مومىيىمغا خەت
-ئۆمۆرلۈك جاپاكەش ھەمراھىم ساھىپىجامال جالالىدىنغا
يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن تەقدىم
قاسىم سىدىق
نېمە ئۈچۈندۇر كۆڭلۈم پەرىشان،
يېڭى يىلنىڭ بۇ ھارپا كېچىسى.
گاھى كەڭرى ئىكەن، گاھى بەكمۇ تار،
ئەجەپ سىرلىق ئىكەن ھايات كوچىسى.
كەڭرى كوچىلاردا تاقلاپ كەتمىدۇق،
تار كوچىلاردا ئالدىراپ ۋايساپ.
چۈشىنىش، ئىشەنچتىن شەربەت تۇتۇشقاچ،
تونۇردا كۆيسەكمۇ ئۆلمىدۇق ئوسساپ...
ھەر قاچان ئىرادە كەمىرى باغلاپ،
سەن ماڭا، مەن ساڭا بولۇشتۇق ھاسا.
يۈكسەك غايە ئۈچۈن تۆلىدۇق بەدەل،
تەتۈر قىسمەتلەرنى جېلە قىپ راسا!...
يىللار كېتىپ قالدى، پۈتۈپ كۆپ ھېكمەت،
كۆمەلمەس ئۆتمۈشنى كېچە ياققان قار.
قار قانچە ياغسۇن، جۇت بولسۇن قانچە،
يۈرىكىمدە ساڭا ساقلاقلىق باھار.
ئۈرۈمچى ئاسمىنى يەنە گىرىمسەن،
ئىلى ئاسمىنىدا كۆرۈنگەندۇ ئاي؟
ئۆرلىگىن پەلەككە ئەي ئايدەك موماي،
ئاسمانغا تەلمۈرەر بىر غېرىپ بوۋاي...
2015.12.31
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-12-31 22:16