ئۆتىمەن دۇنيادىن ئىسمىڭنى يادلاپ
كامىلجان ناسىر دىلداش
ئاشىقلىق دەشتىدە مەجنۇنمەن، مەجنۇن،
سەۋدالىق جېنىمغا ئۈلپەتتۇر، ئۈلپەت.
كۈتۈشتىن رەڭ ئالغان ئارمانلار ئۈنسىز،
تاپقىنىم يەنىلا سۆيۈملىك ھەسرەت.
ھەر باقسام ئالەمگە سۆيگۈ كۆزۈمدە،
ئاشىقلىق زىكرىدۇر ھەر دەم لىۋىمدە.
بەك يىراق ۋىسالنىڭ تاڭلىرى ئەپسۇس،
مىڭ گۈلخان كۆيىدۇ تىنماي ئىچىمدە.
ئۈمىدتىن ئۈمىدسىز بولمىدىم زىنھار،
ئەڭ يۈكسەك ئارمانلار يۈرىكىمگە جەم.
ئېھ يەنە سۆيگۈنىڭ شېرىن ئازابى،
گۈللەردىن لېۋىمگە تامدۇرار شەبنەم.
زارلىنىش، خارلىنىش... يۈتسۈن ھەممىسى،
ئۆتكۈم يوق ھەي... ئەمدى قىسمەتتىن دادلاپ.
مەيلى سەن ئىشەنگىن، مەيلى ئىشەنمە،
ئۆتىمەن دۇنيادىن ئىسمىڭنى يادلاپ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-2 15:11