ئەڭ ئاخىرقى بىر
قۇربانجان توختى ئازىق
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال نۇر سېپىلمەكتە
ئەڭ ئاخىرقى بىر تال گۈل ئۈزۈلمەكتە
ئەڭ ئاخىرقى بىر تامچە تۆكۈلمەكتە
ئەڭ ئاخىرقى بىر قەدەم بېسىلماقتا
ئەڭ ئاخىرقى بىر سۈكۈت قوشۇلماقتا
ئەڭ ئاخىرقى بىر ئۈمىد قىسىلماقتا
ئەڭ ئاخىرقى بىر يۇلتۇز كۆرۈنمەكتە
ئەڭ ئاخىرقى تولۇنئاي مۆكۈنمەكتە
ئەڭ ئاخىرقى بۇ كېچە كېچەلمەستە
ئاھ ، باھارىم زىمىستانغا بۆلۈنمەكتە...