يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 281|ئىنكاس: 1

ئابدۇراخمان تۇردى: يېڭى يىل ناخشىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-31 21:46:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
يېڭى يىل ناخشىسى
ئابدۇراخمان تۇردى

بىر گۈزەل ئەتىگە يول ئالدى ھايات
ئىجاتچان يىللارنى مەنزىلگە باشلاپ.
قىزىدى يېڭى يىل نەغمە- ناۋاسى،
شادلىقتىن ھەممىنىڭ دىللىرى يايراپ.

يېڭى تاڭ يېڭى يىل بەخت، قۇت دېمەك،
كەلگىن تېز كۈتمەكتە دەۋرىم مەرتلىرى.
چۈشىدە ئاتلىنىپ يېڭى مەنزىلگە،
سۈبھىدە ئويغاندى سۆيگۈ دىلبىرى.

يېڭى يىل كېلىسەن جىمجىتلا پەقەت،
ۋە لېكىن سەندە بار ئۆزگىچە خىسلەت.
ھاياتنىڭ قىممىتى ئاشار سەن بىلەن،
ئىجادتىن بۇ ئالەم تېپىپ كامالەت.

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-1 01:20:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى يىللىق ناخشاڭدىن سانسىز دىللار سۆيۈندى. دىدار غەنىمەت يەنە بىر يىلنىڭ مۇشۇ دەقىقگىچە ئامان بولايلى!
يېڭى يىللىق بۇ ناخشاڭ بىلەن يېڭىچە تاڭ ئاتايلى....مەشرەپ باشلانسۇن!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش