يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 244|ئىنكاس: 0

ئالىپ ئوغلى: بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
   بىزنىڭ تەرەققىياتىمىز

موللاروزى ئالىپ ئوغلى  

     تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىزلىكى

تەرەققىيات دېگەن سۆ‍ز تىلغا ئېلىنسىلا كۆپ سانلىق كىشىلەرنىڭ كاللىسىدا ئىقتىساد ۋە پەن﹣تىخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئەكس ئېتىدۇ.بۇ دەل ھازىرقى دەۋردىكى ئىقتىساد ۋە پەن-تىىخنىكىنىڭ بىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتكەنلىكىنىڭ ۋە بىزنىڭ بۇنى ئاسان ھېس قىلالىغانلىقىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئۇنداقتا تەرەققىيات باشقا ساھەلەردە بولمامدۇ ؟ ئەلۋەتتە بولىدۇ،ئەمما بۇلارنىڭ تەسىرى ۋە بىزنىڭ ھېس قىلىشىمىز ئانچە روشەن بولۇپ كەتمەيدۇ.بۇلارنى پەقەت ئاشۇ خىل كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ياكى بىر قەدەر مۇناسىۋىتى قويۇق كىشلەرلا ئاسان بىلەلەيدۇ.ھازىرقى خەلقئارا ۋەزىيەت ئىنتايىن كەسكىن،شۇڭلاشقا ئوخشاش بولمىغان دۆلەت ۋە رايۇنلار بۇنىڭغا ماس ھالدا يېڭى سىياسەت ۋە ئىستىراتىگىيىنى تۈزۈپ چىقتى،ئەلۋەتتە بۇنىڭ تەسىرى بىزگىمۇ بولغاچ
بىز بۇ جەھەتتىكى تەرەققىياتنىمۇ نىسپى ھالدا بىلىۋاتىمىز.ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە پەن﹣تىخنىكىنىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىشى بىر﹣بىرىمىزنى ئاڭلىق ۋە ئاڭسىز ھالدا ئوخشاش بولمىغان شەكىلدە باغلاپ يېڭىچە بىر مۇناسىۋەتكە ئىگە قىلدى،بۇندىن كېيىنكى يۈزلىنىش ۋە ئۆزگىرىشلەرمۇ ئېنىقلا بىزنى يېڭى بىر مۇناسىۋەتكە باشلاپ بارىدۇ .
  بىز دۇچ كەلگەن پۇرسەت ۋە خىرىس بىزدىن شۇنى تەلەپ قىلماقتا،يەنى مۇشۇ مۇناسىۋەتلەردە ئاكتىپ ئورۇنغا ئۆتۈشنى،ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىپ،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ
دۇچ كەلگەن خىرىسنى يېڭىشنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.ئىقتىسادنىڭ يەرشارىلىشىشى ۋە پەن﹣تىخنىكىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەتلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇش ۋە بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېھتىياجى تۇغۇلۇشتەك ئەھۋاللار تېخىمۇ گەۋدىلەنمەكتە.
    شەھەرلىشىش قەدىمىنىڭ تېزلىشىشى ۋە شۇنىڭدىن كېلىپ چىققان ئىجتىمائىي مەسىلىلەر ھەم ئىكولۇگىيىلىك مۇھىتنىڭ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى شۇنىڭدەك باشقا مەسىلىلەر بىزدىن يەنىلا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىي قىلىشنى ئىدىئولۇگىيەدىن تارتىپ پەن﹣ تىخنىكىغىچە،ئىقتىسادتىن سىياسىيغىچە،مائارىپتىن مەدەنىيەتكىچە.ئىشقىلىپ ھەرساھەدە ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى بىزگە ئەسكەرتمەكتە.ئەگەر بىز بۇ ئەسكەرتمىگە ئەمدى ئەھمىيەت بەرمىسەك كېيىنكى تەرەققىياتتىن  سۆز ئاچمىساقمۇ بولىدۇ.

   تارىخ ۋە بۈگۈن

    ئەجدادلىرىمىز مۇشۇ ماكاندا ھەتتا پۈتكۈل ئوتتۇرا ئاسىيادا شانلىق مەدەنىيەتلەرنىيارىتىپ زور تەسىر قوزغىغان ۋە باشلامچىلىق رولىنى ئوينىغان . بۇنىڭ تەسىرىنى ھەتتا غەرب﹣ شەرققە كېڭەيتىشكە بولىدۇ. ئەينى ۋاقىتتا يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ بەرپا بولۇشى ۋە گۈللىنىشىدە ئۆچمەس شان﹣شەرەپلەرنى قوشقان.يۇرتىمىزدىكى ۋە چەتئەللەردىكى ساقلاقلىق مەدەنىيەت ئابىدىلىرى ھەم مەدەنىيەت ھادىسىلىرى شۇ شانلىق مەدەنىيەتنىڭ جانلىق ئىزناسى. ئۇنداقتا ئەجدادلىرىمىز قانداق قىلىپ شۇنداق مەدەنىيەتلەرنى يارىتالىدى؟
بۇنىڭدىكى سىر دەل شۇ ۋاقىتتىكى مائارىپنىڭ ئىنتايىن تەرەققىي قىلغانلىقىدا،كىشىلەرنىڭ ئىدىيە تەپەككۇر شەكىلدە بۆسۈش ھاسىل قىلالىغانلىقىدا،ئۆزىنىڭ تەبىئىي ۋە ئىجتىمائىي ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىشنى  بىلگەنلىكىدىن بولغان.   يۇقىرىدا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك، دەۋرنىڭ بىزگە قويغان تەلىپى يەنىلا تەرەققىيات،ئۇنداقتا بىز قانداق قىلىپ ئۇ نىشانغا يېتەلەيمىز؟بۇنىڭ جاۋابى مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش،كۆڭۈل بۆلۈش،ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رولىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتىش.بىز نوقۇل ھالدا
مائارىپقا كۈچىسەكلا بۇ مەسىلىلەر ھەل بولامدۇ؟ياق ، بىز مائارىپنى ئاساس،باشقىلىرىنى قوشۇمچە قىلىپ ھەرقايسى ساھەلەرنىڭ ماس ھالدا تەرەققىي قىلىشىغا ئەھمىيەت بېرىشىمىز،شۇ ئارقىلىق ئومۇمىيۈزلۈك تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشىمىز كېرەك.ئۇنداقتا بىز قانداق
قىلىپ بۇ نىشانغا يېتەلەيمىز ؟ بىز ھەرقايسى ساھەدىكى كۈچلەردىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغاندا، كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئورتاق بىر نىشاندا تىرىشقاندىلا، مائارىپنى يۆلەش ھەم مائارىپقا ئەھمىيەت بېرىش ۋە مائارىپنىڭ ھەرقايسى ساھەلەر ئۈچۈن ئۈنۈملۈك مۇلازىمەت قىلىشتىن ئىبارەت ئۆزئارا تولۇقلىما فۇنكىسىيىلىك رولىنى تونۇپ يېتەلىگىنىمىزدە شۇنداقلا جارى قىلدۇرالىغانلىقىمىزدىلا بىز ئاندىن يىپەك يولىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.

   بىزدىكى كۆپ تەرەپلىمە ئەۋزەللىك

شىنجاڭ ئاسىيانىڭ مەركىزى،جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى ئەڭ چوڭ،تەبىئىي بايلىقى مول،ئىكولۇگىيىلىك مۇھىتى ئۆزگىچە بىر ماكان . بۇ يەردە ياشاپ كەلگەن ئۇيغۇر ،خەنزۇ قاتارلىق 13 ئاساسىي مىللەت ۋە باشقا مىللەت بولۇپ 47 مىللەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش جەريانىدا شەكىللەندۈرگەن ئۆزگىچە ۋە ئورتاق مەدەنىيىتى ،شىنجاڭنىڭ سەككىز دۆلەت بىلەن چىگرالىنىشتەك جۇغراپىيىلىك ئەۋزەللىكلەر شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكنى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچكىرى ئۆلكىلەر ۋە چەتئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى كۆزدە تۇتۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجى تۈپەيلى ئىجابىي ھالدا
<<بىر بەلباغ ، بىر يول>>ئىستىراتىگىيىسىنى تۈزۈپ چىقتى.شۇنداقلا يىپەك يولىدىكى مۇھىم شەھەر ئۇيغۇرلارنىڭ ھەم شىنجاڭچە مەدەنىيەت ئالاھىدىكىنىڭ تىپىك نامايەندىسى بولغان قەشقەرنى ئېچىۋېتىلگەن شەھەر قىلىپ بېكىتتى.قانۇن ئارقىلىق دۆلەتنى ئىدارە قىلىش ،چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش،مىكرو ۋە ئوتتۇرا تىپتىكى كارخانىلارنىڭ قۇرۇلۇش سالمىقىنى ۋە قوللاش سالمىقىنى زورايتىش ،شۇنداقلا جەنۇبى شىنجاڭدىكى 《ئون ئىككى يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى》 نىڭ يولغا قويۇلىشى ۋە ئەمىلىشىشى دەل خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ خەلقنىڭ رايىغا باققانلىقىدۇر.
بىزدە مەيلى ھۆكۈمەت سىياسەت جەھەتتىن قوللاش  بولسۇن مەيلى جۇغراپىيىلىك ھەم مەدەنىيەت ئەۋزەللىكى بولسۇن بىز ئاكىتىپ ئورۇندا .بارلىق شىنجاڭلىق قېرىنداشلارغا بۇ خىل تەرەققىياتنىڭ تەخىرسىزلىكىنى بىلدۈرۈش،پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ ھەرقايسى جەھەتلەردە ماس ھالدا تەرەققىلىش ئۈچۈن مىللى كارخانىچىلار ۋە مائارىپنىڭ ھەرقايسى ساھەسىدىكى شۇنداقلا جامائەت ئەربابلىرى ۋە باشقا ساھەلەردىكى يېتەكچى كۈچلەر بىرلىكتە ئۆزئارا ماسلىشىشىنى كۈچەيتىپ بىرلا ئورتاق نىشان --ئومۇميۈزلۈك تەرەققىيات نىشانىغا يېتىش شۇ ئارقىلىق يىپەك يولىنىڭ قايتا گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلايلى !
  
    يىپەك يولى تەرەققىيات تەشەببۇسنامىسى

  بىز مۇشۇ نىشانغا يېتىش ئۈچۈن ھەمىمىز بىرلىكتە ،بىر نىشاندا ئومۇميۈزلۈك تەڭ ھەركەت قىلىپ بۇنىڭ مۇھىملىقى ۋە ئەۋزەللىكىنى ئىلمىي ،ئەتراپلىق ئىزچىل ۋە كەڭ كۆلەملىك ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن ھەرقايسى ساھە ۋە قاتلام كىشىلىرى قاتناشقان يېڭى بىر تەرەققىيات ئەندىزىسىنى يارىتىش ئۈچۈن2016-يىلىنى يىپەك يولى تەرەققىيات يىلى قېلىپ بېكىتىشىمىز زۆرۈر.
1.تەشەشببۇسنىڭ ئەمىلىيلىشىشى  
  دۆلەت رەئىسى يولداش شىجىنپىڭ ئۆزى باش بولۇپ ئوبىكتىپ ۋە ئىجتىمائى ئەمىليەتنى چىقىش قىلىپ 《بىر بەلباغ،بىر يول》ئىستىراتىگىيسىنى ئوتتۇرغا قويدى ۋە ھۆكىمىتىمىزمۇ يىپەك يولى ەقتىساد بەلبېغى قۇرۇش يېى پىلانلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ بىر قىسىم ئەمەلى پائالىيەتلەرنى ئېلىپ باردى .بۇ پىلانغا شەرىقى قىسىمدىكى ،ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر ھەتتا ئوتتۇرا شەرىقتىكى ئىسرائىليەدىن تارتىپ قىزىقتى.پۈتۈن دۇنيانىڭ كۆزى جوڭگۇدا بولۇۋاتقان مۇشۇنداق ۋەزىيەتتە بۇ بىر مۆجىزە سۈپىتىدە ئوتتۇرغا چىقتى .بۇ تولىمۇ يىراقنى كۆرەرلىك .بىز بۇنىڭدىكى ئاساسى ھالقا بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن تەشەببۇسكار ھەلدا ئالغا ئاتلىنىشمىز كېرەك .ھازىر ھۆكۈمەتنىڭ قوللىشى ۋە باشقا ئالاھىدىلىك بىزدە بار،بىز مۇشۇ ئالاھىدىلىكنى چىقىش قىلىپ قىسمەن تەرەپلەرنى تۈزىتىپ ،ماس تەرەققىيات  پىلانىنى تۈزۈپ ،يىپەك يولى ئىقتىسادىنىلا ئەمەس ،يىپەك يولىدىكى بارلىق ئىلغار مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈش كېرەك .ئەلۋەتتە ھۆكۈمەتنىڭ قوللاپ بېرىشى ۋە بىزدىكى شارائىت بۇ تەشەببۇسنى ئەمەلىيلەشتۈرىشىمىزگە ناھايتى باب كېلىدۇ .نۆۋەتتىكى مەسلە ھەرقايسى مىللى كارخانىچىلار ،شىرىك كارخانىچىلار ۋە  بىزنى قوللايدىغان چەتئەل كارىانىرىنىڭ كۈچىنى بىر يەرگە يىغىپ ئىقتىقساد بازىردىكى بىرقىسىم ئۇچۇر ۋە بايلىقلاردىن مۇۋاپىق ھەم ئۈنۋېرسال پايدىلىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ ئۇلارنىڭ كۈچى ئارقىلىق مائارىپنى دۆلىتىمىزنىڭ مائارىپ فاڭجېن-سىياسەتلىرىگە ماس ھالدا يۆلەش سالمىقىنى يۇقىرى كۆتىرىش  ۋە ئىختىساسلىقلار ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاپ بېرىش .مائارىپتىكى،ھەرقايسى ساھەدىكىلەرمۇ كۈچنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ مائارىپىمىزدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلەردىن تارىپ باشقا ساھەلەردە ساقلىنىۋاتقان مەسىللەرگچە ھەممىسىنى ئوتتۇرغا قويۇپ ،مائارىپنىڭ جەمئىيەتكە،جەمئىيەتنىڭ مائارىپقا شۇنداقلا باشقا ساھەلەرنىڭ ئۆزئارا سىڭىشىشدەك مۇناسىۋەتلەرنى ياخشى بىرتەرەپ قىلىشتىكى ئاكتىپ يېتەكچى كۈچ بولۇشى زىيالىيلار ۋە تېىنىكا خادىملار قاتلىمى بىلەن كارخانىچىلار قاتلىمى بىر يەگە كېلىپ چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ بىرلىكتە يېتەكچى سەپ قۇرالىسلاقلا ھەم ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت ۋە ئامما ئاكتىپ ئاۋاز قوشسىلا بۇنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ .
2. تەشەببۇسنىڭ ئەھمىيتى
تەشەببۇس ئەمىلىيلەشسىلا مائارىپتىكى ھەرقايسى ساھەدىكى زاتلار ،كارخانىچى ،تېىنىك خادىملار، كارخانىچىلار،قەمئىتىمىزدىكى باشقا ساھەدىكى ئىجابى پائالىيەتچان زاتلار بىرلىشىپ بىرلىكتە ساقلىنىۋاتقان ۋە دۇچ كەلگەن مەسىللەرنى ئەڭ ئۈنۈملۈك ۋە ئەڭ تېز سۈرئەتتە ھەل قىلىپ تەرەققىياتقا يول ئېىلدۇ.  مئارىپنىڭ تەرەققىياتى ئىلگىرى سۈرۈلۈپ رولى گەۋدىلىندۇ.ئېگىلىك تىكلەش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىلگىرى سۈرۈلدۇ،ئىقتىسادنىڭ نورمال ئايلىنىشى ۋە سىجىل ئېشىشىغا كاپالەتلىك قىلغىلە بولىدۇ.كەڭ ئاممىنىڭ بۇ ئارقىلىق تەرەققىياتقا بولغان تۇنۇشى ئۆسۈپ تەشەببۇسكار ھالەتكە ئۆتۈپ كېيىنكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتقا ئۇل سېلىندۇ.ئۆزئارا چۈشىنىش ئىلگىرى سۈرىلىپ ئىقتىمائى مۇقىملىق ياخشىلىندۇ ،خەلىقنىڭ سىياسى ساپاسى ۋە قانۇن چۈشەنچىسى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ  دېموكراتىك قانۇن بويىچە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.رايۇنلار ئارا ئالاقە كۈچىيىپ ئىقتىساد،پەن-تېخنىكا ،مەدەنىيەتنىڭ ئالمىشىشى ۋە تەرەققىياتى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ ۋە ھاكازالار.
  3. تەشەبۇستىكى يېتەكچى كۈچ
  تەشەبۇسنىڭ توغرا،كەڭ كۆلەملىك ۋە ۋە ئىزچىل ئەمەلىيلىشىشى ۋە ئومۇميۈزلۈك تەرەققى قىلىپ يىپەك يولىنى قايتا گۈللەندۈرۈشتەك تەرەققىيات پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن قەمئىيتىمىزنىڭ ھەرقايسى ساھە ۋە قاتلاملىرىدىكى خەلىقپەرۋەر ،ۋەتەنپەرۋەر زاتلاردىن تەشكىللەنگەن پىلانلىق يېتەكلەش ئېلىپ بارىدىغان ئاممىۋى ئۇيۇشما--يىپەك يولى تەرەققىيات ئۇيۇشمىسى قۇرۇلۇپ تەشەببۇسنىڭ ۋە تەرەققىيات پىلانىنىڭ جانلىقلىقى ۋە ئەمىليەتچانلىقى يۇقىرى كۆتىرىلىپ ،يىپەك يولى تەرەققىيات يىلىدىكى شۇنداقلا كېيىنكى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىقى قىلىپ يىپەك يولىنى قايتا گۈللەندۈرۈشكىچە بولغان ئارلىقتا جوڭخۇۋا خەلىق جۇمھۇرىيتىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە روھى ،خەلىقنىڭ ئارزۇسى ۋە دەۋىرنىڭ تەلىپىگە ماس ھالدا ھۆكۈمىتىمىزنىڭ تەرەققىيات پىلانىغا ئاكتىپ ئاۋاز قۇشۇپ ۋە يېقىندىن قوللايدىغان بىرلىكسەپ ئۇيۇشمىسى قۇرۇش تولىمۇ زۆرۈر.
  ــــ
ئىزاھات  2015 -يىلىنى روزىمۇھەممەد تۇردى ئارتۇچ مۇئەللىم كىتاپ ئوقۇش يىلى قىلىپ ئورنىتىشنى تەشەببۇس قىلدى ،ئاخىردا نۇرغۇن ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ ئاكتىپ ئاۋاز قوشۇشى بىلەن تېزلا ئامما تەرپىدىن قۇبۇل قىلىندى ۋە ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان نەتىجىلەر بارلىققا كەلدى .ئەلۋەتتە بەزى بىر خاتا قاراشلار ۋە ھەركەتلەرمۇ بارلىققا كەلدى بىراق بىز بۇنىمۇ خۇشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلىمىز چۈنكى ئىنسان خاتا قىلىش ئارقىلىق توغرىسىنى تاپىدۇ .بۇ بىزنى تەجىربە ساۋاق بىلەن تەمىنلىدى بۇنىڭ سەۋەبى ئۇلار بۇ تەشەببۇسنىڭ ماھىيتىنى چۈشەنمىگەن ،بىزلەر توغرا يېتەكچلىك ئېلىپ بېرىپ بولالمىغان . 2016-يىلى كىرىشتىن بۇرۇن ئادۋۇكات كۈرەش ھاشىم ئەپەندى ،<<روھى ئىنىرگىيەنى تولۇقلاڭ>> دېگەن ئەسەرنىڭ ئاپتورى ھېببۇللا تۇرسۇن ئەپەندى ،ئابلەت ئابدۇللا مۇئەللىم ،ئارتۇچ مۇئەللىم ،يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزنىڭ پەرزەنتى ئېكرام تۇغلۇق قاتارلىقلار ئارقا ئارقىدىن بۇ يىلنى ئىدىيە تەرەققىيات يىلى ،روھى ئىنىرگىيەنى تۇلۇقلاش يىلى ،ئۆگىنىش ئىنقىلابى يىلى ،كارخانىچىلار يىلى ،پەرزەنىت تەربىيلەش يىلى قىلىشىنى تەشەببۇس قىلىپ ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە تەسىر قوزغىدى .مەن ئۇلارنىڭ قارشىغا ھۆرمەت قىلىمەن ئۇلارمۇ مەلۇم تەرەپنى كۆزدە تۇتۇپ بۇ تەشەببۇسلارنى ئوتتۇرغا قويدى ،بۇنىڭغا ئەگىشىپ جەمئىتىمىزدە بەزى ياخشى ۋە يامان پىكىرلەرمۇ مەيدانغا كەلدى بەزىلىرى قوللىدى بەزىلىرى چوقۇم بىر يىلنى بىر تەشەببۇسقا باغلاش زۆرۈرمۇ دېگەندەك مۇنازىرىلەردە بولدى .ئەلۋەتتە زۆرۈر ئەمەس ،مەيلى كىم قانداق قاراشنى ئوتتۇرغا قويسۇن ئاكتىپلىق بىلەن دۇرۇس نىيەتتە خەلققە ياخشى بولغان قاراشنى ئوتتۇرغا قويسا ۋە بۇنىڭغا تۆھپە قوشسا شۇ ھەقىقى ياخشى .بۇ يەردە زۆرۈر بولغىنى بىزدىكى ساقلانغان مەسىللەرنى توغرا يۇسۇندا تېپىپ چىقىش ۋە ئىلمىي بىر تەرەپ قىلىش ،ئۆزىمىزنىڭ ئىجابى ئالاھىدىلىكىلىرىنى يېتەكلەش ۋە تەرەققى قىلدۇرۇش .بۇ يەردىكى مەسلە دەل مۇشۇ تەشەببۇسنىڭ ئۆزى ئەمەس بەلكى ئۇنىڭ ئەمىليەت بىلەن كونكىرت باغلىنىش دەرىجىسى ۋە ئىجابى ئەھمىيتى .مەن مۇشۇ نۇقتىلارنى ۋە بىرقىسىم ئەھۋاللارنى چىقىش قىلغان ھالدا بۇ تەشەببۇسنى ئوتتۇرغا قويدۇم . يۇقاردا بايان قىلىپ ئۆتكىنىمىزدەك بۇ ھەرقايسى تەرەپكە چېتىلدىغانلىقى ئۈچۈن يۇقاردىكى تەشەببۇسلارنىمۇ ۋە باشقا تەرەپلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا كونكىرت پىلان ۋە يېتەكلەش ئارقىلىق تەرەققىيات نىشانىغا يېتىشنى مەقسەت قىلىدۇ .شوڭا قېرىنداشلارنڭ بۇ مەسىللەرنى ئەتراپلىق ئويلىنىشىنى ۋە ئىزدىنىشىنى ئەمىليەتنى چىقىش قىلىپ كەلگۈسىگە يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن نەزەر سېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن .

2016.1.1   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-4 11:22  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش