كۆرۈش: 152|ئىنكاس: 0

تۇرسۇنگۈل(ت): چيەن گوخۇڭ ـــ ئۆز قورغانىدىن بۆسۈپ چىقىش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۆز قورغانىدىن بۆسۈپ چىقىش
چيەن گوخۇڭ
                                                      تۇرسۇنگۈل مۇھەممەت تەرجىمىسى
    ئىساك ئاسموف دۇنياغا تۇنۇلغان پەننى ئۇمۇملاشتۇرۇش يازغۇچىسى، ئۇ كىچىكىدىن ئىنتايىن ئەقىللىق بۇلۇپ، تۇغما تالانىتلىق  ئىدى، ئۇ ئۆزىمۇ بۇنىڭدىن ئىنتايىن پەخىرلىنەتتى. بىر كۈنى رېمۇنىتچى ئۇنىڭدىن سۇئال سوراپتۇ:
    بىر گاس-گاچا  ماگىزىنغا مىخ سېتىۋالغىلى بېرىپتۇ، ئۇ ئوڭ قولىنى تۈگۈپ تۇرۇپ ،پۇكەيگە تىكلەنگەن سول قولىنىڭ ئىككى بارمىقىنى ئۇرغان ھالەتنى ئىشارە قىلىپ كۆرسىتىپتۇ، پىركازچىك ئۇنىڭغا بىر بولقىنى ئەكىلىپ بەرگەندە، ئۇ بېشىنى چايقىغىنىچە، ئىككى بارمىقىنى كۆرسىتىپتۇ، شۇ چاغدىلا پىركازچىك ئۇنىڭغا مىخ ئېلىپ بىرىپتۇ، ئارقىدىنلا بىر قارىغۇ قايچا ئېلىش ئۈچۈن كىرىپ كەپتۇ، ئۇ قانداق قىلىشى كېرەك؟
ئىساك ئاسموف  تىزلا جاۋاپ قايتۇرۇپتۇ:
- ئۇ ئەما چۇقۇم بىگىز بارمىقى ۋە ئوتتۇرا بارمىقىنى چىقىرىپ قايچىنىڭ ھالىتىنى ئىشارە قىلىپ كۆرسىتىدۇ.
- كەچۇرۇڭ، جاۋابىڭىز خاتا بۇلۇپ قالدى، ئۇ قارىغۇ «قايچا ئالىمەن»دىسىلا كۇپايەئەمەسمۇ، قول ئىشارىسى قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟-دىدى رېمۇنىتچى كۈلۈمسىرىگەن ھالدا.
      بۇ ئىش ئىساك ئاسموفقا  نىسبەتەن چوڭقۇر ساۋاق بولدى، ئاسموفنىڭ «قايچا ۋەقەسى» بىزگە مۇنداق بىر داۋلىنى چۇشەندۇرۇپ بىرىدۇ:
        بەزى چاغلاردا بىزنىڭ پۇت-قولىمىزنى چۇشەپ، ئالغا ئىلگىرلىشىمىز ۋە مۇۋاپىقيىتىمىزگە كاشلا بولدىغىنى-جاسارىتىمىزنىڭ يىتەرلىك بولماسلىقى ۋە ياكى كۈچسىز بۇلىشىمىز بولماستىن ،بەلكى كۆپ يىللىق تۇرمۇش تەجىربىلىرى ئاساسىدا شەكىللىنىپ، قېلىپلىشىپ قالغان تەپەككۇر قۇرغانىدىن ئىبارەت، ئۆزىمىزنىڭ مۇشۇ قورغانىدىن ھالقىپ ئوتسەكلا، ئاندىن داغدام يولغا قەدەم تاشلىيالايمىز.

" تۇرپان گېزىتى"دە ئېلان قىلىنغان.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 01:35  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش