يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 934|ئىنكاس: 23

قەلەمخان ياسىن: بىر ئىستاكان چاي (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بىر ئىستاكان چاي


(ھېكايە)



قەلەمخان ياسىن



      ئۆيگە كىرىپ چاپىنىمنى ئاسقۇغا ئېسىپ تۇرۇشۇمغا ئايالىم بىر ئىستاكان چاينى ئەكىلىپ چاي ئۈستىلىگە قويدى :
ــ چاي ئىچكەچ تۇرۇڭ ، تاماق ھازىرلا پىشىدۇ ،ــ ئۇ شۇنداق دېگىنىچە ئاشخانىغا ماڭدى.
ئۇنىڭ گۈللۈك پەشتاما ئىچىدىكى سېمىرىشكە باشلىغان بەدىنى  ۋە چىڭ چېگىلگەن ياغلىقىغا
قاراپ بىردىنلا ئەرۋاھىم ئۇچتى :
ــ نېمانداق قىززىق چاي بۇ ، مېنى كۆيۈپ ئۆلسۇن دېدىڭما ؟!
مېنىڭ ۋاقىرشىمدىن ئۇنىڭ گىرىمسىز يۈزى تاتارغاندەك بولۇپ تېزلا ئەسلىگە كەلدى ۋە
« كەچۈرۈڭ » دېگىنىچە كىچىكىرەك ئىستاكاندىن بىرنى ئەكىلىپ چاينى ئىككى ئىستاكانغا بۆلدى .
ــ سىز قولىڭىزنى يۇغۇچە چايمۇ سوۋۇپ قالىدۇ ،ــ ئۇ يەنە شۇنداق كىشىنى بىزار قىلىدىغان
كۈلۈمسىرىشى بىلەن ئاشخانىغا كىرىپ كەتتى .
      يېقىندىن بېرى ئۇنىڭ ھەممىلا يېرى كۆزۈمگە سەت كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالغانىدى ، ھەتتا ئۇنىڭ ئاۋازى ، مېڭىش ـ تۇرۇشى ، قىلغان ھەر- بىر  ئىش -ھەركەتلىرىمۇ كۆزۈمگە پەقەتلا سىغمايتتى . ئىشىكتىن كىرىشىمگىلا پايپىتەك بولۇپ  چاي دەملەپ مېنى خۇددى مېھمان كۈتكەندەك كۈتۈپ كېتىشلىرى ، ئۆي ئىچىدە ساپما كەش بىلەن شىپىلداپ مېڭىشلىرى ...ئىشقىلىپ ،ئۇنىڭ ھەممە تۇرغان پۈتكىنى مېنى بىئارام قىلاتتى . مېنىڭچە بولغاندا بۇ ئۆيگە پەقەتلا قايتمىسام ، يېڭىدىن سېتىۋالغان ئۆيۈمدە گۆزىلىم بىلەن بىللە تۇرسام ، ئۇنىڭ مەن ئاڭلاپ قانمايدىغان شېرىن شېكەر سۆزلىرىنى كىچە –كۈندۈز ئاڭلاپ تۇرسام ...بەك ياخشى بولاتتى . لېكىن، ئاتا –ئانامنىڭ پات –پاتلا كېلىپ قېلىشى ، چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئادەمنىڭ ئىچىنى كۆرۈۋاتقاندەك ئۆتكۈر كۆزلىرى بىلەن سۇئال نەزىرىدە تىكىلىشلىرى مېنى كۈندە  ئۆيگە كېلىپ يوقلىمىدىن ئۆتۈپ ، ئايالىمنىڭ كىشىنى بىزار قىلىدىغان چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇشقا مەجبۇر قىلىۋاتاتتى .
ــ تاماق يەڭ ،ــ ئايالىم مىزىلىك ھېدى تاراپ تۇرغان بىر تەخسە لەڭمەننى ئالدىمغا قويغاندىن كېيىن باياتىن بېرى مەن توشقۇزۇپ قويغان كۈلداننىڭ كۈلىنى تۆكتى  ۋە دەرىزىنى ئاچتى .
ــ ھاۋا شۇنچە سوغۇق تۇرسا ، نېمىشقا دەرىزىنى ئاچىسەن ،ــ ئۆي ئىچىدە لەيلەپ تۇرغان كۆكۈچ ئىسنى كۆرۈپ تۇرساممۇ  قەستەن ۋاقىرىدىم .
ــ ئۆي ئىسقا تۇشۇپ كېتىپتۇ ، ھاۋا ئانچە سوغاقمۇ ئەمەسقۇ؟
ــ سەن ئەتىدىن كەچكىچە ئۆيدىن چىقماي ئىسسىپ كەتكىنىڭ بىلەن مەن توڭلاپ كەتتىم ،مېنى قىينىمىساڭ كۈنۈك ئۆتمەمدا سېنىڭ ؟!
ــ بۇ ...بۇ … نېمانچە تەتۈرلۈك قىلىسىز ، ئونىنچى ئايدىمۇ دەرىزىنى ئاچمامدۇق ئەمدى ؟
ــ نېمە ؟ مېنى تەتۈر دەۋاتامسەن تېخى ، مانا  تەتۈرلۈك دېگەن ،ــ شۇنداق دېگىنىمچە ئىشتىھايىمنى قوزغاپ تۇرغان لەڭمەننى يەرگە ئاتتىم ،ــ يا ئېىغىزغا تېتىغۇدەك تامىقىڭ يوق ، يا قۇلاققا خوش ياققىدەك بىر ئېغىز گېپىڭ يوق، سېنىڭدەك خوتۇندىن جاق تويدۇم ، دەرھال خېتىڭنى ئېلىپ كۆزۈمدىن يوقال !!!
ئۇنىڭ ھەر ۋاقىت تەبەسسۇم ئۆچمەيدىغان تاتىراڭغۇ چىرايىدىن بۇ قېتىم كۈلكە ئۆچتى .ئۇ
ماڭا بىر دەم تىكىلىپ قارىۋەتكەندىن كېيىن ، يەردىكى تەخسە سۇنۇقلىرىنى ۋە چېچىلىپ تۇرغان چۆپ ، قورۇمىلارنى تېرىپ يىغىشتۇرۇپ بولۇپ  ، پول سۈرتكۈچنى ئەكىلىپ يەرنى سۈرتتى .
مېنىڭچە بولغاندا ئۇ تەخسىنى ئاتقان ھامان جىدەل قىلىشى ، ھېچ بولمىغاندا ھەممىنى جايىغا تاشلاپلا چىقىپ كېتىشى كىرەك ئىدى . شۇنداق قىلغان بولسا ئۇنىڭدىن ئاجىرىشىشقا ياخشى باھانە تاپقان بولاتتىم. لېكىن ئۇنىڭ ھېچ ئىش بولمىغاندەك ،پولنى سۈرتۈپ كېتىشىدىن جۇدۇنۇم تېخىمۇ ئۆرلەپ  ئۇنىڭ قولىدىكى پول سۈرتكۈچنى يۇلۇپ ئالدىم :
ــ سېنى يوقال دېدىم ، ئاڭلاۋاتامسەن ، يوقال ... بۇنىڭدىن كېيىن بۇنداق سېسىق چېيىڭ ، تەمسىز تامىقىڭنىلا ئەمەس ، سېنىمۇ كۆرە كۆزۈم يوق !
  ــ تاماق قالدۇقلىرى دەسسىلىپ كەتمىسۇن دېدىم ،ــ دېدى ئۇ تىتىرەڭگۈ ئاۋاز بىلەن ،ــ مېنىڭمۇ سەۋر تاقىتىم توشقان ، باللارنى دەپلا چىداپ ئۆتۈۋاتقان ئېدىم . ھەيدىمىسىڭىزمۇ  ھازىرلا كېتىمەن .
       ئوھ ... ئاخىر ئەركىنلىككە چىقتىم . قۇلۇقۇمغا مۇش ئۇرغاندەك ئاڭلىنىۋاتقان پەندى –نەسىھەت ، توسۇشلارنى « مۇزدەك » قېتىپ تۇرۇۋېلىش ئارقىلىق يەڭدىم .دېمىسىمۇ قىرىق ياشتىن ئاشقان مەندەك پۈتۈنسۈرۈك بىر ئەركەك  ئۆزۈمنىڭ تۇرمۇش ئىشىغا ئۆزۈم ئېگە بولالمىسام قانداق بولغىنى ؟! ئايالىمنىڭ يېقىنقى نەچچە يىلدىن بېرى مېنى خوش قىلغان بىردىنبىر ئىشى «ئىككى بالىنى ئۆزەم ئالىمەن»دېگەن تەلەپتىن باشقا  ھېچقانداق قارشىلىقسىز ، شەرتسىز
ئاجىراشقىنى بولدى .
  ئاخىرى يېپ –يېڭى تۇرمۇشۇمنى باشلىدىم . يېڭى ئۆي ، يېڭى ماشىنا ، چىرايلىق ، خۇش پىئىل ، زامانغا لايىق ياش ئايال ... ئۆزەممۇ ياشىرىپ قالغاندەك بولۇپ ، تەرسا مىجەزىم ئۆزگىرىپ ،خۇشخۇيلىشىپ كېتىۋاتاتاتتىم،  تەبىئەتنىڭ بۇنچە گۆزەللىكىنى ، يوللارنىڭ بۇنچە كەڭرى ، ئازادىلىكىنى  ، ئادەملەرنىڭ بۇنچە قىزغىن ، مېھىرلىك  ئىكەنلىكىنى يېقىنقى نەچچە يىللاردىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھېس قىلىۋاتاتتىم . ئىشتىن چۈشۈپ يېڭى
ئۆيۈمگە ، چىرايلىق خوتۇنۇمنىڭ تاتلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا ئالدىرايتتىم . بۇرۇنقى ئۆيۈمدىن ئىككى ھەسسە چىققىدەك بۇ چوڭ  ئۆينى ئىسمى جىسمىغا لايىق گۆزەل ئايالىم پۇلنى ئايىماي خەجلەپ  ناھايتى ئېسىل بېزەتكەن بولغاچقا ئۆي ئىچى قاچانلا قارىسا بىر خىل ۋالىلداپ ، نۇر چېچىپ تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى . بۇ ئېسىل ئۆيدە گۆزىلىم ئىككىمىزگە دەخلى بولدىغان ھېچكىم يوق  ، خۇددى شېرىن ئاي ئۆتكۈزىۋاتقان ئاشىق –مەشۇقلاردەك بىر –بىرىمىزنىڭ ۋەسلىگە قانماي  ئىككى يىل ئىككى كۈندەكلا ئۆتۈپ ، چوڭ ئوغلۇمنىڭ ئالى مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغانىدىم .
ــ ئوغلىڭىز بەك ئەقىللىقكەن ھە ، ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىدا 580 نومۇر ئاپتۇ .
ــ راست ، ئەقىللىق بولۇپلا قالماي ناھايتى ئېسىل سۈپەت يىگىت بوپتۇ.
ئىدارىدىكىلەرنىڭ ئاغزى –ئاغزىغا تەگمەي ئوغلۇمنى ماختاپ كېتىشلىرىدىن ئوغلۇمدىن ناھايتى پەخىرلەنگەن بولساممۇ ، ئۇنىڭ ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغان مۇشۇنداق موھىم پەيتتىمۇ بالامنىڭ يېنىدا بولالمىغىنىم ئۈچۈن ئۆزەمدىن نومۇس قىلىپ كېتىۋاتاتتىم . ھەتتا ئۆز ئوغلۇمنىڭ ئىمتىھان نومۇرىنى باشقىلاردىن ئاڭلىغىنىممۇ ماڭا خېلىلا زەربە بولغانىدى.
      ئاپىسى ئىككىمىز ئاجىراشقاندا « ئاپام بىلەن تۇرىمەن » دېگەندىن باشقا  ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىگەن بۇ ئوغلۇم ئىككى يىل جەريانىدا مەن بىلەن كۆرۈشكىلى ئۇنىمىغان ئېدى . يوللاردا تاسادىپى ئۇچىرىشىپ قالساقمۇ ، يىراقتىن ئەگىپ ئۆتۈپ كەتكەچكە ،ئۇنىڭغا ئازراق ئاچچىقىممۇ بار ئىدى. بۈگۈن ئىشتىن چۈشۈپ چىقىپلا ئۇنىڭ ئىدارە ئالدىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا بولغان خاپىلىقىم قاياقلارغىدۇ يوقاپ ،تېز قەدەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردىم.
ــ مەن ئەتە ماڭىمەن ، شوڭا ئاپامنىڭ زورى بىلەن  سەن بىلەن خوشلاشقىلى كەلدىم ،ــ ئوغلۇم يەنە شۇنداق ئادەمنى ئەيمەندۈرگىدەك قاراشلىرى بىلەن كۆزۈمنىڭ ئىچىگە قارىدى ،ــ مەركىزى مىللەتلەر ئونۋېرسىتىدا ئالتە يىل ئوقۇيدىغانلىقىمنى ،ئوقۇش پۈتكەندە مۇشۇ يەرگە قايتىپ كېلىپ خىزمەت قىلىدىغانلىقىمنى بىلىپ قالساڭلا بولدى .باشقا ئىشىمغا باش قاتۇرمىساڭمۇ بولىدۇ .
ــ مېنى بەك خۇش قىلىۋەتتىڭ ئوغلۇم ،ــ دېدىم ھاياجانلانغان ھالدا،ــ سەندىن بەك ...
ــ بولدى ، يانچۇقۇڭنى كولىما ،ــ بالام دەرھال گېپىمنى بۆلدى،ــ  بايا دېگەندەك ماڭا ھېچقانداق ياردىمىڭنىڭ ھاجىتى يوق ھەم قوبۇل قىلمايمەن .ھە راست ، چوڭ ئانامنىڭ مەھەللىسىدىكى ھېلىقى يەرنى تاشلاپلا قويۇپسەن ، ئاران ئەيۋەشكە كەلتۈرگەن يەر يەنە خېمىغا يېنىپ قالمىسۇن ،« ئەر كىشى دېگەن كەتمەن چېپىشنى بىلىش كېرەك » دېگەن سۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما !
ئوغلۇم مېنىڭ گەپ قىلىشىمغىمۇ، ئاق يول تىلەشكىمۇ پۇرسەت بەرمەي كېتىپ قالدى . بىر تۇتام پۇلنى تۇتقان قولۇم ھاۋادا لەيلەپلا قالدى.
ئىككى چېكەمدىن بۇژۇلداپ چىقىۋاتقان تەرلىرىمنى سۈرتۈپ، پارقىراپ تۇرغان ئېسىل ماشىنامغا ئولتۇرۇشقا رايىم بارماي ئاستا قەدەملەر بىلەن ئىدارە قورۇسىدىن چىقتىم،  پۇتلىرىم ئۆزەمگە بويسۇنمىغان ھالدا ئوغلۇم كەتكەن يولغا ماڭماقتا ئېدى . ئۇنىڭ بىلەن پاراڭلاشقۇم ، ئۇنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلىرىنى ئاڭلىغۇم ، پىشانىسىگە سۆيۈپ تۇرۇپ ئاق يول تىلىگۈم ،ئاتىلىق سالاھىتىم بىلەن  ئۇنىڭغا ياخشى ئوقۇش توغۇرلۇق  نەسىھەت قىلغۇم ، ئۇنىڭ كەم نەرسىلىرىنى تولۇقلاپ بەرگۈم ، ھەتتا مەكتەپكىچە بىللە ئاپىرىپ ، ئۆز قولۇم بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغۇم ... ئىشقىلىپ ، ئۆزەم دەپ بېرەلمەيدىغان يەنە كۆپ ئارزۇلىرىم بار ئېدى .ھېچ بولمىسا بۈگۈن ئۇنىڭ بالىلىق مېھرى بىلەن بىر قېتىم كۈلۈپ قاراپ قويىشغا ئېرىشەلىسەممۇ مەيلى ئېدى ، بىر دەسسەپ ،
ئىككى دەسسەپ بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ ئالدىغا كېلىپ ، ئۆينىڭ دەرىزىسىگە قارىدىم . بۇرۇن قاچانلا قارىسام چىراق يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇ دەرىزە قاپ –قاراڭغۇ ئېدى . باشقىلارنىڭ كۆرۈپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىنا ئالدىدىكى دەرەخلىككە كىرىپ خېلى ئۇزاق ئولتۇرغان بولساممۇ ، دەرىزىدىن چىراق يورۇقى كۆرۈنمىگەچكە ، ئىلاجىسىز كەينىمگە ياندىم .
         بالام ئوقۇشقا كەتتى .ئۇنىڭ  قايسى ۋاقىتنىڭ ئايرۇپىلانى ، پويىزى ياكى ئاپتۇبۇسىدا ماڭىدىغانلىقىنى بىلەلمىگەچكە ئۇنى  ئۇزىتىپ قويۇش ئۈمۈدۈممۇ كۈپۈككە ئايلاندى . كەيپىياتىم ئىنتايىن تۆۋەن ، قەدەملىرىم ئېغىر ، كاللامدا باش ئۇچى يوق خىياللار ئەگىپ يۈرەتتى . شۇنچە راھەت ، سالقىن ئىشخانىدىمۇ ئىچىم سىقىلغاندەك بولۇپ ، قولۇم ئىشقا بارمايتتى . گۆزىلىمنىڭ تاتلىق گەپلىرىمۇ قۇلىقىمغا خوش ياقماي ،قانداقتۇ بىر نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك ،كۆڭلۈمنىڭ بىر يەرلىرى بوش قالغاندەك ، بۇ بوشلۇق ئىچىدىن بوران گۈكىرەپ تۇرغاندەك ...بىر خىل سىزىم بىئارام قىلىپ تۇراتتى.
  ئازادە ئۆيدىكى يۇمشاق كېرسىلۇدا سوزۇلۇپ يېتىۋېتىپ ، ئوغلۇمنىڭ «يەر تاشلىنىپ قاپتۇ »دېگەن سۆزى ئېسىمگە كەلدى –دە ،ئورنۇمدىن چاچىراپ تۇرۇپ كەتتىم . بالامنىڭ دېگىنىدەك
ئاپامنىڭ مەھەللىسىنىڭ چېتىدىكى بۇ ساسلىقنى يەر قىلىش ئۈچۈن ئاز جاپا تارتمىغان ئېدىم . ھەر يىلى ئەتىيازدىن باشلاپ قىش كىرگىچە  دەم ئېلىش كۈنلىرى بالام ئىككىمىز بۇ يەردە ئىسسىقنى ئىسسىق ، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي ئىشلىگەن ، پىلانلىغان ئىشنى تۈگىتىۋېتىش ئۈچۈن تاماق يېيىشكىمۇ قايتمىغان كۈنلىرىمىزمۇ بولغان ئېدى . دەسلەپتە ئوغلۇمغا ئىش خوشياقمىغان ، بۇ يەرگە بوينىدىن باغلىغاندەك كەلگەن بولسىمۇ ، كىيىن قىلغان ئەمگىكىمىزنىڭ نەتىجىسى كۆرۈلۈشكە باشلىغاندىن كىيىن ، ئۇنىڭ ئىشلەش ئىرادىسى ئاشقان ، قوللىرى قاپىرىپ قان چىقىپ كەتكەن چاغدىمۇ چىدىغان ئىدى . قاچانكى گۆزىلىم بىلەن تونۇشتۇم ، شۇندىن كېيىن دەم ئېلىش كۈنلىرىم يەرگە ئىشلەشكە ئاشمايدىغان ، ھەتتا 12- ئاينىڭ جاندىن ئۆتكۈدەك سوغۇقىدا ئوغلۇم ئىككىمىز نەچچە كېچىلەپ ئۇخلىماي سۇ قويۇپ ، توڭ ياتقۇزغان يېرىمىزنى تاشلىۋەتكەن ئېدىم .
     كىيىم ئىشكابىنى شۇنچە ئىزدەپمۇ ئىش قىلغاندا كىيىدىغان تەنھەركەت كىيىمىمنى تاپالماي جىلە بولۇپ تۇرغاندا ، گۆزەل ئىشكىتىن كىرىپ كەلدى .
ــ نېمە ئىزدەۋاتىسىز جېنىم ،ــ ئۇ تاتلىق جىلمىيىپ ياتاق ئۆيگە كىرىپلا چىرايى ئۆڭدى ،ــ ئۆينى نېمانچە قالايمىقان قىلىۋەتتىڭىز، كىيىملەرنىڭ ھەممىسىنى كارۋاتقا يېيىۋېتپسىزغۇ ،نېمە ئىزدىگەنتىڭىز شۇنچە قىلىپ ؟!
ئۇنىڭ مەن زادىلا ئاڭلاپ باقمىغان ۋاقىرغان ئاۋازى مىڭەمدە قاتتىق ئاغىرىق پەيدا قىلىۋەتكەن بولسىمۇ ، ئۇنىڭ ئاچچىقلانغان چاغدىكى تېخىمۇ چىرايلىق بولۇپ كەتكەن يۈزلىرىگە قاراپ ،
تۈرۈلگەن قاپاقلىرىم ۋىللىدە ئېچىلدى .
ــ خاپا بولماڭ ، ھازىرلا يىغىشتۇرۋىتىمەن ،ــ دېدىم ئۇنىڭ چىرايلىق كۆزلىرىگە قاراپ ،ــ ئىش قىلغاندا كېيىدىغان ھېلىقى كىيىمىمنى ئىزدەپ ...
ــ كىيىملىرىڭىز ھەممىسى ئىشكابتا ئېسىقلىققۇ ، تەييار ئېسىقلىق كىيىمنىمۇ تاپالمىدىڭىزما ؟
ــ مېنىڭ دېگىنىم ھېلىقى كونىراق  تەنھەركەتچىلەر  كىيىمى ...
ــ سىزنىڭ نەدە ئۇنداق كىيىمىڭىز بار ؟
ــ ھېلىقى ئېتىزدا كېيىدىغان ...
ــ نېمىلەرنى جۆيلۈپ يۈرۈيسىز ، سىز قايسى كىيىمنى كېيىپ ، قاچان ئېتىزدا ئىشلەپ باققان ؟
گۆزەلنىڭ بۇ گېپىدىن باياتىن ياقى چېچىلىپ كەتكەن نېرۋىلىرىم ئەسلىگە كەلگەندەك بولدى .
« توۋا ، مەن ئۇ كىيىملەرنى بۇ ئۆيگە ئەكەلمىگەن تۇرسام ، يېڭىدىن سېتىۋالغان بىر نەچچە قۇر كىيىمىمنىلا ئېلىپ چىقىپ كەتمىدىممۇ ئۇ ئۆيدىن »...
ــ مۇشۇ كۈنلەردە نېمە بولىۋاتىدۇ سىزگە ، بىر قىسمىلا بولۇپ قېلىۋاتىسىزا؟ ،ــ گۆزەلنىڭ قولىنى بېلىگە تىرەپ ، سۇئال نەزىرىدە قارىشىدىن ئۆزەمنى قاچۇرۇپ سىرتقا چىقتىم .
  رول تۇتقان قوللىرىم بىلىپ بىلمەي ماشىننى ئاپامنىڭ مەھەللىسىگە ، يەنى ھېلىقى يەرگە ھەيدەپ باردى . ئوغلۇم دېگەندەك يەرنىڭ يۈزنى بىر قەۋەت شور قاپلىغان ، قىرلىرى ئاز –تولا بۇزۇلغان ئىدى . بۇ يەر بىلەن بىللە ئېچىلغان ئەتىراپتىكى يەرلەردە قوناق مايسىلىرى ۋە باشقا زىرائەتلەرنىڭ  كۆكىرىپ تۇرغىنىغا قاراپ ئىچىم ئېچىشتى –دە ، دەرھال بېرىپ ئېتىزنىڭ بىر چېتىگە ياسالغان كىچىك ئۆيدىن كەتمەن ، گۈرجەكلەرنى ئېلىپ بۇزۇلغان قىرلارنى ئوڭشاپ ، سۇ تۇربىسىنى ئېچىپ ، بىرەر سائەت كۈزەتكەندىن كېيىن ، ۋاقىتقا تەڭشىدىم . قايتىش ئۈچۈن ماڭغىنىمدا ئاي كۆتۈرۈلگەن ، ئېقىۋاتقان سۇنىڭ شىلدىرلىشىغا قوشۇلۇپ ، چىكەتكىلەرنىڭ چىرىلدىغان ئاۋازى ئاڭلىنىپ تۇراتتى . تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان سالقىن شامال شۇنچە ھوزۇر بېغىشلىسىمۇ ، قورسىقىمنىڭ ئېچىشىغا بەرداشلىق بىرەلمەي سۈرئەتنى تىزلەتتىم . ئۆيگە يېقىن قالغانچە قورسىقىمنىڭ ئېچىشى تېخىمۇ ئەدەپ ، گەز باغلاپ كەتكەن لەۋلىرىم تېخىمۇ قۇرۇپ كەتتى . « شۇ تاپتا بىر ئىستاكان چاي بىلەن ئوخشىغان بىر تەخسە لەغمەن بولسا » دېگەن تامادا ئىشىكنى ئاچتىم . سەزگۈرلىشىپ كەتكەن بۇرنۇم ئاشخانا ئۆيدىن چىقىدىغان تاماق ھېدىنى پۇرىمىغان بولسىمۇ ، ئۈمىدلىك كۆزلىرىم چاي ئۆستىلى ۋە تاماق ئۈستىلىنى تىزلا ئارلاپ چىقتى . ئەپسۇس ، ئۈستەل ئۈستى قۇپقۇرۇق ، مەن ئارزۇ  قىلغان بىر ئىستاكان چاي كۆرۈنمەيتتى .
ــ نەگە باردىڭىز ،ــ گۆزەلنىڭ ئەتىگەنكىدىنمۇ كۈچلۈكىرەك چېرقىراق ئاۋازى قۇلىقىمغا كىردى ،ــ ۋاي ئاللا ، نېمە ۋەيرانىچىلىق بۇ ، شۇنچە قىممەت پۇللۇق كېيىمنى توپىغا مىلەپ كەپسىزغۇ ، ئايىقىڭىزدىكى نەدىكى لاي ئۇ ، ۋاي ئۆلەي ، شۇنچە بولۇپ كەتكىدەك قايسى جاڭگالدا پاتقاق كېچىپ يۈردىڭىز ؟!
ــ خوتۇن ، مەن بەك ئۇسساپ كەتتىم ، بىر ئىستاكان چاي بېرىڭە .
ــ ماۋۇ لاي لاتقىنىڭ دەردىدە ئايلىنىپ كېتەي دەۋاتسام ، نېمە دەيدىغاندۇ بۇ بېشىمنى ئاغىرتىپ ،ــ گۆزەل ئۆينىڭ ئوتتۇرسىدا قولىنى بېلىگە تىرەپ ئۆرە تۇراتتى ،ــ ئاۋال بۇ مەينەتلىرىڭىزنى يوقىتىڭ ، بولمىسا چاي يوق !
ــ قورسىقىم بەك ئېچىپ كەتتى ، ئاۋال قوسىقىمنى تويغۇزاي ، ئاندىن نېمە قىلسام مەيلى ،ــ
پارقىراپ تۇرغان پولنىڭ پاسكىنا بولۇپ كېتىشىدىن ، توغىرىسى، گۆزەلنىڭ تېخىمۇ خاپا بولۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ ، پۇتۇمنىڭ ئۇچىدا دەسسەپ تازلىق ئۆيىگە كىرىپ ، توپا بولۇپ كەتكەن سىرتقى كىيىملىرىمنى سېلىپ . پۇت –قولۇمنى يۇيۇپ بولۇپ تاماق ئۈستىلىگە كېلىپ ئولتۇردۇم .
ــ ۋاي توۋا ، مۇشۇ پاسكىنا ئەپتىڭىز بىلەن ئۆيدە مېڭىپ يۈرىسزغۇ، ئاۋال يۇيۇنۇپ چىقسىڭىز
بولمامدۇ ، قارىڭە دەسسىگەن يېرىڭىزگە ، ھەممە يەرنى بولغاپ ...
  چاڭڭىدە تەككەن تەستەك بىلەن گۆزەلنىڭ گېپى ئاغزىدىلا قالدى . شۇ تاپتا ئۆزەمنى قاتتىق تۇتۇۋالمىسام ئۇنىڭ چىرايلىق يۈزلىرىگە يەنە بىر نەچچىنى ئۇرۇۋېتىشىم مومكىن ئېدى . قورساقنىڭ ئاچلىقىدىن بېشىم قىيىپ ، كۆزۈمگە قىزىللىق تىقىلىپ تۇراتتى . ئۇنىڭ قويۇۋېتىلگەن ئۇزۇن چاچلىرى بىلەن يېرىمى توسۇلۇپ قالغان يۈزىگە ، نېپىز ئۇخلاش كىيىمى ئىچىدىكى دەممۇ –دەم سىلكىنىپ تۇرغان مۆرىلىرىگە تۇنجى قېتىم بىزارلىق بىلەن قارىۋېتىپ ، ئىشىكنى جاڭڭىدە يېپىۋېتىپ ئۆيدىن چىقتىم . كېچىنىڭ ئادەمگە ھوزۇر بېغىشلايدىغان سالقىن ھاۋاسى بايىقى غەزىپىمنى ئازراق پەسكۇيغا چۈشۈرگەن بولسىمۇ ، لىكىن ئىچ –ئىچىمدىن بىر ئاچچىق قايناپ تۇراتتى . مەقسەتسىزلا خېلى ئۇزاق ماڭغاندىن كېيىن شەھەر سىرتىدىكى ئادەم شالاڭراق كوچىغا چىقىپ قالدىم . بۇ يەر شەھەرنىڭ شاۋقۇن –سۆرەنلىرىدىن خالى بولۇپلا قالماي ، ماشىنىلارمۇ ئاز ئىدى . مۇشۇ كوچىدا ياخشىراق ئاشخانا بولسا تاماقلىنىش مەقسىدىدە يول بويىدىكى ۋېۋىسكىلارغا قاراپ كېتىۋېتىپ ،كۆزۈم « بىر ئىستاكان چاي » دېگەن خەتكە چۈشۈپ قالدى ۋە قەدەملىرىم ئىختىيارىسىز شۇ ياققا قاراپ ماڭدى .
چايخانا ئىچى ئاددى بىزەلگىنىگە قارىماي ، ئادەمگە ئازادە ، يېقىشلىق بىلىنەتتى . تاماقخانا ياكى رېستۇرانلاردىكىدەك بىر ئۈستەلنى چۆرىدەپ ئورۇندۇق قويۇلماستىن ، ئائىلىلەردە ئىشلتىدىغان يۇمشاق كېرسلۇنىڭ ئالدىغا كەشتىلىك ياپقۇچ يېپىلغان چاي ئۈستىلى قويۇلغان ئىدى . كۈتكۈچى باشلىغان كېرسلۇدا ئولتۇرۇپ ، ئالدىمدىكى ئاپپاق ياپقۇچ يېپىلغان چاي ئۈستىلىگە ۋە ئۈستەل ئۈستىدىكى  مېۋىلەرگە قاراپ  تۇيۇقسىزلا بۇرۇنقى ئۆيۈمگە بېرىپ قالغاندەك ھېسىياتقا كېلىپ قالدىم .
ــ قانداق چاي ئىچىسىز ؟ــ كۈتكۈچى قولىدىكى چاي تىزىملىكىنى ئۇزاتتى .
ــ پەمىل چاي بارمۇ ؟ــ دېدىم  كۈتكۈچىنىڭ قولىدىكى تىزىملىككە قارىماستىنلا .
ــ بار .
ئالدىمغا قويۇلغان قېنىق دەملەنگەن بىر ئىستاكان چاينى قولۇمغا ئېلىپ تەشنالىق بىلەن سۈمۈردۈم .چوڭ ئىستاكاندىكى چاينىڭ يېرىمىنى ئىچىپ بولغاندىن كىيىنلا ، تەشنالىقىم بېسىلغاندەك بولۇپ  ئەتىراپقا سەپ سالدىم . مىللىيچە ئۇسلۇپتا ئاددىلا بىزەلگەن تاملارغا ئەينەك رامكىلارغا
ئېلىنغان ئەقىليە سۆزلىرى ئېسىلغان ئىدى . تام ، كېرىسلۇ ، چاي ئۈستىلى بىلەن رەڭگى ناھايتى ماسلاشقان بۇ رامكىلار ناھايتى كۆركەم كۆرۈنەتتى ، « چاينىڭ ئەڭ ياخشىسى ــ ئايالىڭىز دەملەپ بەرگەن چاي » مەن ئولتۇرغان ئۈستەلنىڭ قارىشى تەرپىدىكى تامدىكى رامكا ئىچىدىكى بۇ خەتكە قاراپ قانچە ئۇزۇن ئولتۇرغىنىمنى بىلمەيمەن .يېنىمغا كەلگەن كۈتكۈچى قىزنىڭ « ئەپەندىم ، قايتىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى » دېگەن ئاۋازىدىن ئېسىمگە كېلىپ ، تەبەسسۇم قىلىپ تۇرغان كۈتكۈچىگە ھەيرانلىق بىلەن قارىدىم .
ــ نېمە دېدىڭىز ؟
ــ قايتىدىغان ۋاقتىڭىز بولدى ،ــ دېدى  كۈتكۈچى يەنە شۇنداق سىيلىق ئاۋازدا .
ــ مېنىڭ قايتىشىمنى سىز بەلگىلەمسىز ياكى مەنمۇ ؟ــ بايىقى ئىسسىق چاي ، ئىللىق موھىت ۋە يېقىملىق مۇزىكىنىڭ تەسىرىدە  خېلى ئەسلىگە كەلگەن نېرۋېلىرىم يەنە چېچلىدى.
ــ چايخانىمىزنىڭ بۇ بەلگىلمىسىنى كۆرمىگەن ئوخشايسىز ئاكا ،ــ دېدى قىز يەنىلا شۇنداق كۈلۈمسىرەپ ،چاي ئۈستىلىنىڭ بىر بۇلۇڭىغا چاپلانغان قەغەزنى كۆرسەتتى ،
«چايخانىمىزغا كەلگىنىڭىزنى قىزغىن قارىشى ئالىمىز . چايخانىمىزغا كەلگەن ھەر قانداق مېھمان پەقەت بىر سائەتلا ئولتۇرسا بولىدۇ .بۇ بىر سائەت ئىچىدە ئىچكەن بىر ئىستاكان چاي ئون
يۇەن ،ئۈستەل ئۈستىدىكى نان ۋە مېۋىلەرگە ھەق ئېلىنمايدۇ . مېھمان ئولتۇرغاندىن باشلاپلا ئاپتۇماتىڭ ۋاقىت ھېسابلىنىپ بىر سائەتكە توشقاندا ، مۇلازىمىتىمىز توختايدۇ  . ئەگەر ئالاھىدە ئەھۋال بولۇپ ، مېھمان بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرۇشقا توغرا كەلسە  ، ئېشىپ كەتكەن ۋاقىتتا ئىچىلگەن ھەر بىر ئىستاكان چاي ئۈچۈن ئوتتۇز يۇەن ئېلىنىدۇ . چايخانا  ئەتىگەن سائەت توققۇزدا ئېچىلىپ كەچ  سائەت ئوندا تاقىلىدۇ . مېھمانلارنىڭ ۋاقىتقا رىئايە  قىلىشنى ھەر ۋاقىت پىكىر –تەكلىپ بېرىشىڭىزنى ۋە مۇكاپاتلىق پائالىيىتىمىزگە قاتنىشىپ تۇرۇشىڭىزنى قارىشى ئالىمىز .( ھەر ئايدا ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇكاپاتلىق پائالىيەتنىڭ مەزمۇنى ئوخشىمىغاچقا ، ۋاقتى كەلگەندە ئايرىم ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ) .
   بۇ بەلگىلىمىلەرنى كۆرۈپ ھەيرانلىقىم ھەسسىلەپ ئاشتى .شۇنداقلا  ئۇلارنىڭ « بىر سائەتتىن ئارتۇق ئولتۇرسىڭىز بولمايدۇ » دېگەن بەلگىلمىسى ناھايتى بىمەنە تۇيۇلدى ، « نەدە شۇنداق ئىش بار ، بۇ چايخانا خۇجايىننىڭ بىر بولسا كاللىسىدا ئازراق دەردى بار ، بىر بولسا پۇلغا تويۇنۇپ قالغان بىر ئەخمەق ، ھەممە  مېھمانلارنى مۇشۇنداق ھەيدىسە ياكى ئارتۇق ئولتۇردۇڭ دەپ قاقتى –سوقتى قىلسا خەق قاراپ تۇرامدۇ » شۇنداق خىيال بىلەن يەنە ئولتۇرۇپ،  ئۇلارنىڭ بۇ بىمەنە بەلگىلىمىسىنى راست ئىجىرا قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى كۆرۈپ باقاي دەپ تۇرۇشۇمغا ، تامدىكى چوڭ سائەت ئونغا داڭ ئۇردى . بۇ داڭ بىلەن تەڭ چايخانىدىكى
بارلىق مېھمانلار ئورنىدىن قوزغالدى . بۇ ۋاقىتتا باياتىن بېرى قويۇلىۋاتقان لېرىك مۇزىكا توختاپ ، كۈتكۈچىلەر چاي ئۈستەللىرىنى يىغىشتۇرۇشقا باشلىدى .
       ھەر ھەپتىلىك دەم ئېلىشلاردا جاپالىق ئىشلىشىم نەتىجىسىدە يەر خېلى ئەسلىگە كېلىشكە باشلىدى .« ئوغلۇم قىشلىق تەتىلدە كېلىپ ، يەرنىڭ كىلەر يىلى ئەتىيازدىلا تېرىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلسە چوقۇم خۇشال بولىدۇ» دېگەن ئوي بىلەن بۈگۈنمۇ ئەتىگەندىلا بۇ يەرگە كېلىپ بولدۇم  ، چۈشتە ئاپامنىڭ ئۆيىدە بىر نەچچە پېتىر مانتىنى  ئالدىراپ يەپ ئىشقا چۈشۈپ كەتكەنچە ئەتىراپنى قاراڭغۇلۇق قاپلىغاندىلا قايتىش ئۈچۈن ماڭدىم. ئاسماندا نە ئاي ، نە يۇلتۇزلار كۆرۈنمەيتتى .ماشىننى توختىتىپ قويغان يولغا كەلگۈچە ئەتىراپ قازاننى كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قاراڭغۇلۇققا چۆكتى. كەچكۈزنىڭ ئاچچىق سوغۇقى يۈزلىرىمگە نەشتەردەك سانجىلاتتى ، مىچىلداپ كەتكەن ھۆل ئاياق ئىچىدىكى پۇتلىرىم ئۇيۇشۇپ قالغاچقا ، قەدەملىرىم ناھايتى تەستە يۆتكىلەتتى ، شۇ تەرىقىدە مېڭىپ يول بويىغا توختىتىپ قويۇلغان ماشىنىغا ئارانلا چىقتىم  بىراق ، شۇنچە قىلىساممۇ ماشىنا ئوت ئالمايۋاتاتتى . قول چىرىقىنى يورۇتۇپ ، ماشننىڭ قاپىقىقىنى
ئېچىپ ئۇ يەر بۇ يەرلىرىنى كوچىلاپ باققان بولساممۇ پايدىسى بولمىدى . ھارغىنلىق ، ئاچلىق ، سوغاقنىڭ تەسىرىدە قوللىرىممۇ قولاشمايتتى . بۇ نەسلىك يەتمىگەندەك بايا ئېھتىياتسىزلىقتىن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن يان تېلېفۇنۇممۇ ئالقىنىمدا بىر بارچە كىسەكتەك قاپقارا ھالەتتە تۇراتتى . مۇزدەك ماشىنا ئىچىدە يىغلىۋىتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتۇپ ئولتۇراتتىم .« شۇ تاپتا گۈزەل نېمە ئىش قىلىۋاتقاندۇ ، مېنى ساقلاۋاتامدىغاندۇ ، نېمە تاماق ئەتكەندۇ ؟» تاماق دېگەن سۆز خىيالىمغا كېلىشى بىلەنلا گۆزەلنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى ئايالىم ئالمىشىپ قالدى .« توغرا ،ھەر قاچان يولۇمغا قارايدىغان ،ھەر ۋاقىت  قېنىق دەملەنگەن بىر ئىستاكان چاينى چاي ئۈستىلىگە قويۇپ قويىدىغان . پەلەمپەيدىن چىقىۋاتقان ئاياق تىۋىشىم قۇلىقىغا شۇنچىلىك تونۇش بولۇپ كەتكەچكە ، مەن ئىشىكتىن كىرىپ بولغۇچە  ئوخشىغان تاماقنى ئالدىمغا قويۇپ بولىدىغىنى مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم . ھەرگىزمۇ گۈزەل ئەمەس .ھېلىقى بىر شاپىلاقتىن كېيىن ئۆيدە تاماق ئېتىلىش تۈگۈل ، بىرەر پىيالە چايمۇ دەملەنمەس بولۇپ قالغان ، مېنىڭ قورسىقىمنىڭ ئاچ –توقلۇقى ، كىيىملىرىمنىڭ پاكىز ياكى ئەمەسلىكى  بىلەنمۇ كارى يوق .  بەلكىم ئۇ ھازىر ھوجىرىمىزنىڭ ئىشىكىنى تاقىۋېلىپ  ئۇخلاپ قالغاندۇ ، ئۇخلىمىغان ھالەتتىمۇ ئۇنىڭ ماڭا چاي دەملەپ بېرىشى ، بىر تەخسە ئىسسىق تاماقنى ئالدىمغا قويۇشى مومكىن ئەمەس .» تىتىرگەن بارماقلىرىم بىلەن چاقماقىنى تەستە يېقىپ تاماكا تۇتاشتۇرۇپ ، تاماكا ئىسىنى كۈچەپ سۈمۈردۈم . تاغ تەرەپتىن كېلىۋاتقان ئىزغىرىن شامال كۈچىيىپ ، ماشىننىڭ ئىچى بارغانچە مۇزلاپ كېتىۋاتاتتى . قولۇمدىكى تېخى چېكىپ بولالمىغان تاماكا قالدۇقىنى بارمىقىمنىڭ كۆيۈشىگە قارىماي كۈچەپ مىجىدىم –دە ، ماشىنىدىن چۈشتۈم . بۇ يەردىن بەش كىلومىتىردىن ئارتۇقراق  يول ماڭسام ئاپامنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارالايتتىم . كېچىنى ئاپامنىڭكىدە ئۆتكۈزۈپ ، ماشىننى ئەتە ئېلىپ كېتىش مەقسىدىدە ، توپىلىق يولنى كېچىپ پىيادە ماڭدىم . ئەتىراپ ناھايتى جىمجىت ۋە سۈرلۈك ئىدى .قەيەرلەردىندۇ ناگاندا بىر ئاڭلىنىپ قالىدىغان ئىتىنىڭ قاۋىغان ئاۋازىدىن باشقا ھېچقانداق شەپە ئاڭلانمايتتى . بايا توڭلاپ ئۇيۇشۇپ كەتكەن پۇتلىرىم ئازراق ئىسسىپ ئەسلىگە كەلگەن بولسىمۇ تولا سۇغا كېچىپ ، مىچىلداپ كەتكەن ئايىقىم تىزرەك مېڭىشىمغا كاشلا قىلىپ تۇراتتى . شۇ ئەسنادا يىراقتىن نۇر توچكىسى كۆرۈنۈپ ، ئاستا –ئاستا يېقىنلاپ ، كىيىن ماشىننىڭ گۈرۈلدىگەن ئاۋازىمۇ ئېنىق ئاڭلاندى ۋە ئۇزاق ئۆتمەيلا ئالدىمدىكى يول بۆلىكىدىن قىيىلىپ كەينىگە بۇرۇلدى  « ئاپلا ، كېتىپ قالىدىغان بولدى –دە ، بىر دەم ساقلاپ تۇرغان بولسا چىقىۋالغان بولسامغۇ كاشكى » دېگەن خىيال بىلەن قەدەملىرىمنى تېخىمۇ تىزلەتتىم . تەلىيىمگە ماشىنا قىيىلغاندىن كېيىن مېڭىپ كەتمەي جايىدا تۇراتتى . ماشىننىڭ يېنىغا يېتىپ بېرىشىمغا ، خۇددى بىرسى مېنىلا ساقلاپ تۇرغاندەك ماشىننىڭ كەينى ئىشىكى ئېچىلدى :
ــ چىقىڭ .
ــ ئالدىمىزدىكى مەھەللىگە بېرىۋالسام بولاتتى ،ــ دېدىم ماشىنا ئىچىدىكى ئىسسىقلىقتىن راھەتلەنگەندەك بولۇپ .
شوپۇر كەينىگە قاراپمۇ قويماي ماشىننى قوزغاتتى . بۇ كېچىدە خۇددى خىزىر ئەۋەتكەندەك ئالدىمدا پەيدا بولغان بۇ شوپۇرنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سەپ –سېلىپ قاراپ ، ئۇنىڭ چوققىسىغا بانتىلىۋالغان چېچىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم .« ئايال كىشى ئىكەنغۇ ، بۇ كېچىدە ، بۇ چەت ياقىدا نېمە قىلىدىغان ئايالدۇ بۇ ؟ ئوغىرىمۇ ، قاراقچىمۇ ياكى ئالۋاستىغا يولۇقتۇممۇ يە؟ » ئازراق سۈر باسقاندەك بولۇپ ، تاماكا تۇتاشتۇرغان قىياپەتتە چاقمىقىمنى ياندۇردۇم . چاقماق يورۇقىدا  چېچىنى ئېگىز قىلىپ تۈگۈۋالغان ، ئاق رەڭلىك چاپان كېيگەن،كۆزىگە  گىرادۇسلۇق كۆزەينەك تاقىغان سالاپەتلىك  ئايالنى كۆرۈپ ، كۆڭلۈم سەل جايىغا چۈشكەندەك بولدى .
ــ بۇ كېچىدە بۇ يەرگە بىرەر ئىش بىلەن كەلگەنمىتىڭىز ،ــ ماشىنىغا چىققاندىن بېرى كەينىگە قاراپمۇ قويماي ، بىر ئېغىز زۇۋانمۇ سۈرمەي ئولتۇرغان ئايالدىن سورىدىم .
ئايال گەپ قىلمىدى . « بەلكىم ، مەن بىلەن پاراڭلاشقۇسى كەلمىگەندۇ » دېگەننى ئويلاپ
مەنمۇ سۈكۈتكە چۈمدۈم .ماشىنا ئىچى ئىسسىق بولغاچقا ، بەدەنلىرىم بوشاپ ، كۆزۈمگە ئۇيقۇ يامىشىپ كېتىۋاتقان بولسىمۇ ، قورسىقىمنىڭ ئاچلىقى ، ئۇسسۇزلۇق مېنى قىيناپ كېتىۋاتاتتى . ــ مۇشۇ يەردە چۈشەمسىز ياكى شەھەرگە كېتەمسىز ؟
تۇيۇقسىز ئاڭلانغان ئاۋازدىن چۆچۈپ ئۆزەمنى رۇسلىدىم . « تۇيغۇلىرىم مېنى ئالداۋاتامدۇ ياكى بايا چۈش كۆردۈممۇ ، بۇ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ئاۋازىغۇ ! ياق . ئۇ بۇ يەردە نېمىش قىلىدۇ ،
يەنە كېلىپ ئۇ ماشىنا ھەيدەشنى بىلمىسە ،..
ــ مۇ... مۇشۇ يەردە چۈشۈپ قالاي ، سىز ...سىز شەھەرگە بارامسىز ؟
ــ شۇنداق . ئەگەر شەھەرگە قايتىمەن دېسىڭىز ئالغاچ كەتسەممۇ بولىدۇ .
دەل شۇ تونۇش ، بەكلا تونۇش ئاۋاز ...قانداقتۇ بىر گۇمان بىلەن قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئالدىغا قاراپ ئولتۇرغان ئايالغا يەنە بىر قېتىم سەپ سالغان بولساممۇ نە ئاي ، نە يۇلتۇز چىقمىغان قاراڭغۇلۇقتا ئالدىمدا قارىيىپ كۆرۈنگەن گەۋدىدىن باشقا ھېچنىمنى كۆرەلمىدىم .
ــ بولمىسا شەھەرگە كىرىپ كېتەي ، ئەتە يىغىن بار ئىدى ، ــ دېدىم .
راستلا ئەتىكى يىغىنغا كېچىكىپ قالسام بولمايدىغانلىقى ئۈچۈنمۇ ياكى قانداقتۇ بىر تونۇش سىزىمنىڭ تەسىردىنمۇ ماشىنىدىن چۈشكۈم كەلمىدى . ماشىنا ئوت ئېلىپ چىرىقى يورۇدى ۋە سىلىق يۈرۈپ كەتتى . ئەمدى مەندە بۇ شوپۇرنىڭ بۇرۇنقى ئايالىم ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق شەك قالمىغان ئىدى . گەرچە بۇ ئايال بۇرۇنقى ئايالىمدىن كۆپ زىلۋا ، چاچ پاسۇنى ۋە كېيىنىشلىرى ئوخشىمايدىغان بولسىمۇ ، بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ماشىنا ھەيدىشى ۋە بۇنداق كېچىدە ئۆزى يالغۇز سىرتلاردا يۈرۈشى مومكىن بولمايدىغان ئىش بولسىمۇ ، بىر تونۇش ھېد ، تونۇش تۇيغۇ مېنى ئىشەندۈرۈپ تۇراتتى .
ــ راستلا سىزكەنسىزغۇ ،ــ دېدىم  ماشىنا چوڭ يولغا چىقىپ باشقا ماشىنلارنىڭ چىراق نۇرىدا غۇۋا يورۇقلۇق چۈشكەندىن كېيىن ،ــ قانداقسىگە بۇ كېچىدە ...
ــ سىزنى ئالغىلى بارغان .
ــ نېمە ، قانداق بولۇپ ؟ــ ھەيرانلىقىم تېخىمۇ ئېشىپ بۇرۇنقىغا قارىغاندا سالاپەتلىك ،  چىرايلىق بولۇپ قالغان ئايالىمغا تىكىلدىم .
ــ بۈگۈن ئاپىڭىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولغاچقا ئۇنى يوقلاپ كەلگەن. پارىڭىمىز تۈگىمەي خېلى كەچ قالدىم . قايتىپ ماڭاي دەپ تۇرسام  ئايالىڭىز سىزنى ئىزدەپ  ئاپىڭىزغا تېلېفۇن بېرىپ قالدى . ئاپىڭىز سىزنى ئاللىقاچان ئۆيىگە قايتىپ كەتتى دەپ خاتىرجەم ئولتۇرۇپتىكەن ، ئايالىڭىزنىڭ تېلېفۇنىنى ئالغاندىن كېيىن ، سىزنى ئېتىزلىقتا بىرەر ئاۋارىچىلىككە يولۇقتىمۇ دەپ ئەنسىرەپ مېنى ئالدىڭىزغا ئېۋەتتى .
ــ ھەي ، بۇ ئاپامنى ، چوپ –چوڭلا بولۇپ قالغان ئادەمدىنمۇ ئەنسىرەپلا تۇرغان . مەن تېلېفۇن بېرىۋىتەي .
ــ بايا سىزنىڭ پىيادە كېلىۋاتقىنىڭىزنى كۆرگەندىلا مەن تېلفۇن بېرىپ خاتىرجەم قىلىپ قويغان ،ــ ئايالىم يولدىن كۆز ئۈزمەي خاتىرجەم ئولتۇراتتى . ئۇنىڭ بۇ تۇرۇقى ، بۇ سالاپىتى ، بۇ تەمكىنلىكى بۇرۇنقىدىن ئاسمان –زىمىن پەرىقلىنىپ تۇراتتى .ئۇنىڭغا قاراپ ئولتۇرۇپ ، ئاجىراشقاندىن بېرى ئۇنى زادىلا كۆرۈپ باقمىغىنىمنى ، كۆرۈپ بېقىش تۈگۈل ، ئۇنى ئىككى بالا بىلەن قانداق قىلىۋاتقاندۇ دەپ بىرەر قېتىم ئويلاپمۇ قويمىغىنىمنى ئويلاپ يۈزۈم ئوت ئالغاندەك بولدى .
ــ بالىلار ...بالىلار تېچلىق تۇرغاندۇ ،ــ دېدىم تىلىم كالۋالاشقاندەك بولۇپ .
ــ ياخشى تۇرۇۋاتىدۇ ، ئېرفان مەكتىپىگە كۆنۈپ قاپتۇ . دەرسلەردىمۇ ئالدىنقى قاتاردا مېڭىۋاتىمەن دەيدۇ . ئىلغارنىڭ ئۆگىنىشىمۇ ناھايتى ياخشى ، ئۇ ئاكام ئوقۇغان مەكتەپكە ئۆتمىسەم بولمايدۇ دەپ تىرىشىپ ئۆگىنىۋاتىدۇ .
ــ ئېرفان بىلەن تۈزۈكرەكمۇ خوشلىشالمىدىم ، ئۇزۇتۇپ قويۇشۇمغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى ئۇ ،ــ بۇ گەپلەرنى دەۋېتىپ بۇرنۇمنىڭ ئۇچى ۋىژژىدە ئېچىشتى.
ــ تەتىلدە كەلگەندە يېنىڭىزغا ئېۋەتەي ،
ــ سىزچۇ ؟ــ قانداقىراق تۇرۇۋاتىسىز دېمەكچى بولساممۇ ئاغزىمدىن چىقىرالمىدىم . بۇ گەپنى سورىشىمنىڭ ھاجىتى بارمۇ ؟ ئۇ ياخشى تۇرۇۋاتسىمۇ ، ياخشى تۇرۇۋاتمىسىمۇ ئۇنىڭغا نېمە قىلىپ بېرەلەيمەن ؟ ئىككى بالىنى ئۇنىڭغا تاشلاپ بەردىم . بالىلارنىڭ ئوقۇشىنىڭ تازا ھالقىلىق
پەيتىدە ئۇلارنى تاشلىۋەتتىم . تولۇق ئوتتۇرىدا ئوقۇۋاتقان ئىككى ئوغۇل بالىنىڭ ئۆگىنىشىگە يىتەكچىلىك قىلىش   ، ياخشى ئائىلە موھىتى يارتىپ بېرىش، ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئېھتىياجىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىڭدەك ئوتتۇرا تېخنىكۇم مەدىنيەت سەۋيىسىگە ئىگە بىر ئاددى ئايالنىڭلا ئەمەس ، مەندەك تولۇق كورسىنى پۈتتۈرگەن ئالى مەلۇماتلىق ئەركەكنىڭمۇ بېشىنى خېلى قاتۇردىغان ئىش ئىكەنلىكىنى بىلمىسەمكەن كاشكى .
ــ مەن پىنسىيەگە چىقتىم .
ــ شۇنچە بالدۇرلىما ؟
ــ شۇنداق . ئېرفان تولۇق ئوتتۇرىنىڭ 3-يىللىقىغا چىققاندىلا پىنسىيەگە چىقىۋالدىم.
ــ بەك بالدۇر چىقىۋالغىنىڭىز ياخشى بولماپتۇ . ئۆيدە ئولتۇرغان ئاياللار تىز قېرىپ كېتىدۇ .
ــ ھازىرمۇ بىكار قالمىدىم . چايخانا ئېچىۋاتىمەن .
ــ چايخانا ؟!ــ چايخانا دېگەننى ئاڭلاپ ھېلىقى « بىر ئىستاكان چاي»خانىسى ئېسىمگە كەلدى ،  «ئەجىبا ، ئۇ چايخانىنى ئۇ  ئاچقانمىدۇ يە»دېگەن خىيالىمنى تىزلا ئىنكار قىلدىم .
«ئۇ ھەر قانچە بولسا بىر ئىككى ئۈستەللىك كىچىككىنە چايخانا ئاچالىغاندۇ ، ئۇنداق ئالاھىدە چايخانا ئېچىشقا قۇربى يېتەمتى »دەپ ئويلدىم .
ــ بېرىپ چاي ئىچىپ كىتەمسىز ،ــ دېدى ئايالىم تۇنجى قېتىم كەينىگە بۇرۇلۇپ ،ــ ئىلغارمۇ شۇ يەردە .
ئۆيگە بارسام تاماق تۈگۈل ، بىر پىيالە چايغىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغىنىمنى ئايالىمنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن  «بارماي » دېمەكچى بولغان بولساممۇ ،كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ
ئاغزىمدىن « ماقۇل »دېگەن جاۋاب چىقتى .
   ــ ماشىنا ھەيدەش تېخنىكىڭىز خېلى بولىدىكەن ،ــ دېدىم ئۇنىڭ شەھەر كوچىلىردىمۇ تەمتىرمەي ھەيدەۋاتقانلىقىغا قاراپ  ،ــ بۇ ماشىنا ئۆزىڭىزنىڭمۇ ياكى ...
ــ باللارنىڭ زورى بىلەن پىراۋا ئالدىم ،ــ دېدى ئۇ يولدىن كۆز ئۈزمەي ،ــ بۇ ماشىننى ئېرفان ئوقۇشقا مېڭىش ھارپىسىدا ئۆزى تاللاپ ئالغان .
ــ چايخانىنىڭ سودىسى ياخشىكەندە .
ــ يامان ئەمەس .
ماشىنا شەھەرنىڭ ئاۋات كوچىلىرىدىن ئۆتۈپ « بىر ئىستاكان چاي»خانىسى ئالدىدا توختىغاندا ھەيرانلىقىمنى يوشۇرالماي سورىدىم :
ــ بۇ ...بۇ چايخانىنى  سىز ئاچتىڭىزما ؟
ــ شۇنداق .
بىردە ئايالىمغا ، بىردە  تىجارەتتىن توختىغانلىقتىن دېرەك بېرىپ ، زىننەت چىراقلىرى ئاللىقاچان ئۆچكەن ۋېۋىسكىغا قاراپ ئىككىلىنىپ قالدىم .
ــ سائەت ئوندىن ئاشقاندا تىجارتىڭلار توختايدىغان تۇرسا، مەن كىرسەم قانداق بولار، بولمىسا ئىلغارنى مۇشۇ يەرگىلا چاقىرىپ…
ــ كەلگەنكىن چاي ئىچىپ كېتىڭ.
سەل قورۇنغان ھالدا ماشىنىدىن چۈشتۈم . ئاق رەڭلىك كاستيۇم چاپان ، قارا يوپكا بىلەن ئېگىز پاشىنىلىق قارا ئايىقى زىلۋا قامىتىگە بەكمۇ ياراشقان ئايالىم تاقىلدىتىپ دەسسەپ چايخانا ئىچىگە كىرىشىگە كېرسلۇغا چۆكۈپ ئولتۇرۇپ تېلۋېزۇر كۆرۈۋاتقان كۈتكۈچىلەر دەرھال ئورنىدىن تۇرۇپ ، ئالدىمىزغا كەلدى .
ــ ساق –سالامەت قايتىپ كەپسىز خانىم ،ــ دېدى بىر قىز ئايالىمنىڭ قولىدىكى سومكىسىنى
ئېلىپ .
ــ خۇش كەلدىڭىز خانىم .
ــ چاي ئىچىڭ خانىم ،ــ بىر قىز ئىككى ئىستاكان چاينى ئۈستەلگە  قويدى ،ــ ئۇسساپمۇ قالغانسىز .
  پاك –پاكىز سۈرۈتۈلگەن پولغا لاي بولۇپ كەتكەن ئايىقىمنىڭ ئىزىنى چىقىرىپ ، كېرىسلۇغا كېلىپ ئولتۇرغىچە خېلى قورۇنغان بولساممۇ، كۈتكۈچىلەرنىڭ ئىللىق مۇئاملسى ۋە ئالدىمدىكى
ھورى كۆتۈرلۈپ تۇرغان چاينى ئىچىپ كۆڭلۈم  خېلىلا كۆتۈرلۈپ قالدى .چايدىن ئىككى ئوتلاپ تۇرۇشۇمغا ئالدىمغا مېزىلىك ھېدى دېماققا ئۇرۇلۇپ تۇرغان بىر تەخسە لەغمەن كەلدى .
ــ ئىلغار چىققىچە  تاماق يېگەچ تۇرۇڭ،ــ دېدى ئۇدۇلۇمدا ئولتۇرغان ئايالىم ئىللىق كۈلۈمسىرەپ ،ــ قورسىقىڭىزمۇ ئاچقاندۇ .
كۆزۈمگە ئوت بولۇپ كۆرۈنىۋاتقان لەغمەننى ئالدىمغا تارتىپ تازا ئىشتىھا بىلەن يەۋاتقىنىمدا ،
يېنىمدىلا ئوغلۇمنىڭ ئاۋازى  ئاڭلاندى :
ــ سەن نېمىدەپ كەلدىڭ ؟
بېشىمنى كۆتۈرۈپ ، يېنىمدا ماڭا چەكچىيىپ تۇرغان كىچىك ئوغلۇمنى كۆرۈپ يا خۇشاللىققا ، يا خىجىللىققا ئوخشىمايدىغان بىر خىل تۇيغۇدا تەمتىرەپلا قالدىم .
ــ پاھ ، ئەجەپ لەغمەن كۆرۈپ باقمىغاندەك يەپ كېتىپسىنا ، گۈزەل خوتۇنۇڭ ئۆيدە تاماق
بەرمەيدىغان ئوخشىمامدۇ ؟
ــ بالام ، داداڭ ھېرىپ –ئېچىپ ئاران كەلدى ، «بىر ھارغانغا گەپ قىلما ، بىر ئاچقانغا» دېگەننى بىلمەمسەن ،ــ ئايالىمنىڭ تەنبىھى بىلەن ئوغلۇم پەسكۇيغا چۈشۈپ ئاپىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئولتۇردى :
ــ ئاپا ، ساڭا دەيدىغان خوشخەۋەر بار .
ــ دېگىنە .
ــ ئەتە مەكتىۋىمىزدە ئاتا –ئانىلارنىڭ تەجىربە ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئېچىلدۇ . شۇ يىغىندا سەن مۇنەۋۋەر ئائىلە باشلىقى سالاھىتى بىلەن ئۆز تەجىربەڭنى سۆزلەيدىكەنسەن .
ــ ئالدىنقى مەۋسۇمدىمۇ سۆزلىگەن ئېدىمغۇ ،
ــ ئۇ دېگەن سىنىپمىزدىلا ئېچىلغان يىغىن ، بۇ قېتىمقىسى پۈتۈن مەكتەپ بويىچە ئېچىلىدۇ .
سەن چوڭ سەھنىگە چىقىپ سۆزلەيسەن .
ــ ماقۇل .
كىچىك ئوغلۇم ئاكىسىنىڭ ئەكسىچە قېنى قىزىق ، ناھەقچىلىككە چىدىمايدىغان بالا ئىدى.
سىنىپىدىكى قىزلارنىڭ ياكى كىچىكىرەك بالىلارنىڭ بوزەك بولۇپ كەتكىننى كۆرسە چىداپ تۇرالماي ، ئۆزىدىن چوڭ بالىلار بىلەنمۇ سوقۇشۇپ كەتكەچكە ، ئاپىسى ئىككىمىزنى ئەنسىرىتىپلا ئۆتەتتى . ئۇنىڭ پۇت –قولى چاققان بولۇپلا قالماي ، تىل قابىلىيتىمۇ ئالاھىدە يۇقىرى بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئالدىدا ھەر بىر ئېغىز گېپىمىزنى ئويلىشىپ قىلمىساق ، ئۇ دەرھال رەددىيە بېرىپ ئاغزىمىزنى تۇۋاقلاپ قوياتتى . ئاپىسى ئىككىمىز ئاجىراشقان كۈنلەردە تەتىل مەزگىلى بولۇپ ، ئۇ مومىسىنىڭ ئۆيىگە كېتىپ ئۇقمايلا قالغان بولغاچقا ، ئۇنىڭ ئاچچىق سۆزلىرىدىن قۇتۇلۇپ قالغان ئېدىم . بۈگۈنكى كۈندە بۇ كەپسىز ئوغلۇمنىڭ مەكتەپنىڭ مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ ئوقۇۋاتقانلىقىنى ، ئاپىسىنى ناھايتى ھۆرمەتلەيدىغان  ئەدەپلىك يىگىت بولۇپ كەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ، ئىچ –ئىچىمدىن پەخىرلىنىپ كېتىۋاتقان بولساممۇ ، بالامنىڭ كۆزلىرى «سېنىڭ مەندىن پەخىرلىنىشكە ھەققىڭ يوق » دېگەندەك تىكىلىپ تۇراتتى .
   « ئېسىڭىزدە بولسۇنكى ، ئۆز ئۆيىڭىزدە ھوزۇرلىنىپ  ئىچكەن بىر ئىستاكان چاي زەمزەم سۈيىدىنمۇ ئەلا »
« بەخت ــ ئۇ نەدە ؟ ئۇ ــ ئاتا –ئانا ئۆز باللىرى بىلەن ، بالا ئۆز ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە ياشىغان ئائىلدە !»
     ئەمدى بىلدىمكى تامدىكى رامكىلارغا ئېلىنغان چىرايلىق يېزىلغان بۇ خەتلەر قانداقتۇ بىر بۈيۈك شائىرنىڭ ياكى ئۇلۇغۋار شەخىسنىڭ مەشھۇر سۆزلىرى بولماستىن ، ھەممىسى مېنىڭ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ئاددى يۈرىكىدىن چىققان سۆزلەر ئىدى . ئالدىنقى قېتىم ماڭا بىمەنە تۇيۇلغان
بەلگىلمىلەر ۋە  ناھايتى ئاددى ، تاينى يوق بىلىنگەن بۇ ئەقىيە سۆزلەر ئەمدىلىكتە ماڭا ئوخشاش ئۆز ئۆيدىكى « بىر ئىستاكان چاي »نىڭ  قەدىرىگە يەتمەي ، تالادا ئۇسسۇز قالغان ئادەملەر ئۈچۈن ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى ئىكەن .
   قولۇمدىكى چېيى تۆگەپ قالغان ئىستاكاننى كۆزۈم قىيمىغان ھالدا ئورنىغا قويۇپ ، ئېغىر پۇتلىرىمنى سۆرىگىنىمچە ئىشىكتىن چىقتىم . ئەتىراپ قاپ –قاراڭغۇ ئېدى . ئاسماندا نە ئاي ، نە يۇلتۇز كۆرۈنمەيتتى . كوچا چىراقلىرىنىڭ نۇرى بۈگۈن باشقىچىلا ئاجىزلاپ كەتكەندەك ، ئالدىمدىكى يولنى ئېنىق كۆرەلمەيۋاتاتتىم .
                    
بۇ ئەسەرنى«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا تەۋسىيە قىلىمەن .


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-3 14:52:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىنى تۇللۇق ئوقۇپ چىقتىم. كاللامدا بىرلا سۇئال پەيدا بولدى،- ئايال ئېرى بىلەن ئاجراشقاندا ئىككى بالىسىدىن بۆلەك ئەردىن ھىچنېمە تەلەپ قىلمىدى، ئاجرىشىپ مەلۇم مەزگىلدىن كېيىن چوڭ ئوغلى ئالىي مەكتەپكە ماڭدى، ئايال ئىككى ئوغلىنى ئوقۇتۇپ، يەنە شوپۇرلۇقتىن پىراۋا ئېلىپ، ماشىنىمۇ ئېلىپ يەنە كېلىپ «بىر ئستاكان چاي» خانىسىنى ئاچتى. ئايال بۇنچە كۆپ ئىقتىسادنى نەدىن تاپقاندۇ؟ ھېكايىنىڭ ئوقۇرمەننى تەپەككۈر قىلىشقا ئۈندەيدىغان يېرى مۇشۇ بۆلەكلەر بولسا كېرەك ،دەپ ئويلىدىم.
رېئال تۇرمۇشىمىز بىلەن چىڭ يۇغۇرۇلغان بۇ ھېكايىڭىزنىڭ مۇكاپاتقا نائىل بولۇشىغا تېلەكداشمەن.

ۋاقتى: 2016-1-3 19:20:28 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھىكايە ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ،ھىكايىنىڭ مۇكاپاتلىق ئ‍ەسەرلەر قاتارىدىن ئ‍ورۇن ئ‍ېلىشىغا تىلەكداشمەن

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 17:36:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆرىبەگ قىزى يوللىغان ۋاقتى  2016-1-3 14:52
ھېكايىنى تۇللۇق ئوقۇپ چىقتىم. كاللامدا بىرلا سۇئال پەي ...

پاتىگۈلنىڭ ھېكايەمگە ئەستايىدىل پىكىر يۈرگۈزگىنىدىن خۇش بولدۇم . بەلكىم كۆپىنچە ئوقۇرمەنلەرنىڭ  كاللىسىدا پاتىگۈل ئوتتۇرىغا قويغان سۇئال پەيدا بولغان بولۇشى ،« ئاپتۇر ‹مەن›نىڭ بۇرۇنقى ئايالىغا يان بېسپ ، ئۇنىڭ ئىقتىسادى كىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئويلاشمىغان »دېگەن خىيال تۇغۇلغان بولۇشى مومكىن . مانا بۇ _ بىزنىڭ « ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بېقىنىش»نى ياقىلىغانلىقىمىز ۋە  ئەرلەر بولمىسا ئاياللارنىڭ ئىقتىسادى كىرىم يارتىشىغا ئىشەنمىگەنلىكىمىز.
  بۇ نوقتىنى مەن ئىككى تەرەپتىن چۈشەندۈرۈپ ئۆتەي : بىرىنچى ، ئايالنىڭ ئىككى ئوغىلى ئاپىسىغىلا تايىنىۋالدىغان بالىلاردىن ئەمەس . ئەكسىچە ، ئاپىسىغا تايىنىۋالمايلا قالماستىن ، ئاپىسىنىڭ ياخشى ياشىشىنى ئۈمۈد قىلىدىغان ۋە ئاپىسىنىڭ ياخشى ياردەمچىسى بولۇپلا قالماي ، ئاپىسىغا يول كۆرسىتەلەيدىغان ، بىر ئائىلىنىڭ يۈكىنى تەڭ ئۈستىگە ئالالايدىغان بالىلار .
__ بالىلارنىڭ زورى بىلەن پىراۋا ئالدىم .
__ بۇ ماشىننى ئېرفان ئوقۇشقا مېڭىش ھارپىسىدا ئۆزى تاللاپ ئالغان .

__ يەر تاشلىنىپ قاپتۇ ، «ئوغۇل بالا دېگەن كەتمەن چېپىشىنىمۇ بىلىشى كىرەك »دېگەن سۆزۈڭنى ئۇنتۇپ قالما !
دېگەن دىئالۇگلاردىن بالىلارنىڭ ئۆز يېشىدىن ھالقىپ كەتكەن تىرىشچانلىقى ،غەيرەتلىكلىكى چىقىپ تۇرىدۇ . بالىلىرىغا ، ئائىلىگە ئۆزىنى ئاتىۋەتكەن ئانىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى ئەيمەندۈرەلىگىدەك ئىككى ئوغىلى بىلەن بەلگىلىك ئىقتىسادى كىرىمگە ئىگە بولالايدىغانلىقى ئەقىلگە مۇۋاپىق .

ئىككىنچى تەرەپتىن تەھلىل قىلساق : ئايال ئىككى بالىنى ئۆزى ئالغاندىن باشقا ئەردىن ھېچقانداق نەرسە تەلەپ قىلمىغان بولسىمۇ ، ئۇلارنىڭ مال -مۈلۈك ئايرىغانلىق ۋەقەسى  ئەسەر مەزمۇنىغا ئانچە مۇھىم بولمىغانلىقتىن ئۇ تەپسىلاتلارنى تولۇق يازمىغان بولساممۇ ،تۆۋەندىكى جۈمىللەردىن بەزىبىر ئەھۋاللار بىزگە ئايدىڭلىشىدۇ :
   قاچانلا قارىسا چىراق يورۇقى كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان بۇرۇنقى ئۆيىمىزنىڭ دەرىزىسى قاپ -قاراڭغۇ ئىدى .

« مەن ئۇ كىيىمىمنى بۇ ئۆيگە ئەكەلمىگەن تۇرسام ، يېڭىدىن سېتىۋالغان بىر نەچچە قۇر كىيىمىمنىلا ئېلىپ چىقىپ كەتمىدىممۇ ئۇ ئۆيدىن »
يۇقۇرقى جۈمىللەردىن باشقا يەنە ، ئەرنىڭ « تالاغا قاراپ قېلىشتىن »ئىلگىرى بالىسى بىلەن ئۆزى  ئىسسىقنى  ئىسسىق ، سوغۇقنى سوغۇق دېمەي ئىشلىگەنلىكىدەك مەزمۇنلارمۇ « مەن »نىڭ ئىلگىرى ناھايتى تىرىشچان ، ئىقتىسادچان ، ئائىلىگە مەلۇم دەرىجىدە ئىقتىسادى شارائىت ھازىرلاپ بىرەلىگىدەك شارائىتى بار ئەر ئىكەنلىكىمۇ چىقىپ تۇرىدۇ .
ئەگەر بىرىنچى تەھلىلگە قوشۇلماي ، «ئەرنىڭ ھىماتىدىن ئايرىلىپ قالغان ئايال ئىقتىساد كىرىم يارىتالمايدۇ »دېگەن قاراشتىكىلەر بولسا ئىككىنىچى تەھلىل بويىچە چۈشۈنىۋالسىمۇ بولىدۇ.

باھا سۆز

بەرگىنىم ياخشىكەن. ئىنكاسىڭىزغا قايىلمەن.  ۋاقتى: 2016-1-7 09:09 PM
سىزنىڭ ئىنكاسىڭىزنىغۇ چۈشەندىم. ئويلاپ باقسام يەنىلا ئازراق چۈشەنچە  ۋاقتى: 2016-1-7 09:08 PM
قالدۇرۇلغان،دەپ چۈشەنگەچكەئاشۇئىنكاسنى يازغان ئىدىم شىرىنجان.  ۋاقتى: 2016-1-4 06:38 PM
مەن دەل سىز ئېچىپ بەرگەن مۇشۇ بۆلەكنى ئوقۇرمەنلەرنىڭ تەپەككۈربوشلۇقىغا  ۋاقتى: 2016-1-4 06:38 PM
ۋاقتى: 2016-1-5 13:52:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ئوبدان تۈگەللىنىپتۇ.

ۋاقتى: 2016-1-6 10:58:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم.
ئىشىك ئېچىلىپ __ چىقىڭ __ دىگەن گىپىدىنمۇ شوپۇرنىڭ ئاۋاز تۈسىدىن ئايال كىشى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلالماي، يورۇققا چىققاندىن كىيىن، تۈگىۋالغان چېچىنى كۆرۈپ ئايال كىشى ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىنى سەل غەلىتە تۇيۇلدى ماڭا. بەلكىم بەلكىم مەن يۈزەكىيلا ئويلاپ قالغان بولۇشۇممۇ مۇمكىن. سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-7 21:14:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىراغ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-6 10:58
ھېكايىڭىز ياخشى يېزىلىپتۇ سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم ...

تورداشلارنىڭ ئەستايىدىللىقىدىن سۆيۈندۈم.
ئاچلىق ، ھارغىنلىق ئىچىدە كېلىۋاتقاندا ، ئالدىدا تۇرغان ماشىننىلا كۆرۈپ ، ئاۋازغا دېققەت قىلىپ كەتمەسلىكىنىمۇ توغرا چۈشىنىشكە بولىدۇ.
« ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك »دېگەندەك ، ئەسەرلىرىمىزگە مۇشۇنداق ئۆز -ئارا ئەستايىدىل مۇئاملە قىلساق ياخشى بولىدىكەن . سەمىمى پىكىرلەرگە تەشەككۈر .

ۋاقتى: 2016-1-8 20:33:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى يېزىلىپتۇ .ئاخىردا ئەر-ئايال يېنىشىپ قالسمۇ بوپتىكەن دەپ قالدىم .

ۋاقتى: 2016-1-8 21:22:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىر ئىمتىھان تۈگەپ ئازاتقا چىقتىم . ئەمدى تەتىلدە خاتىرجەم مۇنبەر كۆرەلەيدىغان بولدۇم .

ئاپا، خىزمەت ، ئۆي ئىشلىرى ، بىزنىڭ ھالىمىزدىن خەۋەر ئېلىشتىن ئېشىنىپ ، ياخشى ئەسەرلەرنى يېزىۋاتىسەن . سەندىن بەك پەخىرلەندىم .
ئەگەردە ئەسىرىڭ مۇكاپاتلىنالماي قالسىمۇ كىرەك يوق ، مەن 7- ئايدا ئەڭ ياخشى نەتىجەم بىلەن سېنى مۇكاپاتلايمەن .

ۋاقتى: 2016-1-13 18:15:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيگە بارسام تاماق تۈگۈل ، بىر پىيالە چايغىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغىنىمنى ئايالىمنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن  «بارماي » دېمەكچى بولغان بولساممۇ ،كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ
ئاغزىمدىن « ماقۇل »دېگەن جاۋاب چىقتى .
« بەخت ــ ئۇ نەدە ؟ ئۇ ــ ئاتا –ئانا ئۆز باللىرى بىلەن ، بالا ئۆز ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە ياشىغان ئائىلدە !»

بۇ ھېكايىڭىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىق مەنبەسىنى تېخمۇ چۈشەندىم.

ۋاقتى: 2016-1-13 18:16:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆيگە بارسام تاماق تۈگۈل ، بىر پىيالە چايغىمۇ ئېغىز تېگەلمەيدىغىنىمنى ئايالىمنىڭ بىلىپ قالماسلىقى ئۈچۈن  «بارماي » دېمەكچى بولغان بولساممۇ ،كىچىك ئوغلۇمنىڭ ئىسمىنى ئاڭلاپ
ئاغزىمدىن « ماقۇل »دېگەن جاۋاب چىقتى .
« بەخت ــ ئۇ نەدە ؟ ئۇ ــ ئاتا –ئانا ئۆز باللىرى بىلەن ، بالا ئۆز ئاتا –ئانىسى بىلەن بىللە ياشىغان ئائىلدە !»

بۇ ھېكايىڭىزدىكى مەزمۇنلاردىن ئائىلىنىڭ ئىللىقلىق مەنبەسىنى تېخمۇ چۈشەندىم.

ۋاقتى: 2016-1-29 12:55:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكايە ياخشى  يېزىلىپتۇ.

ئاساسى: بىرىنچى: ئاپتور ئەسەردىكى پېرسۇناژ تىلىدا يەنى ئەرنىڭ تىلىدا ناھايىتى تەبئىي ۋە راۋان بايان قىلالىغان.ئەر يازغۇچىلارغا  نىسبەتەن ئايال پېرسۇناجلار تىلىدا بايان قىلىش ئاسانغا توختىمىغاندەك ئايال ئەدىپلەر ئۈچۈنمۇ ئەر پېرسۇناج تىلىدا تەئىي ۋە راۋان بايان قىلىش ئاسان ئىش ئەمەس.بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبىي ماھارەت،تۇرمۇش تەجربىسى بولۇشتىن باشقا قارشى جىنستىكىلەرنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكىنىمۇ ناھايىتى پىششىق بىلىشتىن باشقا روھى ھالەت جەھەتتە ئۆزىنى ھەقىقىي يوسۇندا قارشى جىنستىكى شەخسنىڭ ئورنىغا قويالايدىغان ھالەت بولۇشى كېرەك.ئاپتور يۇقۇرىقى ھېكايىدە ھەقىقەتەن شۇنداق قىلالىغان.ئابلا ئىساق پەرۇزان «باھاردا توزىغان چىچەكلەر»ناملىق پوۋىستىدا  ئۆزىنى ئايال پىرسۇناجنىڭ ئورنىغا
ئىنتايىن تەبئىي قويالىغانغا ئوخشاش  قەلەمخان ياسىنمۇ يۇقۇرىقى ھېكايىدا ئەر پىرسۇناج بولغان «مەن»نىڭ ئورنىغا ئۆزىنى ئەڭ تەبىي ھالدا قويالىغان.مەزكۇر ھېكاينىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىدىكى ،ئوقۇرمەنلەرنىڭ  ياقتۇرىشىغا ئېرىشەلىشىدىكى بىر سىر دەل شۇدۇر.
ئىككىنچى : ھېكايدىكى ئەر پىرسۇناج «مەن »ۋە ئۇنىڭ ئاۋالقى ئايالىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ئىككى پىرسۇناج ناھايىتى كۈچلۈك تۇرمۇش چىنلىقىغا ۋە بەدئىي چىنلىققا ئىگە قىلىپ يېزىلغان.تۇرمۇشنى كۈزىتىشنىڭ ئىنچىلىكىلىكى، دېتال ۋە تەپسىلا تلارنىڭ ئىنتايىن ياخشى تاللىنىشى يازغۇچىنىڭ سەزگۈرلىكى شۇنداقلا تۇرمۇش بىلىملىرىگە باي بولۇشىغا باغلىق بولۇش بىرگە ئۇنىڭ بەدئىي چىنلىق دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلىشى يازغۇچىنىڭ ئىپادىلەش ماھارىتىنى يۈكسەكلەشتۈرۈشىگە باغلىق.يۇقۇرىقى ھېكايىنى بىز بىر قىسقا بەدئىي فىلىم دەپ تەسسەۋۇر قىلساق  ۋەيران بولغان بىر ئائالىنىڭ كەچۈرمىشىنى كۆرۈپ ئۆتكەندەك تۇيغۇغا كېلىمىز.رېئاللىق نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئائىلە ۋەيران بولغاندا يەنى ئەر تەرەپ سەۋەبىدىن ئائىلە ۋەيران بولغاندا كۆپۈنچە ھاللاردا ئايال ۋە بالىلار چۈشكۈنلۈككە ئۇچرايدىغان ئەھۋال كۆپ كۆرۈلىدۇ.قىسمەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ ئەكسىچە ئەر چۈشكۈنلۈككە يۈزلىنىپ ،ئايال ۋە بالىلار قۇدرەت تاپىدىغان نەتىجە كېلىپ چىققىدۇ.مەسىلەن يۇقۇرىقى ھېكايىدىكىدەك. مەن
تۈنۈگۈن «مىسرانىم» دا «ئوبامانىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشىدىكى سىر»ناملىق تېمىنى ئوقۇدىم. ئوبامانىڭ سىرى قىيىنچىلىق ئىچىدە چوڭ بولۇش،ئوقۇش،قۇدرەت تېپىش ئىكەن.يەنى ئوبامانىڭ ئاپىسى ئاددى ئائىلىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ 18 ياشتا توي قىلىپ ئوبامانى تۇققان ۋە ئۆمرىدە ئۈچ قېتىم توي قىلىشقا مەجبۇر بولغان،ئىككى بالىسىنى بېقىش ئوقۇتۇش ئۈچۈن جاپاغا دۈچ كەلگەن بولسىمۇ 50 ياشقا يېقىنلاشقاندا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغان بولسىمۇ 53 يېشىدا راك كېسىلى بىلەن ۋاپات بولغان بولسىمۇ ئوباما ۋا ئوبامانىڭ سىڭلىسىنى ياراملىق تەربىيلەشتە مۇۋاپىقىيەت قازانغان.ئوبامانىڭ ھاياتىدا ئاپىسى ئۇنىڭ ئىچكى ئېنىرگىيە-ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولغان.ئەسلىدە بىرقانچە قېتىملىق كېلىشمەسلىكتە ئوبامانىڭ ئاپىسى تۈگىشىپ كەتسە ئوبامانىمۇ ئادەتكى سولتەك قاتارىدا چوڭ بولۇشقا تاشلاپ قويسا بولاتى.لېكىن ئوبامانىڭ ئاپىسى جاپادىن قورقماي ئۆمۈر بويى ئىشتىن سىرت ئوقۇش يولىنى تاللىغان.يەنە بىرى :ئۆزى جاپا چېكىش بەدىلىگە ئىككى بالىسىنى ئەڭ ياخشى مەكتەپلەردە ئوقۇتۇش يولىنى تاللىغان.دەل شۇنداق بەدەل تۆلەش ۋە ئوقۇشتا ئۈلگە بولۇش بەدىلىگە ئوباما ۋە سىڭلىسى ياراملىق ئادەم بولغان.شۇنداقلا يىگىرمە يىلدىن كۆپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىش بەدىلىگە ئوبامانىڭ ئاپاسى دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنى تاماملاپ ،دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن. ئەسلى گەپكە كەلسەك مەزكۇر ھېكايىدىكى «مەن»نىڭ ئايالى
نىڭ ئىككى بالىسىنى ياخشى تەربىيلىشى ۋە تىجارىتىنى روناق تاپقۇزۇشى رېئاللىققا ئۇيغۇن بولغان چىنلىقتۇر.
ئۈچۈنچى: ئاپتورنىڭ مەلۇم دەرىجىدە قەلىمى پىشىشقا باشلىغانلىقى مەزكۇر ھېكايىنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىدىكى سىرنىڭ بىرىدۇر.بىزگە مەلۇم رېئاللىقتا ئادەملەر،ۋەقەلەر،زىدىيەتلەر،تەسىرلىك كەچۈرمىشلەر تولا.ھېكايە قىلىشقا بولىدىغان ئادەم ۋە ئىشلار تولا.يېزىقچىلىققا يېڭى كىرىشكەنلەر تاللىماي ھېكايە يېزىشنى بىر مەگىل داۋاملاشتۇرۇپ باقىدۇ.يېزىقچىلىقتا مۇۋاپىقىيەت قازىنىشنىڭ ئىككى مۇھىم ئامىىلى بار.بىرى :تىرىشچانلىق،يەنە بىرى : تەبىي دىت،تالانت.مەلۇم بىر ھەۋەسكار كۆپ يىل يېزىقچىلىق قىلىپمۇ تالانتى بارلىقى يازغان ئەسىرىدىن بايقالمىسا كىچىك تەرەت قىلىپ ئۇخلاپ قالغىنى،ئەسەر يازىمەن دەپ ئاۋارە بولمىغىنى ياخشى.ناۋادا كۆپ يىل تىرىشىپ يازغان ئەسىرىدە بەدئىي دىت،تالانت ئۇچقۇنلىرى كۆرۈلسە شۇ قەلەم ئىگىسىنىڭ مۇشۇ يولدا داۋاملىق ماڭسا بولىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.ھەممە ئادەمنىڭ قولىدا چالغۇ سازلىرى توختاي دۇ.لېكىن ھەممىلا ئادەم سازەندە،سەنئەتكار بولالمايدۇ.ھەممىلا ئادەمنىڭ قولىدا قەلەم توختايدۇ.ئەمما قولىغا قەلەم ئالغان لارنىڭ ھەممىسى ئەدىپ بولالمايدۇ.بىزدە كۆڭۈلچەكلىك،يۈزىنى ئاياش ئىنتايىن ئېغىر.بۇ ئەھۋال مۇشۇ مۇنبەردىمۇ ناھايىتى ئېغىر.توكۇرنىڭ مېڭىشى تولا،كېكەچنىڭ گېپى تولا دېگەندەك ياخشى ئەسەر يازالمايدىغانلارنىڭ مۇنبەرگە يوللىغان پاخال تېمىسى تولا.ئۇلار ماختىلىشقا كۆنۈپ كەتكەن.تەنقىدى پىكىردىن بىر ئېغىز بېرىپ قويسا مىڭ ېغىز جاۋاپ قايتۇرۇپ ئادەمنى بەسىندۈرۋېتىدۇ. جاھىللىق قىلىپ خاتالىقىنى قەتئى ئېتراپ قىلمايدۇ.ئادەم خاتالىقىنى ئۆزى بايقىيالمىسا باشقىلار كۆرسىتىپ
بەرسە ئېتراپ قىلىش،تۈزىتىش ئەڭ مۇھىم......ئەسلى گەپكە كەلسەم «بىر ئىستكان چاي»ناملىق ھېكەايىدىن مەلۇم قەلەمخان ياسىندا شېئىر يېزىشقا قارىغاندا پىروزا يېزىقچىلىقى جەھەتتە بەدىي دىت ئامىلى،تالانت خۇرۇچى بارلىقىنى شۇنداقلا كەم دېگەندىمۇ ئون يىللىق يېزىقچىلىق مەشىقى تارىخى بارلىقىنى ھېس قىلدىم.مەن بۇنداق دېيىش ئارقىلىق قەلەمخان ياسىننىڭشېئىرلىرى ياخشى ئەمەس دېمەكچى ئەمەس،شېئىرغا قارىغاندا ھېكايىنى تېخىمۇ ياخشى يازالايدىكەن دېمەكچى.

    يۇقۇرىقى ھېكايىدىكى نۇقسان-يېتەرسىزلىك دېگەندە بىر چوڭ كەمتۈكلۇك بار.ئۇ بولسىمۇ پېرسۇناجلارنىڭ پىسخىك تەسۋىرى-روھى ھالەت تەسۋىرى كەم بولۇپ قالغان.بايان قىلىش نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا يۇقۇرىقى ھېكايە ئاپتور قەلەمخان ياسىننىڭ ناھايىتى ئۇتۇقلۇق چىققان ئەسىرى شۇنداقلا نۆۋەتتىكى ھېكايىچىلىقىمىزدا خېلى ياخشى يېزىلغان ھېكايىلەرنىڭ بىرى دېيتىشكە تامامەن بولىدۇ.بۇ ئاپتورنىڭ ئۇتۇق قازانغان تەرىپى.لېكىن بۇھېكايە ئەڭ ياخشى يېزىلغان ھېكايە دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلەلمىگەن.پىرسۇناجلارنىڭ روھى دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدىغان پىسخىكا -روھى ھالەت تەسۋىرىنى 20% ئوپچۆرىسىدە
سىڭدۈرۈش كەم قالغان.ناۋادا شۇ نۇقتا قوشۇلغان بولسا مەزكۇر ھېكايىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈش،جەلپ قىلىش كۈچى تېخىمۇ ئاشقان بولاتى.بۇ يەردىكى پىسخىك تەسسۋىر باش پىرسۇناج ئەرنىڭ ئېزىشى ۋە ئايالىنىڭ چىدامچانلىق ،قەيسەرلىكى جەھەتتە ئىنچىكەروھى ھالەت تەسۋىرى بولسا تېخىمۇ ياخشى بەدئىي ئۈنۈم ھاسىل بولغان بولاتى.قايىل قىلىش ئىلمىي ئەسەرلەرنىڭ ،تەسىرلەندۈرۈش- بەدئىي ئەسەرلەرنىڭ جېنى.يۇقۇرىقى ھېكايىدە بىر پۈتۈن كارتىنا ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تەسىرلەندۈرۈش تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغان بولسىمۇ ئىنچىكە ۋە مۇھىم بولغان ھالقا روھى ھەلەت تەسۋىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەر روھىغا ئەڭ كۈچلۈك تەسىر قىلىش كەم بولۇپ قالغان.

     مېنىڭچە مەزكۇر ھېكايىنىڭ مۇكاپاتقا تەۋسىيە قىلىنغىنى ياخشى ئىش بوپتۇ.چۈنكى مەزكۇر ھېكايە «تارىم»دەك نوپۇزلۇق مەتۇباتلارنىڭ ئەسەر ئېلان قىلىش ئۆلچىمىگە تولۇق يەتكەن ئەسەر بوپتۇ.مەن ئاپتورنىڭ بۇ ئەسىرى ئارقىلىق قازانغان مۇۋاپىقىيىتىنى قۇتلۇقلايمەن.مەزكۇر ھېكايىدەك ياخشى ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئۇتۇقتۇر!مەزكۇر ھېكايىنىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىش ياكى ئېرىشەلمەسلىكى مۇھىمى ئەمەس.مۇھىمى ئوقۇرمەنلەر رەسمىي ياقتۇرىدىغان ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشتۇر.مەن ئاپتور قەلەمخان ياسىندا شۇنداق ئەسەرنى بارلىققا كەلتۈرىدنىغان ئىقتىدارنىڭ يېتىلگەنلىكى ئۈچۈن
قۇتلۇقلىدىم.
   مەن ئاپتور قەلەمخان ياسىننىڭ ئەسەرگە تەلەپچانلىقىنى بوشاشتۇرماي،كەم قالغان تەرەپلەرگە دىققەت قىلىپ،ياخشى پېروزا ئەسەرلىرىنى يېزىشىنى ۋە ژورناللارغىمۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.شۇنداقلا ئىجادىيەتتىن ئىبارەت بۇ جاپالىق ھەم شەرەپلىك سەپتە داۋاملىق مېڭىشىنى ،تەجىربىلەرنى يەكۈنلەپ ،نادىر ئەسەر ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ئوقۇرمەنلەرگە سۈپەتلىك ئەسەرلەر ئارقىلىق ئىستېتىك زوق ئاتا قىلالايدىغان تالانتلىق ئەدىبەگە ئايلىنىشىغا  تىلەكداشمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-30 22:56  


باھا سۆز

‹‹ كەيپ قەلەم ›› دىن چىققان خەتلەرمۇ بۇ ؟!  ۋاقتى: 2016-1-29 07:32 PM
ۋاقتى: 2016-1-29 20:00:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەزىز ھېيت كۈن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 12:55
ھېكايە ياخشى  يېزىلىپتۇ.

ئاساسى: بىرىنچى: ئاپتور ئەسەر ...

ئا  جۇدۇن  ئەتىگەندە بۇ خەتنى چاپلاپ بولغاندا جىددىلىك بىلەن رەتلەشكە ئۈلگۈرمىگەن ئىدىم.
ياكى مەزمۇن نۇقتىسىدىن «كەيىپچىلىكتە يازغان خەتمۇ؟»دېگىنىڭىزنى بىلمىدىم.مەن كەيىپنى
تەرك ئەتكىلى ئۇزۇن ۋاقىت بولدى.ئىملا مەسىلىسىنى تەھرىرلەپ ئوڭشاپ قويدۇم.مەزمۇن جەھەتتە پىكىرنى ئىخچاملاپ نەق
گەپنىلا يىغىپ-يىغىپ ئوتتۇرغا قويدۇم.ئېزىپ چۈشەندۈرۈش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ۋاقتىنى ئىسراپ قىلىشتىن باشقا نەرسە ئەمەس.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەزىز ھېيت كۈن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 20:40  


ۋاقتى: 2016-1-29 22:04:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرمۇش پۇرىقى كۈچلۈك ، تىلى تاۋلانغان ، پېرسۇناژ ئوبىرازى مۇۋەپپەقىيەتلىك يارتىلغان بۇ ھېكايىڭىزنى سۆيۈنۈش ئىچىدە ئوقۇپ چىقتىم . سىزدىكى بەدئىي دېتقا قايىلمەن ، سىزنىڭ پىشقان قەلىمىڭىزدىن  تېخىمۇ نادىر ھېكايىلەرنىڭ پۈتۈپ چىقىدىغىنىغا شەكسىز ئىشىنىمەن !

ۋاقتى: 2016-1-29 23:17:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمدى ئىسمى-جىسمىڭىزغا لايىق «قەلەمخان» بوپسىز! ھېكايىڭىز خېلى ئوبدان يېزىلىپتۇ.ئەمما باشقىلار ئۇرۇپ-تىللىۋەتسىمۇ ھېچنىمە دىمەڭ.باھا ۋە پىكىرلەرگە قۇرمۇ-قۇر چۈشەنچە بېرىش ياخشى تاللاش ئەمەس.بىر ياخشى يازارمەن بولۇش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ يازغانلىرى ئۈستىدە تەھلىل ئېلىپ بېرىش چىرايلىق ئىشمىكىن دەپ قالماڭ.ماڭا قاراڭ،مەن مۇشۇنداق باشقىلارنىڭ ئەرۋايىنى ئۇچۇردىغان گەپنى تولا قېلىمەن.بۇ ھەقلەردە كۆپلەردىن دەشناممۇ يىدىم.لىكىن ھەر كىمنىڭ ئۆز پىكرىنى ساقلاپ قېلىش ھوقوقى بار-توغرا قارالسا.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش