كەلدى يېڭى يىل مېھمان بولۇپ
(مۇسەببە)
ياسىن مىجىت
زاتى ئۇلۇغ يېڭى يىل كەلدى بۈگۈن مېھمان بولۇپ.
ئالدىدا ئوينار لىۋەن تۆت پەرىزات تولغۇنۇپ،
ئاي قىزىدىن ئون ئىككىسى رەڭ تۈزۈشۈپ جابدۇنۇپ،
ئوتتۇز ئوغۇل نەۋرىسى تاڭ بىلەن تاڭ ئويغۇنۇپ،
ئالدىراقسان چەۋرىسى جىم تۇرالماس يۇلقۇنۇپ،
سان- ساناقسىز ئەۋرىسى قاچماقچى بوپ قوزغۇلۇپ ،
بار جەمەتى يىغىلىپ تىزىلىپ قىلدى سالام.
خۇش تەبەسسۇم ئىلكىدە كۈتتۈم قۇلۇم قوشتۇرۇپ،
ئەجىر - مىھنەت بابىدىن مالۇ چارۋا سويدۇرۇپ،
ئىجادىمنىڭ گۈلىدىن داستىخانغا لىق تولدۇرۇپ،
تىنىم تاپماس ئەمگەكتىن نان توقاچلار قىلدۇرۇپ،
پەزىلەتنىڭ جامىغا شەربەتتىن لىق قۇيدۇرۇپ،
پاراسەت ۋە ئەقىلدىن مىۋىلەرنى قوندۇرۇپ،
مىڭ خىل ھۆنەر ھۆسنىدىن ياندۇرۇپ قىلدىم سالام.
ناۋالارنىڭ ئەۋجىگە دۇتتار- تەمبۇرچالدۇرۇپ،
ھەر مېھماننى شادلىقنىڭ قاينىمىدا قاندۇرۇپ،
سالامىغا مېھماننىڭ گۈلدەستىلەر قايتۇرۇپ،
نەۋرە، چەۋرە، ئەۋرىگە ئېسىل سوغات ئالدۇرۇپ،
مېھىر- ۋاپا باغىغا تۈمەن سۆيگۈ سالدۇرۇپ،
سەۋر- تاقەت چىدامنى دەريا- دەريا ئاقتۇرۇپ،
قوچاغىمنى كەڭ ئېچىپ يېڭى يىلغا بەردىم سالام.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-1 00:47