«قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى ئېچىلدى
% W) a) B8 i B" i' \/ P+ m8 |; q$ |: ~( c8 R- {
% `9 N% ^" Q% V* _: P+ d) i9 k+ H6 h
6 J4 o/ ^4 d; M% K8 `' `6 }& `! ~ 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 2-كۈنى «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى مۇكاپاتلاش يىغىنى قەشقەر «يامبۇ مېھمانسارىيى» دا ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا «قەشقەر گېزىتى»ئىدارىسى پارتكومىنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجسى، سابىق ئىدارە باشلىقى، «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى ئابلىكىم تالىپ، قەشقەر شەھەرلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزاسى، تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى ئەكبەر زۇنۇن، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات- سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى پاشاگۈل سەدىردىن، «قەشقەر گېزىتى» ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى، «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى مەمتىمىن ئوبۇل، «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، مۇدىرى ئەنۋەر ئىبراھىم ، «قەشقەر گېزىتى» ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى بەختىيار ئابلىز ئەنجانى قاتارلىق رەھبەرلەر قاتناشتى، قەشقەر ئۇنىۋېرسىتېتى فىلولوگىيە ئىنستىتۇتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى، كۆزگە كۆرۈنگەن ئەدەبىيات تەتقىقاتچىسى، پىروفېسسور كېرىمجان ئابدۇرېھىم يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
«يېڭى يۇلتۇز»يەرلىك سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مەسئۇلى، «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق پائالىيەتنىڭ ئىقتىسادىي جەھەتتىن قوللىغۇچىسى، شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا ۋە قەشقەردىكى بىر قىسىم ئەدىبلەردىن ھاجى مىرزاھىد كېرىمى، تۇرسۇن نىياز، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، تاھىر تالىپ بەكتۇر، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، ئابدۇراخمان ئەزىز ئوغلى، ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت، زۇلفىيە كۆلتېگىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، راھىلە ۋارىس قاتارلىق 150 دىن ئارتۇق كىشى بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قاتناشتى. مەمتىمىن ئوبۇل، كېرىمجان ئابدۇرېھىم، ئابدۇقېيۇم مۇھەممەدئىمىن قاتارلىق ئەدىب ۋە كارخانىچىلار ئۆزلىرىنىڭ ماقالىلىرىنى ئوقۇدى.
يىغىندا يەنە «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتىدە نەتىجىگە ئېرىشكەن ئاپتورلاردىن ئىمىن ئەھمىدى، ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن،ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت،رەشىدەم سېيىت قاتارلىق ئون ئاپتور مۇكاپاتلاندى، شۇنداقلا شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللانىڭ يېڭىدىن نەشر قىلىنغان «باھار تىنىقلىرى»، «سۆيگۈ تىنىقلىرى» ناملىق ئىككى پارچە كىتابى تارقىتىلدى. ئاخىرىدا بارلىق يىغىن ئىشتىراكچىلىرى مەرىپەتپەرۋەر تىجارەتچى، شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا تەييارلىغان «يېڭى يىللىق چاي زىياپىتى» گە داخىل بولدى. چاي زىياپىتىدە تۇرسۇن نىياز، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق، چىمەنگۈل ئاۋۇت، دىلبەر مۇھەممەترېھىم قاتارلىق شائىر، شائىرەلەر ئۆزلىرىنىڭ يېڭى يىلغا بېغىشلانغان شېئىرلىرىنى ئوقۇدى، چاي زىياپىتىدە يەنە پەيزاۋات ناھىيەسىدىن كەلگەن يەككە تىجارەتچى ئەنۋەر ئۆمەر شائىر ئەسقەر ھاجى ئابدۇللاغا بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قاپارتما ھەيكىلىنى سوۋغا قىلدى، ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ، بۇ ھەيكەلنى ئۇستاز ھاجى مىرزاھىد كېرىمىغا تەقدىم قىلدى.
ئىگىلىنىشچە، «شانلىق 60 يىل» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ئەسەرلەر پائالىيىتى ـــ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 60 يىللىقىغا بېغىشلانغان بولۇپ، «قەشقەر» ژۇرنىلى تەھرىراتى بۇ قۇتلۇق مەرىكىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن قەشقەر «يېڭى يۇلتۇز» يەرلىك سودا چەكلىك شىركىتى بىلەن ھەمكارلشىپ ئۇيۇشتۇرغان ھەمدە باھالاش گۇرۇپپىسى تەشكىللەپ، بۇ سەھىپىگە قاتناشتۇرۇلغان ئەسەرلەرنى باھالاپ چىققان.
& } [' I! d7 j2 w: z# f2 D, k- G8 k7 L+ L w# D' ?1 Y$ h2 g
باھالانغان ئەسەرلەر ۋە ئاپتورلار تۆۋەندىكىچە:
6 c( n3 Z, E- d2 Q7 y; J; l; p* d0 ~
5 ^$ A5 `' z5 p4 q' i(1-دەرىجە، ئىككى پارچە)
( ?( A0 R# u, J& C
1. رەڭ (پوۋېست) ئاتىكەم سىدىق ئايقۇت (1-سان)
2. ئانا يۇرت يۈرىكىم،بولسۇن گۈلىستان (شېئىر) ئىمىن ئەھمىدى (2-سان)
مۇكاپات پۇلى: 3000 يۈەن
6 O% P( v; h. v" P) f* x
(2-دەرىجە، ئۈچ پارچە)
+ v3 @% @, p5 N8 r; H' l6 v) w
. }" ^+ k" k5 {4 F
1. ئىككى قەسىدە، تۆت غەزەل (شېئىر) ئابدۇلئەھەد ئىسمايىل ئوغلان (1-سان)
2. چېچەكلەر نازىدىن ئىزدە (غەزەللەر) ھاجى ئەھمەد كۆلتېگىن (4-سان)
3. مەھەللەمدىكى دەريا (پوۋېست) رەشىدە سېيىت (3-سان)
مۇكاپات پۇلى: 2000 يۈەن
; n; R) |6 l, O
(3-دەرىجە، بەش پارچە)
, p3 a% S7 k1 t; \+ v& a% g3 K
1 ~9 _+ v- M8 e: t% P" F' I F4 L' L1. بىزنى تۇغدى شېرىن مۇھەببەت (شېئىر) ئابدۇرېشىت بارات ئويغاق (4-سان)
2. قەشقەر پۈتۈكلىرى (غەزەللەر) مۇھەممەدئىمىن قۇربان تۇغلۇق (4-سان)
3. سالام، بېيجىڭ (ئەدەبىي خاتىرە) ئادىل ئابدۇرېھىم چوڭقۇرچاق (4-سان)
4. قەشقەرلىك ئەر (ھېكايە) زۇلفىيە كۆلتېگىن (4-سان)
5. ئېرىشىش ۋە يوقىتىش (ھېكايە) ئابدۇكېرىم قادىر (5-سان)
مۇكاپات پۇلى: 1000 يۈەن
9 ]# @2 g/ y3 T% h6 D
پائالىيەتتىن كۆرۈنۈشلەر:
7 P* p( C+ n9 l7 }
1 Y; k W# i" M' }8 {: B! C" k6 w# p, w/ F
يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر
4 D" p/ r! e9 ]8 Y3 c7 p" O$ t0 P! v9 b" x; h+ i
8 c [3 x4 g2 e! `, Y, e \# l
K1 F& x$ b$ @7 u( q) n8 e! gيىغىن قاتناشچىلىرى
g- t3 L* a. W8 Nيىغىن ئىشتىراكچىلىرى
% @' K$ r, o, F4 i, ^+ ?
[# H9 ~+ J$ u: P4 lئۆمەر ئوسمان شىپائى، ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى، ھاجى مىرزاھىد كېرىمى (ئوڭدىن سولغا)
/ p# j7 F4 F* v7 h+ @3 K# H
7 K* x( n% V0 j$ O l8 L2 E$ J* n+ @
6 D$ N( D! n* H( ?$ Yيىغىن قاتناشچىلىرى' q, j5 ~8 k5 m S; a! a
$ S( q2 o; u; Q, K' C5 w8 m0 P/ H( V
مۇكاپاتلانغان ئاپتورلار ۋە رەھبەرلەر
, G# {4 R% u1 ]2 Q7 q8 x
خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى ھۆسنخەت ئەسىرىنى تەقدىم قىلماقتا
' g- n1 S P% k- d# t
- ?$ f2 S% C* D3 @1 S+ A! N9 S# A1 o
0 v! C1 {# t: Y- X
چاي زىياپىتى
! s$ D( ~ F& s$ J5 \9 E$ ]# ^* w C8 h2 w) U' ~9 {6 W9 h8 c8 o
+ p' ^$ h+ z9 {! W1 K6 C0 w9 ?# u6 w ئابلىز ئۆمەر ئەنجانى شېئىر دېكلاماتسىيە قىلماقتا
$ K, \% l. ~: z9 [" ^3 oچىمەنگۈل ئاۋۇت دېكلاماتسىيەدە
* W& E ]) N; K. P
, P% P: D& p7 F8 d1 j, P9 _2 L& p0 A( L, F
چاي زىياپىتىدىكى ئايال ئاپتورلار
+ S- ~* `3 u; F, R7 n- ^3 [6 u6 m E3 J6 D7 i9 e; x
ئەسقەر ھاجى ئابدۇللانىڭ نەشر قىلىنغان ئىككى كىتابى
' g+ _/ S/ l% B5 y* T7 u8 w. X. w4 ? E0 R; {7 c0 _
ئەنۋەر ئۆمەر (ئوڭدا) ئەسقەر ھاجى ئابدۇللاغا ھەيكەل سوۋغا قىلماقتا
! h2 _3 g1 ]1 F
ئەسقەر ھاجى ئابدۇللا (ئوڭدا) بۇ ھەيكەلنى ھاجى مىرزاھىد كېرىمىغا تەقدىم قىلماقتا
. M- O# X( I+ O5 z
يىغىن خاتىرىسى0 V7 z' E9 o. {3 N
بوۋىمىز مەھمۇد كاشغەرىينىڭ قاپارتما ھەيكىلى
$ H& R- g, c. H9 z" j1 x
: U9 O( B) _: F! P; I8 X8 ?- j4 l# o2 h1 |0 ?
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا بۈركۈت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-3 03:37
( |& q) J( Q& Q* x+ U6 o' Y; g; k- b4 i4 }7 S