۈرلۈك مەتبۇئاتلار ۋە تورلاردا 200 پارچىدىن ئارتۇق  ئاخبارات- خەۋەرلەرنى ئېلان قىلدۇرغان.7 Z9 `$ ~% r) w) a, c: k
    دېمەك، يۇقارقى جەدۋەلدىن كۆرۈۋېلىشقا بولۇدىكى، 2015- يىلىدا چەرچەندىكى ئاپتورلار رومان، پوۋېست- ھېكايىلەر توپلىمى، تەرجىمە ئەسەر قاتارلىق ژانېرلاردا يەتتە پارچە كىتابنى روياپقا  چىقارغان. ھەر قايسى گېزىت- ژورناللاردا ۋە ئەدەبىي توپلاملاردا 23 نەپەر ئاپتورنىڭ بەش پارچە پوۋېست، 75 پارچە شېئىر، تۆت پارچە ھېكايە، 18 پارچە ماقالە، 18 پارچە تەرجىمە ئەسەر (تەرجىمە كىتابتىن باشقا)، بىر پارچە سۆھبەت، 11 پارچە ماي بوياق رەسىم بولۇپ، جەمئىي 132 پارچە ئەدەبىي ئەسىرى ئېلان قىلىنغان. ھەرقايسى گېزىت، تور، رادىئو ئىستانسىلىرىدا جەمئىي 970 پارچىدىن ئارتۇق ئاخبارات-خەۋەر ئېلان قىلىنغان.
5 ^/ }: O  \5 L% \ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 00:40  , A) i& d4 j& H9 i" M

8 u' D5 B+ x" A7 z0 U  a& I

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش