يارىڭ ساڭا گەپ قىلدىمۇ؟
رەمىز ئەسقەر
(1954- يىلى)
(ئەزەربەيجان)
يار ساڭا سۆز قىلدىمۇ؟
گەپ قىلدى، جاۋاپ ئالدى–دە.
قەلبىنى تېز تاپشۇردىمۇ؟
تاپشۇردى –يۈ، تېز قايتۇرۋالدى.
يار ساڭا كۆڭۈل بەردىمۇ؟
بەردى، قايتۇرۇپ ئالدى –دە.
بەرق ئۇرغان گۈل بەردىمۇ؟
گۈل سۇلۇپ قالدى –دە.
يار سېنى يىغلاتتىمۇ؟
يىغلاتتى. ھەم كۈلدۈردى –دە.
بىر رەت ئالدىدىمۇ؟
ئالدىدى، ئۆلتۈردى –دە.
دەردىڭنى يار بىلدىمۇ؟
بىلدى-يۇ بىلدىرمىدى؟
سەن تامان كەلدى –يۇ
كەلدى – يۈ ،كەلتۈرمىدى.
قېنى ئىشقىڭ گۆھىرى؟
ساتتى بىلىپ –بىلمەسكە.
قېنى ئۇ سۆيگەن يارىڭ؟
كەتتى بارسا كەلمەسكە.
تاھىر قاھھار ئەزەر تىلدىن تەرجىمە قىلدى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 18:14