يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: uygurya

ئۇيغۇرىيە: چۆكىمەن ھەم كۆيىمەن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2016-1-3 23:41:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇرىيە! بۇ ‹‹نەسر››لىرىڭىز مۇنبەرنىڭ ‹‹نەسرلەر›› سەھىپىسىگە يوللانغان بولسىمۇ، نەزەرىيە جەھەتتىن قارىغاندا، يا چاچما شېئىر(ئەركىن شېئىر)غا، يا نەسرىي شېئىرغا تالىق بولماپتۇ... ئەمما، يازمىڭىزدا پەلسەپەۋىي ھېكمەتلەر بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 09:36:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توسقۇنلۇق -نىجادىيەت ئەڭگۈشتەرىڭ

قاغا كۆرۈمسىز، قاغا نىجاسەت
سەن شۇملۇقنىڭ بىشارىتى...
يوقال،يىراقلارغا كەت!
ھەممەيلەن سېنى شۇنداق تىللايتتى.
تاشلارنى ئېتىپ سېنى قوغلايتتى.

مەنمۇ قوغلاندىم...
ماڭا ئاتقان ھەر بىر تىل تاشلىرى مەن ئىزدەۋاتقان تېخىمۇ مۈشكۈل سېھىرلىك تىل چوققىللىرىغا باشلايدۇ.
ئۇلار مېنى قانچە قوغلىغانسىرى ھايات ناخشىللىرىم شۇنچە مۇڭلۇق ناۋاقىلىدۇ.                                            
ئەي قاغا قاقىلداپ- قاقىلداپ ھەر بىر جىمىپ كەتكىنىڭدە
تەنھالىق ،سەرسانلىقنىڭ ئازاپ شاماللىرىغا چۆكىمەن.
  
    دەل  مۇشۇ شاماللارنىڭ ئېغىر خۇرسىنىشلىرىدا ،ئاچچىق ياشلىرىدا           

ئىرادە گۈللىرىنىڭ غۇچچىدە چىچەك  ئاچقانلىغىنى كۆرىمەن.
ئەي سۆيۈملۈك قاغا ،ھەسرەتلەنمىگىن...
كەل، قېشىمغا كەل !
پەسىل نەشتەرلىرىدىن،چۈش غەپلەتلىرىدىن ھالقىپ ھايات ئىگىزلىكلىرىگە پەرۋاز قىلايلى!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-4 09:39:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت ئايال

تازىلىق ئۆيىدە قېتىپ قالغىنىڭدا ،جەسەت تارتمىللىرىدا قىروغا ئايلىنىپ ياتقىنىڭدا، ئاق خالات بىلەن ساڭا تىكىلىپ
قاراۋاتقان كىم؟

قوللىرىدىكى  پەلەينى سېيرىپ تاشلاپ ئىسسىق قوللىرىدا ئېچىق قالغان كۆزلىرىڭنى ئاستا -ئاستا يۇمدۇرۇپ قويغان كىم؟

كۆزىدە بىر تامچە ياشمۇ يوق، قېتىپ قالغان ۋۇجۇتلىرى ،تىلدىن قالغان سۈكۈتلىرى بىلەن
تۇل ئاناڭنى ،چۆچۈرىدەك بالىللىرىڭنى، چىرايلىق مەھبۇبەڭنى يوقلاپ بارغان كىم؟

قەبرەڭ بېشىغا بىر تال ئاق ئەتىرگۈلنى قويغان،
«قەلبىڭ مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا ئاق ،غۇبارسىز... » دەپ
قول ياغلىغىدا  پىنھان ياشلىرىنى ئېرتىپ جۇدالىق  چېغىر يوللىرىدا    ئۇزاپ كېتىۋاتقان ئايال كىم؟

گويا ئۆزى گۆرگە چۆكىۋاتقاندەك تۇرمۇش قاراڭغۇلىقىغا چۆكىۋاتقان،كىملەردۇر  سۆزلىگەن نۇر زەررىچىللىرىدە ،كىملەردۇر پۈتكەن ئىشىق نەزمىللىرىدە ئوت ئالغاندەك چاراسلاپ كۆيىۋاتقان ،ئوت كۆزلىرى،ئوت چاچلىرى بىلەن تۈگەل ئوتقا ئايلانغان
ئايال كىم؟؟   

                                            


ۋاقتى: 2016-1-4 17:31:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرىيەنىڭ نەسىرلىرىدە راستلا ،ئادەمنىڭ ۋۇجۇدىنى لەرزىگە سالىدىغان بىر خىل پەلسەپەۋىي چۇقانلار نەرە تارتىپ تۇرىدىكەن.  قەلىمىڭىزگە قۇۋۋەت تىلەيمەن ئۇيغۇر قىزى.......

ۋاقتى: 2016-1-4 17:45:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارال يوللىغان ۋاقتى  2016-1-3 23:41
سالام ئۇيغۇرىيە! بۇ ‹‹نەسر››لىرىڭىز مۇنبەرنىڭ ‹‹نەسرل ...

تارال مۆتىۋەر (ئەملىيەتتىغۇ مەنمۇ ئاز قالدىم مۆتىۋەر بولۇشقا)،ھېندىستانلىق يولداش تاگور نەسرى شئېر يازاتتى بىزنىڭ ئۇيغۇرىيە «چىن»ىستانلىق  بولغاچقا شئېرى نەسىر يېزىۋاتىدۇ،يازغىلى قويىلى-يا قاينامدىن يا سايرامدىن چېقىدۇ بىر كۈنى.

ۋاقتى: 2016-1-5 10:15:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسر ھەققىدە ھەرخىل تەرىپ ۋە تەرغىباتلارنىڭ بولۇشى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئۆز ئىچىگە ئالغان قۇرۇلما ۋەجلىك ۋۇجۇدىغا سىغدۇرغان ماگماسىمان ئاتەش سىياق مەنە كەڭلىكىگە كۆرە ئېيتىلغان يەشمىلەرنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، ئۇ بىر ئالاھىدە بەدئىي تۈر بولۇپ، ئاتاقلىق ۋە ئېتىقادلىق  ئۆز يازغۇچىمىز نۇرمۇھەممەد توختىنىڭ سۆ‍زى بىلەن ئېيتقاندا :« نەسر-بىر پارچە ئوت، جۇدۇندا قالغانلارغا ئىسسىقلىق يەتكۈزەلەيدۇ. ئۇ يەنە شۇ خۇسۇسىيىتى بىلەن روھىيەتتىكى ئەخلەت-چاۋارلارنى كۆيدۈرەلەيدۇ. نەسر-تېز ھەرىكەتلىنەلەيدىغان ھەرىكەتچان قوشۇن، نەسر ھەم مۇداپىئە قىلالايدىغان ھەم ھۇجۇم قىلالايدىغان تانكا...»شۇنىڭغا قارىغاندا، بىزنىڭ ئۇيغۇرىيە ئۆزىنى بۇ « جەڭ مەيدانى»دا سىناققا دۇچار قىلىۋاتقان باتۇر جەڭچى بولسا  كېرەك. ئۇنىڭ ئۆز نىشانى بار، تۇيغۇسى بار، مارجان دەرەخ ياپراقلىرىدا ھۆل ئىسسىقتا كۆيۈۋاتقان ئىماگلىرى بار...قېنى، ئۇ روھ قىيانلىرىدا ئېقىپ ھەم ئۈزۈپ باقسۇن، قېنى، ئۇ ئۆزىنىڭ باغرىنى ئىشىق يالقۇنلىرىدا ئۆرتەپ ۋە كۆيدۈرۈپ، مەشرەپ داۋانلىرىدىن، مەنسۇر ھەللاجى مەنزىللىرىدىن، رۇمى دەۋرانلىرىدىن ھەم ئۇلۇغ ئەللامە شائىر مىر ئەلىشىر نەۋايى گۈلىستانلىرىدىن بەھرلىنىپ باقسۇن...ئۇ ئۆزنىڭ روھىدىن ھەقىقىي ئۆزىنى ئىزدەۋاتىدۇ. تېخىمۇ بەردەم، ئۈمىدۋار، شىجائەتلىك، روھىي ئۈستۈن بولۇڭ، ئۇيغۇرىيە...ئىشنىمىزكى، غەلىبە ئاقىبەتتە پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىنى چۈشەنگەن ھەم ئۆزىگە ئاخىرىغىچە ئىشەنگەنلەرگە مەنسۇپتۇر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-5 10:17  


ۋاقتى: 2016-1-5 11:42:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسرلەر بىر-بىرىدىن مەزمۇنلۇق چقىپتۇ. راستىمنى دېسەم ، نەسرنى مۇشۇنداق يازغاندىلا نەسر
نەسردەكلا بولدىدىكەن.

باھا سۆز

بولدىدىكەن-بولىدىكەن...  ۋاقتى: 2016-1-5 12:24 PM
ۋاقتى: 2016-1-7 19:29:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurya يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 09:39
ئوت ئايال

تازىلىق ئۆيىدە قېتىپ قالغىنىڭدا ،جەسەت تارت ...

ئۇيغۇرىيەنىڭ بۇ تېپىشمىقىغا جاۋاب:

ئوت ئايال

تازىلىق ئۆيىدە قېتىپ قالغىنىڭدا ،جەسەت تارتمىللىرىدا قىروغا ئايلىنىپ ياتقىنىڭدا، ئاق خالات بىلەن ساڭا تىكىلىپ
قاراۋاتقان كىم؟
جاۋاب: ئۇنىڭ دوختۇر تۇققىنى

قوللىرىدىكى  پەلەينى سېيرىپ تاشلاپ ئىسسىق قوللىرىدا ئېچىق قالغان كۆزلىرىڭنى ئاستا -ئاستا يۇمدۇرۇپ قويغان كىم؟
جاۋاب: ئۇنىڭ قارىي تۇققىنى

كۆزىدە بىر تامچە ياشمۇ يوق، قېتىپ قالغان ۋۇجۇتلىرى ،تىلدىن قالغان سۈكۈتلىرى بىلەن
تۇل ئاناڭنى ،چۆچۈرىدەك بالىللىرىڭنى، چىرايلىق مەھبۇبەڭنى يوقلاپ بارغان كىم؟
جاۋاب: ئۇنىڭ نەۋرە ئاچىسى...

قەبرەڭ بېشىغا بىر تال ئاق ئەتىرگۈلنى قويغان،
«قەلبىڭ مېنىڭ نەزىرىمدە يەنىلا ئاق ،غۇبارسىز... » دەپ
قول ياغلىغىدا  پىنھان ياشلىرىنى ئېرتىپ جۇدالىق  چېغىر يوللىرىدا    ئۇزاپ كېتىۋاتقان ئايال كىم؟
جاۋاب: ئۇنىڭ ھەمجىنىسى

گويا ئۆزى گۆرگە چۆكىۋاتقاندەك تۇرمۇش قاراڭغۇلىقىغا چۆكىۋاتقان،كىملەردۇر  سۆزلىگەن نۇر زەررىچىللىرىدە ،كىملەردۇر پۈتكەن ئىشىق نەزمىللىرىدە ئوت ئالغاندەك چاراسلاپ كۆيىۋاتقان ،ئوت كۆزلىرى،ئوت چاچلىرى بىلەن تۈگەل ئوتقا ئايلانغان
ئايال كىم؟؟
جاۋاب: ئۇنىڭ شەيتىنى...

باھالاش

قاتناشقانلار سانى 1تىللاسى +10 يىغىش سەۋەبى
مەستۇرە0 + 10 يامان! يامان !

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-11 14:42:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈركناز يوللىغان ۋاقتى  2016-1-7 19:29
ئۇيغۇرىيەنىڭ بۇ تېپىشمىقىغا جاۋاب:

ئوت ئايال

تۈرۇكناز گۈلۈم ،  سىز جاۋاپ بەرگەن بويىچە بولسا  بۇ يازمىدا مەغلۇپ بولغان بولىمەن. ھەممە سۇئاللارغا پەقەت بىرلا ئايال جاۋاپ ئىدى.  ئۇ بولسىمۇ... ئۇ... ئوت ئايال.
دوختۇر ئاياللارنىڭ قېشىغىمۇ سۆيگەن كىشىسىنىڭ جەسىدى كېلىپ قالىدۇ ئەمەسمۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-11 23:41:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇرىيە ،نەسىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .ئاپىرېن !

ۋاقتى: 2016-1-11 23:42:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇرىيە ،نەسىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .ئاپىرېن !

ۋاقتى: 2016-1-11 23:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇرىيە ،نەسىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .ئاپىرېن !

ۋاقتى: 2016-1-11 23:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام ئۇيغۇرىيە ،نەسىرلىرىڭىزنى ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم .ئاپىرېن !

ۋاقتى: 2016-1-31 01:06:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۈرەكلەرنى تىترەتكۈدەك نەسىرىي شېئىر ئىكەن . مۇۋۋپپقىيەت يار بولسۇن .

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش