يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 354|ئىنكاس: 1

مەسئۇد ئىسا(ت): ۋاقىپ سەمەد ئوغلى شېئىرلىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
th.jpg

                             ۋاقىپ سەمەد ئوغلى  شېئىرلىرىدىن   

                                  (1939. 06.05 -2015. 01.28)

   ۋاقىپ سەمەد ئوغلى ئەزەربەيجاننىڭ ئاتاقلىق شائىرى، دىراماتۇر.، سەمەدۋۇرغۇننىڭ
ئوغلى.ئۇ ھازىرقى زامان ئەزەربەيجان شېئىرىيىتىگە مۇناسىپ تەسىر كۆرسەتكەن شائىرلارنىڭ بىرى.

***

مازارىمغا

نە قەبر تاش قويۇڭ،

نە ھەيكەل.

بىز جۈپ كىپىش قويۇڭ

ئاياقسىزلار

كىيىپ كەتسۈن.

مامونت

قوپال،
ماۋېي مامونت ئىدىم،
مۇز ئىراسىدا
ئۇۋاقىت
نە گۆر ئوغلى بار ئىدى،
نە ژېنرىى گورد
ئۇ ۋاقىت ئوڭ يوق ئىدى،
نە مېرى پېكفوت
نە لامبارنىسكىي
سۆل يۇق ئىدى
سېۋېتافارلى يوق –يوق ئىدى
مۇز..
دېڭىز...
يەنە مۇز،
سوغۇق ئىدى.
قوپال
ماۋىي مانوت ئىدىم.
ئەمدى


***

مەن ئۆلگەن كۈن

شامال كېزەر

كوچىلاردا

ۋە يەلپۈنەر

ئارغامچىغا ئېسىپ قۇرىتىلغان

بىر سېرىق گۈللۈك بالىنىڭ قولياغلىقى،

ماتەم بايرىقىدەك يەلپۈنەر،

بالىنىڭ قولياغلىقى

مەن ئۆلگەن كۈن.


***

نېمىلەرنى قىلمىدى ئىنسان،
بىر خوتۇن ئۈچۈن.
خەلقلەر، تىللار
قەبىلىلەر،ئۆلكىلەر،
سەرھەدلەر ئېشىپ،
مۇھابىلەرنى قويدى
ئۇلارنىڭ مۇداپىئەسىگە
بۇ خوتۇن ئۈچۈن
قىلغان ئۇرۇشتا يۈتتۈرگىنىمىز
شېئىر
ۋە يەنە مۇزىكا بولدى.


***

مەكتۇپ يازساڭ،
مەيلى بۇ يەرگە ياز، مەيلى باققا.

دۇنيادىن تاشقىرى تاغ گۈللىرىنىڭ

خۇشبۇي ھىدىغا تولمىش

بىر ئۇيقىنىڭ ئىچىدىمەن،

ئۇيقۇمغا ياز ،

مەكتۈپ يازساڭ.



***

بىر گۈزەل ئايالنىڭ

يېنىدىن ئۆتتۈم.

توختىمىدىم.

بىر گۈزەل نەغمە كۈيلەرئىدى،

توختىمىدىم.

بىر گۈزەل دۇنيانىڭ

ئىچىدىن كېلەر ئىدىم،

توختىمىدىم.


رائۇف پەرفىنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۇيغۇرچىلاشتۇردى.



***

ئەمدى ئارازدىن، ئەمدى دەردىن
باش ئېلىپ قاچماق ۋاقىتتۇر
ئاچالمىغان ئىشىكلەرنى
كەڭ ئاچماق ۋاقىتتۇر.
ئەندى ھەربىر ئاۋاز، ھەر بىر كۈيدىن
سۈكۈتكە چۆممەك ۋاقىتتۇر.
مىللەت، دۆلەت زىرۋەسىدىن
ئىنسانغا قايتماق ۋاقىتتۇر.
نە دۇئا، نە قارغىش،

***

سالام ئاتا، سالام،

بىلىمەن،سەن،

ئارقامدىسەن.

مازىرىڭدىن بار-يوقى ئەللىك -ئاتمىش

قەدەملىك مۇساپە تۇرۇپ،

تىراللىيبۇسنى كۈتىمەن،ئاتا.

ئولتۇرۇپ تىراللىيبۇسقا

سېنىڭ يېنىڭغا

كېلىشكە قەدەر،

ياشىۋېلىشىم كېرەك، ئاتا،

ئۆمۈر ،شۇمۇ بىلمىدىم،ئاتا؟

كەلدى...

سالام تىراللىيبۇس،

ئەلۋىدا ئاتا...



***
سەن مېنىڭ ئېسىل ئانامسەن
مەن سېنىڭ ئىشىگىڭ ئالدىدا تۇرغان ئۆگەي بالاڭ.
سەن ئاخىرىقى ئۈمىدىن قالدۇرغان
ئاق بايراقسەن، ئازادلىق،
مەن سېنى پۇلاڭلاتقان شامال.

***

تۇغۇلدۇم 1939 –يىلدا،
1937 –يىلدا تۇتۇلدۇم،
48 –يىلدا بوۋام ئۆلدى،
ئۆمۈرۈمدە ئىلك دەف
مۇردا ئۈچۈن يىغلىدىم.
ئوچۇق قالدى دېرىزەم،
بىر قىش كېچىسى
ئۆلدى بېلىقلار...
ئەندى
1965 –يىلنىڭ
يانىۋار كېچىسىدۇر،
سېزىۋاتىمەن، ياشىماق ئىستەيمەن...



***

قولۇمنى ئۇزاتتىم

سېغىنىشلار تامان،

كۆردىمكى،يوق-

ئوتتۇرىمىزدا تۇغلارتۇرىدۇ...

ئاتامنى چاقىردىم،

كۆرۈشكە كەلسۈن.

كۆردۈمكى ،يوق- يوق

ئوتتىرىمىزدا قەبرەتۇرىدۇ.

يۈزۈمنى بۇرىدىم سوڭ،

ئاللاھ تەرەپكە،

كۆردۈمكى،يوق-

ئوتتىرىمىزدا ھايات تۇرىدۇ.


خۇرشىد دەۋران تەرجىمىسى دىن ئۇيغۇرچىلاشتۇرۈلدى.





ماڭا بىر ئاز يامغۇر كېرەك


ماڭا بىر ئاز يامغۇر،

بىرئاز كونياك،

يەنە بىر ئاز كۆز ياش  كېرەكتۇر.

بۇ خانە،

بۇچىراق،بۇ قەغەز قەلەم،

بۈگۈن بەكمۇ لازىمدۇر.

يەنە

ئىشىگىڭنىڭ ئاچقۇچى،

ئۆز قولۇمدابولغان

بىر مازار لازىمدۇر ماڭا.

كېرەك ئەمەس،

بۇ ئىشىكنىڭ ئالدىدا،

بۇ خانىدا ئۆلتۈرۈپ،

شېئىر يازماقتىن يوق ئۆزگە بىر ھالەت.


  ( كەرىم بەھرىيىۋنىڭ ئۆزبېكچە تەرجىمىسىدىن ئۆزلەشتۈرلدى )
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 19:53  


باھا سۆز

شېئىرلارنى پەرقلەندۈرۈپ قويسىڭىز!  ۋاقتى: 2016-1-2 05:19 PM
يوللانغاندىلا قوشۇلۇپ كېتىپتۇ. ئايرىغىلى بولمىدى.  ۋاقتى: 2016-1-2 05:19 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-3 00:33:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماڭا بىر ئاز يامغۇر،
بىرئاز كونياك،
يەنە بىر ئاز كۆز ياش  كېرەكتۇر.
...

مەسئۇد ئىساغا تەشەككۈر.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uygurya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-3 21:41  


باھا سۆز

تەشەككۈر  ۋاقتى: 2016-1-3 12:56 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش