رىيموند كارۋېر (1938-1988 ،raymond carver )، ئامېرىكىلىق داڭلىق ھازىرقى زامان يازغۇچى، شائىر. 1938-يىلى ئورېگون ئىشتاتىدا تۇغۇلغان. 1988-يىلى ئۆپكە راكىدا ۋاپات بولغان. تولۇق ئوتتۇرىنى پۈتتۈرۈپ، ئائىلىنى بېقىشقا باشلىغان، قېيىن كۈنلەردىمۇ ئۆگىنىشنى، يېزىقچىلىقنى تاشلاپ قويمىغان. 1966-ئىئوۋا ئۇنۋېرسىتېنىڭ ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. 1967-يىلى، ئەسىرى تۇنجى قېتىم "ئامېرىكا يىللىق ئەڭ نادىر ھېكايىلەردىن تاللانما" غا كىرگۈزۈلگەن؛ 70-يىللاردىن كېيىن دېققەتكە سازاۋەر بولغان، 1979-يىلى گۈگېنھېم ( Guggenheim) مۇكاپاتىغا، ھەم ئىككى رەت دۆلەتلىك سەنئەت فوندى مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن؛ 1983-يىلى سترائۇس ( Strauss) ئۆمۈرلۈك تۆھپە مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن؛ 1988-يىلى ئامېرىكا ئەدەبىيات-سەنئەت ئىنىستۇتىنىڭ ئاكادېمىكى بولغان، ھەم خارتفېرد( Hartford )ئۇنۋېرسېتىنىڭ پەخرىي ئەدەبىيات دوكتۇرلۇق ئۈنۋانىغا ئىرىشكەن. ئاساسلىقى ھېكايە ۋە شېئىر يازغان، يەنە بىر قىسىم نەسىرلىرىمۇ بار. ھېكايە ئەسەرلىرى " تىنىچلانسىڭىز قانداق ؟"، "غەزەپلەنگەن پەسىل"، "مۇھەببەت ھەققىىدە پاراڭلاشقاندا، نېملەرنى دەيمىز" ، "چوڭ چېركاۋ"، "مەن تېلېفۇن ئۇرىدىغان جاي" ؛ شېئىر توپلىمى " قىشتىكى ئۇيقۇسىزلىق كېسىلى" ، "ئېقىنلار قوشۇلىدىغان جاي"، شارقىراتمىغا تۇتىشىدىغان يىڭى يول" قاتارلىقلار.
ئۆمۈچۈك تورى
نەچچە مىنۇت ئىلگىرى، ئۆيدىن
پېشايۋانغا چىقتىم. ئۇ يەردىن دېڭىزنى كۆرىمەن
ۋە ئاڭلايمەن ھەم بۇ يىللارنىڭ ماڭا قىلغان-ئەتكىنىنى.
دىمىق ھەم تىمتاس. دولقۇن قايتتى.
ناخشىچى قۇشلار يوق. مەن رىشاتكىغا يۆلەنگەندە،
ئۆمۈچۈك تورى پىشانەمگە تەگدى.
چېچىمغا ئىلماشقان. ھېچكىم ئەبىيلىمەيدۇ مېنىڭ
بۇرۇلۇپلا ھۇجرىغا كىرىشىمنى. شامال يوق. دېڭىز ئۆلۈم كەبى
جىمجىت. ئۆمۈچۈك تورىنى لامپا قالپىقىغا ئاستىم.
تىنىقىم تەگكەندە، ئاڭا بېقىپ دائىم تىتىلىمەن.
سىپتا يىپ. كىرىشكەن. ھايال بولماي
كۈتمەي ئۆزگىنىڭ بايقىشىنى، غايىب بولىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سەمەندەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-2 22:01