|
پېترې سىتۇيكا شېئىرلىرىدىن
پېترې سىتۇيكا(رۇمىنىيە)
ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
پېترې سىتويكا (Petre Stoica,1931-2009)، رۇمىنىيەنىڭ تىمىش ناھىيىسىدە تۇغۇلغان، بۇخارېست ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ تىل- ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتتۈرگەن، 1957- يىلى شېئىرىيەت سەھنىسىگە چىققان، تەھرىر بولغان، كېيىن پايتەختتىن ئايرىلىپ، سەھرادا ئولتۇراقلاشقان. نەشر قىلىنغان شېئىر توپلاملىرىدىن « شېئىرلاردىن تاللانما»( 1957)، « مۆجىزە»(1966)، «كىرىسلۇدا ئولتۇرغان مومام» (1972)، «شەيئىلەر روھى» (1972)، « ئىستىلىستىكا مەسىلىلىرى» (1983) قاتارلىقلار بار. ئۇنىڭ شېئىرلىرى ئىخچام، ئاددىي، شەكلى كۆپ ئۆزگۈرۈشچان بولۇپ، ئىپادىزىم ئۇسلۇبىغا ئىگە.
تەتۈر دۇربۇن
ئۇلار بالدۇر بېلىق تۇتقىلى كەتتى
كۆپچىلىك كۆرەلەيدىغان ئۇ جاندارلارنى
كەچتە ئەرلەر ئۆيىگە قۇرۇق قول قايتتى
قېرىپ، دۈمچىيىپ
سىياسىي مەيدانى ئۆزگەرگەن ئىدى.
خەۋەر
تۆنۈگۈن بىر قوي بىر بۆرىنى يەۋەتتى
بىر ئايرۇپىلان سوقىۋەتتى بىر تاغنى
لېكىن بارلىق يولۇچىلار ساپ-ساق قالدى
بىر ساھىپجامال ئايال چولپان
بىر قاسماق دىۋانىغا تەگدى
تۆنۈگۈن ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ باشلىقى
بىر ئېغىز راست گەپ قىلدى.
كۆڭۈلدىكىدەك جاي
تۆت يۈز تەييارلىقسىز ناتىق
تۆت يۈز باش دىرېكتور
تۆت يۈز نېرۋىسى جىددىلەشكەن ساقچى
تۆت يۈز يېزا پارلامېنت ئەزاسى
تۆت يۈز يىراقنى كۆرەلمەسلىك كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بوغالتىر
تۆت يۈز ئىچى زەھەر
تۆت يۈز تالغا كۆپەيتىلگەن تۆت يۈز تال
جەرىمانىنى مەنئىي قىلىش بۇيرۇقى
يەنە بار تۆت يۈز باج تۆلىگۈچى
شېئىرنىڭ دۇنياغا كېلىشى
مىڭ تەستە پەرق ئەتتىم يېڭى قار دۆۋىسىدىكى
دەستىلەنگەن ئۇ بەلگىلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ
ھەممىسىنىڭ ياغاچ ئامبىرىغا توشۇلىشىنى
ئورمانلىقنىڭ ھىدىنى ئىزدەۋاتقان قايسى جاندار ؟
كۆزۈمنى مۆلدۈرلىتىپ
قارىدىم ئامبار ئۆگزىسىدىن كۆتۈرۈلگەن كۆز نۇرىغا
بىر ئۇزۇن تۆت قاناتلىق ۋە يوپۇرماق تاجلىق
توخۇ مارگېرتنىڭ بۆكى ئىچىدە كۆمۈر كاكىلىماقتا
بىر قار پوڭزىكىنى ئاسمانغا ئاتسام
قار پارچىلىنىپ كۆك رەڭلىك سۇ تامچىلىرىغا ئايلىنىپ
كېچىدە ئۇشتۇمتۇت ياغىدۇ
مەن ئۆزەمنى يورىتىمەن
مەرسىيە
ئالدىمدا كېتىۋاتقان ئۇ ئەر كىم؟
ئۇنىڭ دەلدەڭشىپ كېتىۋاتقان دولىسىغا
يا ئوقى پاتقان
ئۇ ئەمدىلا سۆيگىنىنىڭ قەبرىسىدىن قايتقانمۇ؟
شىشىخال ئېتىش ئويۇنىدا
ئەڭ ئاخىرقى بىر قىسىم قىممەتلىك ئەسلىمىسى ۋە
ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى يار- يۆلىكىنى يوقاتقانمۇ؟
ئۇ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلىپلا يوقالدى
بۇ رىمدىكى بىر ئېپىسكوپ چېركاۋىدا
يەكشەنبىدىكى تىلاۋەت تۈگىگەن پەيت
بۇ باشقىلارنى قۇتقۇزىدىغان پەيت
بۇ پەيتتە
مەن
دەل ئەشۇ كوچا دوقمۇشىدىن قايرىلغان ئەردۇرمەن
كۈندىلىك خاتىرە
دۈشەنبە توخۇنى مەشقلەندۈرۈپ بولغاندىن كېيىن
ئۆلچىدىم ھەر بىر تۇخۇمنىڭ ئىچىدىكى قۇياش نۇرىنى
سەيشەنبە ئاشخانا ئۆينىڭ ئاسمىنىغا تېرىدىم
كەلگۈسىدىكى سەۋزە قۇيرۇقلۇقلۇق يۇلتۇزنىڭ قۇيرۇقىنى
چارشەنبە توشقان بىلەن سەيلىگە چىقتىم
ئاتوم بومبىسىنى چەكلەشنىڭ
مۈمكىنچىلىكى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەشتىم
پەيشەنبە ساقىلىمنى ھەيدىدىم
كەچتە تاشپاقىنىڭ
قەدىمقى سەرگۈزەشتلىرىنى ئاڭلىدىم
ئازنە قوبۇل قىلدىم ئۇ بىر پارچە تەلەپنى
ئىككىنچى قېتىم سوتلىنىدىغان خۇراز
خوشنىسىنىڭ خورىزىنى ئۆلتۈرۈشكە ئىجازەت ئالماقچىكەن
شەنبە دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنىڭ ئەڭ يېڭى نەتىجىسى توغرىلىق
بىر ھازاغىچە ۋالاقلاپ
خېسۋود بىلەن ئىككىمىز مەس بولۇپ قالدۇق
يەكشەنبە يامغۇرغا چىلىنىپ
ئوۋياننىڭ دەپىن مۇراسىمىغا قاتناشتىم
شېئىر
بىر چۈمۈلە پەرۋاسىز ھالدا
پالتا بىسىدىن ئارتىلىپ ئۆتتى
تىزىملاش دەپتىرى
مېنىڭ تۇغۇلغىنىم دەپتەرگە خاتىرىلەنگەن
چوقۇندۇرۇش مۇراسىمىم دەپتەرگە خاتىرىلەنگەن، شۇنچە رەتلىك
تىرىشچانلىقىم، ھورۇنلىقىم
گويا گىرافىدەك
مەكتەپتىكى تاغدەك دۆۋىلەنگەن تىزىملاش دەپتىرىگە خاتىرىلەنگەن
سەن ئۈچۈن بىر دەستە ئەتىرگۈل ئوغۇرلاپ
جازالانغىنىممۇ تىزىملاش دەپتىرىگە ــــــــــ
قىزىل ماۋزۇ قوپال بېسىلغان ئۇ بىر ۋاراق- بىر ۋاراق
بەت ئارىلىقى مومدا تۈپلەنگەن دەپتەرلەرگە خاتىرىلەنگەن
مېنىڭ ساڭا بولغان مەڭگۈلۈك سۆيگۈم
ۋە ئوغلىمىزمۇ دەپتەرگە خاتىرىلەنگەن
ھەر ۋاقىت، پېترې ستويكا
تىزىملاش دەپتىرىدىكى مۇنۇ مەلۇماتلارغا ئېرىشىپ تۇرىدۇ:
كېسەللىك سەۋەبى، ئىدىيە سەۋەبى، نۇرغۇن- نۇرغۇن
ۋاقتىدا قايتۇرالمىغان قەرز سەۋەبى
ھامان بىر كۈنى، قېلىن- قېلىن تىزىملاش دەپتىرىنىڭ
تاۋۇتى ئەڭ ئاخىرقى بىر قېتىم
بېسىلىدۇ ئۆلىكىمنىڭ ئىسمى ئۈستىگە
بىز ئويغانغاندا
كۈمۈش يامغۇرنىڭ لەيلەپ چۈشۈشى، كىرىست، قىزىڭنىڭ چىرايى
ھەممىسى چۆكمەكتە قاراڭغۇلۇققا
سىرىتتىكى دەرىزە پەردىسىنىڭ چىرىگەن يېرىگە ئېسىلغان ـــــــ ئۇ ماتەم
بايرىقى، ھەسەل ھەرىسى يىمەكتە زەھەرلىك گۈلنىڭ شىرنىسىنى
تۈن پەردىسى يېيىلدى، چىرىتكۈچى باكتېرىيە ۋە تۆمۈر دېتى پارقىرىماقتا
يول بەلگىسى ئۈستىگە قارا موگۇ ئۈنۈپتۇ
قاراڭغۇدا تىمىسقىلاپ مېڭىپ، بىراقلا ئۇيقىغا غەرق بولدۇق
يامغۇر، ھەتتا توسۇۋالدى چۈشۈمىزدىكى يۇلتۇزلارنى
بىز قۇچاقلىشىپ ئۇخلىدۇق، ئېزىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ
ئويغانغاندا بىز، تۇرۇپتىمىز قەھرىتان دېكابېردا
قارا ئەسلىمىلىرىمىز تۇغۇپتۇ ئاق رەڭلىك تاشنى
سەن يەنىلا شۇنچە تاتىراڭغۇ، مەن قاتتىق دېلىغۇل بولدۇم
بۇ نېمە ۋەجىدىن
چوڭ سائەت ئىچىگە، ئاللىقاچان چوڭقۇر كەچ چۈشتى
مومام بۇرۇن كالىفورنىيەگە بېرىپتىكەن
ئۇ يەردە، كىشىلەر باقىدىكەن باشقا بىر خىل توشقاننى، بىزنىڭ
بۇ يەردىن كۆپ ياخشى، مومام خېلى بۇرۇنلا قايتىپتىكەن بالقانغا
شۇ چاغ، ئۇ دەرىزە سىرتىغا قارايدىكەن ھەسرەتلىك ھالدا
داخلىيە گۈلى بىرئاز قاپاقباش، ھويلىدا
تارقىلىدۇ يېسىۋىلەك ھىدى، مومام ھېساپلىنىدۇ
بويى ئېگىز ئايال، ئۇ نۇر چاچىدۇ، گويا سازەندىلەر ئارىسىدىكى
دۇمباقچىلارنىڭ مىس دۇمبىقىدەك، چوڭ سائەت ئىچىگە، ئاللىقاچان بەكمۇ كەچ چۈشتى
بىر يەر ئاستى كېمىسى ئاستا- ئاستا چۆككەندەك
ئېگىزدىكى رەسىم ئىچىگە
«سۇمرۇغ نەشرىياتى ئاخبارات تارقىتىش گۇرۇھى » نەشر قىلغان «译林» ژورنىلىنىڭ 2012- يىللىق 1- سانىدىن ئەنۋەر جۇلا تەرجىمىسى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 18:01
|
|