يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 293|ئىنكاس: 0

ئابدۇمىجىت (ت): جىبران ـــ خەۋەرچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
خەۋەرچى
جىبران خەلىل جىبران (لېۋان)
تەرجىمە قىلغۇچى: ئابدۇمىجىت مۇھەممەد  

    سەن ئۆز ئۆزۈڭنىڭ خەۋەرچىسىدۇر سەن. سەن تىكلىگەن قەلئەلەر ئۆز تۇغۇمىنىڭ سىرتىدىكى قۇرۇلمىلاردۇر. شۇنداقلا، ئۇلار ئۆزلىرى ئايرىم-ئايرىم قورۇلمىلارغا ئايلىنىدۇ. مەنمۇ ئۆز ئۆزۈمنىڭ خەۋەرچىسىدۇر مەن. چۈنكى تاڭ ئاتقاندا كۆز ئالدىمدا سوزۇلۇپ ياتدىغان ئۇزۇن كۆلەڭگىلەر پېشىم سائەتلىرىدە ئاياقلىرىم ئاستىغا چېكىنىدۇ. يەنە بىر تاڭ ئاتقاندا باشقا بىر كۆلەڭگە تولغۇنىدۇ ئالدىمدا. ۋە ئۇمۇ باشقا بىر پېشىن ۋاقتى غايىپ بولىدۇ. بىز ھەر زامان ئۆز ئۆزىمىزنىڭ خەۋەرچىلىرى ئىدۇق. ۋە بۇنىڭدىن كېيىنمۇ ھەر قاچان ئۆز ئۆزىمىزنىڭ خەۋەرچىلىرىمى بولغايمىز. توپلىغانلىرىمىزنىڭ ۋە توپلايدىغانلىرىمىزنىڭ ھەممىسى قول تەگمىگەن بوز يەرلەرگە تېرىلىدۇ. بىز ھەم شۇ بوزيەرلەر، ھەمدە شۇ تىرىقچىلاردۇرمىز. بىز ھەم توپلىغۇچى، ھەمدە توپلانغۇچىلاردۇرمىز...

    سەن تۇمانلاردا كېزىپ يۈرگۈچى بىر ئارمان بولغان ۋاقىتلاردا مەنمۇ كەزگىن بىر ئارزۇ بولۇپ شۇ يەرلەردە يۈرگەن ئىدىم. كېيىن، بىر بىرىمىزگە قاراپ ئاقتۇق ۋە ئېسەتكلىرىمىزدىن چۈشلەر تۇغۇلدى. ئۇ چۈشلەر چەكسىز زامان ئىدى، ئۆلچەمسىز بوشلۇقلار ئىدى. سەن ھاياتنىڭ تېتىرىگەن لەۋلىرىدە ئۈنسىز بىر سۆزگە ئايلانغان ۋاقىتلاردا مەنمۇ باشقا بىر ئۈنسىز نىدا بولۇپ ئۇ يەرلەردە يۈرگەن ئىدىم. كېيىن ھايات بىزگە پىچىرلىدى. بىز تۇنۇگۇننىڭ يالدامىلىرى، ئەتىنىڭ ئارزۇلىرى تەۋرىنىپ تۇرغان چاغلارغا چۈشتۇق. چۈنكى تۈنۈگۈن فەتىھ قىلىنغان ئۆلۈم ئىدى. شۇنداق ئەتە تولغىقى باشلانغان تۇغۇم ئىدى...

مانا، بۈگۈن بىز ئىگىلىرىمىزنىڭ ئالقانلىرىدىمىز. سەن ئۇنىڭ ئوڭ قولىدىكى بىر قۇياشسەن ۋە مەن ئۇنىڭ سول قولىدىكى بىر دۇنيادۇرمەن. سەن تېخىچە مەندىن ئارتۇق پارلىيالمەيسەن. بىز قۇياش ۋە دۇنيادۇرمىز! تېخىمۇ بۆيۈك بىر قۇياشنىڭ ۋە تېخىمۇ بۆيۈك بىر دۇنيانىڭ باشلانغۇچىدۇرمىز. ۋە بىز ھەرزامان باشلانغۇچى بولۇپ قالىمىز...

    سەن ئۆزۈڭنىڭ خەۋەرچىسىدۇرسەن. گۈلىستانىم ئېشىكىدىن مەرھەممەت قىلغان بىر ناتۇنۇش كىشى سەن. ۋە مەن دەرەخلىرىم سايىسىدە نەقەدەر تېنىچ ئولتۇرغان، نەقەدەر ھەركەتسىز كۆرۈنگەن بولساممۇ، يەنىلا ئۆز ئۆزۈمنىڭ خەۋەرچىسىدۇرمەن...

مەنبە: خەلىل جىبران: «خەۋەرچى»، ئاچقۇچلۇق كىتابلار نەشرىياتى، 2013-يىلى، ئۈچىنچى نەشىرى، 8-9-بەتلەر.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 17:58  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش