يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 373|ئىنكاس: 7

م.م.نەزەر: جىمجىت ئەسلەش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
جىمجىت ئەسلەش

مۇختار مۇھەممەتئىمىن نەزەر

ھەرقانچە توم ھاسسىمۇ ھامان ئۇپرايدۇ،
تېگىۋەرسە يەرگە ھەر كۈنى...

شۇ كۈنى
مەزمۇت بىر تېرەك ئۆرۈلدى،
چۇۋۇلدى گويا قۇشقاچ ئۇۋىسى.
شۇئان ئالەم بىردىن چۆرۈلدى،
قىنىدىن چىقىپ پەلەك تورمۇزى!

بۇ تېرەك، نە تېرەك؟ ئۆينىڭ تىرىكى!
تۈنۈگۈنلا مېڭىپ يۈرەتتى.
چوپچوڭ بولسىمۇ باچكىلىرى،
يەمنى ئۆزى يالغۇز يىمەيتتى،
« سىلەر يەڭلار، بالىلىرىم » دەيتتى،
باش-كۆزىنى سىلايتتى،
بالىلىرىنىڭ يىيىشىگە زوق بىلەن قارايتتى،
بالىلىرىنىڭ بالىلىرىنى ئوينىتاتتى...

جىمجىت پىغانلىرىمدا
قېيىنئانامنى ئەسلىمەكتىمەن،
نىيىتىدەك ئاپئاق چېچىنى،
يول-يول قورۇق باسقان يۈزىنى،
سىزىۋېلىپ كۆڭۈل خانەمگە
يۈرىكىمدىن يىغلىماقتىمەن.

كۈندە ئون رەت كىرسەم ئىشىكتىن،
كەلگەن مىسال ئەزىز مېھمىنى
«كەلسىلە» دەپ تۆرگە باشلايتتى،
مېنىڭ ئىدى باش بۇرنى ئاشنىڭ،
«كىچىك بولسىمۇ ئەر كىشى» دەيتتى.
«بىزگە بىر قېتىم تۇرۇپ قويمايسىز»
ئايالىم چاقچاق ئارىلاش غوتۇلدايتتى.

«دادىڭىزمۇ ئەر كىشى، بالام،
ئېرىڭىزمۇ ئەر كىشى، بالام.
ئەرسىز ئايال ئىشىكى يوق ئۆي،
كىرەر ئاڭا ھەر كىشى، بالام.
كۈيوغۇلنى كۆتۈرگىنىمىز،
ئەسلى سىزنى كۆتۈرگىنىمىز».
قىلاتتى ئايالىمغا شۇنداق تەربىيە،
پەرىشتىدەك مەرھۇم قېينانام.

مارت ئېيىنىڭ ئوتتۇز بىرىدە،
كەلدى خەۋەر يۈرەكنى تىلىپ.
قېينانام كېتىپتۇ جەننەتكە بىللە،
يېتىلىشىپ ئەزرائىل بىلەن
كېچە سائەت 11 يېرىمدا.
رەيھانگۈلمۇ سارغايغان ئىكەن،
خەۋەر ئىشتىپ بارغان چېغىمدا...

«بايا بىر ئوبدان تاماق يىگەن،
ئۆزى سىرتتىن نان ئەكىرگەن.
ياشالىسام كاككۇك كەلگىچە،
بۇ يىل قىشتىن ئۆتتۈم دېگەن».
قېيىن سىڭلىم شۇنداق بوزلايتتى،
«جېنىم ئاپام!» دەپ قان يىغلايتتى...

قېيىنئانامنى ئەسلىمەكتىمەن،
ئاڭلىغاندا كاككۇك ئۈنىنى...

مەنبە: «مۇزات دولقۇنلىرى» 2015-4-سان




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 13:28  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 12:59:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇئان ئالەم بىردىن چۆرۈلدى،
قىنىدىن چىقىپ پەلەك تورمۇزى!

بۇ مىسرالار  ھەجەپ يارىدى ماڭا.....

يېڭى يىلدا يېڭى ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-5 13:01:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ ھارمىغايسىز.

ۋاقتى: 2016-1-5 13:08:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەرقانچە توم ھاسسىمۇ ھامان ئۇپرايدۇ،
تېگىۋەرسە يەرگە ھەر كۈنى...

شىئېر ئاددىي تىل، يىنىك كەيپىيات ئەمما چوڭقۇر مەنا بىلەن باشلىنىپ ، مەنا چوڭقۇرلۇقىنى لايىقىدا داۋام ئىتىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-5 20:17:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ،سىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-6 13:12:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىردىكى ھۆرمەت ۋە سېغىنىشتىن سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2016-1-6 14:00:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەلدى بۇ شېئىرنى ئوقۇپ ...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 22:36:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياقتۇرغان، رىغبەت بەرگەنلەرگە تەشەككۈر!...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش