كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 11

تىركەش: «كېچە ئولتۇرىقىدىكى پۈتۈكلەر»نى ۋاراقلاپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«كېچە ئولتۇرىقىدىكى پۈتۈكلەر»نى ۋاراقلاپ
(ئوبزور)
مۇسا ئەھەد تىركەش

مەن ئەركىن نۇرنىڭ بۇ بىر يۈرۈش شېئىرىنى ئايالىمغا ئوقۇپ بەرگىنىمدە ئايالىم «بۇ ئادەم شۇنچىلىك مۇرەككەپ، زىددىيەتلىك روھى-ھالەتتە ھېلىمۇ ئۆلۈپ قالماي قانداقمۇ ياشاۋاتقاندۇ؟» دەپ ئېغىر خۇرسىنغان ئىدى. ئۆزى شېئىر يازمايدىغان، ئېسىل شېئىرلارنى خېلى ئوبدانلا پەرق ئېتەلەيدىغان ئايالىم ئەركىن نۇرنىڭ رۇھىي دۇنياسىدىكى مۇرەككەپ، زىل تەرەپلەرنى، شۇ قەدەر ئەينەن، پەدازسىز ئىپادە قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ شۇنداق دېگەنىدى.
ئۆز تۇيغۇلىرىنى خاتىرلەشنى ئۆزىگە بۇرج ، شېئىرنىڭ ماددىنىڭ ئەمەس، روھنىڭ جەۋھىرى دەپ قارايدىغان شائىرلار ئۆز رۇھىنى ئۆزى يازغان شېئىرلار بىلەن سۇغۇرۇپ تۇرىدۇ.
مەن پات-پات ئەركىن نۇرنىڭ دائىم ئېغىزدىن چۈشۈرمەيدىغان «ئاداش شېئىرنىڭ ئەسلى يىلتىزى ئازاب»دېگەن سۆزلىرىنى ئەسلەپ قالىمەن.راسىت ئېسىل بىر شېئىر ئىنسان ئازابىدىن كۆكلىگەن گۈلگە ئوخشايدۇ. ئەركىن نۇرى ئۆز شېئىرنىڭ تاشقى پوستىدىن كۆرە، شېئىرنىڭ مەنىۋى چوڭقۇرلىقىغا كۈڭۈل بۇلدىغان شائىردۇر، شۇڭا ئۇنىڭ شىېئىرنىڭ ھەربىر قۇردىن بىر خىل تىرادگىلىك گۈزەلىك بالقىپ تۇردۇ.
ليۇ شياۋفاڭ: «مېنىڭچە، ھازىرقى شائىرلارنى مۇنداق ئۈچ خىلغا ئايرىشقا بولىدۇ؛ بىر خىلى، يېزىشنى داۋاملاشتۇرۋاتقانلار. يازغان شېئىرلىرى ئاز ئەمەس، توپلاملىرىمۇ ئاز ئەمەس. ئۇلار توغرىسىدىكى مۇھاكىمە مەجلىسلىرىمۇ ئاز ئەمەس. بېرىلگەن باھالارمۇ ئاز ئەمەس، لېكىن، ھەقىقىي ياخشى ئەسەرلىرى ئاز. ‹شائىر›ئاتالمىش بەزىلەرنىڭ نەزىرىدە، شېئىر نام چىقىرىش، نەپ-پايدا كۆزلەش، ‹ئالاھىدە›بولۇشنىڭ دەستىكى بولۇپ قالغان. شۇڭا كۈنىمىزدە مۇنداق شېئىرلار كاراOK رولىنىلا ئۆتەلەيدۇ. يەنە بىر خىل شائىرلار بولسا، تەجرىبىىگە ھەددىدىن ئارتۇق تايىنىۋالغان، ھە دىسىلا ئۈنۈم قوغلاشقان. نەتىجىدە، ئەسەرلىرى ئېلانچىلىق تۈسىنى ئېلىپ، تىلى ئاشىقلارنىڭ تىلىدەك ئىشقىۋازلىق تۈسىنى ئالغان، چەت ئەلچە سۆز-ئىبارىلەرنى كۆپ ئىشلەتكەن، ھەم لاۋزا ھەم چۈشۈنىكسىز، ئاددى كىشىلەرگە زادىلا يىقىنلاشمىغان؛ ئۈچۈنچى خىل شائىرلار پۈتۈنلەي زىددىيەت ۋە دەرد-ئەلەم ئىچىگە پېتىپ قالغان، ئۇلار شېئىرىي مەنە بىلەن ئاممىباپلىق، رېئاللىق بىلەن غايىنىڭ قىسىلچىلىقىدا تىپىرلاپ، ئازاب ئىچىدە مۇلاھىزە قىلىدۇ… بۇنداق شائىرلار ناھايىتى ئاز يازىدۇ. لېكىن ئۇلار قەلبىدىكى پاك تۇپراقنى قەتئىي ساقلاپ كىلىۋاتىدۇ… مېنىڭچە، شېئىرىيەتنىڭ جانلىنىشى ۋە ئۈمىدىمۇ ئەنە شۇلارغا باغلىق…». ئەركىن نۇر دەل ئۈچىنچى خىلدىكى شائىردۇر.
بۇلتۇر 12-ئايدا ئەركىن نۇرنىڭ «ئاسمان ئادەملەر»، «ئۈژمە» ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىنى ئوقۇپ ئۆز تەسىراتلىرىمنى يېزىپ قويغان ئىدىم. ئارىدىن بەش – ئالتە ئاي ئۆتكەندە، ئۇنىڭ «كېچە ئولتۇرىقىدىكى پۈتۈكلەر» ناملىق بىر يۈرۈش شېئىرلىرى قولۇمغا چۈشۈپ قالدى. چوڭ ماۋزۇ ئاستىدىكى ئۇششاق ماۋزۇلارغا بۆلۈنگەن بۇ شېئىرلارنى ئوقۇپ مەن سىرلىق ئىماگلار ئورمانلىقىغا كىرىپ قالغان ساييياھقا ئايلانغان ئىدىم. بۇ ئورماننىڭ چېكى يوق ئىدى، بۇ شېئىرلاردىكى ھەر بىر ئىماگ خۇددى ئېزىتقۇدەك مېنى ئازدۇراتتى. مەن ئاجايىپ بىر دۇنيادا تەمتىملەپ چىقىپ كېتىشكە يول ئىزدەيتتىم. ئەمما كۆرۈنمەس بىر قول مېنى بۇ يەرگە بەند قىلىپ قويغان ئىدى.
ئەركىن نۇرنىڭ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدىن «كېچە» ئىماگىنىڭ 101 يەردە، «كۆك» ئىماگىنىڭ 24 يەردە، «قاراڭغۇ» ۋە «قارا»دىن ئىبارەت ئىماگنىڭ 30 نەچچە يەردە ئوخشىمىغان شېئىر، ئوخشىمىغان كۇپلېت، ئوخشىمىغان مىسرالاردا ئوخشىمىغان مەنالارغا ئىگە قىلىنغانلىقىنى كۆرىمىز. رەڭ ئىماگى بۇ شېئىرلاردىكى ئەڭ يورۇق نۇقتىدۇر. مەسىلەن:
كېچە ئولتۇرىقىدىكى پۈتۈكلەر \ كۆكسۈمدە كېچە \  ئىچىمدە لىپمۇ-لىق كېچە \ تەن چوڭقۇرۇمدا كېچە قۇشلىرى \ تېشىمدىكى كېچىلەر \ ئۆلۈمنىڭ ئوتلۇق ماتكىسىدا كېچلەر \ ئىچىم كېچە \ كېچىدۇر جاھان \ كېچە دېڭىزى \ كېچىنىڭ سۈيىگە كېتەر چىلىشىپ \ كېچە گۈلىنىڭ ئەبەدلىك ئاچقان چېچىكى \ كېچىلەرنىڭ يوقمىكىن چېكى؟ \ كېچىلەرنىڭ ئورمانلىقىغا \ كېچە قۇشلىرى سايرىغان، قارا \ كېچىلەرنىڭ چەشمىسىدىن مۇزدەك \ كېچە ئانامدۇر \  كېچە دەرىخىنىڭ ھەر خىل مېۋسى \ شېئىر ۋە ئۆلۈم ۋە قىز ۋە كېچە ۋە بولۇم ۋە يوقلۇق ۋە مەستلىك \ ھەممىسى كېچە دەرىخىنىڭ ھەر خىل مېۋىسى \ كېچىدىن قارا \ سەن كېچىنىڭ بوياقلىرى بىلەن \ سۈرەتلىرى شۇنچىلىك كېچە \ مەن كېچىنىڭ شارابىدا غەرق مەست بولسام \ كېچىنىڭ تىغىدا يۈرەكلەر يارا \ مەن سېنى كېچىلەشتۈرىمەن−كېچە قىزى \ كېچىنىڭ گۈلى \ كېچە جەۋھىرى \ توشۇغان كېچىدىنمۇ كېچە قەلبىمگە تۈگەل \ مەن كېچىلەردىن كېچىلەرگە ئاتلايمەن \ دېڭىزغا چۆككەن قۇياشنى ئىزدەپ \ كېچە، ئايغا بېرىمەن سالام \ كېچە قۇش \ ئۆلۈمدۇر كېچە، سۈيى قۇرىغان \ كېچە تېشىدا جاراڭلاپ چېقىلغان بىردىن \ كېچە ئۈچۈن جان بەرگەن جەسەت \  قان قۇسۇپ سايرىغان كېچە بۇلبۇلى \  كېچە ئاتلىرى چېپىشار \ كېچەمنىڭ دېڭىزىدا ماياكسەن \ كېچەڭنىڭ سۇلىرىدا پىلتىڭلاپ يۈرگەن \ كېچىنىڭ تېنى \ مەن كېچىنىڭ تامچىسى؟ \ ياكى كېچە مېنىڭ بىر تامچەم؟… \  مېنىڭ بۇ كېچە ھاياتىم \ كېچىدىن كېچىگە \   ئۇلار كېچىنىڭ ئاسمىنىغا پاتمايدۇ \ مەن كېچىنىڭ تەنھا ئولتۇرۇپ سۈرگەن ئازابلىق خىياللىرى \ مەن كېچىنىڭ قايناملىرىغا چۆكۈپ غەرق بولىمەن \ ئىككى كېچە بولسىمۇ كېچىنىڭ سېرىقىنى كۆرگۈم بار \  باغرىم، كېچە شىرنىسىگە قانمايدۇ \ كېچىنىڭ سۈيىدىن ئايرىلسىلا ئۆلىدىغان \ كېچىنىڭ ياشلىق باھارى دىڭ تۇرغان \ كېچىنىڭ قاپ-قارا كىرپىكلىرى قورشاۋىدىكى شەھۋەت تېشىپ تۇرغان كالا كۆزلىرىگە چۆكۈپ ئۆلسەم، دەيمەن \ كېچىنىڭ \ ياكى كېچە ئاتلىق ئۆزۈمنىڭ \ ياكى يەنە بىر كېچە ئاتلىق يوقلۇقنىڭ؟... \ كېچىنىڭ قاسرىقىنى تاشلىساڭمۇ \ ھاياتتا كېچە \ كېچىنىڭ ئەتىرگۈلى \ مەن ئۈچۈنلا يارىلىدىغان سەتەڭ كېچە \ ئەي سەن كېچە شارابى \ مېنىڭ روھىم كېچە ئارقىلىق توزدەك \ ئىسمىڭ بىرلا كېچە ئەمەس، بارلىق ئىسىملارنىڭ يىغىندىسى \ كېچە يارالغان \ دۇنيا ئىدى كېچىنىڭ \ كېچىدە ئەمەس؟ كېچىدە تالاي؟ \ كىم ئۇ كېچىدىنمۇ \ مەن كېچىنىڭ كۆزى \ ئايال دېمەك، كېچىنىڭ ئۆزى \ كېچە مېنىڭ ئەينىكىم \ مەن كېچە ئارقىلىق \ خۇدا، كېچىنىڭ ئەتىرگۈلى \ كۈندۈزنىڭ جامىغا كېچىنى تولدۇر \  قىز كېچە \ زامان قۇملۇقىنى كېسىپ ئۆتكىنىمدە، ئەي سەن كېچە يولۋىسى \ ۋە ياكى بىر قىز، ئەي سەن كېچە، يۈزى ئېچىلمىغان؟\ كېچىسەن، ھاياتىمنى ئورىغان \ ئەي ئەتىرگۈل−كېچىنىڭ ئەتىرگۈلى \ كېچىنىڭ ئېڭىدىن سوغۇرلۇپ چىققان يىلان ئۆلدى \ ئەسلىدە مەن ھەر كېچە \ كېچىنىڭ قۇم سائىتى تېخى يېرىملاشماي تۇرۇپلا \ كېچە ئاتالغان تېنىمنىڭ قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلغان دولقۇن \ كېچە كۆرەنمەس \ كېچە قۇرغاق رايون ئەمەس \ كېچە باردۇر، پورەكلەۋاتقان \ كېچە گۈلى كېچىگە ئېچىلىدۇ \  كېچەپەرەسمەن \ كېچە ماڭسا قايانغا \ ھەمدە كېچىگىلا باش ئېگىدىغان \ كۆپكۆك كېچە قىزنى كۈيلەيمەن \ كېچە ئاشىقىمەن \ ئەگەر بولسا قورقۇنچلۇق يۈزى كېچىنىڭ \ كېچىنى سۈرەتكە تارتتۇق، كۆپكۆك كېچىنىڭ ھىلال يەلكىنىنى ھەم \ يېتىپ بارالمىسىمۇ كۆزىمىز كېچىنىڭ ئارقىسىدا قالغان شەھەردىكى ئۆيىمىزگە \ كېچىنىڭ جۇغراپىيەسى \ كېچە تارىخى \ بىزنىڭ كېچىمىز بۇ مۇقەددەس زېمىننىڭ چېدىرىدىن تىكلەنگەن \ كېچىنىڭ ئىللىق سۈيىگە چىلىنىپ \ مېنىڭ بۇ كېچە ھاياتىم (ئېھتىياج تۈپەيلى بەزىدە ماۋزۇ، بەزىدە مىسرالار ئۈزۈپ ئېلىندى).
راست گەپنى دېسەم، يېڭىچە شېئىرلارنى 30 يىلدىن بېرى ئوقۇپ كېلىۋاتقان، ئۇنىڭدىن يېتەرلىك بەھىرگە ئېرىشكەن بولساممۇ، ئالدىمدىكى بۇ شېئىرلاردىكى ھەربىر ماۋزۇ، ھەربىر سۆز ئىبارىلەر، ھەربىر تەسۋىر، ھەر بىر مەنزىرە مەن تېخى كۆرۈپ باقمىغان مەنزىرىلەر ئىدى. بۇ شېئىرلاردىكى ھەربىر رەڭ، ھەر بىر سىزىقلار ئەقلىمنى لال قىلاتتى. ئۆز خاراكتېرىنى، ئۆزىنىڭ روھى دۇنياسىنى ئۆز شېئىرلىرىدا شۇ قەدەر ئوچۇق، شۇ قەدەر ئەينەن ئىپادىلىگەن ئىدى. ھەر بىر كۇبلىت، ھەر بىر مىسرا ھەربىر سۆزنىڭ كەينىدە ئەركىن نۇرنىڭ كۆلەڭگۈسى ئەگىپ يۈرەتتى. شائىر ئۇزۇن يىللار پارتىلىماي، تۇيۇقسىز پارتىلىغان ماگمىغا ئايلانغان ئىدى. بۇ شېئىرلاردا قاتلاممۇ قاتلام ئىماگلار قەۋىتى، قاتلاممۇ قاتلام مەنا-ئوبرازلىرى (ئىستىلىستىكا) قەۋىتى، قاتلاممۇ قاتلام ھېسسىيات، تەسەۋۋۇر قەۋىتى، قاتلاممۇ قاتلام ئىچكى رىتىم، قۇرۇلما قەۋىتى، قاتلاممۇ قاتلام رەڭ قەۋەتلىرى بار ئىدى. ئۇنىڭ ھەربىر قەۋىتىگە تىلى بىلەن ئىپادە قىلغىلى بولمايدىغان پەقەت كۆڭۈللا ھېس قىلالايدىغان بىر شائىرنىڭ يوشۇرۇن ئېڭىدىكى شائىر ئۆزلۈكى، سان – ساناقسىز قەلب پارچىلىرىدىن بىنا قىلىنغان غايەت زور بىر ئىمارەت قەد كۆتۈرگەن ئىدى. مەن بۇ بەھەيۋەت بىناغا قارىغانسېرى، بارغانسېرى كىچىكلەپ، بارغانسېرى يوقاپ كېتىۋاتاتتىم. بۇ شېئىرلار ھەققىدە ئۆزەمنىمۇ، ئۆزگىنىمۇ رازى قىلغۇدەك بىر نەرسە يېزىشقا تەرىتىم بوشلۇق قىلاتتى. چۈنكى بۇ شېئىرلاردا بىرەر دوكتورلۇق دېسىرتاكسىيەسىنى يازغۇدەك دەسمايە بار ئىدى.
تىلشۇناس ك. ئو. ئېردىمان سۆز مەنىسى ھەققىدىكى تەتقىقاتىدا، «سۆز يالغۇز مەنە بىلدۈرگۈچىلا ئەمەس، بەلكى بىر مۇنچە قوشۇمچە ئامىللارنىمۇ بىلدۈرگۈچىدۇر» دەيدۇ. ئۇنىڭ كۆز قارىشىچە، سۆز مەنىسىدە مۇنۇ ئامىللار مەۋجۇت: بىرىنچى، ئومۇمىي ئۇقۇم ئامىلى (سۆزنىڭ كونكرېت مەنىسى)؛ ئىككىنچى، ئىككىلەمچى خىيال، تەسەۋۋۇر ئامىلى؛ ئۈچىنچى، تۇيغۇ ياكى روھ  ئامىلى. بىز يۇقىرىدا توختىلىپ ئۆتكەن سۆزنىڭ تۈپ مەنىسى ۋە ئىنسان زېھنى ياردىمىدە ئۇنىڭغا قوشۇلغان يېڭى مەنىلەر بۇ يەردە ئېيتىلغان بىرىنچى ئامىلغا كىرىدۇ. بىر سۆز بىزدە قوزغايدىغان خىيال ۋە تەسەۋۋۇرلار ئىككىنچى ئامىل بولۇپ، ئۇلارمۇ سۆزنىڭ مەنە ۋە تاۋۇش قۇرۇلمىسى بىلەن بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. سۆزدىكى تۇيغۇ ياكى روھ ئامىلى ئىككىنچى ئامىل بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئۈچىنچى ئامىل بولۇپ، ئۇ ئادەتتە بىرلىتە كېلىدىغان تۇيغۇلار دېيىلىدۇ.
سۆزلەر تۈپ مەنە، تۇيغۇ-ھېسسىياتلارنى بىلدۈرۈشتىن باشقا، يەنە يىراق مەنىلەرنى خىيالغا كەلتۈرۈش، يىراق مەنىلەرنى چاقىرىش خۇسۇسىيىتىگىمۇ ئىگە. شېئىر تىلى مانا شۇنداق يىراق مەنىلەرنى چاقىرىدىغان بىر تىل.
ئەركىن نۇرنىڭ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىغا قارايدىغان بولساق، ئۆزىنىڭ تۇيغۇ ۋە چۈشەنچىلىرىنى سۆزلەرنىڭ ئەسلى مەنىسىدە ئەمەس، بەلكى يانداش مەنىلىرى، قوشۇمچە مەنىلىرى، ھېسسىياتقا ئائىت مەنىلىرىنى ئىپادىلەشكە ئالاھىدە كۈچىگەنلىكىنى، ھېسسسىياتقا ئائىت مەنىلىرىگە ئالاھىدە ئېتىبار بەرگەنلىكىنى كۆرۋالالايمىز.
بىر ئېسىل شېئىر ئوقۇرمەنلەردە ئوخشاش بولمىغان خىيال، تەسسەۋۇر قوزغاپلار قالماي، ئوخشىمىغان مەنالار بىلەن ئوخشىمىغان پىكىرلەرنى ئاتا قىلالايدۇ. ئۇ ئەلۋەتتە، شائىرنىڭ قەلەم قۇۋۋىتى، تىل ماھارىتى، كەڭ دائىرلىك بىلىم قۇرۇلمىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ.
شېئىرنىڭ ئىككىنچى ئالاھىدىلىكى−ھەرخىل باغلانمىلار (بىرىكمىلەر) دىن پايدىلىنىش. مۇنداق مەنا باغلانمىلىرىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى جانلىق نەرسىلەرگە خاس چۈشەنچىلەرنى، جانسىز نەرسىلەرگە يۆتكەپ ئىشلىتىشتىن ئىبارەت. مەسىلەن:
مەن كېچىنىڭ شارابىدا غەرىق مەست بولسام،
ئاۋۋال ھالاكەت مەنزىرسى ئايلىنىدۇ پارچە-پارچە رەڭلىك سۈرەتكە.
مەن سىنى كېچىلەشتۇرىمەن-كېچە قىزى
ئەي، سەن كېچە قىزى
كېچىنىڭ گۇلى
كېچە جەۋھىرى
كىمنى ساقلىدىڭ جاراھەتنىڭ چوڭقۇرلىقىدا
−«كېچە دەرىخىنىڭ ھەرخىل مىۋىسى» ناملىك شېئىرىدىن.
شائىر بۇ پارچىدا «كېچە شارابى»، «ھالاكەت مەنزىرسى»، «كېچە قىزى»،« كېچىنىڭ گۇلى »،« كېچە جەۋھىرى »،« جاراھەتنىڭ چوڭقۇرلىقىدا» دېگەنگە ئوخشاش ھېس-تۇيغۇلارنى قوزغايدىغان مەنا باغلانمىلىرىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغان.
شېئىرنى تەسىرلىك قىلىدىغان، شېئىر تىلىنى كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات دولقۇنلىىرىنى قوزغايدىغان بىر تىلغا ئايلاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بىرى مانا شۇنداق مەنىۋى بىرىكمىلەردۇر. مۇنداق مەنىۋى بىرىكمىلەر نېمىشقا بۇنداق تەسىر كۈچىگە ئىگە بولىدۇ؟ بۇ يەردىكى ئاساسىي مەسىلە، سۆزلەرنىڭ ئادەتتىكى مەنىلىرىنىڭ سىرتىدىكى مەنىلەرگە، ئۇلار قوزغىشى مۇمكىن بولغان ئېھتىماللىققا (بارلىق تەسەۋۋۇر ۋە تۇيغۇلارغا) ئېتىبار بېرىلگەنلىكىدە.
ئەركىن نۇرنىڭ بىر يۈرۈش شېئىرلىرىدا شائىر ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بىرىكتۈرگەن يېڭى بىرىكمىلەر، مەنە ئوبرازلىرى شېئىرنىڭ تاشقى لىباسىغا ئۆزگىچە جۇلا، ئەسەرنىڭ ئىچكى قاتلىمىغا تېخىمۇ چوڭقۇرلۇق ئاتا قىلغان. مەسىلەن: تەن زىندانى، بىگىز چۇقانى، تەن چوڭقۇرلۇقى، جاراھەت دەرىخى، قاراڭغۇ دولقۇن، كېچە دېڭىزى، كېچىنىڭ سۈيى، كېچە گۈلى، كېچە ئورمانلىقى، ھالاكەت مەنزىرىسى، كېچە قىزى، كېچە جەۋھىرى، ئۆلۈم چېچىكى، كېچە بۇلبۇلى، روھ رېلىسى، كۆز ئىشىكى، كېچىنىڭ تېنى، كېچە قايناملىرى، كېچىنىڭ سېرىقى، كېچىنىڭ كىرپىكلىرى، كۆزنىڭ تىلى، كۆزنىڭ سازى، تەنھالىقنىڭ قوۋۇرغىسى، كېچە قاسرىقى، سەتەڭ كېچەك، كېچە شارابى، كېچە يولۋىسى، قارا ئېقىن، ئۆلۈم شېخىدا، تەن بۇقىسى، ئۆلۈم مەرۋايىتلىرى، كېچە جۇغراپىيەسى، ئاسمان ئادەم، زېمىن چېدىرى، زېمىن جاراھىتى، قار تەشۋىشى، بۇلۇت سۈپۈرگۈسى، چاقچاق تېشى…قاتارلىق بىر قاتار يېڭى، ئىجادى مەنە بىرىكمىلىرى (سۆزلەرنىڭ چېقىلىشى) ئارقىلىق ئۆز شېئىرلىرىدا شېئىر تىلىدىكى يارىتىلغان يېڭى بىر پەللىنى كۆرىمىز.
ئەركىن نۇرنىڭ بىر بۆلەك شېئىردىكى ماۋزۇلار مەن بۇرۇن تولا كۆرگەن، بىر قىسىم شائىرلار تولا ئىشلىتىپ، ئەپجىقى چىقىپ كەتكەن ماۋزۇلارغا ئوخشىمايتتى. ھەر بىر ماۋزۇنىڭ ئۆزى بىر شېئىر ئىدى. مەسىلەن: «كۆكسۈمدە كېچە»، «كېچە دەرىخىنىڭ ھەر خىل مېۋىسى»، «كىرىش ۋە چىقىش»، «كېچىنىڭ تېنى»، «كېچىنىڭ ئەتىرگۈلى»، «قىز كېچە»، «تور»، «كېچە جۇغراپىيەسى»، «ئاسمان ئادەملەر» يەنە كېلىپ بۇ ماۋزۇلاردىكى شېئىرلار كېچە بىلەن زەنجىرسىمان باغلانغان ئىدى.
شائىر بۇ بىر بۆلەك شىئىرلىرىدا خەلقىمىز تەرىپىدىن ئەلمىساقتىن تارتىپ ئۇلۇغلۇق، بۈيۈكلۈك، ھاياتلىقنىڭ تېمسالى بولغان قارا، كۆك رەڭدىن شاخلىغان بىر-بىرىگە چىرمىشپ كەتكەن جىلۋىدار ئىماگلار قاتلىمىنى كۆرىمىز. شائىر ئۆزىنىڭ ئېچكى دۇنياسىدىكى، ھېى-تۇيغۇسىدىكى ئۇقۇرمەنلەرگە مەلۇم بولمىغان تەرەپلەر ئۈستىدە مول شېئىرىي تەسەۋۋۇر ۋە شائىرانە تۇيغۇسى ئارقىلىق ئۆز-ئۆزىنى ھەم ئۆز-ئۆزى بىلەن تاشقى دۇنيا مۇناسىۋەتلىرى ئۈستىدە تۇلىمۇ سەمىمىيەتلىك بىلەن پىكىر يۈرگۈزىدۇ. بۇ شېئىرلار شېئىري پىكىرنىڭ زىچ، قۇيۇقلىقى، تىلنىڭ ئاممباب ئەمما مەنىدارلىقى بىلەن بىر قىسىم ئاتالمىش ئىزىملارنىڭ لىباسىغا ئورالغان، ئىچى كاۋاك شىئېرلاردىن زور دەرىجىدە پەرىقلىنىدۇ.
بىر پارچە ئېسىل شېئىر شائىرنىڭ ئەڭ ئەركىن رەۋىشتە ئۆزى بىلەن ئۆزى سىرداشقان، ئۆز تۇيغۇلىرىنى ئۆز روھى بىلەن خىلمۇخىل ھالەتتە ئۇچراشتۇرغان شېئىردۇر.مەن شائىر ئەركىن نۇر ئەنقانىڭ ‹ئۈژمە›، ‹ئاسمان ئادەملەر› ناملىق ئىككى پارچە شېئىرىنى ئوقۇپ يادىمغا يەتكىنى يۇقارقى سۆزلەر بولدى. ئۇتۇقلۇق چىققان شېئىرنىڭ بىرىنچى مىسراسىدا ياكى بىر كۇبلېتىنىڭ مەلۇم بىر يېرىدە ئوقۇرمەننى دەرھال ئۆزىگە تارتىدىغان يېڭى بىر ئوخشىتىش،يېڭى بىر ئىبارەياكى يېڭى بىر مەجاز كۆزگە تاشلىنىدۇ.
             قولۇمدىكى قوشۇق سېۋەتتە لىق ئۈژمە
             شەھەردىن سېتىپ ئالدىم، تۇنجى پىشقاندا
ئوقۇرمەن بۇ ئىككى مىسرادىكى قوشۇق سېۋەت دېگەن يېڭى ئىبارىنى كۆرۈپ،شائىرنىڭ تىل ماھارىتىدىن ھەيران قالىدۇ. تىل ئادىتىمىز بويىچە، چوڭ سېۋەت،كىچىك سېۋەت دەپ كۆنگەن تىل فوندىمىزغا تولىمۇ يېقىشلىق ئاڭلىنىدىغان قوشۇق سېۋەتنىڭ قوشۇلۇشى-شائىرنىڭ ئىجادىي روھىنىڭ مەھسۇلىدۇر. شۇنداق دېيىشكە تامامەن ھەقلىقتۇرمىزكى،تىل ئۇستىسى بولمىش شائىر تەرىپىدىن يېڭى بىر سۆزنىڭ ئىجاد قىلىنىشى ياكى مەلۇم بىر سۆز بىرىكمىلىرى بىلەن يېڭى مەناغا ئىگە قىلىنىشى شېئىر تىلىنى ئاجايىپ ئوبرازچانلىققا ئىگە قىلىدۇ
            ئانام بىردىن يادىمغا يەتتى
            «ئۈژمە ساتسا يامان بولىدۇ
      بېھىشنىڭ مېۋىسى تەڭداشسىز پۇلغا...»
       دەر ئىدى ئۇ بالىلىقىمدا
شائىر يۇقارقى مىسرالار بىلەن بەدىئىي تەپەككۇرىدا شەكىللەنگەن سەكرەتمە بوشلۇق ئىچىگە مىللىتىمىز ئېڭىدا تا ھازىرغىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان فولكلور قاتلىمىنى تۇتاشتۇرۇپ،شېئىرنىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان ئانا ئوبرازىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
     شەھەردە ئوقۇدۇم،ئىشلىدىم ئۆزەمنى خىزمەتكە ئۇرۇپ
ئۆتتى ئون يىلدىنمۇ نەچچىسى
ئۈژمە پىشقاندا قايتالمىدىم مەھەللەمگە بىر رەت
ئۈژمە يېمەي ،مېۋە قاتارىدىن قالدىم مەن ئۇنتۇپ
شائىرنىڭ شەھەردە ئىشلىگەن نەچچە ئون يىللىق ھاياتى ئەنە شۇ بىر قانچە مىسرادا ئەڭ ئىخچام ھالەتتە پىرىسلىنىپ، ئەنە شۇنداق يېغىنچاق ھالەتتە ئوقۇرمەنلەرگە يۈزلىنىدۇ. ئەمما بۇ يىغىنچاقلىق ئىچىگە بىر داستاندا ئىپادىلىنىدىغان شائىرنىڭ تۇرمۇش سەرگۈزەشتلىرى يۇغۇرلىۋېتىلىدۇ.
قولۇمدا دوختۇرنىڭ دېئاگنوزى:
‹جىگەر كېسەل›ھەم «مېڭە توسۇلۇش» دەيدىغان ؛
داۋالاندىم،ياتتىم قانچە رەت
كار قىلمىدى ئۇكۇل دورىلار؛
ئۇنىڭ شىپاسى، دېدى تېۋىپ قوشنىمىز  
«ئۈژمىدۇر، جىگەر كېسىلى بولغاندا ئادەم
  يىلدا بېرىپ يېزىغا، ئۈژمە يەيدىغان»
شائىر بۇ پارچىلاردا قەدىم ئەجدادىمىزدىن ئەڭگۈشتەر سۈپىتىدە،ئېڭىمىزدا چوڭقۇر يېلتىزلىغان بىر قىسىم ۋە تېبابەت دەستۇرلىرى شېئىرغا يانداش ھالەتتە قىستۇرۇلۇپ، ئۈژمىنىڭ سىموۋللۇق تەركىبلىرىنى بېيىتىپ،ئوقۇرمەنلەرنى مىللىي مەدەنىيەت قاتلىمىمىزدىكى يارقىن نۇقتىلار بىلەن تەبىئىي ئۇچراشتۇرىدۇ.
مەن شەھەردە خىزمەتتە
يۈرگىنىمدە ئالدىراش
ئانام تۇيۇقسىز
ساقىپ كەتتى بىر يۇلتۇز بولۇپ
ئىسسىق يۈزىنى كۆرەلمىدىم
ھەر بارسام ‹سېنى قانغۇچە پۇرىۋالاي بالام›دەيدىغان شۇ ئانامنى
مەنمۇ قېنىپ-قېنىپ پۇرىيالمىدىم
بىر ئېغىزمۇ ئالالمىدىم رازىلىق
ياكى ئاغرىپ ياتقاندا
پاقلان ئەمەس،بىر تال شاپتۇلنىمۇ سۇيۇپ بېرەلمىدىم ئاغزىغا سېلىپ
ئېڭىكىڭنى چاتالمىدىم     
يەتتە كەتمەن توپىنىمۇ تاشلالمىدىم تۇپراق بېشىغا
دېيەلمىدىم:‹كەچۈر ئانا،مەندەك يارامسىز بالاڭنى›
شائىرنىڭ بەدىئىي ماھارىتى ئۇلانما تەسەۋۋۇردىن يارالغان بەدىئىي دۇنيا بىلەن رىياللىق ئوتتۇرىسىدىكى كېسىشمە ھالقىلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ.
بۇ بۆلەكتە شائىر ئانىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىنكى ئازابلىق قەلبىنى مۇڭلۇق-ئېغىر كەيپىيات ئىچىدە داۋاملاشتۇرۇپ، ئاددىي، ئوقۇرمەنلەرنى ئازاب دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ. ئومومەن، شائىرنىڭ ئىسسىق كۆز ياشلىرى بىلەن نەملەنگەن ئانا ئوبرازى شائىرنىڭ ئەسلىمە، بالىلىق تۇيغۇلىرى بىلەن تېخىمۇ چوڭقۇرلىشىپ، ئەسەرنىڭ تېراگىدىيلىك تەركىبى قويۇقلىشىدۇ.
ئارىدىن ئۆتكەندە بىر يىل
مەھەللىگە كەلدىم ئۈژمە پىششىقىدا
ھەيرانلىق ئىلكىدە قالدىم ئاھ ئۇرۇپ:
ئانام تۈگەپ كېتىپلا
نېمىشقىدۇر ئۈژمىلەرنىڭ ھەممىسى كېتىپتۇ قۇرۇپ
دېدىم شۇندىلا:
‹ئۈژمە ئىكەن ئەسلى ئانام ئەسلىدە›
بۇ مىسرالاردا ئانا ئوبرازى بىلەن بىر پۈتۈنلۈككە ئايلانغان ئۈژمە،شائىرنىڭ روھىي دۇنياسىدىكى نازۇك، مۇرەككەپ،زىددىيەتلىك كۆرۈنۈشلەر بىلەن ياپسالىشىپ ،ئۈژمىنىڭ سىموۋللۇق ئوبرازى ئانا ئوبرازى بىلەن تېخىمۇ ئەينەنلىككە يۈزلىنىدۇ.
ئاكام دېدى:
«قۇرۇپ كەتكەن بۇ ئۈژمىلەردىن
دۇتتار ياساپ ساتتىم نەچچىنى...
سەنمۇ ئالغاچ كەتكىن ئۆيۈڭگە
دۇتتار ئالار كۆڭۈل كىرىنى...»
بىر ئىقتىدارلىق شائىرنىڭ تەسەۋۋۇرى ئوقۇرمەن ئويلىمىغان نۇقتىلاردىن چىقىپ،ئۇلارنى ھەيرانۇ-ھەس قىلىدۇ.راست گەپنى دېسەم،شائىرنىڭ بۇ ئېسىل شېئىرىنى «ئالدىنقى بۆلەكتىلا تۈگىدى»دەپ ئويلىغان ئىدىم.تۇيغۇم مېنى خاتالاشتۇرغان ئىكەن، ئەسلىدە شائىر ھېسسياتىنىڭ يۇقىرى پەللىسى ئەمدى باشلانغان ئىكەن.كۆڭلۈمدىكىنى دېسەم،ئەركىن نۇرنىڭ لىرۇ-ئىپىك شېئىرلارغا ئۈلگە بولالىغىدەك بۇ شېئىرىدىكى ئېغىر كەيپىيات،ھەربىر سۆزىدىن يامغۇردەك تۆكۈلۈپ تۇرغان مۇڭ،شائىرنىڭ ھېسسىيات تەرتىپى بىلەن تىزىلغان مىسرالار تەكتىگە كۆمۈلگەن ئانا-يەرگە ئەمەس،شائىر قەلبىگە كۆمۈلگەن ئىكەن.شۇنداق بولغاچقىمىكىن،بۇ شېئىر شائىرنىڭ جۇدالىق ناخشىسى سۈپىتىدە،يۈرەكنى پارە-پارە ئەيلەپ،كۆزىگە ياش ئۇلاشتۇرىدۇ.چۈنكى ئۇنىڭدىكى ھېسسىيات شۇ قەدەر سەمىمىي،تەبىئىي،گويا شائىرنىڭ جۇدالىق ياشلىرىدەك ھەسرەتلىك ۋە ساپ.
ئەي دۇتتار
سەن ئۈژمە سۆڭىكىسەن
ياكى ئانامنىڭ...
ھەر باققىنىمدا دۇتتارغا
ئۆمرىدە خورلۇق كۆرمەي ئۆتكەن شۇ ئانام
كۆرىنىدۇ كۆزۈمگە
دۇتتارنىڭ قورسىقىدا ئانامنىڭ روھى
ياتقاندەك گويا
ئۇ مۇڭلىنىپ ئۆكسىۋاتقاندەك تۇيۇلار ماڭا.
بىر ئادەمنىڭ قەلبىدىكى مۇڭ تاشالماي بۇرۇقتۇم ھالەتكە يەتكەن ئازاب ئېڭى بىلەن بىرلەشكەندىلا، ئۇنىڭدىن مانا مۇشۇنداق ئۆلمەس ناخشىلار چىقىدۇ.
ئىقتىدارلىق شائىر ئەركىن نۇر بىر شائىر بولۇش سۈپىتىدە،نېمىنىڭ شائىرلىق بۇرچ ۋە مەسئۇلىيەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ .بىر ئەدەبىي تەرجىمان بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزى ئۈزۈكسىز قوبۇل قىلىۋاتقان مەنىۋى مەھسۇلاتلاردىن نېمىنى ئىلغاپ،نېمىنى شاللاشنى خېلى بۇرۇنلا ئەقىل تارازىسىدا دەڭسەپ بولغان. شۇڭا ئۇ ئەنئەنىۋى شېئىرىيەت بىلەن مودېرنىزم شېئىرىيتىدىكى جەۋھەرلەرنى ئەڭ ئىجادىي ئۆزلەشتۈرگەن،ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئىماگىزم شېئىرىيتىدىكى سۆزلەرنىڭ ئاددىي-ساددا،ئۇدۇلمۇ-ئۇدۇل ئىجادىي بولۇش،يېڭى بولۇش ئىشقا ئاشقان،شېئىرىي تەسەۋۋۇرىنىڭ ‹مىڭ بىر كېچە›ھىكايىلىرىدەك بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى شاخلاپ،ئوقۇرمەنلەرنى ئوخشىمىغان تەپەككۇرغا باشلايدىغان سېھىرلىك مۇھىتلار،كۆپ قاتلاملىق ئىستېتىك گۈزەللىك،جىلۋىدار سىيما،شېئىرىي ئۇسلۇب بىلەن نەسىرىي ئۇسلۇبتىن شەكىللەنگەن ئۆزگىچە قۇرۇلما-شائىرنىڭ بەدىئىي پاراسىتىدىن دالالەت بېرىدۇ.
بىز بۇ پارچىلاردىن‹ئۈژمە›نىڭ بىز تېخى ئويلاپ ئۈلگۈرمىگەن يەنە بىر يۈزىنى كۆرىمىز.
بۇ ئۈژمە مەننىڭ بالىلىق چاغلىرىدىكى قۇشتەك ئۈژمىنىڭ ئەڭ ئۇچىغا چىقىۋېلىپ، ئۈژمە يېگەن ئۈژمە دەرىخى ئەمەس،ئانىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىنكى مەھەللىلەردە قۇرۇپ كەتكەن ئۈژمىمۇ ئەمەس، بەلكى ئۈژمە ياغىچىدىن ياسالغان دۇتتار بولۇپ،ئانىنىڭ روھىغا ئايلانغان ئۈژمىدۇر.
ئىشىكلىرى كۆك
دەرىزىسى كۆك
ھايۋانلىرى كۆك
ھۇجۇرلىرى كۆك
مېھمان خانلىرى كۆپ
تورۇس –ئۆگزىلىرى كۆك
مەن بۇ ئۆيلەرنى كۆك دېڭىز دەيمۇ ياكى كۆك ئاسمان؟
ئۇندا ئولتۇراقلاشقان كىشلەرنىڭ كۆڭلى سۈزۈك ئەينەكتۇر
كۆك نۇرلار قات-قېتىدىن تۈكۈلۈپ تۇرغان
بىزنىڭ كېچىمىز بۇ مۇقەددەس زىمىننىڭ چىدىردىن تىكىلگەن
بىزنىڭ يۇلتۇزىمىز بۇ مۇقەددەس زىمىننىڭ جاراھىتىدىن پۈتۈلگەن
بىزنىڭ ئوغۇز خانىمىز دەرەخ كاۋكىدا مانا مۇشۇنداق كۆپكۆك ئىلاھى نۇردىن تۈرەلگەن.
«ئاسمان ئادەملەر» ناملىق شېئىرلىرىدىن.
ئەسەر ماۋزىسىدىلا بىرخىل بۈيۈكلۈك  ۋە كەڭلىك ئۇقۇرمەننىڭ خىيالىنى چۇلغۇتىدۇ. شۇ تاپتا شېئىرنىڭ تېشىدىن ئىچىگە قاراپ كېڭىيىۋاتقان بىر كۆپكۆك بوشلۇق  كۆز ئالدىمىزدا سۈزۈلۈپ ياتىدۇ. بىز گويا ئائىلىنىڭ شائىر تەسۋىرلىگەن ئىشىكلىرى كۆك،دەرىزىسى كۆك، تىلنىڭ قازانچى، دۆڭ مەھەللىرىدە بۇ كۆپكۆك نۇرلار،كۆپكۆك رەڭلەردىن تۈرەلگەن سىھىرلىك، مىھىرلىك ئىسسىق ماكاندا سەيلە قىلىۋاتقان تۇيغۇغا كېلىپ قالساق شېئىرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە تەسۋىرلىنىۋاتقان كۆكلۈك بىزنى ئەمدى نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەت،دىن، بىز ياشاۋاتقان تۇپراق، بىز تىۋىنگەن كۆك بۆرە رىۋايىتىدىكى ئوغۇزخان بىلەن ئۆز ئارا گىرەلەشتۈرۈپ ئەسەرنىڭ تارىخى قاتلىمىنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۇرىدۇ.
بىر شائىرنىڭ شېئىرىي ماھارىتى ئۇنىڭ قەلمىگە مەنسۇپ بولغان مەزمۇن چۇڭقۇرلىغىدىلا ئەمەس، بەلكى شېئىرىي ماھارىتىدىكى كۆپ قىرلىق تالانتىدا كۆرۈلىدۇ. بۇ يەردە تىلغا ئېلىنىۋاتقان كۆپ قىرلىق شېئىرىي تالانىت شېئىرىي تىل، شېئىرىي ئوبراز، تۇيغۇدىكى تەبىئىي سەكلەتمە بوشلۇق ،تەسەۋۋۇرىدىكى شاخلاتما ئوبرازلاردىن يارالغان يىپ-يىڭى  شېئىرىي مۇھىتنى كۆرسىتىدۇ.
ئەي ئاسمان ئادەملەر
سىلەر دېڭىزدىنمۇ بىپايان، زامان (ۋاقىت)نىڭ ئىشىكىدىن پاتمايسىلەر
سىلەرنىڭ ۋەزنىڭلار ئاۋرال ياكى ئالتاي تېغىدىنمۇ ئېغىر
سىلەرنىڭ قەلبىڭلاردىكى ئاقلىق
تەلكە تاغلىرىغا ياغقان تۇنجى قارنىڭ تەشۋىشى
ئەنگىلىيلىك ئىستىتىكىچى لىئوس:« شېئىردىكى چىنلىق شېئىردىكى ئوبرازلارنىڭ ئورتاقلىقىغا  تايىنىش ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ تۇقۇنۇشىدىن كەلگەن بولىدۇ» دەيدۇ.
بۇ يەردە ئىشلىتىۋاتقان تىل ئوبرازلىرى ئوتتۇرىسىدىكى تۇقۇنۇش،دەل شېئىردا قوللىنىدىغان يۇشۇرۇن ئوخشىتىشتىكى ئوخشالغۇچى بىلەن ئوخشىغۇچىنىڭ ئارلىقىنىڭ يىراق ۋە يىقىنلىقىغا قارىتىلغان. شۇنداقلا بىر-بىرىگە يات بولۇشىغا يەنى ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنىڭ لوگىكىغا ئەمەل قىلماسلىقىغا قارىتىلغان. قەلىبدىكى ئاقلىق بىلەن تۇنجى قارنىڭ تەشۋىشى دېگەن ئىبارىدىن شائىر ئاجايىب بىر خىل شېئىري ئوبراز ياراتقان.
بالا چېغىم
مەن ئاسمان ئادەملەرنى كۆرەتتىم
بىر پۇتى ئاسماندا
بىر پۇتى يەردە
بولۇت سۈپۈرگىسىنى يەلكىسىگە سېلىپ مەزمۇت تۇرغان جاھاننىڭ تۈۋرۈكى شۇلار
مېنىڭ سەبىي بالىلىق تۇيغۇدا
بىز بۇ مىسرالارنى ئۇقۇپ بالىلىق چاغلىرىمىزدا ئۇقۇغان چۆچەكلەردىكى ،بوۋىلاردىن ئاڭلىغان جەڭنامىلەردىكى گىگانىت ئادەملەرنىڭ تەسۋىرىنى كۆرگەندەك بولىمىز. شائىرنىڭ ئۆ قەلبىدىكى بۇ زور بەھەيۋەت ئادەملەرنى شېئىرىي تىلدا ئاسمان ئادەملەر دەپ ئاتايدۇ.

ئەي ئاسمان ئادەملەر بۈگۈنكى تارىخنىڭ «ئەخمەتجان كوچىسى»دا
سىلەرنى كۆردۈم
غەملەرنى ئۇنتۇش ئۈچۈن ئاچچىق كۈلۈۋاتقان
سىلەر چارچىمىدىڭلارمۇ؟
سىلەرنىڭ پۇتۇڭلار تېخىمۇ يۈكسەكلىك كۇرسىغا تاشلىنىش ئالدىدا تۇرامدۇ؟
بېشىمغا دەسسەڭلەر ،سىلەرنىڭ داۋاملىق ئۆرلىشىڭلار ئۈچۈن پەشتاق بولاي
ئەي ئاسمان ئادەم يۈكسەكلىكتىن ئۆرنەك ئالغان مېىرىبان قوياش ئاتا
سىلەر نېمە سەۋەبتىن تۇغمايسەن؟
بىز ئەمەس نەچچىلەپ قوياشنىڭمۇ ئاسمان ئادەملەرگە ئازلىق قىلۋاتقىننى
ئەستىن چىقاردىڭلارمۇ؟
شائىر يەنە يۇقىرىقى پارچىلاردا كونكىرىت سىيۇژىتلارنى تۈجۈپلەپ تاللاپ ئوقۇرمەنلەرنى بۈگۈنكى تارىخنىڭ ‹‹ ئەخمەتجان كوچىسى›› باشلاپ، ئولارنى بۈگۈنكى تارىخنىڭ ئۇنتۇلماس جەڭگىۋار كارتىنلىرى بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.
ئومۇمەن شائىر ئۆز ھېسياتىنى ۋە كەچۈرمىشلىرىنى ئۆركەشلەپ تۇرغان قايناق ئىلھام ھاسىلاتى سۈپىتىدە، ئاددى ئەمما گۈزەل، ئاز ۋە ساز گۈزەل سۆز –ئىبارىلەر بىلەن بەزىدە مەۋھۇم بەزىدى روشەن سىيۇژىتلارنى بىر-بىرىگە ئۇلاپ تارىخنىڭ ئايرىم بۆلەكلەردىكى يۇرۇق نوقتىلارنى بىر گەۋدىگە ئايلاندۇرىدۇ.
بىزنىڭ كۆك تەڭرىمىزـ ئاسمان
بىزنىڭ سۇ تەڭرىمىز ــ كىشى
ھەممىسى «كۆك» كە باغلانغان
بىز سۇ مىللىتى، كۆپكۆك دېڭىز ئاستىدا نەچچە ئەسىرلەپ ياشىغان
بىز كۆك مىللىتى، كۆكتىن تامغان
كۆككە ئەڭ يېقىن مۇقەددەس تاغ ــ تەڭرېتىغىنى شۇڭا بىز ماكان تۇتقان
ئەي دېڭىزدىن كۆك سۇ مىللىتى
ئەي ئاسماندىن بۈيۈك كۆك مىللىتى
ئەي ئىلاھىي كۆك نۇردىن كۆك ئوت مىللىتى
سىلەرنىڭ ۋۇجۇدۇلار لايدىن ئەمەس
شەيتان كەبى ئوت بىلەن نۇردىن يارالغان.
يۇقۇرىقى پارچىلاردا شائىر ناھايتى يۇقىرى كۆزىتىش نوقتىسىدا، شېئىردىكى مىسرا، كۇبلىتلار ئوتتۇرسىدا سەكلەتمە بوشلۇقلارنى قالتىس شائىرانە رەۋىشتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇزاق تارىخي جەريانىڭ زامان-ماكان پاسىلىدىن ھالقىپ، خەلقىمىزنىڭ تا توتىزىم دەۋرىدىن ھازىرغىچە بېسىپ ئۆتكەن دىن، مەدەنيەت ئىزنالىرىنى مۇنتاژ ھالىتىگە كەلتۈرىدۇ. بۇ خىل مۇنتاژلانغان رەڭدار كارتىنلارنى تارىخ، مەدەنيەت قاتلاملىرىنىڭ يىلتىزىغا ئۇلايدۇ.
ئانا يۇرت ئىشقى
ئاسمان ئادەملەرنىڭ يۇيۇنىشى ئۈچۈن ئوت ئارشاڭ
كېلىڭلار، ئاسمان ئادەملەر
ئوت ئارشاڭغا ئۆزۈڭلارنى تاشلاپ يېتىڭلار
كېچىنىڭ ئىللىق سۈيىگە چىلىنىپ تۇرغان بۇ يۈرىكىم كەبى
ئەي ئاسمان ئادەملەر
دۇنيانىڭ يۈكىنى كۆتەرگەن كۆتىرىشلىك ئادەملەر
قازانچى مەھەلىسىدىكى ھەرەمباغدەك كۆپكۆك
دېڭىزدەك چوڭقۇر ئادەملەر
كۆپكۆك ئىلاھىى نۇر ئادەملەر
ئەي، تاغمۇ – تاغ يۈرۈپ ئىلى دەرياسىدىن ئەر سۇ ئىچكەن كۆپكۆك خەلقىم
تارىمنىڭ تۇزىدەك قاتقان كۆپكۈك مۇز يۈرىكىم سىلەر ئارقىلىق ئىرىمەكتە...
شائىر شېئىرىدا ئىلى خەلقىنىڭ مىللى پىسخىكىسىدىكى مۆتىۋەر ئورۇندا تۇرىدىغان كۆك رەڭدىن ئىبارەت ئىماگنىڭ تاشقى پوستىدىن مەنىۋى قاتلاملىرىغىچە چۇڭقۇرلاپ ئەسەردىكى سەنئەتلىك بوشلۇقنى ئۇزاق تارىخنىڭ ئوبرازلىق كۆرۈنۈشىگە ئايلاندۇرغان.

  شېئىردا ئەنئەنىۋى شېئىرلاردا قېلىپلىشىپ قالغان شېئىردىكى شەكىل ئەندىزىسى بۇزۇلۇپ، ۋەزىن، تۇراق، قاپىيە، رېتىم، ئارلاشما، تەتۈر ئىچكى رىتىمغا ئالماشقان. بۇنىڭ بىلەن گۇڭگا گۈزەللىك ئىچىدىكى شائىر تەسەۋۇردىكى كەڭلىك كېڭىيىپ، پەلەمپەيسىمان شېئىرىي مۇھىت ھازىرلىغان. مانا بۇ شېئىرلاردىكى كەلكۈندەك تېزگىنسىز ھېسيات، دولقۇندەك داۋالغۇپ تۇرغان لېرىك رېتىم، زەنجىردەك بىر-بىرىگە چىرمىشىپ كەتكەن ئىچكى قاپىيە، ئولارغا يۇشۇرۇلغان پەلسەپىۋى ھېكىمەت تارىخى تۇيغۇلاردا يۇغۇرلۇپ، ئىنسان بالىسنى غۇرۇرلاندۇرىدىغان ۋەتەنپەرۋەرلىك قەۋەت-قەۋەت ئىماگلار بىزنى ئەركىن نۇر شىئىرىيەت ئۇپۇقىغا باشلايدۇ.
  مەن يۇقۇرىقى پارچىنى ئوقۇۋىتىپ سۈرىيەلىك شائىر ئادىنوسنىڭ ‹‹ شېئىرىيەتنىڭ كەلگۈسى ۋە كەلگۈسىدىكى شېئىرىيەت›› ناملىق ماقالىسىدىكى تۆۋەندىكى سۆزلەرنى ئەسلەپ قالدىم. ( بۇ ماقالە 1992-يىلى 6-ئايدا لوندۇن ھازىرىقى زامان سەنئەت ئىنستىتۇتىدا ئۆتكۈزۈلگەن‹‹ شېئىرىيەتنىڭ كەلگۈسى›› نامىدىكى مۇھاكىمە يىغىندا ئوقۇلغان. بۇ ماقالە «شىنجاڭ ئوبزورچىلىقى»ژورنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-ساندا تۇرسۇن ھەبىبللا تەرپىدىن تەرجىمە قىلىغان).
شېئىرىيەت ئىچكى قۇرۇلما ۋە تاشقى شەكىل جەھەتتىن ئومۇميۈزلۈك ئۆزگىرىدۇ. خۇددى شېئىرىيەت ئۇقۇمىنىڭ ئۈزلۈكسىز كېڭيۋاتقىنىغا ئوخشاش، ۋەزىنلىك شېئىرلار ۋە نەسىرى شېئىرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان نۇرغۇن شەكىللەر كەلگۈسىدە شېئىرىيەتتىن ئىبارەت بۇ ئوچاقتا تېخىمۇ چوڭىيىپ ئۆزگىرىدىغانلىقى مۇقەرەر. شائىرلار ئېھتىمال ئىجادىيتىگە تىياتىر، پىروزا، پەلسەپە، تېخنىكا، تارىخ قاتارلىق پەنلەرنىڭ ئامىللىرىنىمۇ قۇشۋىتىشى مۇمكىن. يەنە تېخى تىل سەنئىتىنىڭ سىرتىدىكى باشقا سەنئەتتىن، بارلىق رېئالنى مەۋجۇداتتىن ئۆزىگە كېرەكلىك ئامىللارنى قۇبۇل قىلىشى مۇمكىن. ھەتتا، سەنئەت بىلەن يېزىقچىلقنىڭ تۈرلۈك شەكىللىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ بىر خىل يېڭى شېئىرىي شەكلنى ۋۇجۇدقا چىقىرشىمۇ مۇمكىن. ئېھتىمالىم بىز كەلگۈسىدە شېئىرلاردىن رومان، تارىخ، پەلسەپەلەرنى تۈرلۈك-تۈمەن شەيئىلەرنى ۋە ئولارنىڭ ئارقىسىدىكى سىرلارنى، قەلىب تەۋرەشلىرىمىزنى ۋە مۇئەممالىرىمىزنى ئۇقۇشىمىز مۇمكىن. ئېھتىمال بىز يەنە كەلگۈسىدە شېئىرلاردىن گىئومىتىرلىك شەكىللەرنى ۋە مۇزىكىلارنى بايقىشىمىز مۇمكىن. كەلگۈسىدە شېئىرىيەت تېخى تىل ۋە تۈرلۈك سەنئەتلەرنىڭ توپلىمىدىن چوڭ تىپتىكى تىياتىرلارغا ئۆزگىرىشىمۇ مۇمكىن.
23 يىل بۇرۇن ئەدۇنىس كەلگۈسىدىكى شېئىرلار ھەققىدىكى قاراشلىرىدىن بىز ئەركىن نۇرنىڭ بىر بۆلەك شېئىرلىرىغا قارايدىغان بولساقمۇ، بۇ شېئىرلاردا بارماق ۋەزنى ۋە چاچما شېئىرلاردىكى تەركىپلەرنى، نەسرىي ئەسەرلەردىكى، جۈملىدىن لىرىك نەسردىكى ئەركىن ئىپادىلەش تەركىپلىرىنى كۆرگەندىن باشقا، نۇتۇق، تارىخ، پەلسەپە، چاقىرىق، مۇراجىئەتنامىلەردىكى بىر قىسىم تەركىپلەرمۇ كۆرەلەيمىز. يەنە كېلىپ بۇ تەركىبلەر بىر-بىرىگە سىڭىشىپ، يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلانغان.
ئومۇمەن ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرلىرىدىن قارايدىغان بولساق شائىرنىڭ كۆزىتىش نوقتىسنىڭ ئۆزگىچە، پىكىر–مۇلاھزىلىرىنىڭ سالماق،  شېئىرىي تىل جەھەتتىكى ئىزدنشلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز يېڭلىنىش، قاسىراق تاشلاش ھالىتىدىن تاكامۇلشش باسقۇچىغا ئۆتكەنلىگىنى كۆرەلەيمىز.

پايىلانغان ماتېرىياللار: «ئىبىرايىم مۇتىئى ئىلىمي ماقالىلىرى»مىللەتلەر نەشىرىياتى 2007-يىل

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 00:43  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-2 00:49:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ ئۇ شېئىرلىرى ۋە تىركەشنىڭ بۇ ئوبزورىنى «كۈسەن مەدەنىيىتى» دىن تېخى ئالدىنقى كۈنىلا ئوقۇپ چىققان ئىدىم. ئوبزور خېلى زور ئىزدىنىشتە يېزىلغان. شېئىرلارنى مۇشۇ ئوبزورنىڭ داۋامىغا تولۇق يوللاپ قويساق بولاتتى، ئوقۇيالمىغانلار ئوقۇۋالسا!

ۋاقتى: 2016-1-2 01:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرىيەت تەپەككۈرىگە چۇڭقۇر شوڭغىغان  غەۋۋاس تىركەش ئەپەندىگە تېخىمۇ ياخشى بولغان ئىجادىيەت ئىلھام، ساقلىق، ئاسايىشلىق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2016-1-2 12:46:15 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى

ۋاقتى: 2016-1-2 15:25:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاشۇ شېئىرلارنىمۇ يوللاپ قويسىلا بوپتىكەن.

ۋاقتى: 2016-1-2 22:16:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كېچە ئولتۇرىقىدىكى پۈتۈكلەر ____http://awangart.com/mun/read.php?tid-445.html

ۋاقتى: 2016-1-2 22:50:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇردا ياخشى شېئىرلارنى يازالايدىغان ۋە ياخشىسىنىڭ ياخشىسىنى بايقىيالايدىغان بەدىئىي دىت بار. مۇسا ئەھەد بۇ ئوبزورىدا مانا مۇشۇ تەرەپلەرنى ئوبدان يورۇتۇپ بېرىپتۇ. ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرلىرىدىنمۇ، مۇسا ئەھەتنىڭ ئوبزورىدىنمۇ ئوخشاشلا سۆيۈندۈم.

ۋاقتى: 2016-1-3 15:28:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرلارنى مۇشۇ ئوبزورنىڭ داۋامىغا تولۇق يوللاپ قويساق بولاتتى، ئوقۇيالمىغانلار ئوقۇۋالسا!

مەنمۇ شۇ ئويدا ئىدىم، گەرچە ئوبزۇرنى ئوقۇپ، شېئىرنىڭ بەدىئىي قىممىتىنى ھىس قىلغان بولساممۇ لېكىن، ئۇ شېئىرنى بىر ئوقۇپ كۆرمىگىنىمگە ئەپسۇسلىنىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-4 18:22:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرلىرى ئۆزگۈچە،ئۇنىڭ شېئىرلىرىدا ئەركىن نۇرغا خاس ئىپادىلەش سەنئىتى بار.ئۇيغۇر شېئىرىيىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئۇنىڭ تەرجىمە شېئىرلىرىمۇ ئالاھىدە ئورۇندا تۇرىدۇ.
مۇسائەھەت ئەپەندىم ماقالىنى يېزىشتا خېلى ئىزدىنىپسىز.

ۋاقتى: 2016-1-4 18:54:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىركەش ئەپەندى،خىلى ئىزدىنىپسىز،ئوبزور ياخشى يېزىلىپتۇ.قەلىمىڭىز بەرىكەتلىك بولغاي!

ۋاقتى: 2016-3-6 17:40:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرلىرىنى مەنمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتنمۇ ياخشى شېئىرلارنى يازالايدىغان ۋە ياخشىسىنىڭ ياخشىسىنى بايقىيالايدىغان بەدىئىي دېت بار. مۇسا ئەھەد  تىركەش ئەپەندى بۇ ئوبزورىدا مانا مۇشۇ  نۇقتىلارنى ئەتراپلىق ، ياخشى  بايان قىلىپ بېرىپتۇ ، ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن !

ۋاقتى: 2016-3-6 17:40:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەركىن نۇرنىڭ شېئىرلىرىنى مەنمۇ ئوقۇپ تۇرىمەن ، ئۇنىڭدا ھەقىقەتنمۇ ياخشى شېئىرلارنى يازالايدىغان ۋە ياخشىسىنىڭ ياخشىسىنى بايقىيالايدىغان بەدىئىي دېت بار. مۇسا ئەھەد بۇ ئوبزورىدا مانا مۇشۇ  نۇقتىلارنى ئەتراپلىق بايان قىلىپ بېرىپتۇ ، ئاپتورنىڭ ئەجرىگە ئاپىرىن !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش