كۆرۈش: 1007|ئىنكاس: 10

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز: سەن بەلكى مەن كۈتكەن ئاخىرقى مەنزىل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-17 05:45 PM  


سەن بەلكى مەن كۈتكەن ئاخىرقى مەنزىل


ــ ئىنىم ئەزىز سەيپۇللا ئەزىز ۋاپاتىنىڭ بىر يىللىق خاتىرىسىگە

مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىز


سەن بەلكى، قىيادا قۇرۇغان قامغاق،
ئۇنتۇلغان، يىلتىزىڭ تاشلانغان يۇلۇپ.
بەلكى، سەن چۆلدىكى مىڭ يىللىق توغراق،
سۆزلەيسەن ئۆتمۈشنى يۈرەككە ئۇيۇپ.

سەن بەلكى، بىر تامچە سىرغىغان كۆز ياش،
ھىجراننىڭ كىرپىكى قالمىغان تۇتۇپ.
بەلكى، سەن ياۋا ئات، ئاساۋ- بەكمۇ شاش،
تىزگىنلەر كۆڭلۈڭنى باقمىغان ئۇتۇپ.

سەن بەلكى، بىر زەررە قۇياشتىن تامغان،
ئاق نۇرغا بۆلىگەن چاڭ باسقان دىلنى.
بەلكى، سەن بىر قېلىچ (قىنغا پاتمىغان)
يېرىشقا ئىنتىلگەن قىرىققا  قىلنى.

سەن بەلكى، بىر بۇۋاق سۈتكە ئىنتىزار،
يىغاڭ يوق، ئەللەيدىن قورقۇسەن چۈنكى.
بەلكى، سەن بىر لەھەڭ نەپسىڭ بىقارار،
چىشىڭ گال غازلارغا ئۆز كۆڭلۈڭدىكى.

سەن بەلكى، بىر ئېرىق كۆلگە سويلىغان،
مىڭ ئەپسۇس، پىلتىڭلاپ بىلىجانىڭ يوق.
بەلكى، سەن بىر بۇۋاي كۆپنى ئويلىغان،
ئويلىرى ئوي پېتى، پىغانى تولۇق.

سەن بەلكى، قارلىغاچ ئېغىزىدىكى دان،
يەم بولۇپ تۈگۈگەن باچكا قۇشلارغا.
بەلكى، سەن سەييادنىڭ كۆكسىدىكى قان،
ساداقتىن چاچرىغان ئوق ھۇقۇشلارغا.

سەن بەلكى، بىر ياپراق يولدا پايلىغان،
ئاگاھ بول! دەپ، پىنھان لەخمە- ئورەكتىن.
بەلكى، سەن بىر تىكەن راسا سانچىلغان،
رەقىپنىڭ كۆزىگە ئوخچۇپ يۈرەكتىن.

سەن بەلكى، ناتىۋان قىزنىڭ يوپكىسى،
قوغدىغان ئىپپەتنى بولۇپ پاسىبان.
سەن بەلكى، شۇ قىزنىڭ شاتلىق كۈلكىسى،
ۋۇجۇدۇڭ پاكلىققا سەھنەيۇ، ئاسمان.

سەن بەلكىم، كۆمۈلگەن قەدىمىي ئۇرۇق،
ئانا يەر قوينىدا ئۈنۈشنى كۈتكەن،
بەلكى، سەن بىر ياڭاق مېغىزى تولۇق،
پوستۇڭنى يارالماي، ئارماندا ئۆتكەن.

سەن بەلكى، بىر داستان، ئەسىرلەر بويى-
كۆرمىگەن ۋە ھېچكىم ئوقۇپ باقمىغان.
بەلكى، سەن دەرۋىشنىڭ ئىس باسقان ئۆيى،
ئۆمۈچۈك تورىدىن ئۆزگە پاتمىغان.

سەن بەلكى، بىر ئەينەك مىڭ پارە بولغان،
ھەر پارەڭ كۆرسىتەر مېنى مەن ئەينى.
بەلكى، سەن بىر كاسە لىقمۇ- لىق تولغان،
چاڭقىغان لەۋگە جان قوشقان بەئەينى.

سەن بەلكى، بىر ئاشىق ۋىسال تاپمىغان،
يار ۋەسلى قىلتىرىق بولغان بوغۇزغا.
بەلكى، سەن شاھى تون، تەنگە ياپمىغان،
قاقلىنىپ چوغ بولغان سايدا تۇمۇزغا.

سەن بەلكى، كۆپ ئۈچۈن پايپاق يا پېتەك،
جۇت باسقان چىللىدە بەرگەن ھارارەت.
بەلكى، سەن يۇلتۇزغا لىق تولغان ئىتەك،
كۆز قىسىش، جىمىرلاش ئەمەس ماھارەت.

سەن بەلكى، بىر كۈلدان كۈلگە لىق تولغان،
پۇخادىن چىقارغان باغرى ئاتەشنى.
بەلكى، سەن شاھ مەشرەپ ئوت ياققان گۈلخان،
كۈي بىلەن كۈل قىلغان تالاي ناكەسنى.

سەن بەلكى، سۇلتانى قەلب خانەڭنىڭ،
كۆز چاقار مۈلكۈڭ كۆپ قازناقلىرىڭدا.
بەلكى، سەن دىۋانە، غېمى ئەتەڭنىڭ،
ئۈزۈكتەك يالتىرار بارماقلىرىڭدا.

سەن بەلكى، بىر ناخشا- مۇقام، كۈي مۇڭلۇق،
ئاھ، ئۆتكەي كىم سىنى يادلاپ بىر نەپەس...؟!
بەلكى، سەن ساماۋى بىر ھىكمەت ئۇلۇق،
كىم سىنى چۈشەنسە، بولغايكى پەخەس.

سەن بەلكى، بىر سىدام ئاداققى سۈرەت،
ئەمەسسەن ۋە لېكىن تۇيغۇسىز رامكا.
بەلكى، سەن بىر پىچكا، ئاخىرقى بىر رەت
ئايلانغان گەردىگە شاھمات- دامكىدا.

سەن بەلكى، بىر تىنىق پانىيدىن كۆچكەن،
ئۆمرۈڭ نۇر بولدىكى بىغۇبار چاقناپ.
بەلكى، سەن بىر ھەرپ، يېزىپلا ئۆچكەن،
ئۆچۈشۈڭ مىڭ دىلنى قويغان سوراقلاپ.

سەن بەلكى، بىر ھەيكەل گۈلسىز، ھەشەمسىز،
ئۈستۈڭگە كۆك كەپتەر ئۆتكەن ماياقلاپ.
بەلكى، سەن بىر يولكى- مۇساپەم، شەكسىز،
يىراقتا تۇرغاندەك قىلىسەن ساقلاپ.

سەن بەلكى، تاڭ سەھەر، دىلكەشلەر ئۈچۈن،
«مەرھابا! ...يول بولسۇن سەپەرگە»، دېگەن.
بەلكى، سەن بىر چوغكى يانغان ۋاھ، پۈتۈن،
قوينۇمغا كۆمۈلگەن، غەملىرىم يېگەن.

سەن بەلكى، بىر قەبرە گۈللەر قويۇلغان،
كۆكەرتىپ تۇرىدۇ تىلەك يامغۇرى.
بەلكى، سەن بىر لەۋھە كۆككە ئويۇلغان،
ھاياتلىق دەستۇرى، ۋىژدان-غۇرۇرى.

سەن بەلكى، يالىلداپ ئۆچكەن كۆمۈر چوغ،
ھارارەت بەرمىگەن قەلبى پۈچەككە.
بەلكى، سەن نۇر- ئاپتاپ ماڭلىيىدا تۇغ،
ناتىۋان، ئۈمىدۋار، تىلى چۈچۈككە.

سەن بەلكى، سەنەمنىڭ تويلۇق ئۈزىكى،
مەڭگۈگە قىممىتىڭ بارىدۇ ئېشىپ.
بەلكى، سەن دالىنىڭ گۈلگۈن چېچىكى،
ئىزغىرىن شامالغا كەتكەن سىڭىشىپ.

سەن بەلكى، تۆت قۇلاق، ئىزدىشەر بىر كۈن،
ئازاپتىن ئىڭرىغان، زىيا كۆرمىگەن.
بەلكى، سەن چۈشتىكى ئۇزارغان بىر تۈن،
يار بىلەن ۋىلىقلاپ دەقىق كۈلمىگەن.

سەن بەلكى، مەن كۈتكەن ئاخىرقى مەنزىل،
كۆكسۈڭ بەر، باغاشلاي، قوشۇلسۇن تىنىق.
بەلكى، مەن قەدرىڭنى بىلمىدىم (خىجىل!)
بىلسەم، دۇر-ياقۇتسەن، گۈھەرسەن ئېنىق.

سەن بەلكى، سوقما تام تۈلكە، قاۋانغا،
پەر قانات قۇشقا ھەم قوللىرىڭ قونداق.
بەلكى، سەن پايانداز خەلقى ئاۋامغا،
ئۈمۈدۈم، ئىستىگىم بولسامتىم شۇنداق.

سەن بەلكى، ھويلامغا سۇ ئۈتەر سۈڭگۈچ،
پاقىنىڭ ئۈندىگەك ئۈنى بار سەندە.
بەلكى، سەن كۆك سۆيگەن ئۇچقۇر گۈلەڭگۈچ،
ئۈمۈدۈڭ پارلىغان ئەزىز ۋەتەندە.

سەن ئۆزۈڭ، مەن كۆيگەن زۆھرە يەكمۇ- يەك،
ئاھ، نىتەي سۆيمىدىم قېنىپ ۋە قېنىپ.
ئېنىقكى، قىلىسەن ماڭا كۆچكەندەك،
چاراقلاپ كېتىمەن يېنىپ ۋە يېنىپ!

2009-يىل 11-نويابىر، لوپ


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 21:19:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلىمىڭىز ھارمىغاي، تەشەككۇر!


ۋاقتى: 2016-1-4 21:56:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى چىققان شئېركەن،ئوقۇپ سۆيۈندىم.

ۋاقتى: 2016-1-4 22:06:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەرسىيە ياخشى چىقىپتۇ، بىراق شېئىرىيەت سەھپىسىگە يوللانماپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 13:01:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     دىققەتسىزلىكتە باشقا سەھىپىگە يوللاپ ساپتىمەن. مۇنبەر باشقۇرغۇچىلىرى بۇ شېئىرنى شېئىرىيەت سەھىپىسىگە يۆتكەپ قويساڭلار.

ۋاقتى: 2016-1-9 22:45:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-9 23:07:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2

ۋاقتى: 2016-2-17 17:03:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ياخشى چىققان شىېركەن

ۋاقتى: 2016-2-17 21:10:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

    شېئىرنىڭ مۇۋاپىقىيىتىگە ئاپىرىن!
دوستۇم مۇتەللىپ سەيفۇللا ئەزىزنىڭ 29يېشىدا ھادىسە تۇپەيلى ئالەمدىن ئۆتكەن بىر تۇققان قېرىندىشى،پەزىلەتلىك، ئىتىقاتلىق،ئىستىداتلىق، شېئىرىيەت ئاشىناسى مەرھۇم ئەزىز سەيفۇللا ئەزىز ۋاپاتىنىڭ بىريىللىغىغا ئاتاپ يازغان بۇ مەرسىيەسىنى ئۆز ۋاختىدا ئوقۇپ،ۋۇجۇدۇم لەرزىگە كەلگەن ئىدى، مۇنبەردە بۇ مەرسىيەنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇپ، مەرھۇم بىلەن بىللە ئۆتكەن ئۇنتۇلماس دەقىقىلەر كۆز ئالدىمدا ئايان بولۇپ ،كۆز ياشلىرىم مارجاندەك تۆكۈلدى...
مەرھۇمنىڭ ئاخرەتلىكى خەيىرلىك بولغاي!

ۋاقتى: 8 سائەت بۇرۇن | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەتلىك چىن ئىنسانغا ئۆرنەك يىگىت ئىدى، بۇ شېئىر مەرھۇمنىڭ سۈپەتلىرىگە ھەقىقەتەن لايىق بوپتۇ، مەرھۇمنىڭ روھى شادلانغاي

ۋاقتى: 1 سائەت بۇرۇن يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قېرىندىشىمىز مۇتەللىپ سەيپۇللا ئەزىزگە ھەرۋاقىت سەبرى يار بولسۇن!غىجادىيىتىڭىزگە تېخىمۇ زور ئۇتۇقلارنى تىلەيمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش