ئازاد ئىلياس ئوغلى فەرەجوۋ 1961–يىلى 10-ئاپرېل باكۇدا تۇغۇلغان. تۇنجى شېئىرى 1998–يىلى ئېلان قىلىنغان. ئەسەرلىرى موسكىۋا،ئىستانبۇل،كېيىۋلەردىكى نوپۇزلۇق ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنغان.ئۇ ھازىرقى زامان ئەزەربەيجان ئەدەبىياتىنىڭ نامەندىلىرىدىن بىرى.
مۈشكۈل مەسىلە
سەندىن نىمە ئىستىگىنىنى
ئۆزى ھەم بىلمىگەن بىركىمگە
ئۇ ئىستىگەن نەرسىنى بېرىش
بەكمۇ –بەكمۇ مۈشكۈل مەسىلە
ھە بىلەن ياق
ھايات -
تەڭرى بىزگە بەرگەن
ئاجايىپ بىر نېمەت
چۈنكى ياشاپ بولماس
خوتۇنلار بىلەن
لېكىن ئۇلارسىز ھەم
ياشاپ بولمايدۇ.
سۆيگۈ كۈبىكى
سەنسىزلىكتە ئېڭىم،
رۇبىك كۈبىكىنى ئەسلىتەر مۇدام.
ئۇندىكى مەيدە كۈپلارنى
ئىستىگەن تامانغا بۇراۋېىمەن.
ھەر سەپەر،
ھەر تەرەپىدە
سەن كۆرىنىپ تۇرېۋېرىسەن.
فەيزى شاھئىسمائىل ئەزەر تىلىدىن تەرجىمە قىلغان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەسئۇد ئىسا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-3 17:12