چۆكىمەن ھەم كۆيىمەن
نەسرلەر
گۈلبانۇم ئابابەكرى
1
سېنى چاقىردىم ...
يەتتە ئوكيان يىراقلىقتىكى بىر يەردىن.
تاشتىن ئوت چىقاردىم،قولۇمدا قۇپ-قۇرۇق تاش قەدەھلەر.
كەينىمگە قارالمىدىم،سانسىز سۇئال، ئۈندەش بەلگىلەر...
ئەي ۋاقىت چەمبىرەكلىرى، سەندىن ھالقىيالمىدۇق.
بىزنىمۇ ئېلىپ كەتسەڭچۇ؟
فىرانسىيە ئېفېرىل چوققىللىرىغا،توكيو مەھەللىرىگە،
گوللاندىيە دېڭىزلىرىغا...
شىكىسپىر، رۇمى يۈرگەن جايلارغا...
كۈتۈش، زارىقىش گۈللىرىمنى چۆرىۋەتتىم.
ئەي كائىنات قارا بوراندەك بىرمۇ -بىر ۋاراقلاپ
قات-قېتىڭغا چۆكىمەن بۈگۈن.
ئەي ماگما قايناملىرى،ساڭا كۆمۈلۈپ سەن بىلەن تەڭ
كۆيىمەن بۈگۈن...
بۈگۈن ئەنە ئاشۇنداق كۈن !!
2
بىر تامچە سۇ ئىدىم. مەندە نە كېلىمات بولسۇن؟
قۇياشسىز قارا سايىدا ئېچىلغان بىر تال گۈل ئىدىم.
مەندە نە چىمەن خەندانلىرى بولسۇن؟
ئەي قەلبىم ئىستىرىلكىسى سېنى ھامان ئاسارەتسىز رېتىم
دولقۇنلىرىغا ئېلىپ چىقىمەن !
قوشىۋەتتىم...
ھەممىنى قوشىۋەتتىم.
كۆڭۈل ۋاقىتلىرىمنى دۇنيا ۋاقىتلىرىغا،
ئۆزۈمنى ساڭا...
3
ئاياللىق سەرسانلىقىدا كېتىپ بارىمەن.
بىلگەندىكى بىلمەسلىك،سۆيۈشتىكى سۆيۈلمەسلىك،،ئۆلۈشتىكى ئۆلمەسلىك...
مەئىشەت قىرغاقلىرىدىن رىيازەت دېڭىزلىرىغا غەرق بولىۋاتىمەن.
رىيازەت نەدە؟
سەن سۆيگەن نەرسىلەردە...
قوشىۋەتتىم...
ھەممىنى قوشىۋەتتىم .
كۆڭۈل ۋاقىتلىرىمنى دۇنيا ۋاقىتلىرىغا،
ئۆزۈمنى ساڭا!
2016-يىل . يانۋار
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-2 00:58